ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئۆمۈچۈك بىر تورخانا ئاچقاندىن كىيىن، «18ياشتىن تۆۋەنلەر كىرىشكە بولمايدۇ» دىگەن ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىنى قەستەن «3ياشتىن تۆۋەنلەر كىرىشكە بولمايدۇ» دەپ ئۆزگەرتتى.
بۈركۈت كۆك ئاسمان ئالاقىلىشىش شىركىتىنىڭ باش لېدىرى بولغاندىن كىيىن، بارلىق قۇشلاردىن كەزمە مۇلازىمەت ھەققى يىغىشقا باشلىدى.
سىياھ بېلىق يېزا باشلىقى بولغاندىن كىين، راك، پاقا قاتارلىق سۇدا ياشايدىغان دوستلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولدىغان بولدى.
سوپسوپىياڭ ناخشا مۇسابىقىسىنىڭ باھالاش ھەيئىتى بولوپلا، ئۆزى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىدىغان تورغاينى شاللىۋەتتى.
تۈلكە سوتچى بولغاندىن كىيىن، چىرىكلىككە چېتىلىپ قاماقتا يېتىۋاتقان بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنى سولاقتىن ئازاد قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ كۈشەندىسى بولغان ئوۋ ئىتى ۋە تۇغقىنى سېرىق ئاغمىخانمۇ بار ئىدى.
يىشىل پاقا ئەمەلدار بولدى، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر « قۇدۇقنىڭ تېگىدە تۇرۇپ ئالەمنى كۈزىتىش» تىمىسىدىكى تەتقىقات گورۇپپىسى قۇردى، بوز تورغاي « قۇدۇقنىڭ تېگىدە تۇرۇپ ئالەمنى كۈزىتىشنىڭ رىئاللىقى ۋە كۆرۈشچانلىقى» تىمىسىدا ئىلمى قامالە ئېلان قىلدى.
ئېيىق ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چىمپىيونى بولدى، بىرقانچە ئالى مەكتەپ ئۇنى ئاسپىرانتلىققا ئالاھىدە قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
تاشپاقا تېرىنىر بولوپلا، قىسقا ئارلىققا يۈگۈرۈش تەنھەركەتچىسى توشقاننى سۇ ئۇزۇشنى مەشىق قىلىشقا مەجبۇرلىدى.
قۇلۇلە تەنتەربىيە كومتىتىنىڭ مۇدىرى بولغاندىن كيىن، يېڭى مۇسابىقە تۈرى – ئاستا مېڭىشتا بەستلىشىشنى كۆپەيتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقاردى.
پىل ئۇنۋان ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغاندىن كىيىن، ئۇنۋان ئالىدىغانلارنىڭ چوقۇم تۆت پۇتى بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بەلگۈلىمە چىقاردى.
مۈشۈكئېيىق شەھەر باشلىقى بولدى، كوچا كويلاردىكى بارلىق «ئورۇقلاش مەركىزى»نىڭ ھەممىسى بىر كېچىدىلا ئىسمىنى «سەمرىش» مەركىزى دەپ ئۆزگەرتتى.
چاشقان داڭلىق ناخشا چولپىنى بولدى، كۆپچىلىك «نەزەر دائېرىسى تار» دىگەنلىك ماختاش دېگەنلىك ئىكەن دەپ قاراشتى.
بۆرە مىليونىر بايغا ئايلاندى، قوي بۆرە مىھرى شەپقەتلىك كىشى دەپ ئىسپات بەردى.
تىمساھ بىداۋا كىسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن، مەتبۇئاتتا ئۆزىنى گۆشسىز تاماق يىگۈچى تەرەپدارى دەپ ئېلان قىلدى.
چىپار بۇغا جۆرە ئىزلەش ئېلانى چىقىرىۋىدى، قۇلۇلە بىر يۈرۈش ئۆيى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا رىقابەتچىلىرىنى ئۇتتى.
پاقا ئۆي-مۈلۈك پادىشاھى بولدى، ئۇ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا : « ھېچقانداق گۆش يىيىشلىك ئەمەس، ھەتتا غاز گۆشىمۇ» دېدى.
شىر تاغ-تۇرانىڭ شاھىلىق ئورنىدىن پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىن، 10 ئالىي مەكتەپ ئۇنى پەخرى مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەكلىپ قىلىشنى خالايدىغانلىقنى بىلدۈردى، 20ئالىي مەكتەپ ئۇنى فىراپپىسورلۇققا تەكلىپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
توز ئۆزىنى كوڭزىنىڭ 80-ئەۋلادى دېدى، شۇنىڭ بىلەن چوڭ تىپتىكى بىرقانچە نەشىرىياتنىڭ باش تەھرىرى بولدى.
ئىشەك پۇل خەجلەپ بىرقانچە پارچە ئىلمى ماقالە ئېلان قىلدۇرۇپ، « دۇلدۇل»لۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
قىسقۇچ پاقا مەلۇم جايغا مەبلەغ سېلىپ، ماشىنا ھەيدىگەندە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشكە، قىزىل چىراقتىن ئۆتۈشكە ئالاھېدە رۇخسەت قىلىندى.
خوراز مىكياننى كۆپرەك تۇخۇم تۇغۇشقا مەجبۇرلىدى، ئاندىن تۇخۇم ساتقان پۇل بىلەن سېرىق قۇچقاچنى باقتى.
يولۋاس نۇرغۇن ھېيلە-مىكىرلەر بىلەن باي بولدى، ئاندىن جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋىدى، كۆپچىلىك ئۇنى «ئۇلۇغ خەير- ساخاۋەتچى» دەپ ئاتاشتى.
قاغا قۇيرۇقى بىلەن خەت يېزىشنى ئۈگىنىۋېلىپ، «قاغا پۇتى» خەت يازىدۇ دېگەندىن بىراقلا «مەشھۇر خەتتات» قا ئايلاندى.
ۋاڭدوڭ ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما «فىليەتۇنلاردىن تاللانما» ژورنىلىنىڭ 2009-يىل 7-ئايلىق كىيىنكى سانىغا بېسىلغان.
ئەلىجان تۇرسۇن تەرجىمىسى
[ بۇ يازما ARKU تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]