بىلىگيار
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، مائارىپ جەمئىيەتتىكى بارلىق كەسىپلەر ئىچىدە يۇقىرى ساپا ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە مېھىر – مۇھەببەتنى تەلەپ قىلدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرى . شۇڭلاشقىمۇ مائارىپ سېپىنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق . ئاددەتتىكى دەرىس ئوقۇتقۇچىلېرىغا قارغاندا ، سىنىپ مۇدىرلېرىنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ ھەم شۇنداق ...
چۈنكى ، ئوقۇتقۇچى – بىر دۆلەتنىڭ ، بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگۈچى . چۈنكى ئۇ – بىلىم بەرگۈچى ، مەدەنىيەت تارقاتقۇچى . چۈنكى ئۇ -- روھىيەت ئالىمىنى قۇرۇپ ۋە ئۇنى تاۋلاپ چىققۇچى ...
سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى بولسا ، سىنىپ مۇدىرى بولغۇچىدىن ، بىر سىنىپتىكى قانچە ئونلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇستازى ، ئاتا – ئانىسى ، ئۇلارنىڭ پىسخىك تەربىيىچىسى ، ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستى ... بۇلالىغاندىن باشقا يەنە ، يۇكسەك بولغان مەسئۇليەت تۇيغۇسىنى ، يۇقۇرى بولغان ئۇنۋىرسال بىلىم ساپانى ، ساغلام بولغان پىسخىكىنى ، سەزگۈرلۈك ۋە ھۇشيارلىقنى ، ئىنچىكە كۈزىتىش ئىقتىدارىنى ، سەۋرى – تاقەتنى ، ئىنچىكىلىكنى ، ئىزچىللىقنى ، ئادىللىقنى ، مۇلايىملىقنى ، مېھرى – مۇھەببەتنى ، ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئىلمىي باشقۇرۇش سەنئىتىنى تەلەپ قىلدىغان ، مەسئۇليىتى ئىنتايىن ئېغىر بولغان بىر خىل تەربىيەلەش شەكلىدىكى يادرولۇق كەسىپ .
چۈنكى ، سىنىپ مۇدىرى بولغۇچىنىڭ تەقى – تۇرقى ، تاشقى قىياپىتى ، كېيىنىشى ، گېرىمى ، پىسخىكىسى ، مېجەز – خاراكتىرى ، سۆز – ھەركىتى ، بىلىم قۇرۇلمىسى ... قاتارلىقلار بىر سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشىدە ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدا بەلگىلىك تەسىر ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلدىغان ھاياتىدىكى تەغدىرىنىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىشىگە ئىجابى ۋە سەلبى جەھەتتىن سەۋەبچى بۇلۇپ قالىدۇ ، ئاخىردا ئۇلارنىڭ تەغدىرنى بەلگۈلىگۈچىلەردىن بۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن . شۇڭا ، بىز ئۆزىمىزدە يۇقۇرقى بىر قىسىم چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك پەزىلەت ۋە ساپالارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن بىرگە ، سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىكى دائىملىق كۈن تەرتىۋىدىكى خىزمەتلەرنىلا ئەمەس ، بەلكى ، تۆۋەندىكى بىر – قانچە خىزمەتنى جىددىي تۈستە قاراپ ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئىزچىل ئىشلىسەك ، ئۆزىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلېرىدە بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىشىمىز مۈمكىن - دەپ قارايمەن
1. كەسىپنى قىزغىن سۆيۈش روھى
بۇ خىل روھ – ھەرقانداق بىر كەسىپتە ۋە ھەرقانداق بىر كەسىپ ئەھلىدە بولمىسا بولمايدۇ . چۈنكى مۇشۇنداق روھ بولغاندىلا ، ھەرقانداق بىر كەسىپتىن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ – دەپ قارايمەن . شۇڭا ، بۇ خىل روھ بىزدە تېخىمۇ گەۋدىلىك بۇلۇشى كېرەك . بىزدە ، مۇشۇ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك بەزى بىر روھلار كەملەپ قالسا ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تولۇقلىغىلى بولىشى مۈمكىن ، لېكىن بۇ خىل روھ بولمىسا بولمايدۇ . ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ماتۇرلۇق رولىنى ئوينايدىغان بۇ خىل روھ بىزدە كەم بولسا ، بىزنىڭ ھەركەت كۈچىمىز، ھەركەت نىشانىمىز ۋە مۇساپىمىز زادى قانچىلىك ، قەيەرگىچىلىك بۇلىدۇ ؟
2. كەسىپكە بولغان مەسئۇليەتچانلىق
ئەگەر بىر قۇرلۇش ئىنژىنېرى ئۆز كەسپىگە مەسئۇليەتسىزلىك قىلسا ، ئۇنىڭ بۇ مەسئۇليەتسىزلىگى قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن ؟ بىر كارخانىدىكى مەسئۇلاتلارنى لايىھلىگۈچى ، تەجىربە قىلغۇچى سەۋەنلىك ئۆتكۈزسىچۇ ؟؟ بىر دوختۇرنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكى بىر ئادەمنىڭ بېشىغا چىقىشى مۈمكىن، بىراق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ سەۋەنلىكى بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويۇشى مۈمكىن . ئەمدى ، سىز بولسىڭىز ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ، ئاشۇنداق قانچىلىغان ئىنژىنېرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققۇچى ئىنژىنېرسىز ... دۇنيادىكى ئەڭ يۇقۇرى تېخنىكىلىق ، ئەڭ يۇقۇرى ئۇنۋانغا ئېگە ئىنژىنېرسىز ... ئۇنداقتا ، مانا مۇشۇنداق ئەڭ يۇقۇرى ئۇنۋانغا ئېگە ئىنژىنېر ئۆزىدە قانداق تېخنىكا ، ساپا ، ماھارەت – ئىقتىدارنى ھازىرلىشى كېرەك ؟ ئەگەر ، ئۇ ئۆز كەسپىدە مەسئۇليەتسىزلىك ، بىخەستىلىك قىلسا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۈمكىن ؟
بىزنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللنىشىمىز ، پەقەت نان تېپىپ يىيىش ئۈچۈنمۇ ؟ ۋە ياكى ئۆزىمىزنىڭ ھاياتلىق ، مەۋجۈتلىقى ئۈچۈنمۇ ؟ ۋە ياكى چوغدەك قىزىل يۈرىكىمىز بىلەن مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەركە بولۇپ يول ئېچىپ مېڭىش ئۈچۈنمۇ ؟
ئەگەر مەن ۋە سىز ئۆز كەسپىمىزدە ئازغىنە مەسئۇليەتسىزلىك قىلىپ ، بىخەستىلىك قىلساق ، قانچىلىغان پەرزەنتلېرىمىزنىڭ ئوقۇشتىن زېرىكىشىگە، مەكتەپتىن قېچىشىغا ، ئۆزىگە ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ۋە گۈزەل ئارزۇ – ئۈمۈتلېرىگە بولغان ئىشەنچىلېرىنىڭ ئۆچۈشىگە ۋە ئاخىردا قانچىلىغان پەرزەنتلېرىمىزنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنپ ، ئۆزلېرىنىڭ ئالتۇندەك گۈزەل ياشلىق باھارىنىڭ ۋە پۈتكۈل ھاياتىنىڭ نابۇت بۇلىشىغا سەۋەبچى بۇلىمىز ...مانا بىزنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتىمىز ...
شۇڭا ، بىز ھەر بىرىمىز ئۇنۋىرسال بىلىم ساپا ۋە يۇقۇرى ئىقتىدار– ماھارەتنى ئۆزىمىزدە ھازىرلاپ ، ئۆزىمىزنىڭ يۈكسەك مەسئۇليەت تۇيغۇمىز ۋە ھۇشيارلىقىمىز ، ئەڭ يۇقۇرى ئىلمىي باشقۇرۇش سەنئىتىمىز ۋە مېھرى – مۇھەببىتىمىز بىلەن ، مەكتەپتىكى بالىلارنى جەمىئيەتكەئەمەس ، بەلكى ، جەمئىيەتتىكى بىر بالىنى بولسىمۇ قۇلىدىن يېتىلەپ مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلەلىسەك ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆز كەلگۈسىگە بولغان ئۆچۈش ئالدىدا تۇرغان ئۈمۈت – ئىشەنچىسىگە قايتىدىن شام ياندۇرالساق ، ھايات يوللېرىدا تېڭىرقاپ قالغان پەرزەنتلېرىمىزگە توغرا ، گۈزەل مەنزىلنى كۆرسىتىپ بېرەلىسەك ، ھالاكەت ھاڭلېرى لېۋىگە بېرىپ قالغان پەرزەنتلېرىمىزنىڭ قوللېرىدىن تۇتۋالالساق ... مانا بۇ بىزنىڭ مەڭگۈدىن – مەڭگۈگە ئۆچمەس مۇۋەپپىقىيتمىز بولسا كېرەك دەپ – ئويلايمەن .
3 . ئۇنۋىرسال بىلىم ساپانى يۇقۇرى كۆتۈرۈش
بىز ئۇنۋىرسال بىلىم ساپايىمزنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە ، ئۆز – ئۆزمىزنى ئۈزلۈكسىز تەربىيلەشكە سەل قارماسلىقىمىز كېرەك . چۈنكى ، بىز ساپالىق بولغاندا ساپالىقلارنى تەربىيلەپ چىقالايمىز . بىز سەرخىل بولغاندىلا سەرخىللارنى تەربىيلەپ چىقالايمىز .
شۇڭا ، بىر ئەر كىشىگە 72خىل ھۈنەر ئازلىق قىلغىنىغا ئوخشاش ، بىزمۇ ھەم پەرزەنتلېرىمىز ئۈچۈن ،نۇرغۇنلىغان كىتاب ، ژورنال ، ماتىرياللاردىن پايدىنلىپ ، ئۆز – ئارا پىكىر ، تەجىربە ئالماشتۇرۇش يوللىرى ئارقىلىق ، ئۆز – ئۆزىمىزنى تەربىيلەش يولىدا زېرىكمەي ، توختاپ قالماي ، مەڭگۈلۈك ئىزدىنىپ ، ئۆزىمزىدە بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ئۇنۋىرسال ساپانى ، مەسئۇليەت تۇيغۇسىنى ، مېرى – مۇھەببەت ۋە ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئىلمىيلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان سەرخىل باشقۇرۇش سەنئىتىنى يېتۈشتۈرۈپ ، پەرەنتلېرىمىزگە ئادىمىيلىكنى ئۆگۈتۈپ ، ئۇلارغا ھايات ۋە ياشاش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ جىسما نىي ۋە روھىيىتىنى تاۋىلاپ ، تۈرلۈك مەسىلىلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ۋە ئۇنى توغرا ھەل قىلالايدىغان ، ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى تولۇپ تاشقان ، ئۇنۋىرسال ، ئەتىراپلىق يېتىشكەن ، سەرخىل بولغان بىر تۈركۈم كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ چىقىش يولىدا ئۆزىمىزنىڭ بىر مائارىپچى ، بىر ئىنسانىي پەزىلەت نوقتىسى يۈزىسىدىن بولسىمۇ ، بىر كىشلىك تۆھپىمىزنى قوشساق ۋە بۇ يولدا ھەتتا ئۆزىمزىنىڭ بارلىقىنى تەقدىم ئەتسەك دىگەن ئۈمۈتتىمەن ...
ئەلۋەتتە ، بۇ خىل ئۇلۇغۋار ئىش ، پەقەتلا چەكسىز مېھرى – مۇھەببەت ، يۈكسەك مەسئۇليەت ، يۇقۇرى بولغان ئۇنۋىرسال ساپا ۋە سەرخىل ، ئىلمىي بولغان باشقۇرۇش سەنئىتى ئارقىلىقلا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ ...
4. پىسخىكا ساپاسى
ھازىرقى دەۋىردىكى جەمىئىيەت بېسىمى ، تۇرمۇش بېسىمى ، خىزمەت بېسىمى ۋە كۈندىكى ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىكى نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر سەۋەبلىك، بىز ئوقۇتقۇچىلاردا پىسخىكا مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىر بولىۋاتىدۇ. كەيپىياتىمىزنىڭ تۇراقسىز بۇلىشى ، ئاسان چېچىلىش ، ئاچچىقلىنىش ، ھەسەتخورلۇق ، شەخسىيەچلىك ، ئىجتىمائىي دائىرە ۋە ئالاقىنىڭ تار ھەم كەم بۇلۇشى ، ئادەم خالىماسلىق ، پىكىرلىشىشىنى خالىماسلىق ، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى ئاچچىقىمىز ، غەزىپىمىز بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىمىز ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ تەررەققىي قىلىپ ئاخىرى پىسخىكا مەسىلىگە ئايلىنىشى ، پىسخىكا مەسىلىنىڭ ئاخىرى پىسخىكا كېسەللىككە تەررەققىي قىلىپ ، قارماققا جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولساقمۇ، ئەمما روھىيەت بىمارلېرىغا ئايلىنىپ قىلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ جىسمانىي ۋە روھىيەت ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسۈتۈپلا قالماستىن ، بەلكى ، ئەڭ مۇھىمى قانچە ئونلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىيەت جەھەتتىكى ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە ، بىلىمگە بولغان ئوتتەك تەشنالىقىغا ، ئۆزىگە ۋە ئۆز كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىگە ، تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قارىتا كۆز قارىشىغا ۋە يولۇققان مەسىلىلەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىرادىسى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارنىڭ يېتىلىشىگە ، جۈمۈلىدىن ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا ۋە پۈتكۈل تەغدىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . پەقەت ساغلام بولغان كىشىلەرلا ساغلام بولغان پەرزەنتلەرنى تەربىيلەپ چىقالايدۇ . ئەمما ، بىزگە ئوخشاش جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام ، روھىيەت جەھەتتىن ئالىقاچان كېسەلگە ئايلانغان بىمارلار ، پەقەت بىمارلارنى تەربىيلەپ چىقىدۇ . بىزدەك بىر ئادەمنىڭ كېسەللىگى ، قانچىلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېسەل بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ . مائارىپنىڭ تەلىۋى – ساغلام پەرزەنتلەرنى بىمارلارغا ئايلاندۇرۋىتىش ئەمەس ، بەلكى ، ساغلام بولغان پەرزەنتلېرىمىزنى تېخىمۇ ساغلام بولغان پەرزەنتلەرگە ئايلاندۇرۇپ ، جىسمانىي ۋە روھىيەت جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلگەن بىر تۈركۈم كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ چىقىشتىن ئىبارەت . شۇڭا بىز ، ئۆزىمىزنىڭ پىسخىكا جەھەتتكى تۈرلۈك نورمالسىزلىق ۋە تەڭپۇڭسىزلىقلارغا سەل قارماسلىقىمىز ، ئۆزىمىزنىڭ پىسخىكىسىنى ئۆزىمىز تەڭشەپ ۋە داۋالاپ ، بىر قەدەر نورمال ۋە مۇقىم بولغان كەيپىيات ۋە پىسخىكىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئۆزىمىزنى جىسماني ، بۇلۇپمۇ روھىيەت جەھەتتىن ساغلام بولغان ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ ، بۇ ئارقىلىق ، تۈركۈم – تۈركۈم ساغلام پەرزەنتلەرنى تەربىيلەپ چىقىش يولىدا ، مەڭگۈلۈك ئىزدىنىش ۋە قۇربانلىق بەرسەك دېگەن ئۈمۈتتىمەن .
5.پەرزەنتلەرنى قىزغىن سۆيۈش
بىزنىڭ ئوبىكتىمىز – پەرزەنت . بىزنىڭ خىزمىتىمىز- ھەم پەرزەنت تەربىيلەش . بىزنىڭ بارلىقىمىز – ھەم شۇ پەرزەنت ...
ئۇنداقتا ، بىز شۇ سەبىي ، بىغۇبار ، تۇغما ئەقىللىق پەرزەنتلېرىمىزنى قانداق تەربىيلەيمىز ؟ قايسى ئۇسۇلدا تەربىيلەيمىز ؟ ئۇلارغا قانداق كۆيۈنىمىز ؟ ۋە ئۇلارنى قانداق سۆيۈمىز ؟
ياكى ، قانچە ئون يىللار مابەينىدە داۋاملىشىپ كېلۋاتقان ئىپدائىي تۈسنى ئالغان تەدبىرسىز ، ئۈنۈمسىز تەربىيلەش ئۇسۇللېرى بىلەنمۇ ؟
ۋە ياكى ، پۈتۈنلەي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان ، قىلچىلىك ئىلمىيلىكى بولمىغان تۈرلۈك شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى ئارقىلىقمۇ ؟
ۋە ياكى ، " ۋاي يېتىم ئوغلاق ، دۆت ، كالۋا ، ساراڭ ، ئېشەك ، ھايۋاننىڭ بالىسى ... " قاتارلىق ، زېيىنى ھەرقانداق بىر تەن – جازاسىدىن مىليون ھەسسە ئېغىر بولغان ، مەڭگۈدىن – مەڭگۈگە ساقايماس " مەڭگۈلۈك يۈرەك جاراھىتىنى " قالدۇرۇپ قويالايدىغان تىل – ھاقارەتلەر بىلەنمۇ ؟؟؟ زادى قانداق تەربىيلەيمىز ؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە دۆت ، ئەسكى بالا بولمايدۇ ...
ئەگەر بار دېگەندىمۇ ، ئاتا – ئانىسىنىڭ توغرا تەربىيلەش ئۇسۇلىنىڭ بولمىغانلىقىدىن ، مەسئۇليەتسىزلىكىدىن ، ئائىلە مۇھىتىدىن ، بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىمىز ، ئۇلارنى چۈشەنمىگەنلىكىمىز ۋە ئۇلارغا ھەققىي يۇسۇندا كۆيۈنۈپ كېتەلمىگەنلىكىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان – دەپ قارايمەن . شۇڭا بىزنىڭ ھەرقانداق بالىمىزدا قىلچىلىك سەۋەنلىك ۋە گۇناھ يوق . ئۇلارنىڭ ئوقۇيمىز دېگىنى گۇناھ ئەمەس . شۇ سەۋەبتىن بىز ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر قانداق بىر بالىغا ھەرقانداق بىر ئۇسۇل ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ بىغۇبار قەلبىگە قىلدەك ئازار بېرىش ھوقوقىمىز ھەم يوق ...
شۇڭا بىز ، ھەرقانداق بىر پەرزەنتىمىز مەيلى ئۇ قانداق بىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزىشىدىن قەتئىنەزەر ، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ سالماقلىقى ، مۇلايىملىقى ، ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئىلمىي ئۇسۇلى ، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي – ھەركىتى ، قىزغىن سۆيگۈسى ، مېھرى – مۇھەببىتى ئارقىلىق تەربىيلىشىمىز كېرەك – دەپ قارايمەن . بىز ئۆزىمىزنىڭ مېرى – مۇھەببىتى ئارقىلىق ، ئۇلارغىمۇ مېرى – مۇھەببەتنى ئۆگۈتۈپ قويۇشىمىز كېرەك . ئۇلارنىڭ قەلبلېرى ئۆسسۈن ، يايرىسۇن ، خۇشال بولسۇنكى ، ھەرگىزمۇ ئازار يەپ قالمىسۇن...!!!
6.ئائىلە سۆھبىتى
ھەمەيلەنگە مەلۇمكى ، پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش ئائىلە ، جەمىئيەت ،مەكتەپ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئائىلە سۆھبىتى بولسا دەل ئائىلە بىلەن مەكتەپنى ، ئائىلە بىلەن سىنىپ مۇدىرى ئوتتۇرسىدىكى چۈشۈنىشنى ، ھەمكارلىقنى ، قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى ئىلگىرى سۈردىغان ئەڭ ئاساسي مۇھىم كۆۋرۈك . بۇ كۆۋرۈك بولمايدىكەن ، بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلېرىمىزدە نەتىجە چىقىشى مۈمكىن ئەمەس .
ئۇنداقتا ، بىز بۇ كۆۋرۈكنى قانداق سالمىز ؟ ئىشخانىدا ئايلاپ ، يىللاپ غەيۋەت – شىكايەت ، قاتار چاي ، ئىجتمائىي مۇناسىۋەت ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەنمۇ ؟
بىز بۇ كۆۋرۈكنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ، چوقۇم ئىشخانىدىن ئايرىلىپ ، پۈتكۈل ئائىلىگە بىرمۇ – بىر بېرىپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، شۇ ئوقۇغۇچىنى ۋە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بەش قولدەك چۈشۈنىشىمىز ، بۇ جەرياندا بىز ئاتا – ئانىلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشىمىز ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك . بىز مانا مۇشۇنداق قىلالىغان ۋاقتىمىزدا ، بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلېرىمىزدە بۆسۈش خارەكتىرلىك قولايلىقلار ۋە نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ – دەپ قارايمەن .
7.سىنىپ يىغىنىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش
ھەپتىدە بىر سائەتلىك سىنىپ يىغىنىدىن ئۈنۈملۈك پايدىنلىش ۋەپايدىنلانماسلىق ، شۇ سنىپ مۇدىرىنىڭ پۈتكۈل خىزمىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى . شۇڭا بىز يىللار مابەينىدە داۋاملىشىپ كېلۋاتقان سىنىپ يىغىنىنىڭ شەكلىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلاپ ، سىنىپتا ئاساسلىق ساقلىنۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاساسي تېما قىلىغان ئاساستا ، " ماقالە يېزىش شەكلى ، مۇنازىرە شەكلى ، كىچىك پائالىيەت شەكلى ، ئۇچۇر توپلاش شەكلى ... " قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللىك سىنىپ يىغىنلېرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ، پەرزەنتلېرىمىزنىڭ ئەخلاقىي ، ئەقلىي ، جىسمانىي ، گۈزەللىك ، ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتىراپلىق يېتىشكەن ، ۋەتەن – خەلىققە تۆھپە قوشالايدىغان ، 21 – ئەسىرنىڭ لاياقەتلىك بىر تۈركۈم ئەۋلادلېرىنى تەربىيلەش يولىدا مەڭگۈلۈك ئىزدىنىشىمىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سەممىي ئۈمۈت قىلمەن ... !!!
مەنبە : ئۆز قەلەم
[ بۇ يازما Eltekin تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]