كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش
1.چېچىكىدىن ئايرىلمىغان يېڭى چۇشكەن قاپاقنى خېمىرغا ئوراپ قۇقاسقا كۆمۇپ پىشۇرۇپ،سۇۋۇغاندا سۇينى ئېلىپ كۆزگە تېمىتسا،كۆزدىكى سېرىقلىقنى يۇقىتىدۇ.
2.يۇمغاقسۇت كۆكىنى ئېزىپ،سىقىپ سۇيىنى بالا ئېمىتىۋاتقان ئايالنىڭ سۇتى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا،ھەر خىل ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3.يۇمغاقسۇتنى سىقىپ سۇيىنى چىقىرىپ كۆزگە تېمىتىپ بەرسە،كۆز ئېقىدىكى
سېرىقلىقنى يۇقىتىدۇ.
4.يۇمغاقسۇت سۇيىنى كاپۇر ئېرتمىسى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا،كۆز جىيەكلىرىنىىڭ ياللۇغلىنىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.كۆز جىيەكلرىگە ھەر خىل قاپارچۇق،چېچەك چېقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.يۇمغاقسۇت سۇيىنى گۇل يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا،كۆز قىزىللىقىنى يۇقىتىدۇ.كۆزنىڭ قىچشىپ ئاغرىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5.يۇمغاقسۇتنىڭ سۇيىنى جۇۋىنە سۇيى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا،چاپاقلارنى يۇقىتىدۇ.
6.موگونى داۋاملىق يەپ بەرسە،كۆرۇش قۇۋۋىتىنى ياخشىلايدۇ.
7.تەكىيە كاۋىنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇپ گازىر ئورنىدا چېقىپ بەرسە،كۆزنى رۇشەنلەشتۇرىدۇ.
8.ئەگەر كۆزىڭىزگە يىڭناسقۇ چىقىپ قالسا،پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سۇيۇۋېتىپ،قۇلياغلىققا ئۇراپ،يىڭناسقۇنىڭ ئۇستىدىن ئىسىق ئۆتكۇزگەندىن كىيىن،ئىسىق سۇغا چىلانغان پاكىز لاتا بىلەن بىر قانچە قېتىم سۇرۇتۇپ بەرسىڭىز،يىڭناسقۇ ئۇڭايلا يوقاپ كېتىدۇ.
9.مېكىيانى ئوغرىتىكەن مېغىزى بىلەن سەمىرتىپ ئۇنىڭ يېغىنى خىرە بۇلغان كۆزگە سۇرتسە،كۆز روشەن بۇلىدۇ.
10.كۆزدىن ياش ئاقسا،قارا قۇينىڭ قۇيرۇق يېغىنى ئىگىر بىلەن ياقسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇرۇن قاناش
1. پاكىز پاختا ياكى داكىنى تۇز بىلەن ھۆل قىلىپ بۇرۇنغا تىقىپ قويۇش پايدىلىق
2. مۇز ياكى مۇز سۈيىگە لۈڭگىنى چىلاپ ھول قىلىپ پىشانىگە قويسا پايدىلىق
3. سامساقنى ئىزىپ ئوڭ بۇرۇن قانىسا سول پۇت ئالقىنىغا ،سول بۇرنى قانىسا ،ئوڭ پۇت ئالىقىنىغا تېڭىشىنى داۋام قىلسا ياخشى ئۇنۈم بىرىدۇ.
ھەرخىل قورساق ئاغرىقى ،ئىچى سۈرۈش ،ۋە قان تولغاق
1.ئانار پۇستى 30گىرام ،قارا شىكەر10گىرام بىر چىنە سۇ بىلەن قاينىتپ سۈزۈپ چوڭلار بىر كۈندە 3قېتىم بىر قوشۇقتىن كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىتىمال قىلسا ئاستا خاراكتىرلىق قورساق ئاغرىقى ۋە ئىچ سۈرۈشنى داۋالايدۇ.
2.سۇڭپىيازنىڭ پوستى بىلەن يىلتىزىنى سوقۇپ ،قېتىق سۈزمىسىگە ئارلاشتۇرۇپ ئىچىشىنى داۋام قىلسا قان تولغاقنى توختىدۇ.
