بۇ پەقەت ئەتراپىمدىن ھېس قىلغانلىرىم توغرا چۈشەنگەيسىلە
مەنمۇ بىر دېھقان پەرزەنتى ،شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇزۇندىن بۇيان دېمەكچى شۇ دېھقانلىرىمىز توغرىسىدا ئازراق ئويلىغانلىرىم بارتى شۇ ڭا بۈگۈن قاملاشمىسىمۇ ئىيتىپ باقاي .
<<ئاق ئالتۇن >>دېھقانلارنىڭ قولىدىكى گۆھەر يەنى پاختا دېمەكچى ،ئۆتكەن يىل پاختا باھاسىنىڭ ئۆرلىشى نەتىجىسىدە دېھقانلىرىمىزنىڭ پاختىدىن قىلغان كىرىمى زور دەرجىدە ئاشتى ،لېكىن شۇ پاختا باھاسىنىڭ ئىشىشى بىلەن تەڭ باشقا مال باھاسىنىڭ ئىشىشىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى .مېنىڭ كۆزىتىشىمچە بۇيىلمۇ پاختا باھاسى يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ قالالايدۇ .بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب .
جوڭگۇ ئاھالىسى كۆپ بىر دۆلەت ،بۇ دۆلەتتە يەنىلا ئادەمنى ئاساس قىلىمىز شۇنىڭ ئۈچۈن قورساق بىخەتەرلىكى ئالدىن ئويلىشىلىدىغان ئامىل شۇنىڭ ئۈچۈن بۇيىل كىپەز تىرىلغۇ كۆلىمى مۇۋاپىق مىقتاردا قىسقارتىلدى .قىسقارتىلغان كۆلەم ،ئاشلىق ،سەي -كۆكتات ،قۇشۇمچە يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلدى .
مەن قەشقەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ مۇنۇلارنى يىزىۋاتىمەن .
قەشقەردە دېھقانلىرىمىز كىشى بىشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە يەر كۆلىمى تەخمىنەن 2مو ئەتراپىدا ،بىر مو كىپەز تىرىلغۇسى ئۈچۈن قانچە پۇل كېتىدۇ ؟
مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىر دېھقان بىلەن سۆھبەتلىشىپ باقتىم .پاختىنى ئۆزى تەرسە مىڭ يۇئەن مەبلەغ بىر مو كىپەز تىرىلغۇسىغا كېتىدىكەن .
بىر ئائىلىدە بەش نوپۇس بار دەپ پەرەز قىلساق ئومۇمى تىرىلغۇ كۆلىمى تەخمىنەن 10مو ئەتراپىدا .(بىنەم يەر بۇنىڭ سىرتىدا دەپ پەرەز قىلىلى )
بۇ يەرنىڭ تەخمىنەن 5موسى كىپەز تىرىلغۇسى .
بىر مويەردىن ئىككى يۈز كىلودىن كىپەز چىقىدۇ دەپ پەرەز قىلساق بىر مويەردىن 2000يۇئەن 5مودىن 10000يۇئەن .سىلىنغان مەبلەغ مىڭ يۇئەننى چىقىرۋەتكەندە 5000مىڭ يۇئەن ساپ كىرىم .
ئەلۋەتتە بۇغداي قالغان يەتتە مو (بىنەم يەر بولغان تەقدىردە باشقا مەسھۇلاتلارغا قالدى )
بىر مويەر ئوتتۇرىچە ھىسابتا 400كىلوگىرام بۇغداي دېسەك ،ئومۇمى مەسھۇلات 2800كىلوگىرام .
بۇنىڭدىن 2توننا سىتىلدى دېسەكمۇ 4500مىڭ يۇئەن دېگەن گەپ .
قەشقەرنىڭ يېگى شەھەر ،كونا شەھەر ،پەيزىۋات ،يېڭىسار ناھىيلىرى ،ئومۇمەن قارىغاندا سۇ كەمچىل يەر قىس رايونلار .بۇغداينى يىغىۋالسا شۇنىڭغا شۇكرى دېسەك بولىدۇ .
ئەلۋەتتە ھازىر قويغان چىلان ،ياڭاقلار مىۋە بىرىش باسقۇچىغا كېرگىنى يوق .دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىمۇ ،كىپەز بۇغدايدىن كېلىدۇ .ئۇنداقتا بۇغداي تىرىلغۇسىغا كەتكەن چىقىمنى ھىسابلىماي تۇرۇپ بىر ئائىلنىڭ كىشى كىرىمىنى ھىسابلاپ باقايلى .9550يۇئەن 5كە بۆلسەك 1910يۇئەن كىشى بىشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ يىللىق كىرىم .
بۇ شەھەردىكى ئادەتتىكى بىر خىزمەتچىنىڭ ئايلىق كىرىمى بىلەن تەڭ كەلمەيدۇ.
ئۇنداقتا چارۋىچىلىق كېرىمۇچۇ ،بۇنى ئۇنتۇپ قالمايلى ،ھازىر قوي باھاسى نىسبەتەن تۆۋەنلىدى بۇنېمە ئۈچۈن ؟
بۇ يىل چارۋا يەم-خەشەكنىڭ باھاسى زور دەرجىدە ئىشىپ كەتتى .كىپەك ،سامان ،قوناق دېگەندەك يەم-خەشەكنىڭ باھاسى ،مەن كۆرگەن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى ،ھەتتا قوناقنىڭ باھاسى بۇغداي باھاسىدىن ئىشىپ كەتتى ،سامان يىللار بويى ناھايىتى ئەرزان تۇرۇپ كەلگەن بۇيىل تۇيۇقسىز ناھايىتى يۇقىرى ئۆرلەپ بىر تاغىرى 35يۇئەن ئەتراپىغا چىقتى .
