تارختا ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى« ئاقساقاللار»نىڭ مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ،يۇرتنىڭ تىنىچ ئامانلىغى ،ئۆملىگى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوينىغان رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ .ئادەتتە بىر يۇرتتىكى يېشى چوڭراق ،بىلىم،مەرتىۋە جەھەتتىن يوقۇرى بولغان ،يۇرت ئەھلى سۆزىنى يىرالمايدىغان كىشىلەر بۇ خىل ئاتاققا مۇيەسسەر بولاتتى،ئۇلار ھالقىلىق پەيتلەردە يۇرت ئەھلى ئۈچۈن جان پىدا قىلالايدىغان باتور ،ۋىجدانلىق،كۆيۈمچان ،پاراسەتلىك ،پاسىۋانلار ئىدى . ئەپسۇس دۇنيا تەرەقىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ،شەھەرلىشىش سۈرئىتى تىزلىشىپ ،بۇ ئاقساقاللار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن يىراقلاپ كەتتى .بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى ھەر تەرەپتىن ئىزدەشكە بولىدۇ.
1.مەمۇرى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە قىلىپلىشىش ،قانوننىڭ ئوموملىشىشى،ئاقساقاللارنىڭ يۇرت ئىشلىرىغا قول تىقىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى.
2.كىشىلەرنىڭ ئومومى بىلىم سەۋىسىنىڭ ئۆسۈشى،تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۇلارنى باشقىلارنىڭ مەسلىھىتىگە مۇھتاج بولمايدىغان قىلىپ قويدى .
3.يات مەدەنىيەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىغى ۋە يۈغۈرۈلۈپ كىرىشى كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەقلاق قاراش،قىممەت قاراش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلچەملىرىنى بىراقلا بۇزىۋەتتى.چوڭلارغا ۋە بىلىمگە بولغان ھۆرمەت سۈسلاپ كەتتى.پۇلى بارنىڭ گېپى چوڭ ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ دېگەن ۋەزىيەت ھەقىقەتەن ئەمىلىيەتتە كۆرۈلدى.شۇنىڭ بىلەن گاچچا بولسىمۇ پۇلى بارى سۆزلىسۇن دەيدىغان كەيپىيات ئەۋجى ئېلىپ،ھەر جەھەتتىن تەربىيە كۆرگەن بىلىملىك ئاقساقىللىرىمىز ئۆزلىرىنى يۇرت ئىشلىرىدىن چەتكە ئالدى.
4.يۇرت ئاقساقاللىرى ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش تاكاممۇللاشتۇرۇش جەھەتتە ئارقىدا قېلىپ،كىشىلەرنىڭ ئۈستۈن ئىھتىياجىدىن ھۆددىسىدىن چىقالمىدى.
5.شەھەرلەشكەن يۇرتلاردىكى ئاقساقاللار باشقىچە شەكىل بىلەن مەيدانغا چىقىپ،ئەسلى فونكىتسىيەسىنى ئۆزگەتتى،شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئىشلار ئانىلارغا قالدى .بۇ خىل ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى كىشىلەرگە ئاقساقاللىرىمىز ئازلاپ كەتكەندەك،ئەرلەر قازان بېشىغا چىقىپ قالغاندەك تۈيغۇ بەردى.جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىۋاتقان ،ئەۋلاتلار ئۈچۈن ياشاش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىۋاتقان ئاتىلىرىمىز يەنىلا نۇرغۇن .ئۇلار پەقەت فونكىتسىياسىنىلا ئۆزگەرتتى خالاس.ئۇلار تىللاردا داستان بولغىدەك ئەجىر مىۋىلىرىنى مەيدانغا كەلتۇرۇپ ،ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشىۋاتىدۇ.ئۇلارنى سادىردەك بولغىن دېگەن ئۈمۈتنى كۈتۈش ،ئۇلار ئۈچۈن ئادىل بولماسمىكىن.
6.ئارىمىزدا پۇرسەتپەرەس ،مەنپەئەتپەرەس،خوتۇنپەرەس ئەرلەرمۇ يوق ئەمەس.
كىشىلىرىمىز ئۇلاردىن ئاقساقاللارچە ئىقتىدار ۋە سالاپەتلەر كۈتكەن بىلەن ئۇلار ھامىنى بۇ ئۈمۈتلەنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ . بۇ پەقەت كىشىلەردىكى خاتا ئۈمۈت ۋە خاتا چوقۇنۇشلا خالاس.
گەپنىڭ قىسقىسى ،ئاقساقاللىرىمىز يوقاپ كەتمىدى ،ئەكسىنچە سىزنىڭ كۆزىڭىز ئۇلارنىڭ يېڭى قىياپىتىنى كۆرەمەيۋاتىدۇ.
[ بۇ يازما tewelgha تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]