ئايرىمخانىدىكى <ئاشىق -مەشۇقلار>
پەرىدە ياتاققا يىغىدىن كۆزلىرى قىزارغان ، كەيپىياتى ئنتايىن ناچار ھالەتتە كىرىپ كەلدى.ئۇ ياتاقداشلىرىغا قاراپمۇ قويماي،ئۆز ئورنىغا چىقىپ ياتقانچە خىيالغا پاتتى. ياتاقدازلىرى ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشتى ھەم بىر ئىشنىڭ بولغىنىنى پەملىشىپ ئاستاغىنە ياتاقتىن ئايرىلىشتى.
ئۇلار ئەلۋەتتە ھەيران قېلىشقا ھەقلىق ئىدى . چۈنكى پەرىدە ئىنتايىن ئوماق،شوخ، دەرىسلەردىمۇ تىرىشچان،قاچان قارىسا كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئادەمنىڭ مەسىتلىكىنى كەلتۈرگۈدەك قىز ئىدى. بىراق،يېقىندىن بۇيان ياخشى - يامان دوسىتلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ ئويۇندىن باش كۆتۈرەلمەيلا قېلىۋاتاتتى. دەرىسلەرگىمۇ توللۇق چىقمايدىغان بولۇۋالدى. ئۆزى مۇشۇ شەھەرلىك تۇرۇپمۇ مەكتەپ ياتىقىدا ياتىدىغان پەرىدە ئۆيىگىمۇ ئاندا -ساندا قايتاتتى...........
شۇ تاپتا پەرىدەنىڭ ھېچنىمىگە كاللىسى ئشلىمەيتى. بىرەر نەرسىنى ئويلىغۇدەك مادارىمۇ يوق ئىدى.قۇلاق تۈۋىدە باياتىنقى سورۇندا بولۇنغان تېتىقسىز پاراڭ......كۆز ئالدىدا ئۆزى ئارزۇ قىلىپ كۆرۈمەكچى بولغان ھېلىقى ئادەم......
ئۇ بىلىپ -بىلمەيلا ۋارقىرىۋەتتى :<ئاھ،خۇدا ، ئەمدى قانداق قىلارمەن ؟ مەن زادى نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈردۈم؟ ...> تۇرۇپلا كاللىسىغا بىر ئوي كەلدى. ئۇ ئاتا -ئانىسىغا خەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى ، ئۇلارغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ... يەنە بەزى ئەھۋاللار سەۋەبىدىن ئۆلىۋېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى يازماقچى بولۇپ ، قولىغا قەلەم ئالدى . بىر نەچچە جۈملە يازا- يازمايلا توختاپ قالدى. مېھرىبانلىقى ، ئاقكۆڭۈللىكى كۆزلىرىدىن چىقىپلا تۇرىدىغان خۇش-چىراي ئاپىسى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ ئاخىرىنى زادىلا داۋاملاشتۇرالمىدى. ئۇ ئۆز-ئۆزىگە توختىماي سوئال قوياتتى. <...مەن ئۆلىۋالسام ئاپام قانداق قىلىدۇ؟ مەنغۇ ئۆلۈپلا تۈگەيمەن ، بىراق ئاشۇ بىچچارە ئاپام مېنى باققىنىغا بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىپلا ئۆتمەمدۇ ؟ ...ياق ،مەن ئۆلىۋالسام بولمايدۇ..>
پەرىدە كىچىكىدىن ناھايتى ئەقىللىق ئىدى. مەكتەپتىمۇ ئىزچىل ياخشى ئوقۇغان . ئالىي مەكتەپكە كىرىپمۇ شۇنداق ياخشى ئوقۇدى (ئۇ يالغۇز بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتا - ئانىسى مۇشۇ شەھەردىكى ئونۋىرسىتىتتا ئوقۇتقانىدى ). بىراق،ئاخىرقى يىلى بولغان بۇ كۈنلەردە ئۇ بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقدىشى نادىرەنىڭ تەسىرىدە باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالغانىدى .
نادىرە ئۆزى ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ ، گەپكە ئۇستا،ھىيلىگەررەك قىز بولۇپ ئۇنى ساۋاقداشلىرى ئانچە ياقتۇرمايتتى.چۈنكى ،ئائىلىسى نامراتمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ،نادىرە تولاراق ياشقا چوڭ ئەرلەر بىلەن ،قىسقىسى پۇلى بار ئەرلەر بىلەن كۆپرەك ئارلىشاتتى ، پەرىدە ساددا بولغاچقا نادىرە <بارايلى> دېسە ،كۆڭلىنى ئاياپ بىر نەچچە سورۇنغا بىللە باردى. بارا-بارا ئۇ يەردىكى ئادەملەر پەرىدەدە باشقىچە تەسىر قوزغىدى . ئۇ<باي>لارنىڭ خوتۇن -باللىرىغا خەجلەشكە چىدىمىغان پۇللىرىنى بۇنداق سورۇندا مەردلەرچە خەجلەشلىرى،يېنىدىكى قىزلارغا ئۆمرىدە ئايال زاتى كۆرمىگەندەك قاراشلرى، ئېسىل ماشىنىلىرى ... تېخى ئاندا-ساندا قىممەت باھالىق سوۋغىلارنى بېرىشلىرى...ئشقىلىپ پەرىدە بۇلارنى كۆرۈپ نادىرەنىڭ كاللىسىنىڭ <ئىشلەپ> كېتىشىگە قول قويدى .شۇ سەۋەپتىنمۇ ئەيتاۋۇر پەرىدە نادىرە بىلەن كۈندىن- كۈنگە يېقىن بولۇپ كەتكەنىدى . گاھىدا سىرىتلاردا قونۇپمۇ قالاتتى . تېخى بىر نەچچە <باي> لار بىلەن تونۇشۇپمۇ قالغانىدى....
پەرىدەدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشنى سەزگەن ساۋاقداشلىرى بىر نەچچە قېتىم نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ، ئۇ بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى . تېخى ئۇلارنى سىلكىپمۇ ئۈلگۈردى .ئۇلار ئەمدى پەرىدەگە نەسىھەتنىڭ ئارتۇقلىقىنى ھېس قىلشىپ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشماس بولغانىدى . پەرىدەگە ئاتا -ئانىسى باك ئىشەنگەچكە ئۆيىگە ھەر ھەپتىدە قايىتمىسىمۇ بەك سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيتى...پەرىدى بىر مەزگىل مۇشۇنداق پۇلى بارلارنى <باپلاپ> يۈرىۋەردى.سوۋغاتلارنى تارتىنمايلا قوبۇل قىلدى......
بۈگۈن چۈشتىمۇ ئۇ نادىرەنىڭ :< كەچتە ئولتۇرۇش بار ، چىرايلىق كىيىنگىن .ئىلەىركىدىنمۇ باي بىرسى بىلەن تونۇشىسەن،پۇل دېگەننى ئايىماي خەجلەيدۇ. خېلى چوڭ باشلىق .بىر نازۇ-كەرەشمە قىلىپ قويساڭ خىزمەت ئىشىڭ ئۇنىڭغا ئۆتتى دېگەن گەپ...> دېگەن گېپى بىلەن نەچچە سائەت كۆڭۈل قويۇپ ياسانغانىدى .نادىرە ئىككىسى ھېلىقى سورۇنغا خېلى بالدۇر باردى.ئۇ يەردە باشقا قىزلارمۇ بار بولۇپ ،ھەممىسى نادىرەنىڭ ۋە نادىرەنىڭ <مېليونىر> لايىقىنىڭ تونۇشلىرى ئىدى. ھەممىسىلا جۈپ-جۈپ،پەقەت پەرىدەگە تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولغان باشلىق ئەپەندىلا تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى. پەرىدە ئۇلارنىڭ تانسا- ئۇسۇللىرىنى كۆرگەچ ،قىلىشقان تېتىقسىز پاراڭلىرىنى ئاڭلىغاچ تاقىتى-تاق بولغان ھالدا ئىشىككە قارايتتى..<ئۇ قانچە ياشلاردا باردۇ؟ خىزمەت ئىشىمنى راستىنلا ھەل قىلالارمۇ ؟..> دېگەندەك خىياللار ئۇنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋالغانىدى.پەقەت نادىرەنىڭ :<ھوي،پەرىدە،ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن ،مانا بۇ مەن ساڭا گېپىنى قىلغان باشلىق ئاكىمىز. شەھەرلىك مائارىپ باشقارمىسىنىڭ....>دېگەندىلا بېشىنى كۆتۈردى.كۆتۈردىيۇ، ئارقىسىغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى.ئۇنىڭ ئالدىدا كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالغان دادىسى تۇراتتى.
.........................................
پەرىدە كېيىن نىمە ئىشلار بولغىنىنى بىلەلمىدى .ئۇ ھەم بىلىشنىمۇ خا لىمايتى .شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ ياتاققا قانداق قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭقۇرالىغۇدەك ماغدۇرىمۇ يوق ئىدى.
تۇيۇقسىزلا ياتاقنىڭ تېلفۇنى جىرىڭلىدى .
_ياخشىمۇسىز؟
_پەرىدىنى ئىزدەيتىن ،مەن ئۇنىڭ دادىسى.
_ مەن شۇ .
_ جېنىم قىزىم....(دادىسى يىغلاۋاتقان بولسا كېرەك . ئاۋازىمۇ بوغۇلۇپ چىقاتتى) مېنى كەچۈرۈڭ قىزىم.سىزگە ۋە سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزغا كۆڭۈل بۆلەلمىدىم . سىزنىڭ مۇشۇ يولغا مېڭىشىڭىزغا مەن سەۋەپ بولدۇم.ئازغىنا پۇل ۋە ئەمەل - مەنسەپلەر كۆزۈمنى كور قىپتۇ...مەن سىزگە ھەم مېھرىبان ئاپىڭىزغا يۈز كېلەلمەيمەن .....
پەرىدەنىڭ قۇلىقىغا دادىسىنىىڭ يەنە نېمىلەرنى دېگىنى كىرمىدى . ئۇ ئاران تەسلىكتە دادىسىغا مۇنۇلارنى دېيەلىدى.
_ كەچۈرۈم سورايدىغان ئادەم مەن .جېنىم دادا . تۇيۇق يولغا مېڭىپتىمەن .مېنى كەچۈرۈڭ .
_ ئۇنداق دېمەڭ قىزىم .بۇ بەلكىم ماڭا بېرىلگەن جازادۇ؟
_ دادا بۇندىن كېيىن ئاپامنى قەدىرلەڭ . مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن ...
ئۇ تېلفۇننى قويۇپ بىر ھازا ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ياتاقتىن چىقتى. شۇ تاپتا مېھرىبان ئاپىسى قۇچىقىنى ئېچىپ تۇرغان ئىللىق ئۆي ئۇنى ئۆز قوينىغا چاقىرماقتا ئىدى.........................
مەنبە: ئۆز قەلىمىم.