مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       415 
  •    ئىنكاس 
       20 

دەرىسلىك ئىشلەپ بەرسەڭلار

قەۋەت ئاتلاش
QIQAK0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37445

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   952 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5458 (سوم)
 ياخشى باھا:   52 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   54  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1276
 سائەت
دەرىجىسى:
1276 سائەت 74 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-13
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 12- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-27

مەن ياردەم قىلالمۇغىدەكمەن .
قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.
atux^oghli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18967

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3314 (سوم)
 ياخشى باھا:   165 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   217  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1108
 سائەت
دەرىجىسى:
1108 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-25
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 13- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-28
2-قەۋەت (WesT.BoY) نىڭ يازمىسىغا

مەن شەرقىي جوڭگۇ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتىدا .شۇ ئاساسلىقى ئۇيغۇر كومپىيوتىرچىلىقىدىكى كۆزگە كۈرۈنەرلىك تەرەققىيات ،ئۇمۇمىي يۈزلىنىش ،ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى ئاساسىي ھالەت دىگەنلەرنى مەركەز قىلىپ مۇشۇ بىزنىڭ كومپىيوتىر ساھەسىدە تور ساھەسىدىكى ئورنىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلىسە بۇلاتتى ،،شۇ  ئويلايدىغىنىم مۇشۇلارغا بىز ئۇيغۇرلاردىكى تەرەققىياتلارنى بىلدۈرۈپ قۇياي دىگەن.ۋاقتىڭىز بولسا ياردەم قىلسىڭىز  رەھمەت.
atux^oghli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18967

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3314 (سوم)
 ياخشى باھا:   165 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   217  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1108
 سائەت
دەرىجىسى:
1108 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-25
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 14- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-28
5-قەۋەت (ayyamguri) نىڭ يازمىسىغا

مەن pptئىشلەشتىن ياردەم سۇرىمىدىم ،،بەلكى ئۇيغۇر تورچىلىقى ،ئۇيغۇر كومپىيوتىرچىلىقىدىكى ئۇمۇمىي تەرەققىيات ،ئۇمۇمىي يۈزلىنىش ھەققىدە سۇرىدىم ،تىمىنى چۈشىنىپرەك ئىنكاس يېزىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن......
atux^oghli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18967

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3314 (سوم)
 ياخشى باھا:   165 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   217  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1108
 سائەت
دەرىجىسى:
1108 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-25
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 15- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-28

بۇ تىمىنىڭ مەقسىتىنى ئەجەپمۇ خاتا چۈشىنىۋالدىڭلار !!!؟؟؟شۇ ئىچكىردە دەپ ئەسكەرتىشىم بۇيەردە كومپىيوتىردا ئۇيغۇرچە خەت باسقىلى بۇلىدۇ دىسە ماۋۇ يولداشلار ھەيران قالىدۇ ،بۇلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كومپىيوتىردىن پايدىلىنىپ نى نى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىزنى بىلمەيدۇ  بىزنى تەرەققىياتتا بەك ئاستا دەپ ئويلايدۇ ،،شۇڭا بۇلارنىڭ ئېڭىدىكى بۇ خاتا قاراشلارنى يۇقۇتۇش ،مىللىتىمىزنىڭ يۈز-ئابرويىنى تىكلەش ئۈچۈن مۇشۇ تىمىدا تەتقىقات دوكلاتى يېزىپ بۇلارغا بىلدۈرۈپ قۇياي دىگەن ،،مەن سىلەردىن ئۇيغۇر كومپىيوتىرچىلىقىنىڭ ئۇمۇمىي تەرەققىيات ئەھۋالى قانداق؟دەپ ياردەم سۇرىدىم سىلەرگە دەرىسلىك ئىشلەپ بىرىڭلار دىمىدىم ،،سىلەرنى مىنى  ئۇيغۇر كومپىيوتىرچىلىقى ھەققىدىكى ھەق گەپلەر بىلەن تەمىنلىسۇن دىدىم .بۇ تىمامنى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى تىما ماۋزۇسىنى "دەرىسلىك ئىشلەپ بەرسەڭلەر " دەپ ئۆزگەرتىپ قۇيۇپتۇ ،،نىمىشقا بۇنداق ئۆزگەرتىدىكىنە ؟!!ھەي باشقۇرغۇچى ماۋۇ ئۇقۇشماسلىقلارنى سىز كەلتۈرۈپ چىقاردىڭىز شۇڭا ماۋۇ تىمىنى قايتىدىن تەھرىرلەڭ ياكى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ ،،چۈشەنمەستىن خالىغانچە ماۋزۇ قۇيۇپ بەرمەي!!
saptilak
دەرىجە:ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3333

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   613 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14644 (سوم)
 ياخشى باھا:   364 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   380  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4210
 سائەت
دەرىجىسى:
4210 سائەت 130 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-04
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 16- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-28

