
ئىجادى ئەسەر
ئاپتۇر: ئارىش ئەپەندى
كىچە، ھويلىنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ قويۇپ ھوجرا ئۆيگە كىرىپ دىرىزىدىن سىرىتتا قارىدىم، قار قاراڭغۇدا شۇنچىلىك چىرايلىق كۆرىنەتتىكى ھازىرلا چىقىپ شۇ ئاپپاق قار ئۈستىدە يىتىپ قار بىلەن پىچىرلاشقىم كەلدى. تۇيۇقسىز يۆتەلگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ يىنىمغا قارىدىم. ياسىن ئىدى. ئۇ بىرنى يۆتىلەپ قويۇپ يەنە تاتلىق ئۇيقىغا كەتتى. توغرا ھازىر بىرىپ ئۇنىڭغا قوينىغا كىرىمەن. ئۇنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىرىم ئىكەنلىكىمگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. بىز توي قىلغىلى مانا 17 يىل بوپتۇ. بىر قىز بىر ئوغلىمىزمۇ قاتارغا قوشۇلۇپ قالدى. بۇ 17 يىل جەريانىدا ئۇنىڭ ماڭا ھەقىقى چىن قەلبىدىن بىرەر ئىغىز گەپ قىلغىنىنى بىلمەيمەن. ئۇ شۇنداق جىمغۇر، ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ شۇنداق پاراڭلاشقىم، قەلىب دىڭىزىدا بىر گە يۈرگۈم كىلىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭغا قەلبىمدىكى تۇيغۇلىرىمنى سۆزلەپ بىرەي دەيمەن يەنە ئۇنىڭ شۇ مۇز چىرايىغا ئەمدىلا ئىچىلغان ئىغىزىمنى يۇمۇپ خىياللىرىمنى غايىپ قىلۋىتىمەن.
ئۇنىڭ ئەتە سەھەردە چىقىپ كىتىپ كەچتە يىنىپ كىلىدىغان ئادىتى بار، مەن ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنچە سەھەردە چىقىپ كىتىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى تا ھازىرغىچە بىلمەيمەن، ئىش قىلىپ توي قىلغاندىن باشلاپ ئۇنىڭ مەندىن نۇرغۇن ئىشلارنى يوشۇرغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپلا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ كەتتىم. توغرا ئۇ ئويغاق ۋاقىتتا ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىيالمەيمەن. ئەمدى بولسىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۋالاي. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئويغىنىپ ماڭا قاراپ قويۇپ. يەنە ئۇيىقىغا كەتتى. قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن. تاراق تۇرۇق ئاۋاز بىلەن ئويغاندىم. ياسىن كىيىملىرىنى كىيىپ يەنە سەپەرگە تەييارلىق قىلغىلى تۇرۇپتۇ. بۇرۇن ئۇ مىڭىشتىن بۇرۇن ناشتىلىق تەييارلاپ بىرەتتىم. بۇ قىتىم قەستەنگە ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىپ يىتىۋالدىم. ئۇ گەپ سۆز قىلمايلا چىقىپ كەتتى. يۈرۈگۈم تىترىگەندەك، بىر نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك، گىلىمغا بىرسى دەسسىۋالغاندەك بوپ قالدىم. يۈگۈرۈپ چىقىپ دەرۋازىنىڭ بوسوغىسىدا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قارىدىم. ئۇ ئاپپاق قار ئۇچقۇنلىرى بىلەن تەڭ غايىپ بولدى. ھوجرا ئۆيۈمگە يۈگرۈپ كىردىم. ئۇ زادى قەيەرگە بارىدۇ. نىمە ئىشلارنى قىلىدۇ. شۇنچە يىلدىن بىرى ماڭا ھەقىقى مۇھەببىتىنى ئاتا قىلمايدۇ.
