مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 412 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئەل سۆيگەن شائىر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ ئەڭ يېڭى شېئىرى
abural
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 40217
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 93 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 252(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-09
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-23 11:51 PM

0 ئەل سۆيگەن شائىر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ ئەڭ يېڭى شېئىرى

مومامغا
 
دۇنيا سىزدەك يارالغان بولسا،  
جۇت بولمايتتى —
جۇدۇن بولمايتتى.  
ئايلىناتتى ئالەم باھارغا،  
بىزگە جاپا — ئۇدۇم بولمايتتى.
 
سېخىي ھاتەم بولاتتى ئاسمان،  
سۇسىزلىقتىن گىياھ سۇلمايتتى.  
ئالقىنىدا ئالتۇن بولسىمۇ،  
ئۆزگىلەرنى ئاۋۋال ئويلايتتى.
 
بولالىساق بارچىمىز سىزدەك،  
قەلبىمىزگە شەيتان قونمايتتى.  
ئاپتاپ چۈشۈپ، تاغلار يايرىسا،  
بوران كېلىپ گۈلنى يۇلمايتتى.
 
سىزدەك بولسا زىمىنمۇ، موما،  
يەر تەكتىمۇ جەننەت بولاتتى.  
بۇ دۇنيانى مۇشەققەت ئەمەس،  
سائادەتنىڭ شاھى سورايتتى!
 
 
2011يىلى 14-ئاپرېل.
 
مەنبە : جوڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى.تارىم شېئىرىيەت تورى
 
[ بۇ يازما abural تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ARKU
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2011-05-23, 16:04

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

-سىز كۆرۋاتقان تىما ئەل سۆيگەن شائىر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ ئەڭ يېڭى شېئىرى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دۇنيا ناھايتى ئاددى، مۇرەككەپ بۇلغنى ئادەم...
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
zulayha
دەرىجە: پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 7254
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 3914
ئۇنۋان:جان كۆيەر ھازىرغىچە3914دانە
ياخشى باھا: 734 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 171 سوم
تۆھپىسى: 1002 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 3967(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-26  

1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 00:11

مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئېسىل تەپەككۈرلىرىگە تېخىمۇ بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە يۇقۇرىقى شېرىغا قۇت تىلەيمەن .
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
abural
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 40217
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 93 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 252(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-09
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 00:34

    بۇ يىڭى شېئرى يۇللانماي قاپتۇ.
 
