تاۋباۋ تورىنىڭ مەۋھۇم بويۇم سودىسىغا قارىتا يولغا قويغان يىڭى پىلانى ھەرقايسى مەۋھۇم بويۇم سودىگەرلىرىگە:
تور بىېكىتىمىزنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا،يىقىندىن بېرى %70تىن كۆپرەك مال سېتىۋالغۇچىلار مال سېتىۋالغاندا ئاۋال ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان مەھسۇلات ۋە دۇكانلارنى تاللىغان،ھەمدە ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان سودىگەرلەرگە قارىتا پۇل قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشمۇ ئادەتتىكى سودىگەرلەرگە قارىغاندا خېلىلا ئاز بولغان.
ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش؛بازارنى ساپلاشتۇرۇش ۋە نورمال سودىگەرلەرگە ياخشى بىر بازار مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن،تاۋباۋ تورىمىز تۆۋەندىكى ئۈچ خىل تۈردىكى مال ساتقۇچىلارغا قارىتا"پۈتۈن تۈرلۈك كاپالەت مۇلازىمىتى"پىلانىنى يولغا قويماقچى.بۇ ئۈچ تۈر تۆۋەندىكىدەك:
1.تېڭشۈن QQمەخسۇس رايونى
2.تور ئويۇنلىرى مۇلازىمەت رايونى
3.كۆچمە،بىرلەشمە،تېلىگىراف ئابونتلىرىغا پۇل قاچىلاش رايونى تەپسىلى ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:
1. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پەقەت ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان(ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ،1000يۇەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان)سودىگەرلەرلا ئاندىن يۇقىرىقى ئۈچ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالالايدۇ.
2. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كىيىن،ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشمىغان بارلىق سودىگەرلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۆچۈرىلىدۇ. بۇ پىلان ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن كىيىن تور سودىگەرلىرى ئوتتۇرسىدا بەس-مۇنازىرە پەيدا بولدى.ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قاراشنى قوللىغان.لېكىن كۆپلىگەن ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشمىغان،لىكىن ھەقىقىي سودا قىلىپ كېلىۋاتقان سودىگەرلەر بۇ خىل قاراشقا قارشى تۇرغان.
ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ سودىسىنىڭ ياخشى بولىشى ھەم ئىستىمالچىلارنىڭ مۇشۇ تۈردىكى دۇكانلارنى تاللىشىنى ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ تاۋباۋ تورى يۇقارقى پىلاننى ئوتتۇرغا قويغان.
بەلكىم مۇشۇ پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كىيىن تاۋباۋ تورى نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەردىن ئايرىلىپ قىلىشى مۇمكىن،لېكىن تاۋباۋ تورىنىڭ ئىشەنچىسى ئىشىپ بېرىشى مۇمكىن.
مانا بۇ مۇشۇ پىلانغا قارىتا يەنە بىرخىل پىكىردە بولغان تېما.
http://bbs.taobao.com/catalog/thread/154503-252158963.htm تورداشلارنىڭ توردا مال سېتىۋالغاندا كۆپرەك ئېھتىيات قىلىشىنى،ئامال بار ئىشەنچ دەرىجىسى يۇقىرى،يۇقىرىقى كاپالەت سوممىسىنى تاپشۇرغان سودىگەرلەردىن مال سېتىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
تېما ئەسلى ئادرىسى:
http://bbs.taobao.com/catalog/thread/513886-252121274.htm