قەلبىمدىكى سۇئاللار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە ئىدى. توغرا ئۇنىڭ بىر سومكىسى بار، ئۇ شۇ سومكىنى مەندىن باكلا سىر ساقلايتتى. مىنى يىقىنلاشقىلى قويمايتتى. سومكىنىڭ ئىچىدە زادى نىمە باردۇ. بىر كۆرۈپ باقاي، ئاستا سومكا بار ئۆيگە كىرىپ سومكىنى تۇتۇشۇم بلىەن يۈرۈگۈم سىلكىپ تىنىقلىرىم تىزلىشىشكە باشلىدى. ئاستا قولۇمغا ئالدىم سومكىنى ئىچىپ سومكا ئىچىدىكى سۈرەتلەرگە كۆزۈم چۈشتى. ياسىننىڭ بىر چىرايلىق پەرىزات قىز بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى، ساياھەتكە چىققاندىكى سۈرەتلىرى. سۈرەتلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن سومكا ئىچىدىكى تۈرلۈك بويۇملارنى قولۇمغا ئىلىپ سومكىدىكى خاتىرگە كۆزۈم چۈشتى.
خاتىرنى ئىچىپ چىڭ ئوتتۇرسىنىلا ئوقۇدۇم.
ئەسسالام ياسىن ياخشىمۇ سىز؟
سىزنى يوقۇتۇپ قويغان شۇ كۈندىن باشلاپ مىنىڭ خۇشاللىقىممۇ سىز بىلەن تەڭ غايىپ بولدى. ئويلاپ باقسام سىز مىنىڭ جىسمىم بىلەن روھىم بوپ قاپسىز، شۇ تاپتا سىزنى شۇنچىلىك سىغىندىم. قەيەردە بولسىڭىز سىزنى ئىزدەپ باراتتىم. كۈنلىرىمنى شۇنچىلىك تەستە ئۆتكۈزۋاتقانلىقىمنى بىلەمسىز، سىغىنىشنىڭ قانچىلىك ئازاب بولغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلۋاتىمەن. سىز بىلەن تونۇشۇپ ئۆزۈمنىڭ دۇنيادىكى بىر دىنبىر بەخىتلىك كىشى ھېس قىلغان ئىدىم. مانا ئەمدى ئەڭ قەدىر، ھېچ نىمىگە ئەرزىمايدىغان بىر نەرسىگە ئوخشاپ قالغاندەك ھېس قىلۋاتىمەن. كۈندە چىقىپ سىزنى ئىزدەيمەن. شۇ ئىنسانلار توپى ئارىسىدا پەقەت سىزلا يوق. تونۇش چىرايلا، مۇنداقلا قىلىپ قويغان سالاملار. بەلكىم ھازىر مىنى كۆرگەن كىشى ساراڭ دىيىشى مومكىن، كىشىلەر نىمە دىسە دېسۇن. مەن پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرىمەن. ھازىر غىرىپ خانەمدە تەنھالىققا جور بولۇپ سىزنى كۈتىۋاتىمەن. سىزنىڭ بىر كۈنلەردە ئالدىمدا پەيد بولۇپ مىنى باغرىڭىزغا چىڭ بىسىپ قەدىرلىكىم مىنى كەچۈرۈڭ، مىنى ئەپۇ قىلىڭ دەپ مەندىن كەچۈرۈم سورىشىڭىزنى ئۈمىد قىلدىم. ....
خاتىرنى ئوقىۋىتىپ ئۇنىڭ ئەسلى باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇڭا توي قىلغان شۇنچە يىلدىن بىرى بىرەر قىتىم بولسىمۇ ماڭا ھەقىقى مۇھببىتىنى بىلەن چىراي ئاچماپتىكەندە... بەلكىم بۈگۈنمۇ شۇ قىزنى ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن بولىشى مومكىن. ..
ئۇنى ساقلاۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۇنىڭ يولىغا قاراپ كۆزۈم تۆت بولدى. بۈگۈن كەچ بولمىقى ئەجەپمۇ تەسكە چۈشتى. يولغا چىقىپ قاراۋاتىمەن. ئۇ ھېچ كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۆيگە كىردىم چىقتىم. قولۇم زادىلا ئىشقا بارمىدى. بىر ۋاقىتلاردا دەرۋازا ئىچىلىپ ياسىن كىرىپ كەلدى. ئۇنى كۆرۈپلا ئالدىغا باردىم. ھاردىڭىزمۇ؟
ياق ھارمىدىم.
قىز دوستىڭىز بىلەن كۆڭۈللۈك ئوينىڭدىڭىزمۇ؟
نىمە؟
ئۇ ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدى.