سىلەر ئۈچۈن شائىر بولغانمەن
بۇ دۇنياغا تەڭرىم چاچقان ئاددى بىر دان مەن،  
ئەتىمالىم، ئەلمىساقتىن، شۇڭا دېھقان مەن.  
قەلەملىرىم ئۆمرۈم بويى ئانىلارغا قۇل،  
دېمەك، ئاۋۋال سىلەر ئۈچۈن شائىر بولغانمەن.
خىياللىرىم كېزىپ يۈرەر مەھەللەڭلارنى،  
بىلمەيسىلەر: ئۆيۈڭلاردا كۈندە مېھمانمەن.  
يوشۇرمايمەن يۈرىكىمنى، بىلگۈڭلار كەلسە،  
شوئارىم شۇ: تەشناغا سۇ، ئاچلارغا نانمەن.
پەزىلەتتە ئانىلارنى كامالەت، دەيمەن.  
لېكىن، ئۆزۈم دىيانەتتە جىمىدىن خاممەن.  
ئارمانىم بار، دەرمانىم يوق، شۇڭا سىلەرنى  
تەسۋىرلەشتە، كەچۈرۈڭلار، تالايدىن كاممەن.
تونۇرلاردا پىشقۇم كېلۇر سىلەر نان ياققان،  
قايدا بولسام، سىلەر بىلەن بىر تەن، بىر جانمەن.  
كۆيۈپ كەتسە شۇ تونۇردا بىر تال چېچىڭلار،  
مەنمۇ شۇئان چىدالماستىن كۆيۈپ يانغانمەن.
چىن پۈتمەيمەن: نۇر بار، دېسە يازغانلىرىمدا،  
لېكىن ئۆزۈم سىلەر ئۈچۈن يېقىلغان شاممەن.  
سىلەر سوزغان لەغمەنلەرگە تەسۋىر تاپالماي،  
ياشلىقىمدا قانچە قېتىم داغدا قالغانمەن.
سىرلىرى شۇ ئەل ماختىغان شائىرلىقىمنىڭ،  
مەن ئىلھامنى سىلەر ياققان ناندىن ئالغانمەن.  
«ئۇۋىسى» دىن ئۇچقان قىزلار ئانا بولماقچى،  
شۇڭا، قىزىم شەرىپىگە بەزمە قۇرغانمەن.
تاللا دېسە بۇ دۇنيالىق تۆھپىكارلارنى،  
ئەڭ ئاۋۋىلى ئانىلارغا چاۋاك ئۇرغانمەن.  
ئانىلار سىز ئامىتىم يوق، قامىتىممۇ يوق،  
سىلەر بىلەن خەمەك تاشلاپ، پېلەك يايغانمەن.
قىلىپ قويۇپ ئەزىز ئانام «قىلما!» دېگەننى،  
يوشۇرمايمەن: كۈندە تېنەپ، كۈندە قايغانمەن.  
چاڭقىغاندا ئانام تۇتقان چۆمۈچنى كۆرسەم،  
قانچە قېتىم سۇ ئىچمەيمۇ سۇغا قانغانمەن.
 
قەيسەرلىكنىڭ سىلەر بەرگەن قىلىچى بىلەن،  
تالاي جاپا-مۇشەققەتنى يولغا سالغانمەن.  
قانداق روناق تاپتىڭ؟ دېگەن سوئال نە ھاجەت،  
چۈنكى، سىلەر ماڭغىن، دېگەن يولدا ماڭغانمەن.
ئانىلارنىڭ دۈشمىنى يوق شەيتاندىن ئۆزگە،  
زۆرۈر بولسا، بېغىڭلارغا قاشامەن، تاممەن.  
تەبرىكلەيمەن ئەلدىن ئاۋۋال بايرىمىڭلارنى،  
چۈنكى، ئەسلى سىلەر ئۈچۈن شائىر بولغانمەن
[ بۇ يازما abural تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
دۇنيا ناھايتى ئاددى، مۇرەككەپ بۇلغنى ئادەم...
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
زۈھەل
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 34013
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1036 سوم
تۆھپىسى: 100 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 68(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-03-16
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-24  

3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 00:42

شائىر مۇھەممەدجان راشىدىن بەك چىرايلىق بەك تېتىملىق  خەلىق تىلى بىلەن شئېر يازدىغان ئەل سۆيگەن شائىرىمىز دە . ئومرى ئۇزۇن بولغاي، قەلىمى تېخىمۇ بەركەتلىك بولغاي ئىلاھىم.
ئاق قارا ئارلاشقان دۇنيا،قىزىل كىيىم كەيگەن ئادەملە
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
tewelgha
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 18902
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 366
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە366دانە
ياخشى باھا: 160 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 6007 سوم
تۆھپىسى: 210 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 2973(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-24
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 00:43

مەن مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ  يازغان شېئىر ساتىرالىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن .بولۇپمۇ ئۆزى مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ناخشا قىلىپ ئىيتقان شېئىرلىرى  ئادەمنىڭ يۈرىگىگە تېگىدۇ . شېئىردىكى پىكىرلەر بەك ئىنىق.ئەپسۇس بۇ شېئرىنى ئۇقۇمىغان ئىكەنمەن .مۇمكىن بولسا قايسى يىلى 14-ئاپرېل يازغان شېئىىر ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز.    
 
[ بۇ يازما مىرئادىل تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
uxuk
سەن نەدە نىگار ,,,
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 41115
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 272 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 178(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-18
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-26  

5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 00:50

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  tewelgha كە 2011-05-24 12:43 AMئەۋەتىلدى  :  
مەن مۇھەممەتقان راشىدىن ئاكىنىڭ يازغان شېئىر ساتىرالىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن .بولۇپمۇ ئۆزى مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ناخشا قىلىپ ئىيتقان شېئىرلىرى  ئادەمنىڭ يۈرىگىگە تېگىدۇ.شېئىردىكى پىكىرلەر بەك ئىنىق.ئەپسۇس بۇ شېئرىنى ئۇقۇمىغان ئىكەنمەن .مۈمكىن بولسا قايسى يىلى 14-ئاپرېل يازغان شېئىىر ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز.    
 
قاچانلاردىن تارتىپ مۇھەممەتچان راشىدىن ئاكىمىزنى ناخشچى قىلۋەتتىڭىز .  
مۇھەممەتچان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ شېئىرىلىرىنى تاشمۇھەممەت باتۇر ناخشا قىلىپ ئىيىتىۋاتىدۇ ، شۇڭا تاشمۇھەممەت باتۇر ئىيتىقان ناخشلار ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىگە تىگىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇنى مۇھەممەتچان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ تۆھپسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .  
ئۆمىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن .  
 
[ بۇ يازما مىرئادىل تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
سىنىڭ  تۇيۇقسىز كىتىپ قىلشىڭنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىمەن ... گەرچە ئۆزگىلەر بىلەن بىللە يۈرسەممۇ  يەنىلا مەڭگۈ خىيالىمىدا سەن نىگار ..........
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
abural
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 40217
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 93 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 252(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-09
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 00:53

/read.php?tid=50963#670153  
ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت.           مۇھەممەتقان ئەمەس مۇھەممەتجان  تۈزۈتۈپ قۇيۇڭ.
دۇنيا ناھايتى ئاددى، مۇرەككەپ بۇلغنى ئادەم...
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
dil@wur
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس .
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 3983
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 2
ئومومىي يازما: 517
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە517دانە
ياخشى باھا: 321 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 9075 سوم
تۆھپىسى: 299 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 3248(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-14
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-26  

7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 01:18

ئەل سۆيگەن ۋە ئەلنى سۆيگەن شائىرىمىز ئامان بولسۇن
شېرىن خىيالنىڭ ھەۋەسكارى بولغۇچە ، كۈرەشچان يىللارنىڭ ئىجادكارى بول .
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
kahrizat
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 36554
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 294
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە294دانە
ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 796(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-04-05
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-26  

8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 01:33

دۇنيادىكى ئەڭ قەدىرلىك ئىنسان ئانا
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
qaxmazulal
كۈلۈپ ياشاڭ......
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 2134
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 504
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە504دانە
ياخشى باھا: 202 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 9624 سوم
تۆھپىسى: 292 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 660(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-02
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-26  

9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 01:38

تەرىپلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ بۇ شائىرىمىزنى ....قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن.
بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
marjanbulak
زىمىن ، قارا ئادەملىرىڭگە!
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 1575
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ياخشى باھا: 188 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5806 سوم
تۆھپىسى: 259 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 49(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-30
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 10:03

روزى سايىت بىلەن مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرگەن شائىرلىرىمىزدۇر....بۇلارنى ئەلشىر نەۋائىيدەك  تىل ئىشلىتىشنىڭ پىرى دىمىسەكمۇ ھازىرقى دەۋر شىئىرىيىتىنىڭ  تىل ئۇستىلىرى دېيىش كېرەك...
جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
PARWAZ114
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 39732
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 8 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 51(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-05
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 10:04

مەنمۇ بۇ شائىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. مۇمكىن بولسا، بۇ شائىرىرىمىز يازغان باشقا شېئىرلارنى مۇنبەرگە كۆپرەك يوللاپ قويساڭلار، ھەممىمىز ئورتاق بەھىرلەنسەك! رەھمەت!