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 15قەۋەت atux^oghli كە 2011-05-28 12:31 AMئەۋەتىلدى : X(/fE?%;  
بۇ تىمىنىڭ مەقسىتىنى ئەجەپمۇ خاتا چۈشىنىۋالدىڭلار !!!؟؟؟شۇ ئىچكىردە دەپ ئەسكەرتىشىم بۇيەردە كومپىيوتىردا ئۇيغۇرچە خەت باسقىلى بۇلىدۇ دىسە ماۋۇ يولداشلار ھەيران قالىدۇ ،بۇلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ Ydr h+  
^^}htg  
XFoSGqD  
ئەسلى مەقسەت ئەمدى ئېنىق بولدى. @cIYS%iZ  
دېمىسىمۇ باشقۇرغۇچىلار يازمىنىڭ ئېگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ يازمىنىڭ ماۋزۇسىنى نېمەدەپ ئۆزگەرتىدىكىنە؟ b * \ oQ  
مەنمۇ خاتا چۈشۈنۈپ قاپتىمەن.
بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.
atux^oghli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18967

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3314 (سوم)
 ياخشى باھا:   165 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   217  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1108
 سائەت
دەرىجىسى:
1108 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-25
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 17- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-28
8-قەۋەت (saptilak) نىڭ يازمىسىغا

رەھمەت ،،مەن چۇقۇم قىلالايمەن ..
atux^oghli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18967

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3314 (سوم)
 ياخشى باھا:   165 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   217  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1108
 سائەت
دەرىجىسى:
1108 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-25
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 18- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-28
16-قەۋەت (saptilak) نىڭ يازمىسىغا

شۇ ئەمەسمۇ مۇنبەردە ھەرخىل گەپلەر چىقىپ تىما يوللىغانغا تويغىزىۋىتىدىكەن،،،،ئۇھ ~~
maripatsoft
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40126

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   251 (سوم)
 ياخشى باھا:   2 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 447
 سائەت
دەرىجىسى:
447 سائەت 93 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-09
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 19- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 00:04