قىز دوستىڭىز بىلەن ؟
كىمكەن مىنىڭ قىزدۇستۇم. نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن.
بالىلار قىنى؟
چوڭ ئۆيگە ئاپىرۋەتتىم.
نىمىشقا؟
ئاۋال ئۆز گپىمىزگە كىلەيلى
مەن سومكىنى ئاچتىم، سومكىدىكى سۈرەتلەرنى، خاتىرنى ئوقۇدۇم.
ياخشى قىپسەن، ئۇ مىنى يەۋىتىدىغاندەك قارىدى. ۋە ئۆيگە كىرىشكە قەدەم ئالدى.
مەن توختاڭ گىپىمگە جاۋاپ بىرىڭ.
سۈرەتتىكى كىم.
بولدى بۇ گەپلەرنى سورىماڭ.
ياق دەپ بىرىڭ. ئۇ جالاپ بىلەن ديىشىمەن.
قاتتىق تەككەن شاپىلاق كۆزۈمدىن ئوت چىقىرۋەتتى.
شۇنچە يىلدىن بىرى ماڭا قاتتىق ۋاقىراپ باقمىغان ياسىن بۈگۈن مىنى تۇنجى قىتىم تەستەك بلەن ئۇرغان ئىدى.
ئۇ يەنە ئۆيگە ماڭدى.
مەن بۈگۈن گەپنى ئوچۇق قىلىڭ بولمىسا.
مىنىڭ دەيدىغان گىپىم يوق ئايشەم، بولدى خاپا بولما بىز بۇ توغۇرلۇق پاراڭ قىلىشمايلى
ياق ئۇ جالاپ بىلەن بۈگۈن نىمە ئىش قىلىشتىڭىز.
يەنە يۈزۈمگە تەكگەن شاپىلاق بىلەن يىغلىۋەتتىم
كۆزۈمدىن يوقال ھازىرلا چىق ئۆيدىن...
كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. خۇدايا توۋا ئۇ نىمە داۋاتىدۇ. بولىدۇ مەن يوقىلاي، بىرىپ شۇ جالىپىڭىزنى ئۆيگە ئەكىلۋىلىڭ.
تولا كاپشىما قانجۇق، ئۇ جالاپ ئەمەس مىنىڭ سىڭلىم. ئۆمرۈمدە مەن ياخشى كۆرگەن، ھەم مەڭگۈ مەن يات ئىتىدىغان بىر دىنبىر قەدىردانىم.
نىمە ئۇ سىزنىڭ سىڭلىڭىزما؟
ئۇ راس مىنىڭ سىڭلىم، لىكىن ئۇنى ياخشى كۆردىغان قىز دوستۇم ياكى سىڭلىم دىيىشنى بىلمەيمەن.
نىمىشقا.
بولدى بۇ ئىشلارنى سورىما؟
كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ ئۆتمىشىڭىزنى بىلمەيمەن. بىر ۋاقىتلاردا سىز ئىمتىھان بىرىپ يىزىمىزغا شان شەرەپ ئىلىپ كەلدىڭىز. تۇنجى بولۇپ، كەنتىمىزدىن شەھەردە ئوقوغان ئادەم بولدىڭىز. كىيىن كادىر بولدىڭىز. قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك سەھرادا مەن بىلەن دېھقان بوپ قالغانلىقىڭىزنى تا ھازىرغىچە سوراي دىدىم لىكىن كۆڭلىڭىزگە ئازار بەرمەسلىك ئۈچۈن سورىيالمىدىم. بىشىڭىزدىن كۆپ ئىشلارنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇ سەۋەبتىن بولسىمۇ بەلكىم سىز جىمغۇرلۇق روھى ھالەت شەكىللەنگەن بولىشى مومكىن.
بۈگۈن ئۇقۇشماسلىق بولدى، سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ئازار بەردىم. مەن سىزنىڭ ئايالىڭىز تۇرۇپ بۇنداق يۈرىشىڭىزنى خالىمايمەن. سىزمۇ ئىنسان سىزنىڭ كۈلۈپ ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. مىنى كەچۈرۈڭ ياسىن... خالىسىڭىز ماڭا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بىرىڭ. مەن بەلىكىم قەلبىڭىزنىڭ تۆرىدىغان ئورۇن ئالغان شۇ قىزچىلىك بولالمىساممۇ، لىكىن سىزگە قانداق كۆيىنىشنى، مىھىر مۇھەببىتىم ئارقىلىق قەلبىڭىزدىكى دىل ئازابىنى يۇيۇشنى ئۈگىنەي.
