مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 662 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 21 – مايدا قىيامەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەر
umidi
ئۈمىد
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 4119
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 281
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە281دانە
ياخشى باھا: 386 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 17 سوم
تۆھپىسى: 472 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 4732(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-16
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-23 01:03 PM

0 21 – مايدا قىيامەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما matimatika تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-05-23)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا تۈنۈگۈن قىيامەت بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان بىر تەرىقەت رەھبىرى كاھىنلىقى توغرا چىقمىغاندىن كېيىن ئۆزىنى دالدىغا ئالدى.  
 
89 ياشلىق ئامېرىكىلىق تەرىقەت رەھبىرى خارولد كەمپىڭ بىر قانچە يىلدىن بويان21- ماي كۈنىنىڭ قىيامەت بولىدىغان كۈن ئىكەنلىكىنى، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك ۋاقتى بىلەن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دە يەر تەۋرەش كۆرىلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن ياخشىلارنىڭ جەننەتكە كېتىدىغانلىقىنى، يامانلارنىڭ بولسا، 21 – ئۆكتەبىرگە قەدەر دۇنيا جەھەننىمىدە كۆيىدىغانلىقىنى، ئاندىن تەڭرىنىڭ دۇنيانى يوقىتىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقانىدى.  
 
61 تىلدا تارقىتىش بېرىدىغان رادىيوسى بار بولغان كەمپىڭنىڭ قارىشىچە، بىرىنچى بولۇپ قىيامەت باشلىنىدىغان جاي يېڭى زېلاندىيە بولاتتى. بىراق، چۈشتىن سائەت 6 بولغاندا نە يېڭى زېلاندىيە، نە باشقا جايلاردا بولسۇن، كاھىننىڭ قاراشلىرى ئىشقا ئاشمىدى.  
 
ۋاشىنگتوندا «دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى» تېمىسى ئاستىدا ئولتۇرۇش ئۆتكۈزگەن 400 كىشىنىڭ ئۈمىدلىرى سۇغا چىلاشتى. 21- ماي كۈنى كەمپىڭنىڭ شەھىرى كالىفورنىيەگە قاراپ سەل بولۇپ ئاققان كۆپ ساندا ئائىلە يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىدى.  
 
ۋېيتنامدا مىڭلارچە كىشى بىر قانچە ھەپتە ئالدىن دىئېن بىئېن رايونىدا توپلىنىپ ھەزرىتى ئىسانىڭ كېلىشىنى كۈتۈشنى باشلىغان بولۇپ، ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى مۇداخىلە قىلغاندىن كېيىن دالىلارغا يۇشۇرۇنىۋالغانىدى.  
 
ئىنتېرنت سەھىپىلىرى، 21 – مايدا قىيامەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىنى سېتىش ئېلانلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى. «قىيامەت كۈنىدە ئۆي ھايۋانلىرىڭلارنى قۇتقۇزىۋالىمىز» دەيدىغان ئىش ئېلانلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.  
 
21- ماي كۈنى جىمجىتلا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن كەمپىڭ ئۆزىنى دالدىغا ئالدى، تەرىقەت ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىگە «ئاچمىدۇق» دېگەن لەۋھە ئېسىلدى.  
 
كەمپىڭ، 1994- يىلىمۇ قىيامەت بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان، كاھىنلىقى توغرا چىقمىغاندىن كېيىن ئىنجىلغا تايانغان ھالدا تەييارلىغان تەقۋىمدە ماتېماتىك بىر خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.  
 
   
 
http://www.trtuyghur.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=aed0fa8a-825e-4cde-afdc-17534553873e&title=تەرىقەت%20رەھبىرى%20ئۆزىنى%20دالدىغا%20ئالدى
تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2011-05-23, 05:14

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

-سىز كۆرۋاتقان تىما 21 – مايدا قىيامەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەر,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
اللاھ مەن سىنىڭ مۇھەببىتىڭنى سەن ياختۇردىغان كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ،سىنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئىرىشتۈردىغان ئەممەللەرنى سورايمەن .