سىز  ئوتتۇرىغا  قويغان  بۇ  تېما __ ئەمەلىيەتتە چوڭ تېما ،شۇنداقلا   دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گەۋدىسى  ھېساپلىنىدىغان  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى  ئۇيغۇرلانىڭ كومپىيۇيۇتېر  مەدەنىيتىنى جۇڭگوغا  ، بەلكىم  پۈتۈن دۇنياغا  تونۇشتۇرىدىغان  تېما  ھېساپلىندىغانلىقى  ئۈچۈن ، ماقالە  چوقۇم  ئىلمىي  پاكىتلىرى ئېنىق ، ماتېرىيال  مەنبەسى  ئىشەنچلىك ، ھەر  بىر  جۈملە سۆزلىرى  ئەمەلىيەتنى ئاساس  قىلغان  ھالدا ، سەۋەپ –نەتىجە  مۇناسىۋىتى  ۋە  لوگىكىلىق قۇرۇلمىسى  ئىلمىلىككە  ئىگە   ئاساستا  يېزىلىشى كېرەك  . ئەگەر  ماقالىدە  بۇ نۇقتىلارغا  ئەھمىيەت  بېرىلمەستىنلا ،  يەڭگىلتەكلىك  بىلەن  يېزىپ  قويۇلسا ،  ھەم ماقالىدىكى   باشقىلارنى تاڭ  قالدۇرىدىغان نەتىجىلىرىمىزنىڭ   ماتېرىيال  مەنبەسىنى پاكىتلىق ھالدا ئىسپاتلىيالماي  قالسىڭىز ، بۇ  ماقالە  باشقىلارنىڭ ئالدىدا  ئۇيغۇرلارغا  غۇرۇر  تۇيغۇسى   ئاتا  قىلىش  ئەمەس  ،  بەلكى بىر مۇنچە خىجىلچىلىقلارنى   يۈكلەپ  قويۇشى  مۈمكۈن . 17!<8vIV$C  
چۈنكى   مىللەتلەر  ئارا  مەدەنىيەت  تېمىسىدىكى خەۋەرلەر ، ھەرقانداق  مىللەت ، ھەرقانداق ساھە     چوقۇم  دىققەت قىلىدىغان  ئىنتايىن  زىل   تېما  بولۇپ ، ھەرقانداق كىشىنىڭ  مۇنازىرە قىزغىنلىقىنى  قوزغايدۇ . ]U.*KkQ  
  مېنىڭ  سىزگە   سۆزلەپ بېرىدىغىنىم  گەرچە ئاپتونوم رايونىمىزدا  ياشاۋاتقان ( ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  بۇ  جەھەتتىكى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچەم يوق )   ئۇيغۇردىن ئىبارەت   پۈتۈن  بىر  مىللەتنىڭ يېقىنقى 25 يىللىق  كومپىيۇتېر تەرەققىياتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ  بېرەلمىسىمۇ ، بىراق سىزگە  ئازراق پايدىلىنىش  ئۇچۇرلىرى  بولۇپ قېلىشى  مۈمكۈن .  ( ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  بۇ  جەھەتتىكى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچەم  بولمىغانلىقى   ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى  يازمام ئوتتۇرا ئاسىيا  ئۇيغۇرلىرىنىڭ  كومپىيۇتېر  ئىشلىرىنى  ئۆز   ئىچىگە   ئالمايدۇ  ) ,xy$h }g  
______________ nRheByYm  
     ئۇيغۇرلارنىڭ   ئۇيغۇرلارغا  خاس كومپىيۇتېر تەرەققىياتى  1986- يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى «863» تۈرى  قۇرۇلۇشى   مۇناسىۋىتى  بىلەن  باشلانغان بولۇشى  مۈمكۈن ، مېنىڭ  ھېس قىلىشىمچە ، «863» دىگەننىڭ  مەنىسى : دۆلەت ئۇچۇر-سانائەت  مىنىستىرلىكى 1986- يىلى 3-ئايدا يولغا  قويغان «كومپىيۇتېرغا مىللىي يېزىق تونۇتۇش »جەھەتتىكى دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرى قۇرۇلۇشىنى  كۆرسىتىشى  مۈمكۈن . oN=>U"<\1  
شۇ يىللاردا   ھوشۇر  ئىسلام ، تۈرگۈن ئىبراھىم  ، غەيرەت توختى كەنجى  قاتارلىق يول ئاچقۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرى  بەدىلىگە ، ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقىنى كومپىيۇترغا تونۇتۇتۇش ، كوومپىيۇتېردا  ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ، تەھرىرلەش  ئىشلىرى دەسلەپكى مۇۋەپپىقىيەتلەرگە  ئېرىشتى .  شۇ  چاغلاردا  Windows  مەشغۇلات  سېستىمىسى تېخى دۇنياغا  كەلمىگەن بولۇپ ، ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقىنى كومپىيۇترغا تونۇتۇتۇش ئىشلىرى  DOS ( Disk Operation System )   مەشغۇلات  سېستىمىسدا  ئېلىپ  بېرىلغان ئىدى . |) CfO4  