ياسىن مەردانە قىياپەتتە چوڭقۇر تىنۋىتىپ بولدى سورىماڭ. مىنىڭ دىگىم يوق.
كۆزۈم قۇرىمىغان ئىدى.ئۇ ئۆيگە مىڭىشقا تەمشەلدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالدىم. ئۇ مىنى سىلكىۋەتتى.
مەن ئۇنىڭ پۇتىغا ئىسىلدىم. ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم بەلىكىم ئىنسان ئالدىدا بۇنچىلىك خار بولىشىم مومكىن.
خوش بولاي ياسىن ماڭ ھەممە قەلىب سىرلىرىڭىزنى ئىيتىپ بىرىڭ بولامدۇ؟
ئۆيگە كىرىڭ دەپ بىرەي.
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيگە كىردىم.
ئۇ سۆزىنى باشلىدى.
بىلەمسەن قوشنا مەھەللىمىزدە بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بار، مەن تولۇقسىزغا چىققان يىڭى ئوقۇش يىلى ئدى . ئوقۇش باشلىنىپ يىرىم ئاي بولغاندا سىنىپىمىزغا بىر قىز كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى پەزىلەت ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى ئىدى. لىكىن ئۇنىڭ مىجەزى بەكلا توڭ بولۇپ ئادەتتە بىز سەھرالىق بالىلارنى ياقتۇرمايتتى. ئۇ بۇرۇن شەھەردە ئوقۇپ دادىسىنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىزىدا ئوقۇشقا مەجبۇر بوپتۇ. سىنىپىمىزدىكى بالىلار ئۇنىڭ بىلەن دوس بولۇشقا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ لىكىن مەغلۇم بولدۇق. بىز دەم ئىلىش كۈنلىرى مەھەللىمىزدىكى دەريا بويىدا بىر يەرگە يىغىلىپ ئوينايتتۇق، شۇ ۋاقىتتا مەن پەزىلەتكە بىز ئەتە دەريا بويىچە چىقماقچى خالسىڭىز بىرگە چىقىڭ، بەلىكىم كۆڭلىڭىز ئىچىلىپ قالار. يالغۇز ياشىسىڭىز بەللا بۇرۇخدۇرۇم بوپ قالىسىڭىز. بىلەمسىز بىز سەھرالىق بالىلار ئەسكى ئەمەس. دوسلۇققا بەك ئەھمىيەت بىرىمىز. لىكىن سىز ئۆزىڭىزنى بىزدىن بەكلا ئىلىپ قاچتىڭىز.
كەچۈرۈڭ، ئەتە چوقۇم چىقاي.
ئەتە مەھەللىمىزدىكى بالىلار دەريا بويىچە يىغىلدۇق. بىرسمىز ئۆيدىكى ئۈرۈك قىقى ئىىپ چىقساق بىرسىمىز شاپتۇل قىقى، يەنەبىرسىمىز، قوغۇن، تاۋۇز ئىلىپ چىقساق، قىزلار ئۆيىدىن مانتا دىگەندەك تاماقلارنى ئىتىشىپ ئىلىپ چىتقى. بىركەمدە پەزىلەتمۇ كەلدى. بىز ئولتۇرۇشۇپ مەڭتەپتىكى پاراڭ، ئائىلىمىزدىكى تۈرلۈك قىزىقارلىق پاراڭلارنى قىلىشتۇق. بىردەم دەريانى بويىنى ئايلانساق بىر ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناتتۇق. بىركەمدە پەزىلەت، كەچۈرۈڭ ياسىن مەن ئەسلى شۇنداق بىر توپتىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلاپ قاپتىمەن، سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن. بۇنىڭدىن كىيىن بىز دوس بولايلى. سىز بەك ياخشى، سىز بەك سەمىمى ئىكەنسىز... مەن ھاياتىمدا بۈگۈنكىدەك خۇشال ئويناپ باقمىغان. سىلەر ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلدىڭلار...
مانا شۇنىڭدىن كىيىن بىز پەزىلەت بىلەن بىرگە ئۈگۈنۈش قىلىدىغان، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىدىغان بولدۇق. ئىشقىلىپ قاچانلا بولسۇن بىر بىرىمىزدىن ئايرىلالمايتتۇق.
بىر كۈنى ئۇ ماڭا قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، ياسىن كۆڭلۈم شۇنداق يرىم.
نىمىشقا. دادامنىڭ خىزمىتىنى يۆتكىلىدىكەن. شۇڭا مەنمۇ شەھەرگە كىرىپ ئوقۇيدىغان بوپ قالدىم. ئەتە مەكتەپكە كىلەلمەيمەن. لىكىن سىزنى بولۇپمۇ ساۋاقداشلارنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. بۇ قەلەم سىزگە قىلغان سوۋغام بولسۇن. بۇ قەلەم بىلەن ئۈگۈنۈش قىلىپ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىڭ. مەن بۇ راسما؟
راس. مىنىڭ راسلا سىلەردىن ئايرىلغىم يوق. لىكىن مىنى كەچۈرۈڭ.
مەن بوينۇمدىكى كۆك رەڭلىك قاشتاشنى ئۇنىڭغا بەردىم. بۇنى مەڭگ ساقلاڭ، بۇ بىزنىڭ دوسىتلىقىمىزنىڭ يالدامىسى بولسۇن شۇندا سىز مىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالميسىز.
ئۇ قاشتاشنى خۇشاللىق بىلەن ئىلىپ ئۇنى قولىدا چىڭ سىقىندىغىچە كۆزۈمدىن غايىپ بولدى.
ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ ئىككىنچىلەپ مەكتەپتە پەيدا بولمىدى.
ئۇنىڭسىز كۈنلەر ماڭا بەكمۇ مەنىسىز تۇيۇلدى. بىر مەزگىل ئۈگۈنىشىمگىمۇ تەسىر يەتتتى.
ئارىدىن 7 يىل ئۆتۈپ كەتتى. مەنمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خىزمەتكە چىقتىم.
لىكىن قەلبىمدا ھامان ئۇنى ئەسلەپ تۇردۇم. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئالدىمدا پەيدا بولۇشنى ئويلىدىم. قەلبىمدە ئۇنڭىدىن باشقا بىر قىزنى ئەسلا پاتقۇزمىدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىنىڭ دوستۇم رەيھانگۈل ئۆزىنىڭ بىر ساۋاقدىشىنىڭ خىزمىتنىڭ بۇ ناھىيگە يۆتكىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنى مېھمان قىلماقچى بولغانلىقىنى، مىنى بىرگە بىرىپ بىرىشىمنى ئىيىتتى. ياق دىسەم تىنماي تىلىفۇن قىلاتتى. تىلىفۇننى تاقىۋەتسەم ئىشخانامغا ئىزدەپ كىلەتتى. ئۇنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلگەچكىمۇ بىرىپ كۆرۈشۈپلا يىنىپ كىلەي دەپ ئويلىدىم. رەيھان بىلەن كۆرىدىغان ئورۇننى ديىشۋالغاندىن كىيىن شۇ يەرگە بەردىم. قىنى دوستۇم كىلىدۇ دەۋاتقان ئىدىڭىز كەلمىدىمۇ؟
ئۇ ھازىر كىلدۇ. بىر نەرسە سىتىۋالغىلى كەتكەن ئىدى.
ئۇنىڭغىچە بىز رەيھان بىلەن ئۆز گىپىمىزنى قىلىشىپ تۇراتتۇق. رەيھاننىڭ دوستى كەلدى. كۆزۈم ئۇ قىزغا تىكىلدى. ئەجەپ تونۇش چىراي، ئەجەپ تونۇش كۆزلەر. خۇددى بىر يەردە كۆرگەندەك، ئۇزۇندىن بىرى مەن كۈتىۋاتقان بىرسىنى كۆرگەندەك. ئىچىمدە ئويلىدىم ئەجەپ پەزىلەتكە ئوخشايدىكەن.
