قەدىرلەيلى دېھقاننى
(غەزەل)
گۈللەتكىنى دېھقاندۇر ئەسلىدە بۇ جاھاننى،
دېھقان بىلەن بوستاندۇر بۇ دۇنيانىڭ تاشلىقى.
دېھقان دىگەن ئۇلۇغ زات قەدىرلەيلى دېھقاننى،
دېھقان دىگەن دۇنيانىڭ پادىشاھى باشلىقى .
تومۇز - سوغۇق دىمەيدۇ ،كۆنۈپ كەتكەن ھەممىگە،
ئۆتتى ئۆمرى ئىتىزدا ،قالدى ئۇنىڭ ياشلىقى.
قاداق باسقان قولىنى دىگىن قولى خىزىرنىڭ ،
رەھمەت بىلەن بەرىكەت بولدى ھوسۇل ئاشلىقى.
دىھقان بىلەن ئايلاندى سىرىق توپا ئالتۇنغا،
دىھقان شۇنداق ئىشلەشنى دەيدۇ كۆڭۈل شادلىقى.
ئىشلىسىمۇ توختىماي ھاردىم، تالدىم دىمەيدۇ،
ۋايسىغانلىق جاپادىن دىھقانغا دىل داتلىقى.
سەكسەن ياشقا كىرىپمۇ تاشلىمايدۇ كەتمەننى،
كەتمەن دىمەك دىھقانغا سۆيگەن قەلەم قاشلىقى.
دىھقان بىزنىڭ ئاتىمىز،ئەجدادىمىز ،بوۋىمىز،
دىمەك باردۇر دىھقاننىڭ بىز بىلەن قانداشلىقى.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
[ بۇ يازما alafasy تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]