بىر دوستۇم توي قىلغىلى 2-3يىل بوپ قالغان بولسىمۇ،تېخىچە ئۆيدىن بىرەنى ئىجارىگە ئېلىپمۇ بولسا،ئايالى بىلەن
كەڭ-كۇشادە ئوي تۇتۇپ باقماپتۇ،ئايالى تىخچە دادىسىنىڭ ئۈيىدە تۇرىۋىتىپتۇ،بۇ دوستەككە قانچىلاپ نەسىھەت
قىلىپ بىر ئۆيگە كىرىۋىلىشنى،شۇنداق بولغاندا،نىكاھ مىھرىنىڭ باشقىچە بولىدىغانلىقىنى ئىيىتسام،چىرايلىقچە
ئاڭلىماقتا يوق،<<يىنىمغا توي قىلىپ ئاندىن كەل>> دەيدۇ،ئامالسىز دەردىمنى قۇلىقى يۇمشاق مۇنبەر گە
ئېيتىشنى لايىق تاپتىم.ھازىر يورتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلرىدا مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇتكەن،(ئۈرۈمچىدە ئېغىرراق)
بۇنداق كىتىۋەرسە،قانداقمۇ <<ئىللىق ئائىلە>>دىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن،شۇڭا دوسلار بىلەن ئورتاقلشىشىنى ئويلاپ
بۇ تىمىنى يازدىم،ئەركىن مۇنازىرە قىلىپ باقساق.
ئۆتەر يۈرەك كۈندە توق،
بولسا نىگار يىنىڭدا.
جاپا دىگەن نىمە ئۇ؟
ۋاپادارىڭ يىنىڭدا .
بۇزىسەنغۇ پۇلۇڭنى،
كەلسە-كەلمەس سورۇنغا.
ئاغرىمدىكەن ئىچ-قارنىڭ،
ئۆيگە كەتكەن پۇلۇڭغا؟!
قېيناتاڭمۇ يارىماس،
ئايال مىجەز بىر نىمە.
بۇيرىمىدى يا سېنى،
ئۆينى ئايرپ چىقىشقا.
ئايالىڭ يىغار ئۆزىگە،
سەن يىغارسەن سورۇنغا.
گېپىڭ يەنە چوڭ تېخى،
گەپ ئاتىسەن<<بويتاققا>>.
ئايال نىمە ئەر نىمە؟
پەرقى يوقمۇ ئەزەلدىن؟
بولمىساڭلا سەن دىتسىز،
راھەت كۆرەرسەن تويۇڭدىن.
ئاڭلىسام سەن رەنجىپسەن،
قۇتقا تولغان تويۇڭدىن.
بولمسا سەندە غورۇر كەم،
ئايالىڭ ماڭمامتى كەينىڭدىن.
ئايرىلىپ ئۆتۈش گۇناھقۇ،
ھەم خالىماس ياخشى ئەر.
بىر ئۆي قىلىپ كىرىۋال،
<<ئىغىرىنى كۆتۈرەر ئەزىز يەر>>.
مەنبە:قۇمباغ يازمىسى
[ بۇ يازما moghal تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]