      بۇ  ئىشلار   كومپىيۇتېرغا   خەنزۇچە خەت  تونۇتۇش  ئىشقا  ئاشۇرۇلغاندىن  ، كېيىنكى 3 يىل  ئىچىدە  تاماملىنىپ بولغان ئىدى. بۇ  چاغدا جۇڭگۇلۇقلار  كومپىيۇتېرغا  پەقەت خەنزۇچە يېزىق ، ئۇيغۇرچە يېزىق  (  ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار   قازاق ۋە قىرغىزلار ئۈچۈنمۇ يېزىق تونۇتۇپ بەرگەن )  تىن ئىبارەت  ئىككى خىللا يېزىقنى تونۇتالىغان  بولۇپ ، موڭغۇل، زاڭزۇ ... قاتارلىقلار تېخى  ئۆز يېزىقلىرىنى  كومپىيۇتېرغا  تونۇتالمىغان ئىدى .  شۇ  يىللاردا  ئۇيغۇرلار  پروگىراممىرلار  تەرەپىدىن  تەتقىق قىلىنغان  DOS   مەشغۇلات  سېستىمىسدا   ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە ، خەنزۇچە ، ئېنگىلىزچە  يېزىقلارنى كىرگۈزگىلى ، تەھرىرلىگىلى ۋە ئارىلاشتۇرۇپ تىزغىلى، پىرىنتىردا خالىغان  فورماتتىكى  قەغەزلەرگە  بىۋاستە   بېسىپ  چىقارغىلى  بولىدىغان  بولىدىغان   " بوغدا "  يېزىق  بىر تەرەپ قىلىش  سېستىمىسىمۇ بارلىق  كەلگەن ئىدى.    بۇنىڭ تەسىرى بىلەن  دۆلەتنىڭ  مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى  ۋە ئىچكىرىدىكى  غوللۇق  كومپىييۇتېر  يۇمشاق  دېتال ئېچىش  شىركەتلىرى  ئۇيغۇرلارنىڭ  كومپىيۇتېر ساھەسى  ۋە  بازىرىغا  نىسبەتەن  ئالاھىدە  دىققەت قىلىشقا  باشلاپ ، ئۇيغۇرچە  يۇمشاق  دېتال بازىرىنىڭ  غايەت  زور  ئىستىقبالىنى كۆردى .  ئچكىرىدىكى  يۇمشاق دېتال تەتقىقات  شىركەتلىرى  شىنىجاڭدىكى  تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە  ئۇيغۇر  يۇمشاق دېتال  ئىنژىنىرلىرى  بىلەن  ھەمكارلىشىپ ،  " بېيدا فاڭجىڭ " ، " سەنلى " ....  قاتارلىق  چوڭ  ھەجىمدىكى  نەشىرياتچىلىق  يۇمشاق دېتاللىرىنى  بازارغا   سالدى . dg@'5.ApPu  
    1990- يىلى  مىكروسوفت  شىركىتى  تەرىپىدىن ،  Windows  مەشغۇلات  سېستىمىسىنىڭ  تۇنجى  نەشرى    كەشپ قىلىنغاندىن  كېيىن ، ئۇيغۇرلارمۇ  دەۋرنىڭ كەينىدە قېلىشنى خالىماي ، Windows  مەشغۇلات  سېستىمىسى  مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىشلىرىنىمۇ مۇۋەپپقىيەتلىك  تاماملىدى.     1995- يىلى     95  Windows  پۈتۈن دۇنيا  كومپىيۇتېر  ساھەسىدە   دەۋر  بۆلگۈچ  ئىنقىلاپ  قوزغىغاندىن  كېيىن ،   ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيۇتېر  ئىشلىرى  تەتقىقات  ئورۇنلىرىدىن ،  بارا-  بارا  ئىدارە  - ئورگان كاتىباتلىق  ئىشلىرىغا ، سودا خاراكتىرىدىكى  كومپىيۇتېر  خىزمەتخانىلىرىغا  ۋە ئائىلىلەرگە  كېڭىيىشكە  باشلىدى . *Jg&:(#} 
1998- يىلنىڭ  ئالدى  كەينىدە ،   ئالىم ئەھەت  باشچىلىقىدىكى  ئۇيغۇر كومپىيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ  ئارقا –ئارقىدىن قۇرۇلۇشى ، ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيۇتېر  قاتتىق –يۇماق دېتال سودىسى بىلەن رەسمىي  تۈردە   شۇغۇللىنىشى   ۋە بىر  تۈركۈم   يۇقىرى ئىقتىدارلىق  ئۇيغۇرچە  يۇمشاق دېتاللارنىڭ بازارغا  سېلىنىشى  بىلەن ،   ئۇيغۇر كومپىيۇتېر  ئىشلىرىنىڭ ئالتۇن  دەۋرى  رەسمىي باشلاندى.   شۇ  يىللاردا  بازارغا  سېلىنغان     98 Windows    مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ  ئومۇملىشىشىغا  ئەگىشىپ ،    98 Windows  مۇھىتىدا  Microsoft Office    ،Adobe Potoshop    ، ,Dream Vawer, 3D MAX, MAYA   Macromedia  Flash/Authoware ، Adobe Priemire ، Microsoft Visual Studio  ،  Delphi  ،  Borland C  ، Power  builder   نىڭ  بارلىق  ئىقتىدارلىرىنى  ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت  قىلدۇرۇش  تامامەن  ئەمەلگە  ئاشتى .   b}Xh|0`b+  
