ئونتۇپ كەتتى دەمسەن دىلبىرىم
ئاپتۇر:ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
ئونتۇپ كەتتى دەمسەن دىلبىرىم؟
يېلىجىتىپ يۈرەكتە ئوتقاش.
ياپراقلىرىم تۆكۈلسە بىر-بىر،
رەشىكلەرگە ئاڭا نە چىداش.
ئۈمۈدلىرىڭ ئۈزۈلسە تاردەك،
سايە قىلما ماڭا باشقىنى.
پىشىڭ قېقىپ يۈرمىگىن قېيداپ،
تېپىۋال دەپ مەندىن ياخشىنى.
خۇشال ياشا! دېگىنىڭ نىمە؟
سېنڭسىز قانداقمۇ ئېچىلىپ يۈرەي؟
كەلگىنچۇ،بۇنچىلىك بولما باغرى تاش،
بىر ئۆمۈر سەن بىلەن بەختلىك ئۆتەي.
2010-يىلى 4-ماي(ئۈرۈمچى)
مەنبە:ئىجادي ئەسەر
ئاققۇ ئۈنى
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
تىكىلسەم ھەر نۆۋەت ئۇماق چېھرىڭگە،
يۇتىدۇ كۆزلىرىڭ يۈرەكنى پۈتۈن.
ئوت يېقىپ نىگاھىڭ ئاسىي قەلبىمگە،
سۆزلىتەر مەجبۇرەن مۇھەببەت ئۈچۈن.
قەغىش قىلىپ ئوزۇن تاڭلارغا،
سۈرمەكتىمەن لەزەتلىك خىيال.
سۇئال تاشلاپ چىغىر يوللارغا،
ئېيىتقان ناخشام كۈتمەكتە ۋىسال.
يىراقلارغا تەلپۈنگىنىچە،
ئىزگۈلۈك ئاھاڭدا سوقماقتا يۈرەك.
باشلاپ كەلسەڭ زۇمرەتلىرىڭنى،
ئاچار ئىدىم سۆيگۈلۈك پورەك.
ئەختەرلىرىڭ تۆكسە لېرىكا،
پۇچلىنىمەن تولغىشىپ تۇرۇپ.
باغلىنىمەن سۇمبۇللىرىڭغا،
نازلىق باقساڭ سويلىتىپ تۇرۇپ.
مىڭ سەۋدا چۈشكەنچە بۇ ئەزىز باشقا،
ئاڭلانماس ھېچ يەردە پەرىشتە كۈيى.
روھانە قەدەملەر ئۇزارغىنىچە،
ئۆچمەكتە كۆكتىكى ئاققۇنىڭ ئۈنى.
2010-يىل 20-ماي(ئۈرۈمچى)
مەنبە:ئىجادي ئەسەر
( ئۈچ شىېئىر )
ئايدىڭ ناخشىسى
[color=#FF0000]ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
قاتار ئۆسكەن تېرەكلىك يوللار،
قاراڭغۇغا بارماقتا سىڭىپ.
ئاي مارايدۇ ئۇپۇق ئارسىدىن ،
نازۇك قىزدەك ئۇياتجان بېقىپ.
ماڭماقتىمەن تېرەكلىك يولدا،
دەسسەپ ئاينىڭ غۇۋا نۇرىغا.
ئۇزۇن كېچە ئىزلەيمەن مۇڭداش،
تەشنا بۇلۇپ يارنىڭ يۇلىغا.
ئاخىرقى ئاخشام
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
ئۆتتۈم يەنە ئىشىك ئالدىڭدىن،
ناخشا توۋلاپ ئاخىرقى ئاخشام.
ماڭدىم دەسسەپ يۇم-يۇم يېشىمغا،
يار ئىشقىڭدا كۆڭلۈم بەدەخشان.
سۆيسەڭ نىگار مۇبادا مىنى،
كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالامسەن؟
يۈركۈمگە بېرىپ تەسەللى،
ئاخىرقى رەت كۈتۈۋالامسەن؟
يېشىل مۇھەببەت
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
ھېجران بىلەن ئايرىلغان چاغدا،
قالغان ئىدى دىللاردا ئىستەك.
قەلبىمدىكى سۆيگۈ بىخىدىن،
كۆكلەر ئىدى يېشىل مۇھەببەت.
كۆرۈپ نىگار بەستىڭنى بۈگۈن ،
يىغلىۋالدىم پىنھانە سەندىن.
ئۇنتۇپلا كەت كەچۈرگىن دىلدار،
ئاغرىنمىغىن تائابەد مەندىن.
مەنبە:ئىجادي ئەسەر
نەيچى قىز
ئابلىكىم غۇپۇر ئوتقاش
شۇنچە مۇڭلۇق چالىسەن نەينى،
يۈرەكلىرىم تىترەيدۇ ھەي-ھەي.
رام قىلدىڭغۇ مېنى ئۆزۈڭگە،
قانداق چىداي كۆيۈككە ھەي-ھەي.
ئەجەپ ئوتلۇق باقتىڭ كۆزۈمگە،
ئوتتا كۆيمەي قانداق چىدايمەن.
(تەييار تۇرسا لەۋلىرىڭدە مەي)،
سېنى سۆيمەي قانداق چىدايمەن.
مەنبە:ئىجادي ئەسەر
ئاپتۇرنىڭ ئىلاۋىسى: ئەسەر ھوقۇقىغا دىققەت قىلىڭ! ئۆزنامىدا كۆچۈرۈپ باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشقا ،گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ!
[ بۇ يازما @OTKAX@ تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]