قولۇمدا قەلەم، ئالدىمدا كۇنۇپكا تاختسى، راستنلا بىر نەرسە يازماقچى ئوخشايمەن. قولۇم تىترەۋاتىدۇ. ياق يۈرۈكۈم ئەلەم ئامبۇردا قىسلغان بىر پارچە گۆش تىترەۋاتىدۇ. نېمە يازارمەن ؟ كىمگە يازارمەن ؟ نەدىن باشلايمەن؟ كېچە ھەممە يەر تىنچ، مەن خىيال ئىلكدە. مەن ھايات سەپىرىمدە بىردىن_ بىر بەخت يۇلى ئاچقۇچى بولىدۇ دەپ. مەن ساڭا چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن ئېتقات باغلغان ئىدىم. بۇ ئىشەنچ ئارزۇيمغا يېتشمنى كۈچ_قۇدرەت بىلەن تەمىن ئەتتى. مەن سەندىن ئۆزۈمنى توسقان بولساممۇ مۇھەببەت ھامان غالپ كەلدى.
قەدىرلك ( )بۈگۈن مەن ساڭا سېغىنش ھېسياتى ئىچىدە، ئىچمدىكى دەرتتلىرىمنى يېزىش قارارغا كەلدىم. مەن قۇيۇن ئىچدى قالغان ئادەمدەك كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇۋېلپ ئاچقان چېغمدا كۆزۈم گويا بىر يۇرۇقلۇقنى كۆرگەندەك بولدى. بۇ يۇرۇقلۇق نىمە دەپ قالماڭ، بىز ئىككى ئاي ئالدىدا چۈشكەن بىر پارچە خاتىرە سۈرەت. شۇنى كۆرۈپ ئولتۇرغاندا، دۇنيا ماڭا ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈندى. بۇ دۇنيا مىنىڭ تەسەۋۋۇرمدىنمۇ گۈزەل كۆرۈندى. ئۇنڭ سۈتتەك ئايدىڭ ئاپپاق كېچسى كىچدە ئالاھدە ھۆسۈن قۇشاتتى، نۇرلۇق يۇلتۇزلىرى تېخمۇ گۈزەل ئېھ! گۈزەل بۇ گۈزەللىكنى قانداق تەسۋىرلەش مۇمكىن ؟
دۇنيا گۈزەل ئادەمدىكى خىيال ئىستەكلەر تېخمۇ گۈزەل ئىدى،بۇلۇپمۇ ياشلق ئۇرغۇغان گۈزەللك تېخمۇ گۈزەل ئىدى، سەن ئىككىمز بۇ گۈزەللىكتن ئۆزىمىزنى ئاسماندىكى پەرشتە دەپ قارايتۇق، بىز ئۇ چاغدا تەقدىر ۋە قىسمەتكە ئىشەنمەيتۇق، ئەلۋەتتە مۇھەببەت بۇلارنڭ ھەممسدىن ئۈستۈن تۇراتتى، مۇھەببەت ۋە تەقدىر قىسمەتلەرنى يېڭشقا قابىل ئىدى. سەن دائىم دىگەندەك خۇددى ئۆزەڭگە مۇھەببەت كېرەك ئەمەستەك ساڭا تەلەپ قويغانلارنى رەت قىلاتتڭ، ئۈزەڭنى ئۇلاردىن چەتتكە ئالاتتڭ. چۈنكى قەلبڭىدە مەن بولغانلقىم ئۈچۈن بولسا كېرەك.
سىنڭ شۇنچە ئىللىق چىرايڭغا ياراشقان يەنە بىر نەرسە دائىم ئۇچۇق _يۇرۇق يۈرۈشڭ بىلەن كۈلۈپلا يۈرۈشڭ ئىدى. مانا بۇ قارماققا ساددىلقتەك ۋە ئاجىزلقتەك قىلپ تۇرسمۇ ئەمليەتتە سىنى مۇھەببەتنڭ ۋاقتتلق ئىسكەنجىدىن ئازاد قىلغان تەڭداشىز كۈچ ئىكەنلكنى مەن كىينچە چۈشەنگەن ئىدىم. خېتمنڭ بېشدا تەقدىر ۋە قىسمەتتكە ئىشەنمەسلىكمىزنى ئىزاھلاپ ئۆتتۈم، لىكىن ئەمەليەت مېنى تەقدىرگە ئىشەندۈرشگە مەجبۇر قىلۋاتىدۇ. يىللار بىزدىكى گۈزەل ئىستەكلەرنى گۈزەللكنى بىرگە ئېلپ كەتتى. ئاھ!....... بۇ نەقەدەر ھەسرەتتك ئېچنشلق ئىش _ھە............................!
مەنبە_- تېشى يوق خاتىرەم
[ بۇ يازما alafasy تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]