1. ياڭيۇ بىلەن تۇخۇمنى بىرلا ۋاقىتتا قورۇپ يىسە باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ.
2. ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا جىنسىي ئاجىزلىق ۋە دىۋەڭلىكنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئاچ قورساق يۈگۈرۈش مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
4. قايناۋاتقان ياكى ھېلىلا ئوچاقتىن ئالغان قايناق سۇدا چاي دەملىگەندە چاي تەركبىدىكى ۋىتامىن Cئاللىقاچان يوقىلىدۇ ۋە قان ئازايتىدىغان تاننىن ماددىسى كۆپىيىپ كىتىدۇ ۋە قان ئازلقىنى پەيدا قىلىدۇ.
5. ئالىيومىن قازان ۋە چەينەكلەردە چاي قاينىتىپ، تاماق ئىتىپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەندىكى ئالىيومىن مىقدارى كۆپىيىپ كىتىدۇ ۋە رەئىس ئەزالارنى زەھەرلەيدۇ.
6. سىرلانغان چوكىدا تاماق يىگەندە سىر تەركىبىدىكى نىترات تۇز تەركىبلىرى بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن ئاممۇنىي نېتىل خلورىت تەركىبلىرى بىلەن بىرلىشىپ راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
7. كىچىدە كۆپ تاماق يىتىش قان تەركىبىدىكى ماي ماددىسىنى ئۆرلىتىدۇ.
8. كىچىدە تاماق يەپ بولۇپلا ياتقانلىقتىن ھەرىكەت بولمايدۇ شۇ ئارقىلىق ئاشقازان ۋە يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.
9. ماش گۈرۈچتە پولۇ ئىتىپ يىگەندە قان كۆپەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
10. شىكەر مانتىسىنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا مېڭىنى قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ،
11. ئاش مانتا ئىستىمال قىلغاندا يۇقىرى قان بېسىم كىشىلەرنىڭ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋىتىدۇ.
12. كۈنجۈتلۈك ناننى كۆپ ئىستىمال قىغاندا مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەنىئي كۆپەيتىدۇ، چاچنى قارايتىدۇ.
13. شورپىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش قاندىكى ماينى ئۆرلىتىۋىتىدۇ.
14. يۈرەك كېسىلى بار بىمارلار قورساقنى بەك تويغۇزماسلىق كېرەك بولمىسا يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.
15. يۈرەك كېسىلى بار بىمارلار قەۋزىيەت بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك بولمىسا يۈرەكنىڭ بىسىمى ئېشىپ كىتىدۇ.
16. بىيە ئۇرىقى بىلەن قايناقسۇنى مۇئاپىق مىقداردا بىرگە ئىچكەندە سۈيدۈك ھەيدەيدۇ.
قاندىكى ماي يۇقىرى كىشىلەر چىلاننى كۆپرەك ئىستىمال قىلسا قاندىكى ماينىڭ ئىرىشىگە پايدىلىق.
17. ئات گۆشىنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا قىززىتىدۇ، كۈچلۈك قىلىدۇ ئەمما قان بېسىمى ۋە قاندىكى ماينى يۇقىرلىتىۋىتىدۇ.
18. توشقان گۆشىنى ئىستىمال قىغاندا قان كۆپەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
19. ئارچا مىۋىسىنى ئىستىمال قىلىش پالەچ ۋە زىققا كىسىلى بار كىشىلەرگە پايدىلىق.
20. بادام مېغىزى مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، ئۇيقىنى ياخشىلايدۇ.
21. تاتلىق ئانار قان ئازلىقتىن بولغان يۈرەك كىسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
22. ياڭاقنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ ئەمما ئۇيقىنى قاچۇرىدۇ.
23. ياڭاقنى كۆپ ئىستىمال قىلىش يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ ئېلىپ كىلىدۇ.
24. ياڭاق ئۆزىنىڭ زىيادە ئىسسىقلىق تەسىرى بىلەن قاننى جانلاندۇرىدۇ يۈرەك كىسىلى بار بىمارلارنىڭ يۈرەك ھەركىتىنى تىزلەشتۈرۈپ ئاغرىق پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
25. خورما پالەچ ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
26. كىشمىش ئۈزۈم يۈرەكنى ۋە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
27. مور بىلەن چىلاندا شورپا سېلىپ ئىستىمال قىلغاندا قاندىكى ماي ماددىسىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
28. كاللەك بەسەينى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكەندە قاندىكى ماينى ئىرىتىدۇ، قەۋزىيەتلىكنى يوقىتىدۇ.
29. لىموننى ئستىمال قىلىش ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.
30. جۈزىدە شەربەت قاينىتىپ ئىستىمال قىلسا يۈرەككە خۇشلۇق يەتكۈزىدۇ ۋە مەنپەئەت قىلىدۇ.
31.ئالما شەربىتى ئىستىمال قىلىش يۈرەك ۋە مېڭىگە پايدىلىق بولۇپ ساپ ئوكسىگىن ۋە قان بىلەن تەمىنلەيدۇ.