3.پەمىل چاي ياكى قارا چايدىن 30گىرامغا زىنجىۋالدىن 60گىرام قوشۇپ بىر يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتپ قارا شىكەر ھەم ئاق شىكەرنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ دورا سۈيىنى تاتلىق قىلغۇدەك سېلىپ چوڭلار كۈندە 4قېتم كىچكلەر ئەھۋالغا قاراپ ئىچىشىنى داۋام قىلسا ھەرقانداق تۈردىكى تولغاققا شىپا بۇلىدۇ.
4.تۇرۇپ ئۇرۇقىدىن 30بىر چىنە سۇدا قاينىتپ سوزۇپ ئازراق قارا شىكەردىن ئازراق سېلىپ قاينىتپ بىر كىچە تۇرغۇرۇپ ئەتىسى ئىسستىپ ئىچسە ھەرقانداق تولغاققا شىپا بۇلىدۇ.
5.يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى 30گىرامنى قورۇپ 50گىرام شىكەر گە ئارلاشتۇرۇپ تالقانلاپ چوڭلار كۈندە 2قېتىم 6گىرم ،كىچىكلەر 3گىرامدىن ئىچىپ بەرسە ھەرخل ئىچى سۈرۈشىنى توختىدۇ.
6.كۆك ماش150گىرامنى ئىككى چىنە سۇدا قاينىتپ يېرىم چىنە قالغاندا سۈزۈپ ئېلىۋىتپ قەنىتتىن 30گىرامنى سېىلىپ يەنە بىر قاينىتپ چوڭلار بىر كۈندە 3قېتىم ھەر قېتىمدا 2قۇشۇقتىن ئىچىشنى داۋاملاشتۇرسا ئىچىنى قاتۇرۇپ ئۇزاق داۋام قىلغان ئىچى ئۆتۈش سەۋەپلىك بەدەننىڭ يۇقالغان سۇيۇقلىىقىنى تۇلۇقلايدۇ.
زىققە(ئۆپكە )كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
1. بىر كىلوگىرام ناۋاتنى ئىككى چىنە سۇدا قاينىتپ ،ناۋات ئىرىگەندىن كىيىن سەككىز دانە ئامۇتنى تازىلاپ يالپاقلاپ ناۋات سۈيىگە سېلىپ ئىككى قاينىتپ،قازاننى چشۈرۈپ سوۋۇغاندىن كىيىن مۇۋاپىق بىر قاچىغا ئېلىپ قويۇپ ،چوڭلار كۈندە ئىككى قېتىم ،ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ،كىچىك بالىلار يېرىم قوشۇقتىن بىر يرىم قوشۇققىچە ئىچىشنى داام قىلسا كۆكسى چىڭلىق ،دەم سىقىلىش ،بەلغەم چىقماسلىق ۋە يۆتەلگە ئۈنۈمى بار.
2. چامغۇر ئۇرۇقى ،ھەسەل ،ماتاڭ ھەر بىرىدىن تۆت سەردىن ئېلىپ،بۇلارنى ئارلاشتۇرۇپ قاينىتپ سۈزۈپ ،ئاندىن شىشىگە ئېلىپ قويۇپ كۈندە چوڭ كىشلەر بىر قوشۇقتىن ئۈچ ۋاخ،كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىچىشىنى داۋام قىلسا يۆتەل،كۆكسى چىڭلىق ،بەلغەم چىقماي دەم سىقىلىش قاتارلىق ئۆپكە كىسەللىكى ياكى ۋاقىتلىق يۆتەلگە ئۈنۈمى ياخشى .
3. ئاچچىق ئۈرۈك مېغىزى تۆت مىسقال،ئۈجمە يۇپۇرمىقى بەش مىسقال،ناۋات بەش مىسقال،بۇلارنى بىر چىنە سۇداقاينىتىپ.تىرىپلىرىنى ئېلىۋىتىپ سۈزۈپ ،كۈندە ئىككى قىېتمغا بۆلۈپ ئىچىلسە،يۈتەل،قىزىتما،ۋە نەپەس سىقىىلىشنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بىرىدۇ.
4. زىغىردىن بىر جىڭنى تازىلاپ،قازاندا قورۇپ قۇرۇتۇپ تالقانلاپ،بىر يېرىم جىڭ ھەلسىنى ئېرىتىپ كۆپۈكنى ئېلىۋىتىپ بىر ئاز سوۋۇغاندىن كېيىن زىغىر تالقىنى بىلەن ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ،چۇڭلار كۈندە ئىككى قېتىم،ھەر قىېتمدا1-2قوشۇق،كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىستىمال قلىشىنى داۋاملاشتۇرسا يۆتەل ۋە زىققىنى ياخشىلايدۇ.
5. بىر سەر زاغۇن ئۇرۇقىنى تالقانلاپ،ئىككى سەر چەككىلەنگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ،چوڭلار كۇندە ئىككى قېتىم،ھەر قىېتمدا چوڭ چىلاندەك كىچىك بالىلارئەھۋالغا قارىتا ئىستىمال قىلىشنى داۋام قىلسا كونا-يىېڭى يۈتەل(سوغۇقتىن بولغان يۈتەل )نى توختىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بىرىدۇ.
6. ياڭاق مىغىزى،خام زەنجىۋىل،ئۈرۈك مېغىزىنى بىر سەردىن ئېلىپ،بۇلارنى سوقۇپ تالقانلاپ،تۆت سەر، چەڭڭىلەنگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ،چوڭلار كۈندە ئىككى قېتىم ،ھەر قېىتمدا ئۈچ مىسقالدىن ئىچىشىنى داۋام قىلسا پەسىل خاراكتىرلىك كونا يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. بىر جىڭ چىلاننى ئۈچ جىڭ سۇدا ئىككى جىڭ سۈيى قالغۇچە قاينىتپ سۈزۈپ ئېلىپ،ئاندىن سۈيىگە بەش سەر شىكەر سېلىپ يەڭگىل ئوتتا قىيام قىلىپ تەييارلاپ چوڭلار كۈندە ئىككى قېتىم ،ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ،كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىستىمال قىلىشىنى داۋام قلىسا،يۆتەل ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلرىگەئۈنۈم بېرىدۇ.
8. يېرىم جىڭ تاتلىق بادەم مېغىزىنى قىززىق سۇغا بىر كىچە چىلاپ قويسا ى قويسا پوستى يۇمشايدۇ،پوستىنى ئاقلاپ،يۇمشاق سوقۇپ ،بىر جىڭ چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن قاينىتپ مۇراببا قىلىپ تەييارلاپ،ھەر كۈنى ئىككى قېىتم،ھەر قېتىمدا بىر قۇشۇقتىن ئىچىشىنى داۋام قلىسا كونا يۆتەل ۋە كۆكسى چىڭلىق،دەم سىلىقىلىشنى ياخشىلاشتا ئەملىي ئۈنۈم بېرىدۇ.
9. يۇلغۇن يىلىمدىن بىر مسىقالىنى بىر پىيالە قايناق سۇغا دەملەپ ھەركۈنى ئۈچ قېتىم،ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ئىچىشىنى داۋام قلىسا ئۆپكە ياكى باشقا ئەزالارغا تۇرۇپ قالغان سانجىق ۋە يۆتەلنى تۈگىتىدۇ.
10. تۇرۇپ ئۇرۇقىنى ھەر قېتمدا ئىككى مىسقالدىن بىر چىنە قايناق سۇغا دەملەپ ئىچىشىنى داۋام قىلسا،ھەر خىل سەۋەپتىن بولغان ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنى ياخشىلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆرۈلىدىغان ئون خىل كېسەل بېشارىتى 1. كىچىك تەرەت كۆپ بولۇش، كەچتە ئېغىز قۇرۇش، كېچىدە كۆپ سىيىش ياكى كىچىك تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپ بولۇش، سۈيدۈك تېمىش قاتارلىقلار. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىدا ياكى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قەنت كېسىلى، مەزى بېزى يوغىناش ياكى مەزى بېزى راكى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
2. پەلەمپەيدىن چىقىپ – چۈشكەندە ياكى يانتۇلۇقتا ماڭغاندا دېمى سىقىلىش، كۆڭلى پەرىشان بولۇش، كۆكرەك چىڭقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش. بۇنداق ئەھۋاللار يۇقىرى قان بېسىمى ۋە مېڭە ئارتېرىيىسى قېتىشىشنىڭ بېشارىتى بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە مېڭە ئارتېرىيىسى قېتىشىش كېسىلى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
3. كىچىك ئىشلارغا چېچىلىش، ئاچچىقلىنىش، تىت – تىت بولۇش، دائىم بېشى قېيىش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە يۇقىرى قان بېسىمى ۋە مېڭە ئارتېرىيىسى قېتىشىش كېسىلى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
4. يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش كۆپ بولۇش، قان ئارىلاش تۈكۈرۈش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە كانايچە كېڭىيىش، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، ئۆپكە راكى كېسىلى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
5. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئازراق ياغلىق يېمەكلىكلەر ياكى ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا قورسىقى كۆپكەندەك بولۇش، چوڭ تەرىتى قالايمىقانلىشىش. بۇنداق ئەھۋاللار ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، ئاشقازان، جىگەر، ئۆت كېسىلى ياكى ئاشقازان راكى، بوغماق ئۈچەي راكى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
6. ھاراق كۆتۈرۈش مىقدارى ئازىيىش، ئازراقلا ھاراق ئىچىپ قويسا قىينىلىش، بىئارام بولۇش، ئىككىنچى كۈنى بېشى قېيىش. بۇ ئەھۋاللار جىگەر ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، جىگەر، ئارتېرىيە قېتىش كېسىلى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
7. ئاشقازىنى ياخشى بولماسلىق، دائىم ئاغرىپ تۇرۇش، ئاچچىق سۇ يېنىش، كېكىرىش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسىلى، بولۇپمۇ ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان راكى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
8. يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قېلىش، بەزىدە ئوخشاش بىر ئىشنى قايتا – قايتا قىلىش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە مېڭە ئارتېرىيىسى قېتىشىش، مېڭە توسۇلۇپ قېلىش (مېڭە يۇمشاش) كېسىلى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
9. ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا بوغۇملىرى سانجىلغاندەك ئاغرىش، بوغۇملىرىنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە ياكى باسقاندا ئاغرىش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە رېماتىزملىق بوغۇم يەللىكى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
10. يۈز قىسمى، كۆز ئەتراپى، تۆۋەنكى مۈچە (پۇت) دائىم ئىششىپ قېلىش، قان بېسىمى ئۆرلەپ قېلىش، بۇنىڭ بىلەن بىللە باش ئاغرىش، بەل – دۈمبە تېلىپ ئاغرىش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە بۆرەكنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
ئۆزىڭىزدە يۇقىرىقى كېسەل بېشارەتلىرىنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاپ، داۋالىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىڭىز كېرەك.
ئۈششۈكنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى قىش كۇنلىرى بەزى كىشىلەرنىڭ قۇلاق سۈپىرىسى،پۇت-قوللىرى ئاسانلا ئۈششۈپ قېلىپ،قىچىشىپ ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ.كىلىنكىدا ئىسپاتلىنىشىچە،ئاغرىق توختاتقۇچى مەلھەملىك پىلاستىر (伤湿止痛高 )نىڭ ئۈششۈكنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمى كۆرۇنەرلىك ياخشى ئىكەن.ئۇنى بىمارلار ئۇدا 48 سائەت چاپلاپ بەرگەندە ساقىيىپ كەتكەن.ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇنداق:ئاۋۋال ئۇششىگەن جاينى يىلىمان سۇغا چىلاپ يۈيۈپ،پاكىز سۈرتۈپ قۇرىغاندىن كىيىن ئاغرىق توختاتقۇچى مەلھەملىك پىلاستىر ئۈششىگەن جايغا بىۋاستە چاپلىنىدۇ.پىلاستىرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۈششىگەن جاينىڭ چۆرىسىدىن بىر سانتنمىتىر ئەتراپىدا ئېشىپ تۈرۈشى كېرەك.لېكىن پىلاستىر رېئاكسىيە بېرىدىغان كىشىلەر،ئىششىغان ياكى ەرلىك جاينىڭ تېرىسىدە شەلۋەرەش،يىرىڭلاش بولغانلار ئىشلەتسە بولمايدۇ.
http://www.qaramay.com/html/saghlamliq/2011/0212/501.html