تاماق يىمەيلا قايتاي دەپ ئويلىغان لىكىن ئۇنداق قىلغۇم كەلمىدى. ئاشخانىغا كىردۇق. رەيھاننىڭ دوستىمۇ بەكلا جىددىيلەشكەن چىغى بىردەمدە تەرلەپ بىلىپ تۇرىمەن ئۇنىڭ ئىغىزىمۇ گەپكە كەلمەيتتى. قەلبىدە بىر نەرسىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئدى. تۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزلىرى بىر نوقتىغا تىكىلىپ قالاتتى. سىرىتقا دۇنيا بىلەن ئالاقىسى تاماق تۈگىگەندەكلا. رەيھاننىڭ تايىنى يوق گەپلەرگىمۇ كۈلىدىغان كۈلكىسى پەزىلەتنىڭ خىيالىنى چىچىۋەتتى. مەن پەزىلەتنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم. ئۇمۇ ماڭا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ دېھققەت قىلۋاتاتتى. ئىككى كۆز ئۇچراشقان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز پەزىلەت كۆزىنى مەندىن ئىلىپ قاچتى.
كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىنىقلا پەزىلەت.
مەن رەيھاندىن سورىدىم. بۇ دوستىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە؟
رەيھان ھە كەچۈرۈڭلار تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بۇ دوستۇمنىڭ ئىسىمى پەزىلەت، ناھىيلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىغا يىڭىدىن يۆتكىلىپ كەلدى.
بۇنىڭ ئىسمى ياسىن. ناھىيلىك سوت مەھكىمىسىدە خىزمەت قىلىدۇ.
بىز يەنە قايتىدىن بىر بىرىمىزگە قاراشتۇق.
مەن قەستەن يىنىمدىن پەزىلەت سوۋغا قىلغان قەلەمنى ئالدىم. ئۇنى شۇنچە يىلدىن بىرى يىنىمدىن بىردەممۇ ئايرىمىغان ئدىىم.
پەزىلەت تۇيۇقسىز قەلەمنى قولۇمدىن ئالدى. ئۇ قەلەمگە بىر ھازا قارىغاندىن كىيىن ئاستا قولۇمغا قايتۇرۇپ بەردى.
مەن سورىدىم.
پەزىلەت سىز تولۇقسىزنى قەيەردە ئوقوغان.
ئۇ ناھىيدە.
ئارىش مەھەللىسىنى بىلەمسىز؟
نە ئۇ ئارىش مەھەللىسى.
ھە كەچۈرۈڭ ئەمەسە.
قايتا سورىمىدىم
قەلبىم ئارىش مەھەللىسىگە، ئارىش دەرياسى بويىدىكى شوخ كۈلكىلەرگە كەتكەن ئىدى.
ئەتىسى مەن رەيھانغا تىلىفۇن قىلدىم. بۈگۈن بىز سەھراغا چىقىپ ئويناپ كىلەيلى.
رەيھان خوش بوپ كەتتى. ئۇنداق بولسا پەزىلەتنىمۇ بىرگە ئىلۋالساق قانداق؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ.
مەن ماشىنىنى تەييارلاپ كۆرىدىغان يەرگە كىلىپ تۇردۇم.
رەيھان پەزىلەت بىلەن كۈلگەن پىتى كىلۋاتاتتى. كۆزۈم پەزلەتكە تىكىلدى. ئۇنىڭ شۇ كۈلكىسى ئەجەپ تونۇش كۈلكىلەر. ئۇنىڭ مىڭىشلىرى. ھەي...
ئۇلار كەلدى.
ئۇلار ماشىنىغا چىققىپلا رەيھان، ۋاي نىمانداق بىلىق پۇرايدۇ.
ھە بىلىق ئىلۋالدىم سەھرادا ئوتق بىلىق قاقلاپ پۇشۇرۇپ يىسە بەك تەملىك، ھەم كۆڭۈللۈك بولىدۇ.
ياخشى ئويلاپسىز.
مانا بىز ئارىش دەرياسى بويىغا يەنە بىز بۇرۇن بالىلىقتا ئوينايدىغان دەريا بويىغا چىقتۇق.
بىز دەريا بويىدىن ئوتۇن تىرىپ بىلىقنى پۇشۇرۇپ يەپ بولغاندىن كىيىن دەرياغا پۇتىمىزنى چىلاپ ئولتۇردۇق.
ئۇنىڭغىچە رەيھان بىر يەرلەرگە بىرىش ئۈچۈن كىتىپ قالدى.
مەن پەزىلەتتىن سورىدىم.
سىز بۇ يەرگە كەلگەن شۇنداقمۇ؟
ياق.
سىز قەلبىڭىزدىكى گەپنى دەڭ راس سىز بۇ يەرگە كەلگەنمۇ، تولۇقسىزنى مۇشۇ يەردە ئوقوغان بىر مەزگىل بولسىمۇ؟
ياق.
بوينىڭىزدىكى كۆك رەڭلىك قاشتاشنى كىم بەرگەن.
ئۇ جىدىيلىشىپ كەتتى.
پەزىلەت؛ بولدى مىنى قىينىماڭ ياسىن، مەن بۇ يەرگە كەلگەن، بۇ يەردە ئوقوغان بالىلىقتىكى، ياق ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال ۋاقىتلار، ئەسلىمىلەر بۇ يەردىن باشلانغان ھەم بۇ يەردە ئاخىرلاشقان. ھەم مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىنى بۇ يەردە قالدۇرپ نەچچە يىل ئۇنى كۈتۈش، ئەسلەش بىلەن كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزگەن.
مەن ياسىن، مىنى تونىدىڭىزمۇ؟ شۇ ۋاقىتتا شۇنچە يىلدىن بىرى مەن كۈتكەن، مەن ئىزدەۋاتقان قىزنىڭ ئالدىمدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خو ش بولدىم.
مىنى تونىدىڭزمۇ؟
تونىدىم.
ئەمسە؟
كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ قىز دوستىڭىز بار ئىكەن. رەيھان سىزنى ياخشى كۆرىدىكەن.
ئۇ مىنى ياخشى كۆرگەن بىلەن مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن. مەن نىيىتىمنى بۇرۇنلا ئىيىتقان رەيھانغا.
لىكىن ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسا، ئۇمىنىڭ دوستۇم.
مەن پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرىمەن سىزنى شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن كۈتتۈم، ئەمدى سىزدىن ئايرىلغىم يوق.
ئۇ دىگەن بالىلىقتىكى دوسىتلۇق. ئۇ ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ئەمەس.
بەلىكىم شۇ ۋاقىتلاردا دوسلۇق بولىشى مومكىن، لىكىن مەن قەلبىدە ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان پەزىلەتنىڭ ئوبرازىنى ئاللا بۇرۇن يارىتىپ بولغان، ئەمدى ھېچكىم بۇ ئوبرازغا رول ئالالمايدۇ سىزدىن بۆلەك.
ئۇنڭغىچە رەيھان كەلدى.
ۋاي ۋوي سىلەر ئەجەپ ياخشى پاراڭغا چۈشۈپ كىتىپسىلەرغۇ؟
مەن بۇ يەردىكى ئىشلارنى پەزىلەتكە دەپ بىرۋاتقان شۇڭا؟
رەيھان پەزىلەتكە ۋاي ئۇنىڭ بۇ يەردىكى تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك. ئاڭلا ۋەرسىڭىز باللىققا قايتىپ ھاياتىڭىزنى سەھرادا ئۆتكۈزگىڭىز كىلىدۇ. بولدى ئاڭلىماڭ.
ھەمىمىز كۈلۈشكەندىن كىيىن ئورنىمىزدىن تۇردۇق. مەن ئۇ ئىككىسىگە بىردەم دەريا بويىنى ئايلىنايلى. بۇ يەرنى ئايلانسام بالىلىقتىكى ئۆتمۈشۈم ئىسىمگە كىلىدۇ. قەلبىم ئىچىلىپ قالىدۇ.
بۈگۈن كەچنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمىدۇق. بىر ۋاقىتلاردا كەچ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ ناھيە مەركىزىگە قاراپ يول ئالدۇق.
ئەتىسىدىن باشلاپ بىزنىڭ ئالاقىمىز باشلاندى. بىز دوسىتلۇقنى قايتا باشلىدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ كۆڭلۈمدىكى غەم ئەندىشىلەر يوقالدى. قەلبىمنى بىسىپ كىلۋاتقان يۈكلەر، كۆز ئالدىمدىكى
قارا تۇمانلار غايىپ بولغان ئىدى. شۇ نىڭدىن باشلاپ ھاياتتىكى خۇشالىقنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم.
تۇيۇقسىز مىنى ئىدارىدىن يىرىم يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بىشىم قاتتى.
مەن پەزىلەت بىلەن كۆرۈشتۈم ئۇ مىنىڭ چىرايىمنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، نىمە بولدى ياسىن؟
ئىدارىدىن بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىدىكەن.
ئۇنداقتا ياخشىغۇ.
نىمىسى ياخشى. بىرىنچىسى سىزدىن ئايرىلىمەن. يەنە بىرسى ئۆيدە دادام يالغۇز قالىدۇ. دادامدىن ئەنسىرەيمەن، ھالىدىن قانداق خەۋەر ئالىدۇ.
ئۇ ئىككىلەنمەيلا خاتىرجەم بولۇڭ، ئۆيىڭىزنى كۆرسىتىپ قويۇڭ، دادىڭىزنىڭ ھالىدىن مەن خەۋەر ئالاي.
بۇ؟
ئۇنىڭغىچە پەزىلەت بولدى گەپ قىلماڭ شۇنداق بولسۇن، ھازىر ئۆيىڭىزگە بارايلى.
ئۆيگە كەلدۇق. ئۇنىڭغا ئۆي مۇشۇ دادام بىلەن بىرگە تۇرىمەن. ئانام ئۆلۈپ كەتكەن. دادام مىنى ئوقۇتۇپ قويدى. ئۇنىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس. شۇڭا بەزىدە سىز بىلەن كۆرۈشمەي ئۆيگە كلىپ تاماق ئىتىپ دىگەن ئىشلارنى ئۆزۈم قىلىمەن.
پەزىلەت ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگەندىن كىيىن ئۆيگە كىردى. ئۇ ماڭا ۋاي بۈگۈن قۇرۇق قول كەپتىمەنغۇ.
ۋاي ئارتۇقچە تۈزۈت قىلماي كىرىۋىرىڭ.
ئۆيگە كىردۇق، ئۇ دادامغا ئەدەپ بىلەن سالام قىلغاندىن كىيىن دادامدىن ھال ئەھۋال سورىدى. مەن سىرىتقا بىر نەرسە ئالغىلى چىقىپ كەتتىم، كىرسەم ئىككىسى قىزىق پاراڭغا چۈشۈپ كۈلىشىپ كىتىپتۇ.
ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇ ھالىتىنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدىم.
بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگىلىمۇ بىر ئايدىن ئاشتى.
ئۇنىڭغىچە دادام تىلىفۇن قىلىپ پەزىلەتنىڭ ئۆزىنى قانداق كۈتكەنلىكى، ئۇنى ئۇنداق ياخشى دىسە، بۇنداق دەپ ماختاپلا يۈردى.
بۇ يەردىكى بىلىم ئاشۇرۇش مەزگىلىم شۇنداق زىرىكىشلىك ئۆتتىكى ئاران تۈگەتتىم. بەلكىم بۇ ۋاقىتتا دادام بىلەن پەزىلەتنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر بىرىگە بولغان چۈشەنچە ئايدىڭلاشقان بولىشى مومكىن.
مانا يۇرتقا قايتىپ كىتىپ بارىمەن. كۆز ئالدىمدا پەزىلەتنىڭ چىرايى، ئۇنى خىيال قىلىپلا كىتىپ بارىمەن.
شۇ تاپتا سىنى سىغىنىش بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنىڭ بەدىلىگە سىنى چوقۇم بەخىتلىك قىلىمەن دەيمەن ئۆزۈمگە.
بىكەتكە كىلىشىمگىلا پەزىلەت ئالدىمغا چىقتى. ئۇنىڭ بىلەن ھال ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئۇ ماڭا بەكلا جۈدەپ كىتىپسىز، تاماقنى ۋاقتىدا يىمەي دىگەندەك غۇدۇراشلىرى باشلاندى.
مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، بىلەمسەن، سەن يوق كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس، سىنى تولا ئويلاپ گىلىمدىن غىزا ئۆتمىدى. خۇدا بۇيرىسا سەندىن ئايرىلمايماي ياشايمەن بىلەمسەن.
(داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ)