شۇنداق بىر ۋاقىتلار بۇلىدۇ ، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە سىزگە شۇنداق يېقىنلىشىدۇ ،سىزنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ ، سىزگە يېڭىچە مەنىگە ئىگىدەك بىلىنىدۇ . بۇ دۇنيانى مۇنچىلىك سۈيىدىغانلىقىڭىزنى ، ئاسماننىڭ مۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ، قۇياشنىڭ مۇنچىلىك نۇرلۇق ئىكەنلىكىنى ، ھەتتا كۇچىدا كىتىۋاتقان ناتۇنۇش ئادەملەرنىڭمۇ مۇنچىلىك سەمىمى سىز ئىلگىرى ھازىرقىدەك ھىس قىلىپ باقمىغان بۇلىسىز . ئۈزىڭىزنىمۇ شۇنچىلىك يەڭگىل ۋە بەختىيار ھىس قىلىسىز . ئېيتقان ناخشىللىرىڭىز شۇنچىلىك مۇڭلۇق ، قەلىمىڭىزدىن تامغان تامچىلارمۇ شۇنچە لىرىكىلق چىقىدۇ . مانا بۇ دەل سىزدە مۇھەببەت پەيدا بولغان چاغ .