32. تاتلىق ئانار شەربىتى قان كۆپەيتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ يۈرەك سانجىقىغا پايدىلىق.
33.ئاچچىق ئانار شەربىتى قان توختىتىدۇ، قان بىسىمىنى چۈشۈرىدۇ.
34. قارا شىكەرنى دەملەپ ئىچكەندە قان كۆپەيتىدۇ، مېڭىنى كۈچەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
35. خۇشپۇراق گۈللەرنى پۇرىغاندا روھنى ئۇرغىتىدۇ يۈرەك ۋە رەئىس ئەزالارنى ياشارتىدۇ.
36. كاپۇرنى پۇرىغاندا ئسسىقتىن بولغان يۈرەك كېسەللىكىگە پايدىلىق بىراق جىنسى ئىقتىدارنى تۆۋەنلىتىدۇ.
37. زىيادە مايلىق ۋە سىڭمەيدىغان تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش قاندىكى ماينى ئۆرلىتىۋېتىدۇ ۋە يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.
38. زىيادە سىمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك بۇ كىيىنچە يۈرەك زەئىپلىكى ۋە ھەرخىل يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
39. يۈرەك قان تومۇر كىسەل بىمارلىرى بۇسلىغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلىنىش كېرەك.
40. يۈرەك كىسلى بار بىمارلار تاماقنى تۇزلۇق يىيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
41. قېنىق چاي، قەھۋە، ھاراق نىرۋا كىسەللىكلىرى، ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان، يۈرەك كىسىلى بار بىمالار ئىستىمال قىلىشتىن چەكلىنىدۇ.
42. يۈرەك كىسىلى بار بىمارلار تاماق مىقدارىنى ئازايتىشى ئەمما داۋاملىق ئوزۇقلىنىشى لازىم.
يۇقىرى قىزىتمىلىق كىسەللىكلەرنى سۈت ئىچىشتىن چەكلەش كېرەك.
43. تۇتقاقلىق كىسىلى بار بىمارلار يەللىك، تەستە سىڭىدىغان يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلنىشى، شورپا سۇيۇقئىېشى ئىچكۈزىلىشى كېرەك، يىڭى بىلىق بىر قەدەر ماس كىلىدۇ.
قاندىكى ماي يۇقىرى كىشلەر غىزالىنشتا قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش يەنى ھايۋاناتلارنىڭ مېيى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى، تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش، كۆكتات، مېۋە-چىۋە ۋە بىلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قلىش لازىم.
44.تاماق ئەتكەندە ئۆسۈملۈك مېيى ئىلىش، مايدا پىشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش لازىم. مېغىزلىق يىمەكلىكلەردىن خاسىڭدىن باشقا يەنە ياڭاق، گازىر، مېۋىلەرنىڭ مېغىزلىرىنى مۇئاپىق ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
45.بەدەن چىنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش، يەنە ھەر ھەپتىدە ئاز دىگەندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت قىلىش لازىم.
تاماكا چەكمەسلىك، ھاراقنى تىزگىنلەش، شۇنداقلا قاندىكى مايغا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
46.قاندىكى ماي يۇقىرى كىشىلەر بولۇپمۇ 40 ياشتىن ھالقىغان ئەرلەر ۋە ھەيىز كىسىلگەندىن كىيىنكى ئاياللار ياكى يۇقىرى قان بىسىم، دىئابىت، تاجىسمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلگۈچىلەر قاندىكى ماينى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ، مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا داۋالىنىشى كېرەك.
47.ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار ياكى ئەقلى ئەمگەك قىلغۇچىلار ياخشى بولغان تۈرلۈك ئادەتنى يىتىلدۇرۇپ، ئەمگەك بىلەن دەم ئىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بەدەن چىنىقتۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، يول يۈرۈش، يۈگۈرەش، سۇ ئۈزۈش، ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئويناش كېرەك.
48.يۇقىرى قان بىسىم كېسەللىكى بىمارلىرى مۇئاپىق غىزالىنشىقا دىققەت قىلىش، يەنى تۇزى كەم، مايسىز، تۆۋەن كالورىيىلىك يىمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلىش ھەمدە يېمەك-ئېچمەك قورۇلمىسىنى مۇئاپىق تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك، بەك تويۇنۇپ كەتمەسلىك، تاماقىنى بەك تىز يېمەسلىك كېرەك.
49.ئادەتتە يۇقىرى قان بىسىم بىمارلىرى باشنى ئۇۋلاش، چاچنى قۇرۇق تاراش، پىشانىنى سىيلاش، پۇت-قۇللارنى ئۇۋلاش، ئالقاننى ئوۋلاش، نەپەسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بەلنى ئوۋلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىشلەتكەندە قان بىسىم ئۆلەپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
50.يۇقىرى قان بىسىم بىمارلىرى ھاياجانلىنش، غەم ئەندىشە، ئازاپلىنىش، بىئاراملىق، ھىرىپ-چارچاش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.
http://www.qaramay.com/html/saghlamliq/2011/0212/501.html داۋامى بار.