مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 68 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاتا، ئۆكۈنمە ( مۇخەممەس )
ziba1
ساغلام ھايات سىزگە يار بولسۇن
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 33426
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 511
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە511دانە
ياخشى باھا: 114 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4316 سوم
تۆھپىسى: 115 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 723(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-03-11
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 20:20

0 ئاتا، ئۆكۈنمە ( مۇخەممەس )

ئاتا، ئۆكۈنمە ( مۇخەممەس )  
ئەنۋەر ئابلەت شەيدائى
 
 
 
يوللىغۇچى : زىبا ( خوتەن )
 
ئاتا، ھايات شۇنداقكەن، بۇنىڭغا زىنھار ئۆكۈنمە،  
بەل مۈكچەيدى، چاچلارغا قوندى دەپ قار، ئۆكۈنمە ،  
بەردىڭ پەزەنت، ئائىلىگە، كۆكلەم- باھار ئۆكۈنمە،  
ھالال ياشاپ، ئۆمرۈڭنى قىلمىدىڭ خار، ئۆكۈنمە ،  
تىلىكىم شۇ: ئەبەدىي بول ئۈمىدۋار، ئۆكۈنمە .  
 
ۋاقىت ھامان تۇيدۇرماي، قېرىتىدۇ ئىنساننى،  
ھايات تەشۋىش- غەملىرى ئۇپرىتىدۇ ھەرجاننى،  
قەدەمدە مىڭ تاۋلايدۇ پاراسەتنى، ۋىجداننى،  
سوۋغا قىلار ھەركىمگە، ئەجرىگە خاس ئىمكاننى،  
دىل ئاسمىنىڭ پاك تۇرسا بەرىكەت ياغار، ئۆكۈنمە.  
 
كەتكىنى راست ياشلىقنىڭ، زىنھار يېنىپ كەلمەيدۇ،  
گۈل ياشلىققا ھېچ كىشى ئەسلا قېنىپ كەتمەيدۇ ،  
ھەقىقى ئەر قېرىلىق- چاللىققا تەن بەرمەيدۇ ،  
ئۆمۈر بېغى ئۈمىد ھەم شىجائەتتىن كۆكلەيدۇ ،  
قەدرىگە يەت پۇرسەتنىڭ ئى مەدەتكار، ئۆكۈنمە .  
 
ياشاپ كەلدىڭ ھوسۇللۇق تۇپراق كەبى مىننەتسىز،  
جەبىر- جاپا، مۈشكۈلدە ياش تۆكمىدىڭ سەن ھەرگىز،  
مەنزىل يىراق، مۇساپە بولمىسىمۇ گەر تۈپتۈز،  
بەل يەشمىدىڭ، گۈل ئاچتى ئىقبال ئۈچۈن باسقان ئىز،  
ئەقىدەڭدە شاد كۈلۈپ باقتى تاڭلار، ئۆكۈنمە .  
 
يەر باغرىغا ئۈن- تىنسىز ئۇرۇق بولۇپ چېچىلدىڭ،  
ھەرمايسىنىڭ بەرگىدە ئۈمىد بولۇپ ئېچىلدىڭ ،  
ئۈنچە تەرگە ئايلىنىپ ئېقىنلارغا قېتىلدىڭ ،  
ئىزگۈلۈكنىڭ بېغىدا قورغان بولۇپ يېتىلدىڭ ،  
تومۇرۇڭدا ئاققىنى نومۇس ۋە ئار، ئۆكۈنمە .  
 
ئۆتتى ئۆمرۈڭ ئېتىزدا ھوسۇل ئېلىپ، يەر تېرىپ،  
تەرئاققۇزدۇڭ مەۋجۇدلۇق، پاكلىق ئۈچۈن زەر تېرىپ،  
تاغلىرىنى ھاياتنىڭ مۈرەڭدە دەس كۆتۈرۈپ ،  
ۋىسال قۇچتۇڭ قۇت، ئىقبال دىلبىرىنى كۈلدۈرۈپ،  
ياشاش يولى ئەزىمەتكە ئەمەستۇر تار، ئۆكۈنمە .  
 
ئەجرىڭ بىلەن كۆكلەتتىڭ ھاياتىڭنى شەمشادتەك،  
ئىزىڭ قالدى ساداقەت ئالىمىدە پەرھادتەك ،  
مۇز تەڭلىسە گاھ تۇرمۇش، يۇتتۇڭكى بال- ناۋاتتەك،  
مەنزىلىڭنى ھېچقاچان توسالمىدى ئىس- تۈتەك ،  
ماختاش، تەنە، مىنەتتىن ئۆتتۈڭ بىزار، ئۆكۈنمە .  
 
تىنىقىڭلا بولسا كۈل، شاد ياشا ئەي غەمگۈزار،  
ئارمانلىرىڭ، ئۈمىدىڭ ئەۋلادلارغا تىل تۇمار ،  
ئەقىدەڭدىن پۈكۈلدى دىلغا يۈكسەك ئارزۇلار،  
تومۇرۇمدا، جان ئاتا، مەڭگۈ ئىسسىق قېنىڭ بار،  
ھايات دېگەن كۈلگەنگە كۈلۈپ باقار، ئۆكۈنمە .  
[ بۇ يازما قۇملۇق تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : قۇملۇق
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2011-05-24, 14:03

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

-سىز كۆرۋاتقان تىما ئاتا، ئۆكۈنمە ( مۇخەممەس ),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
yalpuz0997
يالپۇز-مۇز گۈلى
دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 6100
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 713
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە713دانە
ياخشى باھا: 243 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1391 سوم
تۆھپىسى: 333 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 411(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-11
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 22:48

تاغدەك يۆلەك  ،خىزىر سۈپەت ئاتىلىرىمىز ئامان بولسۇن.
ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
kahrizat
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 36554
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 294
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە294دانە
ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 796(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-04-05
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-26  

2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 22:51

ئاتا دىگەن تاع ئىكەن  
ئانا دىگەن باع ئىكەن
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
AZGUNBALA
*  قىلىچ  تەڭلىگەن  دۈشمىنىڭدىن&nbs ..
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 40639
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 99
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە99دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 445 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 140(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-14
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-26  

3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 23:05

ئاتا ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ چىداملىق ئىنسان.  
  ھارمىغايسىز، سىزگە كۆپ رەھمەت~~~   
ئازغۇن ئۆزىنىڭ ئازغىنىنى بىلىدۇ،
     بىراق توغرا يولغا قايتىشقا كىممۇ ياردەم قىلىدۇ؟
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
ئەلنۇر
بىلىمسىز قىلغان تائەتتىن كۆرە ،بىلىملىك ئۇخلار ..
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 41554
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 44 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 35(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-21
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 23:16

ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، رەھمەت .  
ئاتا ئۆينىڭ تۆۋرىكى ، ئاتا پەرزەنىت تەختى ، سالامەت بولغىن قەدىردانلىرىم !!!
بىلىمسىز قىلغان تائەتتىن كۆرە ،بىلىملىك ئۇخلار ساۋابى ئۆرە...............
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
kixlak
كۆسەن ئوغلى _  دۈمبە روھىنىڭ جۇلاسى.
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 17326
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 350
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە350دانە
ياخشى باھا: 247 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 6835 سوم
تۆھپىسى: 344 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 754(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-12
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-26  

5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 23:39

بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. ياخشى يېزىلغان شئېركەن.
كۆسەن ئوغلى( قىشلاق ) نىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغىچە، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.