مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 121 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش- ئورخۇن شەجەرىسى

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2351
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 0.5%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 25
  ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 758 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 27(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-09
  كىرىشى: 2010-07-23

0

 ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش- ئورخۇن شەجەرىسى



ئورخۇن شەجەرىسى
پەرھات جىلان
 

مەزكۇر يوللانما <<ئورخۇن شەجەرىسى>> دېگەن ئەسەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاساسىي مەزمۇنىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، بۇ يازمىنى ئوقۇش ئارقىلىق سىز بۇ كىتاپ بىلەن خېلى مۇكەممەل ھالدا چۈشەنچە ھاسىل قىلالايسىز. مەزكۇر يوللانما ئەسەر مەزمۇنى ۋە ئۆزۈمنىڭ بەزەن قاراشلىرى ئارقىسىدا يېزىلدى. 
                                                  -چەۋەندازلار بلوگى

     8-ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا ھۆكۈم سۈرگەن كۆكتۈرۈك خانلىقى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇر،قارلۇق،باسمىل قەبىلىلىرى بىرلىشىپ بۇ خانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 744-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي باسمىل،ئۇيغۇر،قارلۇق ئىتىپاقى ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىشقا يۈزلەندى. مىلادى 745-يىلى يازدا ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى قۇتلۇغ بويلا ياغلاقار شاد بىلەن باسمىللارنىڭ يېڭىدىن تەخىتكە چىققان قاغانى ئىلتەرىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلىشىپ قالدى. باسمىللار كۆكتۈرۈك خانلىقىنىڭ قاغانى ئوزمىش قاغاننى ئۆلتۈرۈپ،ئۇنىڭ بېشىنى چاڭئەنگە ئەۋەتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىلتەرىش قاغان تاڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ ئۆزىنى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمدارى دەپ ئېتراپ قىلىشىنى سورىدى. تابغاچ كاتتىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كونا دۈشمىنى بولغان كۆكتۈرۈكلەنىڭ ئەجەللىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن خوش بولۇپ، ئىلتەرىشنى سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ ئالىي ھۆكمىرانى،دەپ ئىتراپ قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. كۆكتۈرۈكلەرگە قارشى ئۇرۇشتا باشلامچى بولغان كېيىن قارلۇق،ئاندىن باسمىل قەبىلىلىرىنىڭ قوشۇلىشىشى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئۆزىدىن قاغانلىق تارتېۋېلىشىدىن خۇدىكسىرەپ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغايدۇ بۇ ئۇرۇشتا قارلۇق قەبىلىسى ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن ئتتىپاق تۈزىدۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇر-قارلۇق ئىتىپاقى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ ئىلتەرىشنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلىرى قان تۆكۈپ،قۇربان بېرىپ بەرپا قىلغان ئۇيغۇر خانلىقىنى كۆكتۈرۈكلەر يوقاتقان،بۈگۈن بولسا ئەنە شۇ خانلىقنى شەرەپ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، توققۇز ئوغۇز خەلقىنى ئاساس قىلغان،ياغلاقار ئۇرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى يېڭى ئۇيغۇر خانلىقى بارلىققا كېلىدۇ. ھەمدە تۇنجى قاغانى قۇتلۇق بويلا ياغلاقار شاد ئۆزىنى ‹‹بىلىمى كۆلدەك كەڭ›› دېگەن مەنىدىكى ‹‹كۆل بىلگە قاغان›› دەپ ئاتايدۇ. بۇ بۈيۈك سەلتەنەت ئىگىسى 747-يىلى مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەخىت ئورنىغا ئوغلى بايۇنچۇر تېگىن چىقىدۇ ۋە ئۆزىنى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان  دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ دەۋىردە تەڭرى ياراتمىش ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ۋە ئەل بىلگە قاتۇن شەرىپىگە بەرپا قىلىنغان مەڭگۈ تاش ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىمىۋولى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ،ھازىر ‹‹تېرخىن مەڭگۈ تېشى›› (تېرخىن-شۇ مەڭگۈ تاش ئورۇنتۇلغان جايغا يېقىن بولغان دەريانىڭ نامى،ھازىرقى مۇڭغىلىيىدە) دەپ ئاتالدى.


     8-ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا ھۆكۈم سۈرگەن كۆكتۈرۈك خانلىقى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇر،قارلۇق،باسمىل قەبىلىلىرى بىرلىشىپ بۇ خانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 744-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي باسمىل،ئۇيغۇر،قارلۇق ئىتىپاقى ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىشقا يۈزلەندى. مىلادى 745-يىلى يازدا ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى قۇتلۇغ بويلا ياغلاقار شاد بىلەن باسمىللارنىڭ يېڭىدىن تەخىتكە چىققان قاغانى ئىلتەرىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلىشىپ قالدى. باسمىللار كۆكتۈرۈك خانلىقىنىڭ قاغانى ئوزمىش قاغاننى ئۆلتۈرۈپ،ئۇنىڭ بېشىنى چاڭئەنگە ئەۋەتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىلتەرىش قاغان تاڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ ئۆزىنى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمدارى دەپ ئېتراپ قىلىشىنى سورىدى. تابغاچ كاتتىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كونا دۈشمىنى بولغان كۆكتۈرۈكلەنىڭ ئەجەللىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن خوش بولۇپ، ئىلتەرىشنى سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ ئالىي ھۆكمىرانى،دەپ ئىتراپ قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. كۆكتۈرۈكلەرگە قارشى ئۇرۇشتا باشلامچى بولغان كېيىن قارلۇق،ئاندىن باسمىل قەبىلىلىرىنىڭ قوشۇلىشىشى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئۆزىدىن قاغانلىق تارتېۋېلىشىدىن خۇدىكسىرەپ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغايدۇ بۇ ئۇرۇشتا قارلۇق قەبىلىسى ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن ئتتىپاق تۈزىدۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇر-قارلۇق ئىتىپاقى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ ئىلتەرىشنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلىرى قان تۆكۈپ،قۇربان بېرىپ بەرپا قىلغان ئۇيغۇر خانلىقىنى كۆكتۈرۈكلەر يوقاتقان،بۈگۈن بولسا ئەنە شۇ خانلىقنى شەرەپ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، توققۇز ئوغۇز خەلقىنى ئاساس قىلغان،ياغلاقار ئۇرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى يېڭى ئۇيغۇر خانلىقى بارلىققا كېلىدۇ. ھەمدە تۇنجى قاغانى قۇتلۇق بويلا ياغلاقار شاد ئۆزىنى ‹‹بىلىمى كۆلدەك كەڭ›› دېگەن مەنىدىكى ‹‹كۆل بىلگە قاغان›› دەپ ئاتايدۇ. بۇ بۈيۈك سەلتەنەت ئىگىسى 747-يىلى مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەخىت ئورنىغا ئوغلى بايۇنچۇر تېگىن چىقىدۇ ۋە ئۆزىنى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان  دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ دەۋىردە تەڭرى ياراتمىش ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ۋە ئەل بىلگە قاتۇن شەرىپىگە بەرپا قىلىنغان مەڭگۈ تاش ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىمىۋولى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ،ھازىر ‹‹تېرخىن مەڭگۈ تېشى›› (تېرخىن-شۇ مەڭگۈ تاش ئورۇنتۇلغان جايغا يېقىن بولغان دەريانىڭ نامى،ھازىرقى مۇڭغىلىيىدە) دەپ ئاتالدى.

     شۇنىڭ بىلەن بىرقىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشى ۋە ئاۋاز قوشىشى نەتىجىسىدە ‹‹ياڭ فامىلىلىكلەر جەمەتىنى يوقۇتۇپ،ئوردىنى قۇتۇلدۇرىمىز›› دەپ لوياڭغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئەن لۇشەننىڭ بايرىقى ئاستىغا يىغىلغان تابغاچ،تۈرك،سوغدى،   ئۇيغۇر تائىپىلەردىن تەشكىل تاپقان 150مىڭ كىشلىك زور قوشۇن 755-يىلى 1-ئايدا ھۇجۇمنى باشلىدى. ھالبۇكى،ئۇ ئالدى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەخىتلىرىنى ئىگىلەپ ئۆزى خان بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرىمەن دەپ ئويلايىتتى.

     تاڭ سۇلالىسى ئەن لۇشەن-شىسىمىڭنىڭ قوشۇنىغا تۈمەنلەپ،يۈز مىڭلاپ قوشۇن چىقىرىپمۇ تەڭ كېللەلمىدى. تەخىت گۇمران بولۇشقا كۆپ قالمىغان ئىدى. دەل شۇ پەيىتتە تاڭ سۇلالىسى تاڭ شۈەنزۇڭنىڭ ئوغلى لى خېڭ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ تاڭ سۇزۇڭ دەپ ئاتىدى. ياڭ جەمەتىمۇ يوقىتۇلدى. تاڭ سۇزۇڭ ئۆز تەختىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ باتۇر ئەن لۇشەن قوشۇنىغا تەڭ كېلەلىگۈدەك مادارى قاملمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ ئوغلى لى چىڭسەينى ئەۋەتتى. ھەمدە ئۇيغۇر ھەمدە تۈركلەرنىڭ ئادىتى بويىچە قاغان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بۆرە باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراققا توققۇز قېتىم تازىم قىلىپ شانۇ-شاۋكەتلىك ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

     شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر قاغانى توپىلاڭ بېسىققاندىن كېيىن پايتەخىتنى يەتتە كۈن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا قاتارلىق بىر قاتار تەلەپلەر بىلەن چوڭ ئوغلى قۇتلۇق يابغۇنى تۈمەنگە يەتمىگەن جەڭگىۋار،خىللانغان قۇدرەتلىك ئۇيغۇر قوشۇنى بىلەن تابغاچ قا ماڭدۇردى.

     شۇنداق قىلىپ يېڭىلمەس ئۇيغۇر قوشۇنى تابغاچ ئېلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ سانىنىڭ دۈشمەن سانىدىن ئىنتايىن ئازلىقىغا قارىماي ئەن لۇشەن قوشۇنىنى تېرىپىرەن قىلىۋەتتى. بىر قېتىم تۇنجى قېتىملىق جەڭدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇنى ھەربىر جەڭچى ئىككىدىن ئاتنى ئېلىپ،ئالماشتۇرۇپ مىنىپ ناھايىتى تېزلىكتە مەنزىلگە بېرىپ تارماق قوشۇندا 2000 چەۋەنداز بولغان قوشۇن بىلەن ھۇجۇم قىلىپ بىر دەمدىلا تېرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. ھەمدە ئەن لۇشەننىڭ ياردەمگە كەلگەن 20مىڭ ئەسكىرىنىڭ بىر تالاي قىسمى ھالاك بولىدۇ.بۇنى كۆرگەن تابغاچ سانغۇنى گوزىيى:‹‹بارىكاللا! ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ! ئاران 2000 ئادەم چىقىرىپ،شۇنچە قۇدرەتلىك قوشۇننى تارمار كەلتۈرۈپ پارچىلىۋەتكىنىگە ھەقىيقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.يارايسىلەر! ئۇيغۇر قوشۇنى ھەقىيقەتەن تەڭداشسىز قۇدرەتلىك قوشۇن ئىكەن ›› دېگەن.

     شۇنداق قىلىپ ئەنلۇشەننىڭ كۆزىنىڭ كۆرمەس بولۇپ قېلىشى ۋە كۈتۈلمىگەن زەربىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ھەمدە ئۆز ئادەملىرىنىڭ قەسىت قىلىپ ئۆلتۈرىشى بىلەن 757-يىلى 1-ئايدا بۇ قەيسەر ھەم ئىقتىدارلىق سەركەردە تەقدىرنىڭ كارامىتى بىلەن ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن يوقىتىلدى.
     بىر ھۇجۇم بىلەنلا پايتەخىت چاڭئەننى ئېلىپ داڭىق چىقارغان ئۇيغۇر قوشۇنى قىسقىغىنە بىر قانچە ئاي ئىچىدە زەپەر قۇچۇپ يېڭىلمەي كېلىۋاتاتتى ۋە ئەن لۇشەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئورنىغا چىققان ئوغلى ئەن چىڭشۈينىڭ قوشۇنىدا ئاللابۇرۇن ‹‹ئۇيغۇرلارنى يەڭگىلى بولمايدۇ›› دەيدىغان ئەقىدە شەكىللىنىپ بولغانىدى. بۇ قېتىممۇ ئەن چىڭشۈينىڭ 150مىڭ كىشلىك زور قۇشۇنى ئۇيغۇر ۋە تابغاچ قوشۇنى بىلەن كەڭ كۆلەملىك جەڭ ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ قوشۇنى تابغاچ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ سەپنى بۇزۇپ تاشلىدى. دەل مۇشۇ پەيىتتە ئۇيغۇر قوشۇنى باستۇرۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن جەڭنىڭ ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگىرىپ ئەن چىڭشۈي قوشۇنى ئۇرۇشمايلا قاچىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ھەمدە ھېچنىمىگە قارىماي جېنىنى ئېلىپ قاچتى.
     مانا شۇنداق جەڭلەر ئارقىلىق ئورخۇنلۇقلار ئۆز دۆلىتىگە غەلبە بىلەن قايىتتى. ھەمدە تاڭ سۇزۇڭنىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسى نىڭگونى بايۇنچۇر قاغانغا قاتۇن بولۇشقا ئېلىپ كېلىشتى.
     مىلادى 759-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنجى قاغانى بايۇنچۇر قاغان مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىدىگەن قۇتلۇغ تارقان قاغان بولۇپ ‹‹ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش بۆگۈ قاغان›› دەپ ئاتالدى.

     مىلادى 761-يىلى غۇزلار ئورخۇنغا يېتىپ كەلدى.ئۇلار ئەن لۇشەن تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان يەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شى سىمىننىڭ ئوغلى شى چاۋيىنىڭ ‹‹ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان كونا ئاداۋەتنى تاشلاپ ئىتتىپاقلىشىش ھەمدە تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ خانلىقنى تارتىۋېلىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ تەخىت ۋە ئوردا خەزىنىسىگە ئىگە بولسا، باتۇر بۆگە قاغانغا تاڭ سۇلالىسىنىڭ بىر قىسىم زېمىن ۋە ئاھالىسىنى بۆلۈپ بېرىدىغانلىقى›› توغرىسىدا ئەلچى ئەۋەتىدۇ. لېكىن بۇ تەكلىپكە بۆگۈ قاغاننىڭ نېمە دەپ جاۋاپ قايتۇرغانلىقى تارىختا خاتىرىلەنمىگەن.
     مىلادى 762-يىلى يازدا تاڭ سۇلالىسىدىن شى چىياۋيىنى يوقۇتۇش ئۇچۈن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئەلچىلەر كېلىدۇ. شۇ يىلى كۈزدە ئۇيغۇر-تابغاچ قوشۇنى شى چاۋيىغا زەربە بېرىپ غەلبە قازىنىدۇ. توپىلاڭچىلاردىن 60مىڭ ئادەم ئۆلۈپ،20مىڭ ئادەم ئەسىرگە چۈشىدۇ. شى چىياۋيى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئېسىلىپ ئۆلىۋالىدۇ.
     دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر بولغان ئەن لۇشەن-شى سىمىن قوزغىلىڭى(ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى) 762-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈل-كېسىل باستۇرىلىدۇ.
     شۇ يىلى بۆگۈ قاغان چاڭئەندە مانى دىنىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئورخۇن خاندانلىقىدا مانى ۋە ئەسلىدە ئەجدادلار ئىشىنىپ كېلىۋاتقان شامان دىنى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. خانلىقتا ئاستا-ئاستا ئىككى خىل دىندىكىلەر شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. مانى دىنىدا گۆش يىگىلى،شاراپ ئىچىشكە بولمايدۇ ۋە يايلاق خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە چوڭ دەرىجىدە ماس كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقلەر ئىچىدە مانى دىنىغا ۋە مانى دىن تارقاتقۇچىلىرىغا قارتا ئۆچمەنلىك ئىددىيىسى تارقالدى. شۇنىڭ بىلەن ئورخۇن خانلىقىدا ئاستا-ئاستا ئىدىلوگىيە جەھەتتىكى پارچىلىنىش باشلىنىدۇ. بۆگۈ قاغان ھەر قايسى بۇيرۇق(ۋەزىر) ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ مانى دىنىنى چەكلەش،ئەجدادلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان مۇنازىرە ۋە تەكلىپلەرنى قويغان بولسىمۇ بۆگۈ قاغان يەنىلا مانى دىنىنىڭ ياخشى تەرىپىنى سۆزلەپ باشقىلارنىڭ سۆزىگە پىسەنىت قىلمايدۇ.

     مىلادى 780-يىلى ئۇلۇغ بۇيرۇق ئىنانچى تون باغا تارقان ئۆزىنىڭ نۆكەرلىرىنى ۋە ياردەمگە كەلگەن تۆلىس لەشكەرلىرىنى باشلاپ بۆگۈ قاغاننىڭ ئوردىسىغا بېسىپ كىردى. نەتىجىدە بۆگۈ قاغان،ئۇنىڭ يېقىنلىرى ۋە سوغدى روھانىيلىرىدىن بولۇپ 2000دەك ئادەم قىرىپ تاشلاندى. شۇ يىلى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇنجى ئۇلۇغ بۇيرۇقى بولغان ئىنانچى تون باغا تارقان خانلىقنىڭ تۇنجى ئۇلۇغ بۇيرۇقى بولغان ئىنانچى تون باغا تارقان خانلىقنىڭ ئالتۇن تەختىگە ئولتۇردى ۋە قات قۇتلۇغ بىلگە قاغان دېگەن نام بىلەن ئۇلۇغلاندى. شۇنىڭ بىلەن ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ سەلتەنىتى ئاياغلىشىپ، يېڭى قاغاننىڭ ئەدىز ئۇرۇقى ھۆكىمىرانلىق ئورنىنى ئىگىلىدى.
     مىلادى 839-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىغا ئۇلۇغ مۇنمىش بىلگە قاغان قاغانلىق قىلىۋاتقان يىللار ئىدى. ئۇدا ئۈچ يىل يازدا يامغۇر، قىشتا قار ياغمىغانلىقتىن يايلاقلاردا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەردى. تۈرلۈك كېسەللىكلەر تارقالدى. قاغاننىڭ پاراسەتسىزلىكى تۈپەيلى بۇ ئەھۋاللارغا ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كەسكىنلەشتى. قاغاننىڭ كۈچى ئاجىزلاشتى. ئىتىپاقسىزلىق ئۇرۇقى چېچىلىپ دۆلەتنى مالىمانچىلىق قاپلىدى. تۈرلۈك ئىسيانلار كۆپەيدى. ئۇلۇغ مۇنمىش بىلگە قاغان ئىقتىدارسىزلىقتىن ئىچكى مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ بۇيرۇق كۈلۈگ باغا تارقان قاغان ئۆلگەندىن كېيىن ئازغىنە ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا غەلبە قىلغان كۈلۈگ بەگ ئۆزىنى ئۇلۇغ بۇيرۇق دەپ جاكارلاپ ئون ئىككى-ئۈن ئۈچ ياشلاردىكى قوزا تېگىننى قاغان دەپ جاكارلىدى.
     ئۆسمۈر قاغان قوزا تېگىن قاغان بولغاندىن كېيىن ئىشلار ئاساسەن ئۇلۇغ بۇيرۇق كۈلۈگ بەگنىڭ دېگەنلىرى بويىچە بولدى. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئىلگىرىكى ئۇلۇغ بۇيرۇق كۈلۈگ باغا تارقان قىرغىزلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇلۇغ بۇيرۇقلۇقنى قايتۇرۇپ ئېلىپ ئورخۇن خانلىقىغا ئورخۇن خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ خانلىق بولغان قىرغىز قاغانى ئاجۇنى ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرىتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاپەتنىڭ ئۈستىگە ئاپەت كېلىۋاتقان مەزگىللەردە يۈز مىڭ كىشلىك قىرغىز قوشۇنىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ئورخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ مىلادى 840-يىلى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈلدى.

      ئورخۇننىڭ تارىخى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ھەم شانلىق ھەم ئاچچىق تارىخنى قالدۇرۇپ كەتتى. مەڭگۈ تاشلار ۋە مانا مۇشۇنداق ئاچچىق ساۋاقلار بىزنى كەلگۈسىگە قانداق قارىشىمىزدا يولباشلىغۇچى بولغۇسى!
     شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئورخۇن ۋادىسىدىن پان تېگىننىڭ رەھبەرلىكىدە تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىغا چېكىنىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. يەنە زور قىسىمى تارىم ۋادىسى، ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى جايلار ۋە يەتتە سۇ رايونلىرىغا تارقاقلىشىپ شۇ جايلاردىكى تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە قەشقەر ۋە بالاساغۇننى پايتەخىت قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار گەنسۇ ئۆلكىسىگە تەۋە جايلارغا بېرىپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. يەنە بىر قىسمى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك(تابغاچ) رايونىغا كۆچۈپ كەتتى. مانا بۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى.
                شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى 11-ئاي نەشرى
                2008-يىلى 5-ئاي بېسىلىشى

 
چەۋەندازلار بلوگى
http://qawandazlar.blogbus.com/
ئورخۇن شەجەرىسى
http://qawandazlar.blogbus.com/logs/66292906.html
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش- ئورخۇن شەجەرىسى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى Misranim تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-13, 06:34
چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
http://qawandazlar.blogbus.com/
ئومماق كۆزەم

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 755
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
ئۆسۈش: 5.07%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 558
  ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2416 سوم
  تۆھپىسى: 15 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 207(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-25
  كىرىشى: 2010-07-25

سىزگە كۆپ رەھمەت .تارىخ ئۇگىنىۋالدىم.
قىلغان ئېشىمغا پۇشايمان قىلمايمان!!
دەقيانوس  پادىچىنىڭ پادىشاھ بولغانلىق رىۋا ..

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 53
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە556دانە
ئۆسۈش: 3.97%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 556
  ياخشى باھا: 78 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2681 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 13(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-07-25

ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ بوز دالا نمالىق تارىخى رومانىمۇ مۇشۇ مەزگلىدىكى تارىخ ئەكىس ئەتتۇرۇش نىشان قىلىنغان.
تاپالمىدىم بۇگۇن ئۆزۇمنى
كۆرەلمىگەچ يەنىلا سىنى
دەقيانوس  پادىچىنىڭ پادىشاھ بولغانلىق رىۋا ..

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 53
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە556دانە
ئۆسۈش: 3.97%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 556
  ياخشى باھا: 78 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2681 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 13(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-07-25

ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ بوز دالا ناملىق تارىخى رومانىمۇ مۇشۇ مەزگلىدىكى تارىخ ئەكىس ئەتتۇرۇش نىشان قىلىنغان.
تاپالمىدىم بۇگۇن ئۆزۇمنى
كۆرەلمىگەچ يەنىلا سىنى
kugulluk minotlar!

دەرىجىسى: ئىجادچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 129
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە894دانە
ئۆسۈش: 5.26%
  نادىر تىما: 2
  يوللانما: 894
  ياخشى باھا: 125 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4828 سوم
  تۆھپىسى: 6 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 234(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-07-25

بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن.نىمىشقا بالدۇرراق كۆرمىگەندىمەن.
مۇشۇنداق تارىخلارنى بىلىپ قويغىنىمىز ياخشى!
كۇڭۇل-كۇڭۇلدىن سۇ ئىچەر!
A man  , tells you the story about love

دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1579
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە539دانە
ئۆسۈش: 3.85%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 539
  ياخشى باھا: 98 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 3501 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 389(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-30
  كىرىشى: 2010-07-25

ئەن لۇشەن ئەمەس  ، ئەڭلۈك .
شىسىمىڭ ئەمەس ، سۆيگۈن .
everything is ok ,  don't try to ask me about anything, because the man who told you right will be back after this night
سەنلا خوشال بولساڭ ماڭا بەخىت دىگەن بەرىبىر!

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1382
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە150دانە
ئۆسۈش: 3%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 150
  ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 980 سوم
  تۆھپىسى: 6 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 54(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-29
  كىرىشى: 2010-07-25

  مىنىڭ تۇنجى ئوقىغان رومانىم مۇشۇ ئىدى ...
سەنلا خوشال بولساڭ ماڭا بەخىت دىگەن بەرىبىر!

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2351
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 0.5%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 25
  ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 758 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 27(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-09
  كىرىشى: 2010-07-23

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت Azizan كە 2010-07-13 04:41 PMئەۋەتىلدى :
ئەن لۇشەن ئەمەس  ، ئەڭلۈك .
شىسىمىڭ ئەمەس ، سۆيگۈن .


ئەسەردە شۇنداق ئېلىنغان. لېكىن ئۆزۈم مۇشۇ ۋەقەنىڭ ئاخىرلىشىدىغان يېرىدە تىرناق ئىچىگە (ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى) دەپ ئەسكەرتىپ قويدۇم.
چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
http://qawandazlar.blogbus.com/

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1586
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە97دانە
ئۆسۈش: 1.94%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 97
  ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 816 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 498(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-30
  كىرىشى: 2010-07-25

مەنمۇ بۇ تارىخى رۇماننى ئوقۇپ بولغان ، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يىرى ئۇيغۇر قوشۇنىنىڭ ئەن لۈشەن قوشۇنلىرى ئۈستىگە بىسىپ كەلگەن چاغدىكى باتۇرلىقلىرى.
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما