ئوغلۇمغاخىتاپ
(ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈن خاتىرسىگە)
ئەزىز ئوغلۇم ئابلەتجان،
سەن كۆزۈمنىڭ قارىسى.
خوشاللقىم ،ئۈمىدىم ،
يۈرىكىمنىڭ پارىسى.
ئوغۇل بولۇپ تۇغۇلدۇڭ،
ۋەتىنىمدە سۇلتانسەن.
ئاللا بەرسۇن جاسارەت،
نەزىرىمدە چولپانسەن .
بۈگۈن كىردىڭ ئۈچ ياشقا ،
كۆزۈڭدە نور چاقنايدۇ.
قىلىقلىرىڭ بەك ئوماق ،
يۈرەكلىرىم يايرايدۇ .
ئويناپ كىرسەڭ تالادىن،
ھىدى كېلەر توپىنىڭ .
سەن ئۆيۈمنىڭ خوجىسى،
قەلبىمدىكى كۈلكىنىڭ .
"تۆگە-تۆگلەڭ"ئوينساق،
تۆگەڭ بولۇپ بېرىمەن.
"تاققۇ-تۇققۇ" ئوينساق،
ساناق -ساناپ بىرىمەن.
ئامان بولغىن ئەزىزىم،
سەنسىز ئۆيۈم مازاردۇر.
ئائىلەم شاد سەن بىلەن،
گويا قايناق بازاردۇر.
خوشال كۈلۈپ يايرىغىن ،
ئەقىل تىپىپ چوڭ بولغىن .
ئىلىم-ئىرپان نۇرىدىن،
كۈچ-قۇۋەتكە لىق تولغىن .
ئادەم بولغىن ياراملىق،
بولمىغىن ھەرگىز بىتاپ.
ئىنساپ بەرسۇن خۇدايىم ،
قىلىمەن شۇنداق خىتاپ .
مەنبە: مىرزا بەگ
[ بۇ يازما ARKZAT تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]