بىر تاغار سامان بىر كالىنىڭ 4 ۋاقلىق ھەلىپىگە ئاران يىتىدۇ .
مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ،چارۋىچىلىق ئائىلىرى ،قولىدىكى چارۋىلارنى بىقىشقا ئامالسىز قالدى .شۇ سەۋەبتىن ئوشۇق چارۋىلار سېتىلدى مۇشۇ سەۋەبلىك تىرىك قوي باھاسى نىسبەتەن چۈشتى . لېكىن گۆش باھاسى نېمە ئۈچۈن چۈشمىدى كىلىش ئالدىدا تۇرغان باھا ئىشىشنى ئويلاپ باھا چۈشمىدى (قوي گۆشى باھاسى مۇشۇ باھادا تۇرالىسا ناھايىتى چوڭ ئىش )
مانا چارۋىچىلىقمۇ ئۆزىدىن ئىشىنالمايدىغان ھالغا چۈشتى .
ئەمدى دېھقانلارنىڭ تىرىكچىلىك يولى سىرتقا چىقىپ ئىشلەش .
نېمە ئۈچۈن قەشقەرنىڭ يېڭى شەھەر ،كونا شەھەر ،پەيزىۋاتتىننىڭ ئىشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سىرتقا بەكرەك يۆتكىلىدۇ ؟
باياتىن دېگەندەك بۇ ناھىيلەردە سۇ قىس ،يەر ئاز ،پارتىيە ھۆكۈمىتىمىز دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلىشى نەتىجىسىدە بۇ رايونلارنىڭ ئىشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سىرتقا كۆپلەپ يۆتكەلمەكتە. بەلكىم ئىشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قىلغان كېرىمى بۇ رايۇنلارنىڭ كىشى بىشى كىرىمنىڭ ئىشىشىغا تۈرتكە بولا .
ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ،ئاپتۇنۇم رايونىمىز مەركەزدە ئىچىلغان شىنجاڭ يىغىنىدىن كىيىن ،شىنجاڭغا ياردەم بىرىش ،يۆلەش ،ئىچىش ،تەرەققى قىلدۇرۇش ،خەلقىنى بىيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ،ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۆلەمدە قانات يايدۇردى .
ئىچكىرى ئۆلىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا ساھالەر بويىچە ياردەم بىرىشى نەتىجىسىدە ،ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى خىزمىتى، پۇختا ،تىز سۈپەتلىك ،قانات يايدۇرۇلدى .
يىقىندا مەلۇم ئىش تۈپەيلى پەيزىۋات ناھىيىسىدە بولدۇم .ھەم بۇيەردىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا سىناق باسقۇچتا سىلىپ پۈتتۈرۈلگەن ئەمىن يېزىنى كۆردۈم .
راستىنلا رەتلىك ،پاكىز ئازادە سىلىنىپتۇ ،ئاممىۋى چىنىقىش مەيدانى كۈتۈپخانا ،يىشىللىق ،ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىتىقادىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ناھايىتى كاتتا بىر مەسچىتمۇ سىلىنىپتۇ .مەن بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم ھەم سۆيۈندۈم .
لېكىن شۇنىمۇ ئىيتىپ ئۆتۈش كېرەككى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئەمدىلا باشلانغاچقا ،بۇ قۇرۇلۇشتا بىرنجى ئازسانلىق مىللەتلەتنىڭ بىناكارلىق سەنئىتىگە سەل قارالغان .بۇ ئۆيلەرنىڭ شەكلى قۇرۇلمىسى جەھەتتىن مىللىيلىك ئەنئەنىيلىكنى قىسمەن ساقلاپ قىلىنمىغان .
ئىككىنجى ،تىرىلغۇ يەر يىشىللىقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئىغىر ،ئۆي قۇرۇلۇشى ئەسلى ئورنىغا قايتا ئۆزگەرتىپ سىلىش ئەمەس قايتا رەتلەش ،بىر ئورۇنغا يىغىنچاقلاش بولغانلىقتىن ،تىرىلىۋاتقان تىرىلغۇ يەر خىلى كۆپ ئورمان زىيانغا ئۇچرىغان .
ئۈچىنچىدىن قايتا قۇرۇلۇش قىلىش ئىسراپچىلىقى خىلىلا ئىغىر ،تېخى سىلىنغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بىرىش ئۆيلىرىمۇ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە قىسمەن چىقىۋىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بۇ ئەھۋال دۆلەت ھەم دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادى مەنپەتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
پارتىيە ھۆكۈمەت كەڭ خەلقنى ئويلاپ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشنى خەلقنىڭ ئەل رايى قۇرۇلۇشى قىلىپ بىكىتتى ،ھەم بىۋاستە مەبلەغ ياردەم ئاجرىتىپ بۇقۇرۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلدى ،خەلىقنىڭ كۆڭلىگە ياققان بۇ قۇرۇلۇش كەڭ دېھقانلىرىمىزنى خۇشال قىلدى .ھەم تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى .
تۆۋەندىكى رەھبىرى كادىرلار ،دېھقانلىرىمىزنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ،پارتىيىمىزنىڭ تۈرلۈك سىياسەت تۈزۈملىرىنى،توغرا ئىزچىللاشتۇرغان ئاساستا ئىلىپ بىرىپ بۇ ئەلرايى قۇرۇلۇشىدا دىھقانلارنى ھەقىقى رازى قىلىشقا تىرىشسا دەپ ئۈمىد قىلىمەن .
مېنىڭ تاققا-تۇققا بايانلىرىم مۇشۇنچىلىك قالغىنى سىلەرگە قالدى .
[ بۇ يازما alzaman تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]