قەلىمىم يىغلايدۇ
ئۆمەرجان مامۇت
كۆرۆپ شۇ رەھىمسىز ئىشلارنى،
يىغلايدۇ قەلىمىم ئۆكسۆنۈپ .
تىلەيدۇ ئاۋامنىڭ بەختىنى،
بىر قادىر تەڭرىگە يۈكۈنۈپ.
زەن سىلىپ ھامانە ئۆتمۆشگە،
بىھۇدە ۋاقىتقا ئىچىنىپ.
قەغەزگە تۆكتۆمكى دەردىمنى،
يۈرەكنىڭ يىشىنى سىرغىتىپ.
قاچانمۇ تۈگەيدۇ رەزىللىك،
كۈلسىكەن ۋىلىقلاپ مۇھەببەت.
ئارمانىم تۈگەيدۇ بىر كۈنى،
گۈل بولۇپ ئىچىلسا تەبىئەت.
ۋىجدان دىمە ۋىجدانسىزلار ئالدىدا
ۋىجدان دىمە ۋىجدانسىزلار ئالدىدا،
ۋىجدان نىمە ۋىجدانسىزلار بىلمەيدۇ.
ئىنساپ كەتتى جان بىقىشنىڭ كويىدا،
ۋىجدان ئۆلدى،ۋىجدان ئەسلا تىلمەيدۇ.
بىلسەڭ ئەگەر ۋىجدان دىمەك جان دىمەك،
بىلسەڭ ئەگەر ۋىجدانسىز جان نە كىرەك.
ئادىمىيلىك يىيىلمەكتە يەم كەبى،
غۇرۇرسىزلار يىيىشمەكتە كالىدەك.
ۋىجدان دىمە ۋىجدانسىزلار ئالدىدا،
ۋىجدان ئۇندا بويون قىسىپ قالمىسۇن.
ناخشا ئىيقىن جىمجىت سۈرلۈك تاغلاردا،
ساداسىنى كۈللى جاھان ئاڭلىسۇن.
ئاتا نەسىيھىتى
ئوغلۇم دەيدۇ مىھرىبان دادام،
يىنىمغا كەل تەنتەك شوخ بالام.
ئاڭلا ساڭا قىلاي نەسىھەت،
ئۇنۇتما بۇنى مەڭگۈ ئەبەت.
بىر چاغلاردا بار ئىدىم سەندەك،
جان داداممۇ كۆرەتتى قەندەك.
مانا ئەمدى ماجالىم كەتتى،
(بەلكىم بىر پۇتۇم گۆرگە يەتتى).
كۆردۆڭ مانا يۈزلىرىم قورۇق،
كۆزلىرىمدىمۇ يوق نور يورۇق.
دۇنيا دىگەن بىر ئۆتەڭ ئەسلى،
ھەممىنىڭ كىتەر باھار پەسلى.
سەن تىخى ياش تىرىشىپ ئوقۇ،
(ھەسەتخورنىڭ تىلىنى چوقۇ).
بىلىم دىگەن تۈگىمەس بايلىق،
بىلىم دىگەن تۈگىمەس شاتلىق.
بىلىم بولسا كىمدە شۇ يامان،
ئىشلىرى ئوڭغا تارتار ھامان.
"بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يىڭەر ،
بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى يىڭەر".
تۈگىمەس ئوينىساڭ بۇ ئويۇن،
ئويۇن دىگەن بەئەينى قۇيۇن.
باشلايدۇ سىنى نە نەلەرگە،
تاشلايدۇ سىنى قاراڭغۇ ئۆيلەرگە.
ياشلىق دىگەن بىر ئالتۇن دەۋر،
ھازىر دىگەن ئالماشتى ئەسىر .
بىلىم كىمدە شۇ روناق تاپۇر،
ئالتۇنلارنى سۈپۈرۈپ ئالۇر.
دەيمەن شۇڭا ئاڭلىغىن بالام،
كۈلگىن تەڭ كۈلسە خەلىق ئاۋام.
ئۇنۇتمىغىن ئانا يىرىڭنى،
ئايىمىغىن ئەلدىن جىنىڭنى.
نۇمۇس بىزگە ئۇنتۇش ئەسلىنى،
ئۇيات بىزگە ئۇنتۇش نەسلىنى.
سۆيمىسە كىم باھار پەسلىنى،
كۆرمەيدۇ شۇ بەخىت ۋەسلىنى.
تۇزىنى يەپ بۇزما تۇزلۇقنى،
مەڭگۈلۈك دەپ بىلمە ئۇزلۇقنى.
دىدى دادام بىشىمنى سىلاپ،
ئۆمىد بىلەم كۆزۆمگە قاراپ.
ئۇنۇتما ھەرگىز كىمىلىكىڭنى،
يوقاتما ھەرگىز چىنلىقىڭنى.
ئەدەپ-ئەخلاق ئادەم زىننىتى،
بولسا كىمدە ئاشار قىممىتى.
تاشقى چىراي گۈزەللىك ئەمەس،
بىلىم بولسا قەدرىڭ ئۆتۆلمەس.
سەن ئۆمىدىم جان جىگەر بالام،
ئوچۇق بولسۇن يولۇڭ ھەر داۋام.
كەلمەكنىڭ كەتمىكى بار بىلسەڭ،
شات كۈلىسەن بۈگۈن ئىشلىسەڭ .
ئۇنۇتمىسا ئۆزىنى ھەر كىم،
نىمە تىلىسە بىرەر تەڭرىم.
ئۆلۆپ كىتەرمىز بىر كۈن ھامان،
بىز دۇنياغا بىردەملىك مىھمان.
بىز ئۆلسەكمۇ قالسۇن ياخشى نام،
(بولمىسا دۇنيا بىزگە ھارام).
ۋىجدانىڭغا چۈشمىسۇن دەز چاك،
غورۇر بىلەن ياشا مەڭگۈ پاك.
ئەل غىمى بىلگىن ئەرنىڭ غىمى،
ئەل بىلەن كۈلگەي ئەرنىڭ جىنى.
ئىيتاي ئوغلۇم ئاڭلا كۈيئوغلۇم،
ئۆمىدىمنى ئاقلا سەن چوقۇم.
تاماملىدى سۆزىنى دادام،
ئەستە تۇت،ئىش تامام ۋەسسالام.
تاڭدا كۈلگەن قۇياش
(2010-يىلى مەمىلكەت بويىچە تور ئەھلىنى تەسىرلەندۈرگەن ساخاۋەتچى ياش ئالىمجان خالىق ئاكىغا بىغىشلايمەن)
ئايلىنىپ يۈرۈپ ئىچكىرلەردە،
تەمتىرەشتە كىچە كۈندۈزدە.
ئىچىپتۇ بىر كاۋاپ دۇكىنى،
شۇنداق كۆپ خىرىدار شۇ كۈنى.
ئاۋاتلىشىپ كىتىپتۇ دۇكان،
سودىسىمۇ يۈرۈشۈپ راۋان.
ئۈزۈلمەپتۇ مىھمان ئايىغى،
ئىشلەپتۇ تىرىشىپ كۈن بويى.
ئۆتۆپتۇ كۈنلەر ،ئاي يىللار،
ئۇنتۇلۇپتۇ چەككەن جاپالار.
سىخى قوللىرىنى سوزۇپتۇ كەڭ،
قۇياش بولۇپ ھەم يىنىپتۇ تەڭ.
ئۇقۇشسىز قالغان بالىلارغا،
قاقاس كەتكەن دالىلارغا،
سۇباشلاپ ئىتىز- ئىرىقلارغا،
جان بىرىپ جانسىز بىلىقلارغا،
ئاۋات قىپتۇ ئىشلەپ چۈللەرنى،
تولدۇرۇپتۇ سۇغا كۆللەرنى.
كۆزلىمەي ھىچۋاخ ئۆز بەختىنى،
ئويلاپ دائىم ئەل بەختىنى.
قولدىن كەلسە ياردەم قىلىپتۇ،
پۇللىرىنى ئىنئام قىلىپتۇ.
ئايرىماستىن ئەزەلدىم مىللەت،
يۇختۇرماستىن ئۆزىگە ئىللەت.
ئىناق ئۆتۆپ بولۇپ قىرىنداش،
پىنھانلاردا بولۇپ ئىچ سىرداش.
ئۈزۈلمەپتۇ شەپقەت قوللىرى،
ئىچىلىپتۇ داغدام يوللىرى.
نامى تارقىلىپ شەمۇ-شەھەر،
كۈلۈپتۇ قۇياشمۇ تاڭ سەھەر.
كۆرۆپ كۈلكە ئەلنىڭ يۈزىدىن،
ياش قۇيۇلۇپتۇ ئالىم كۆزىدىن.
شاتلىق دەپ بىلگەن ئەل كۈلكىسى،
ئاتاپ دائىم ئوتلۇق سۆيگۈسى.
ياشاپ كەلدە ئەلنىڭ غىنىدە،
بىغىشلاپ بارىنى قەلبىدە.
ئىش ئىزلىرى بولغاندا ئايان،
كۈلدى خەلىق كۈلدى بۇ جاھان.
ساخاۋەتچى ئوغلان ئالىمجان،
يۈزىمىزنى يورۇتتى ھامان.
چۆمدى شاتلىققا پۈتكۈل ئاۋام،
ئوچۇق بولسۇن يولىڭىز داۋام.
بەرىكەت تاپسۇن سىخى قوللار،
گۈللەرگە تولسۇن باسقان يوللار.
جان ئاكا پەخرىمىز سىز بىزنىڭ،
كۈلسۇن ھايات بەختىڭىز سىزنىڭ.
قەلبىڭىز گويا ئاتەش گۈلخان،
ئۆچمەس دائىم يالقۇنجايدىغان.
تەپتىڭىزدە قۇياش ھارارىتى،
سىخىيلىقتا سىز ئەڭ كارامىتى.
بولغان بولسا بار ئادەم سىزدەك ،
ئىچىلاتتى بۇدۇنيا گۈلدەك.
ئۆتسە دەيمەن خەلقىم شات خۇشال،
تاپسىكەن دەيمەن قۇدرەت كامال.
سۆيگۈ پەسلى
كۈلسۇن قىنىپ كۈلۈپ باقمىغالارمۇ،
ئىچىلسۇن،يايرىسۇن غىرىبنىڭ دىلى.
يازۇ باھار زىمىستان قىشلاردىمۇ،
مۇڭلۇق بىر سايرىسۇن بۇلبۇلنىڭ تىلى.
سۆيۈلسۇن بۈگۈن سۆيۆلمىگنلەرمۇ،
ھىجرانلارغا كۈلۈپ باقسۇن بارچە زات.
قالمىسۇن گۈل قىسمىغان بىرمۇ ئىنسان،
خۇشپۇراققا تولسۇن پۈتكۈل كائىنات.
ئۈزۈپ بەغۇ بوستانلاردىن قىزىلگۈل،
ئاشىق مەشۇقلار تاپسۇن بەخىت ۋىسال.
ئىچىپ شەربەت سۆگۈدىن جىمى ئىنسان،
سۈرسۇن ھايات پەيزىنى،ئاسسۇن مىدال.
ئادىرىسىم:14-دىۋىزىيە گۇما دىھقانچىلق مەيدان دوختۇرخانىدا
13209030200
ئەسكەرتىش :بۇ ئەسەرلەر مىسرانىم تور بىتىگە مەنسۇپ،ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ .(ئاپتۇردىن)