سۈكۈنات قاپلىغان جىمجىت كېچىدەك،
قەلبىمگە نۇر بولۇپ كىرىپ كەلدىڭسەن.
تۇنجۇتققان ھېسلارنى كېپەنگە ئوراپ،
تۇپراقنىڭ تەكتىگە چوڭقۇر كۆمدۈڭسەن.
چۆل كەبى چاڭقىغان تەشنا قەلبىمنى،
قاندۇردۇڭ مىسالى زەمزەم سۇ بولۇپ.
گىياھسىز شور تۇپراق ھايات بېغىمغا،
گۈل بولۇپ ئېچىلدىڭ پۇراق تولدۇرۇپ.
سۆيگۈنىڭ ئۆزگىچە ئىلللىق تەپتىدىن،
مۇزلىغان جىسمىمنى ئىللىتىڭ ھاي-ھات!
مەززىسىز، مەناسىز ياشاپ يۈرگەندە
ھېس قىلدىم: سۆيگۈدە گۈزەلكەن ھايات.
يۈرگەندە مەن ساڭا ئەقىدە قىلىپ،
تويۇقسىز يوقالدىڭ ھايات كۈلگەندە.
قورقۇنۇچ چۈشلەرنىڭ پەردىسىن ئاچتىڭ،
شېرىن چۈش قوينىدا ئۈزۈپ يۈرگەندە.
بەرداشلىق بېرىشكە ئاجىزلىق قىلدىم،
يەلكەمنى باسقاندا ئايرىلىش تېغى
دادلىدىم ھخجراننىڭ ئاچچىق دەردىدە،
نەششتەر بوپ سانچىلسا رەشىكنىڭ تىغى.
مەن ساڭا يېلىنىپ باقساممۇ بىراق،
پەرۋاسىز كەتتىڭسەن بېشىڭنى چايقاپ.
ۋاقىتلىق شېرىن چۈش ئىكەن ئەسلىدە،
شېرىن چۈش ئارقىدىن يۇشۇرۇن ئازاپ.
ئۇچرىشىپ قالدۇق بىز خالتا كوچىدا،
بىر كۈنۈم بىر ئەسىر بولۇپ يۈرگەندە.
قەلبىڭدە قۇترىغان يوشۇرۇن ئازاپ،
چېھرىڭدا نامايان بولدى كۈلگەندە.
تەكەببۇر تۇرقۇڭدا ئۆتتۈڭ ئالدىمدىن،
ئاجايىپ «مەردانە» قەدەملەر ئېلىپ.
ۋە لېكىن تىىنىقىڭ ئېغىر، بەك ئېغىر،
ھەسرىتىڭ كۆزۈڭدىن قالدى بەك چېنىپ.
بۇ دۇنيا مۇشۇنداق ئۆتنە دۇنيا بۇ،
ئۆتەڭدۇر ۋەياكى سەھنىدۇر پەقەت.
بىرىگە قىلغانلار بىرىدىن كۆرۈپ،
كۈلكىمۇ، يىغىمۇ ئەمەستۇر ئەبەت.
مەنبە : ئۆزۈم[ بۇ يازما ARKZAT تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]