98 Windows  مەشغۇلات  سېستىمىسىنىڭ يېپ-يېڭى  قىياپەت  بىلەن مەيدانغا  كېلىپ  ، ھەر  خىل  ئېچىش  قوراللىرى ، لايىھىلەش  قوراللىرى ، ئېنتېرنېت  تورىغا  مۇناسىۋەتلىك  تولۇق ئىقتىدار  بىلەن تەمىنلىشى  ۋە زامانىۋى   سىفىرلىق  ئۈسكۈنىلەرنى  تولۇق قوللىشى  بىلەن  ئۇيغۇرلارنىڭ  كومپىيۇتېر  ئىشلىرى  ئۈستەل يۈزى كومپىيۇتېرىدىن  تور  دۇنياسىغا  كېڭەيدى . sQLjb8!7  
شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش  كېرەككى ،  بۇ  جەرياندا  ئۇيغۇرلار  ئۇيغۇرچە  كىرگۈزۈش  ياساشتىن بۇرۇن ،  ئۇيغۇرچە  فونتلارنىڭ ASCII   رايونىدىكى  كودلىرىغا  ئۆلچەم  بېكىتىشتىن  ئىبارەت    پۈتۈن مىللەتنىڭ  ئۇچۇر تەرەققىياتىغا  مۇناسىۋەتلىك  زور  ئىشقا  سەل قارىغانلىقى سەۋەبىدىن ، 1998-  يىلدىن 2002- يىلغىچە  ياسالغان ھەرخىل  ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر  نىڭ  فونتلىرى ئۆز-ئارا  بىر – بىر ى بىلەن سىغىشالماي ، ئۇيغۇرچە  ئېلىكترونلۇق  ئۇچۇرلاردىن  ئورتاق  پايدىلىنىش   ۋە   ئۇيغۇر  توربەتلىرىنىڭ  ئومۇملىشىشىنى  بىر  نەچچە  يىل  كەينىگە  سۈرۈۋەتتى . @ [%K D  
بۇ  ئەمەلىي رىئاللىققا  ئاساسەن ، 2002-يىل ئىيۇن: تۇنجى ساپ ئۇيغۇرچە Unicode نى ئاساس قىلغان فونت ياسالدى ۋە ئۇنىڭغا Uyghur Tuz Unicode دېگەن نام قويۇلۇپ ھەقسىز تارقىتىلدى؛ 2003-يىل 1-دېكابىر: «ئۇيغۇرچە فونتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ» ئېلان قىلىندى؛ 2004-يىل 17-يانۋار: «ئۇيغۇرچە فونتلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى. «ى، ھ، ئە» لارنىڭ ئورنى ئېنىق بېكىتىلدى، بىر قىسىم فونتلارغا UKIJ بىلەن باشلانغان ناملار بېرىلدى؛2004-يىل 3-ئاپرىل: «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى» رەسمىي قۇرۇلدى ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى؛ شۇ ئايدا تور بېكىتى http://www.ukij.org قۇرۇلدى. `':G92}#  
•    2004-يىل 7-دېكابىر: ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 1- باسقۇچلۇق يىغىنى ئېچىلدى، بىر قىسىم فونتلارنىڭ نامى مۇقىملاشتۇرۇلدى؛ V6fJaZ  
•    2004-يىل 10-دېكابىر: ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2- باسقۇچلۇق يىغىنى ئېچىلدى، فونتلارنىڭ نامى پۈتۈنلەي مۇقىملاشتى. .FA99|:  
      ئۇيغۇرلاردىكى  فونت قالايمىقانچىلىقىنى بىرلىككە  كەلتۈرۈش ئۈچۈن ،  " ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي  جەمىيىتى "  قۇرۇلۇپ ، Unicode نى  ئومۇملاشتۇردى ، يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى  فونت ۋە  يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى  ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى  ھەقسىز  تارقاتتى . بۇ  جەرياندا  ئۇيغۇر تور  بېكەتلىرىدىكى   يۇنىكود  نى  ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ   باشلامچىلىرى  بولغان   " بىلىك "  كۇلۇبى ( ھازىرقى ئادرېسى : http://www.bilik.biz ) ، " ئىزدىنىش " ( ئادرېسى : http://www.izdinix.com   )  ،    " ئۇيغۇر سوفت " تور  بېكىتى (   ئادرېسى  : http://www.uighursoft.com  ) ،  "  ئۇيغۇر  كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتى "  تور  بېكىتى (ئادرېسى : http://www.ukij.org) ، " يۇلغۇن" مۇنبىرى  (  ئادرېىسى :  http://www.yulghun.com )  قاتارلىقلار  نۇرغۇن خالىسانە ۋە زۆرۈر  خىزمەتلەرنى ئىشلىدى . O 
      شۇ  سەۋەپتىن ، ئۇيغۇر  ئەرەپ يېزىقىنىڭ Unicode  ئۆلچىمىدىكى بىرلىككە  كەلگەن فونتلىرى 2004- يىلنىڭ ئالدى  كەينىدە  ئاساسەن ئومۇملىشىپ ، ئۇيغۇرلار  كومپىيۇتېر  -ئۇچۇر تەرەققىياتىغا   بىر  مەزگىل  پۇتلىكاشاڭ  بولغان فونت قالايمىقانچىلىغا  تولۇق  خاتىمە بېرىلدى .  شۇنى ئۇنتماسلىق كېرەككى ، بۇ  جەرياندا مۇھەممەد  ئابلا ياسىغان " ئۇيغۇر ئېدىت "   ،  غەيرەت  توختى كەنجى  ياسىغان  " كەنجى  كوررېكتور "  قاتارلىق  يېزىق قالايمىقانچىلىقىنى  تۈزەيدىغان   يۇقىر ى  ئىقتىدارلىق تەھرىرىلەش  يۇمشاق دېتاللىرى  ئالاھىدە  زور تۆھپە  كۆرسەتتى. kp^q}iS  
2002  - يىللىرى ئامېرىكىدىكى   ئۇيغۇر  دوكتۇر   مۇھەممەد ئابلا  ئەپەندىنىڭ  تور يۈزىدە  بىۋاستە يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى  ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنىڭ  يادرولۇق  تېخنىكىسى  بولغان JSP    پىروگىراممىلىرىنى  شىنجاڭغا  ھەقسىز تەمىنلىشى  نەتىجىسىدە ، ئۇيغۇر  تور  بېكەتلىرىنى  زىيارەت  قىلغۇچى   ئەسلىدىكى   (تاق لىنىيەلىك )   تور يۈزىدىكى  مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچە  كۆرەلەيدىغان  ھالەتتىن ،  تور  زىيارەتچىسى  بىۋاستە  ( قوش لىنىيەلىك ) ئۆزى تورغا  ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈپ   ، ئىنكاس – پىكىر  يوللىيالايدىغان  بۈگۈنكى   ھالەت  (  مۇنبەر  ئىقتىدارى )  مەيدانغا   كەلدى . G@scz!Nt  
       شۇندىن  كېيىن،  تور  بېكەتلەرنىڭ   كەسپچانلىقى  رەڭدارلىشىپ ،  ئۇيغۇرلارنىڭ  تور  بېكەتلىرى  دەسلەپكى   پەقەت خەۋەر  بىلەن  ناخشا  ئېلان قىلىنىدىغان  ئادەتتىكى  تور بەتتىن تەدرىجى  تەرەققى  قىلىپ ، ھازىرقى  ئۇنىۋېرسال  چوڭ بېكەت ، مۇنازىرە  تور بېكەتلىرى ، مەخسۇس  كومپىيۇتېر  تېخنىكىسى  ئومۇملاشتۇرۇش  تور  بېكەتلىرى ، ئەدەبىيات  تور  بېكەتلىرى ، ماتىماتىكا ، فىزىكا ، خىمىيە  پەنلىرىگە  مۇناسىۋەتلىك  مەخسۇس  بىلىم  تور  بېكەت ( بلوگلىرى) ، مىدىستىنا ، ساقلىقنى-ساقلاش تور بېكەتلىرى ، مائارىپ تور بېكەتلىرى ، كىنو  تەرجىمە تور  بېكەتلىرى، ئۇچۇر –ئېلان تور  بېكەتلىرى ، فىلىم –ناخشا  تور  بېكەتلىرى ، ھۆكۈمەت تور  بېكەتلىرىنىڭ  ئۇيغۇرچە  بەتلىرى  قاتارلىقلار  بارلىققا  كەلدى . ln_[@K[oX  
تور  بېكەت پىروگىراممىلىرىمۇ  بۇرۇنقى  ئاددى HTML   تىلى  دىن تەرەققى قىلىپ ،ASP   تىلىغا ، ئاندىن ھازىرقى  PHP تىلىغا   تەرەققى  قىلدى  . }N"YlGY\Yn  
ئۇيغۇرلار 2006- يىللىرىنىڭ  ئالدى – كەينىدە  دۇنياۋى  ئالاقىلىشىش قورالى  Windows Live  Messenger غا   تەقلىد  قىلىپ      Koznak  ،  خەنزۇلارنىڭ  توردىكى ئالاقىلىشىش قورالىQQ   ( كيۇ-كيۇ )   غا  تەقلىد   قىلىپ   " كوت- كوت "  لارنى پۈتۈنلەي ئۆزلىرى مۇستەقىل ياساپ ، بۇ  ساھەدىمۇ   بوش  كەلمەيدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى . N,4hh?  
R _Z 9 aQ  
       بۇ  چاغلاردا ئىچكىرى ئۆلكلەردە ، ئېلىكترونلوق  يانچۇق  لۇغىتى ئوموملاشقان بولۇپ ، ئۇيغۇرلارمۇ  بۇ  ساھەگە  يۈرۈش قىلىشقا باشلىدى، نەتىجىدە  2003- يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ    يۇقىرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك   پىروگىرامما  ئېچىش  تىللىرىنى بىرلەشتۈرۈش   ئارقىلىق  ، پىروگىراممىسى  پۈتۈنلەي  ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىپ  چىقىلغان  تۇنجى ئېلىكترونلۇق يانچۇق لۇغىتى __   " ئىرپان "  دۇنياغا  كەلدى .   " ئىرپان" نى ياسىغۇچىلار  دەسلەپتە  شېنجىن ، گۇئاڭجو لاردىكى  ئېلىكترونلۇق يانچۇق لۇغىتى ياسايدىغان  زاۋۇتلار  بىلەن ئالاقىلاشقاندا ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ  بۇ ساھەدە نەتىجىگە ئېرىشىشىنى پەقەتلا  ئەقلىگە سىغدۇرالمىغان ئىدى  .  " ئىرپان"  دۇنياغا  كەلگەندىن كېيىن ،  خەنزۇلارنىڭ  شىنجاڭدىكى  ئېلىكترونلوق  يانچۇق  لۇغىتى  سودىسى  تىك لىنىيە  بويىچە ، بىراقلا  تۆۋەنلەپ  كەتكەنلىكتىن ، ئۇلار  شىنجاڭ  ئېلىكترونلوق  يانچۇق  لۇغىتى بازارلىرىنى  يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ ، ئۆز  كۆزلىرىگە  ئىشەنمەي قېلىشتى ،  ئۇندىن  كېيىن  " ئىرپان" نىڭ يۇقىرى  ئىقتىدارلىق ، كۆپ تىللىق  نۇسقىلىرى  ۋە " مۇئەللىم" لەر   جۇڭگۇنىڭ ئەمەس ، ھەتتا  دۇنيانىڭ ئىلغا  سىەۋىيسى  بىلەن  تەڭ  قەدەمدە   ماڭدى .   M[ ON2P;  
2004   - يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن  ئالەمشۇمۇل خوشاللىقلارنىڭ بىرى  شۇكى ،  شۇ يىلى  مىكروسوفت Microsoft شىركىتىنىڭ  مۇناسىۋەتلىك ئېچىش  دىرىكتورلىرىنىڭ  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ۋە ئالىم ئەھەت  ئەپەندىنى بىۋاستە  زىيارەت قىلىشى  نەتىجىسىدە ،  مىكروسوفت شىركىتى  ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقىنى Windows    نىڭ  Vista  نەشرىدىن باشلاپ ، ئۇنىڭ ئىچكى  فونىت ئامبىرى  بىۋاستە  قوللايدىغان  دۇنياۋى تىل-يېزىق قاتارىغا قوشۇۋېتىدىغانلىقى جاكارلاندى ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن  ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى     Windows ئىچىدىكى  مۇھىم تەركىب بولۇپ قالدى .   Y-~ M kB  
2007 – يىلى    Microsoft  نىڭ  بىردىن –بىر  رىقابەتچىسى  بولغان   دۇنيادىكى داڭلىق كومپىيۇتېر   شىركىتى   " ئالما "  نىڭ  مۇناسىۋەتلىك  خادىملىرى  ئۈرۈمچىدە  " ئالما شىركىتى – ئۇيغۇرلار  ھەمكارلىقى "  نامىدىكى  جۇڭگۇنى زىل-زىلگە  سالغان يىيغىن چاقىرىپ،    " ئالما "  شىركىتىنىڭ  دۇنياغا  مەشھۇر  مەشغۇلات  سېستىمىسى      MAC-OSX     نىڭ  كېيىنكى نەشىردىن باشلاپ ، ئىچكى يادروسىغا   ئۇيغۇر –ئەرەپ  يېزىقىنى  قېتىۋىتىدىغانلىقىنى  جاكارلاپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ  كومپىيۇتېر  جەھەتتە  دۇنياۋى  ئىلغار  مىللەتلەر  قاتارىدا  مۇئامىلە  قىلىنىدىغانلىقىنى  يەنە  بىر  قېتىم ئىسپاتلاپ  بەردى . S%jFH4#  
2008-يىلى   " جۇڭگۇ    IT  ساھەسىدە  ئالاھىدە تۆھپە  ياراتقان     ئون مۇنەۋۋر    ياش "  نىڭ توققۇزى   نوپۇسى  1 مىليارتتىن  ئارتۇق  خەنزۇ  مىللىتى  بولۇپ ،  بۇنىڭ  ئىچىدىكى  5- ئورۇنغا  ، نوپۇس  سانى  جوڭگۇ نوپۇسىنىڭ % 1  گىمۇ  ئاران توغرا  كېلىدىغان  ئاز  سانلىق مىللەتنىڭ  ۋەكىلى ___  ئالىم  ئەھەت  ئەپەندى تىزىلدى ، ئەگەر   نوقۇل  نوپۇس  سانى بويىچە  نىسبەتلەشتۈرۈلسە ، ئالىم ئەھەتنىڭ ھەقىقى  ئورنى 1- ئورۇنننىڭمۇ  ئۈستىگە تىزىلىشى ئېنىق ئىدى. D_ XOYzN}  
يۇقىرىدىكى    ئۇيغۇرلارنىڭ 20 يىلدىن ئارتۇق  كومپىيۇتېر  ۋە تور ساھەسىدىكى ئالەمشۇمۇل  نەتىجىلىرى باشقىلارنىڭ   ھېچقانداق ماددىي ۋە مەنىۋى ياردىمى  ، تېخنىكا  ياردىمىى ، قوللاش  يارىدىمى  بولمىغان  شارائىتتا  ،  پەقەت ۋە پەقەت  ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەقىل –پاراسىتىدىن ، جاپالىق  ئىزدىنىشلىرىدىن ، مىللەت  سۆيەر  ئوغلانلىرىنىڭ قېنىدىكى  تارىم ،ئىلى  دەريالىرىنىڭ ئەركەك سۈيىىنىڭ شاراپىتىدىن  ؛ تەڭرى تېغى ، قارا-قۇرۇم ، ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدىدا  بىزگە  مەدەت تىلەۋاتقان ئەقىللىق  ئەجداتلىرىمىزنىڭ پاك روھلىرىدىن كەلگەن . mnFmShu  
مىىكروسوفت ۋە " ئالما  "دىن  ئىبارەت  دۇنياۋى كومپىيۇتېر  شىركەتلىرىنىڭ  ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز  مەشغۇلات  سېستىمىلىرىدا  ئېتىراپ قىلىشى ___ئۇيغۇرنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىقتىسادى ئورنى ياكى  سىياسى  ئورنىدىن كەلمىگەنلىكىنى  ھەممە  ئادەم  بىلىدۇ . ئۇلار  بەلكىم  ئۇيغۇرلارنىڭ  خۇددى  "دەشتى – باياۋان  چۆلدە   بېلىق  باقماقچى  بولغان ئادەمنىڭ ،  ئۆزى يالغۇز    كۆل  كولاپ ،  ئۇنىڭغا  مىڭ تەستە  سۇ  باشلاپ ،  ئاندىن بېلىجان  سېلىپ ، بېلىجانلارنىڭ چوڭ  بولۇشىغا   كېچە –كۈندۈز پەرۋىش  قىلىش  ئارقىلىق ، ئاخىرى   دېڭىز  بويىدىكى   بېلىقچىلار  بىلەن  بېلىقچىلىق  سودىسى رىقابىتىگە    چۈشكەنلىكىدەك   "   كەچۈرمىشلىرىگە   ،  شۇنداقلا   ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز –كۈچى  بىلەن  ئاللاھنىڭ  مەدىتىتىگە  تايىنىپلا ،  كومپىيۇتېر  ساھەسىدە جۇڭگودىكى خەنزۇلاردىن قالسىلا  1- ئورۇنغا  ئۆتكەن  مىللەتكە   ئايلانغان جاسارىتىنى ئېتىراپ  قىلغان بولىشى  مۈمكۈن .     ; KT/;I  
مېنىڭ  بۇ يازغانلىرىم  " ئۇيغۇرلارنىڭ  25 يىللىق  كومپىيۇتېر  نەتىجىلىرى "  توغرىسىدىكى  ماقالە    بولالمايدۇ ، چۈنكى  بۇ  يازمامدا   ئوتتۇرىغا  قويۇلغان   بايانلار  ئاساسەن رىئاللىقتىن  ئېلىنغان بولسىمۇ ، بىراق شۇ ئىشلار ئېلان  قىلىنغان ئىشەنچلىك  كىتاپ-ژورنال، گېزىت ، ھۆكۈمەت  ھۆججەتلىرى ، دۆلەتنىڭ  مۇناسىۋەتلىك  ھۆكۈمەت تور  بېكەتلىرىدىكى ئورنى ، شۇنىڭغا  مۇناسىۋەتلىك   فىلىم ياكى ئاۋاز  ھالىتىدىكى  جانلىق   ماتېرىياللار ، رەسىملەر    بىلەن تەمىنلەپ  بولالمىدىم . o^b5E=?>C  
        شۇڭا  سىز مۇشۇ يازمامىدىكى  بايانلاردىن  مۇندەرىجە  سۈپىتىدە  پايدىلىنىپ ، شۇ ئىشلار ئېلان  قىلىنغان ئىشەنچلىك  كىتاپ-ژورنال، گېزىت ، ھۆكۈمەت  ھۆججەتلىرى ، دۆلەتنىڭ  مۇناسىۋەتلىك  ھۆكۈمەت تور  بېكەتلىرىدىكى ئورنى ، شۇنىڭغا  مۇناسىۋەتلىك   فىلىم ياكى ئاۋاز  ھالىتىدىكى  جانلىق   ماتېرىياللار ، رەسىملەر  نى توپلاڭ ، ئاندىن بۇ ماترىياللارنى  پاكىت قىلىپ تۇرۇپ ،  مەلۇم لوگىكىلىق  قۇرۇلما   تەرتىۋى  بويىچە  ماقالە قىلىڭ . -@.FnFa  
          ئاندىن  PowerPoint  قورالى  ئارقىلىق پىروييىكسىيە   ماتىريالى ياسىسىڭىز  بولىدۇ . 5RyxVC0<  
    مېنىڭ كەسپىم  كومپىيۇتېر  كەسپى  ئەمەس ، مېنىڭ ياشاۋاتقان  ئىجتىمائى  ئورنۇم ۋە  جۇغراپىيىلىك ئورنۇممۇ  كومپىيۇتېر  تەتقىقات   ئىشلىرىغا بەك يېقىنمۇ  ئەمەس . شۇڭا سىز  بۇ ھەقتە  مەخسۇس   كومپىيۇتېر  تەتقىقاتى  بىلەن  شۇغۇللانغان ، يۇقىرىدىكى  بايان قىلغان ئىشلارغا  بىۋاستە  شاھىت  بولغان   ئۇستازلار بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز ،  ماترېىيال  مەنبەسى  تېخىمۇ ئىشەنچلىك  بولىىدۇ .
[ بۇ يازما maripatsoft تەرپىدىن 2011-06-24 01:02 دە ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
maxal20 مۇنبەر پۇلى +100 تۈنۈگۈن 00:08 ئېسىل ئىنكاس
atux^oghli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18967

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3314 (سوم)
 ياخشى باھا:   165 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   217  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1108
 سائەت
دەرىجىسى:
1108 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-25
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 20- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:08
19قەۋەتتىكى(maripatsoft) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

ناھايىتى ،ئەستايىدىللىق بىلەن ،،سۆزلەپسىز ،،رەھمەت سىزگە .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى