ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىدا ‹ يەتكۇزۇپ سېتىش › بىلەن ‹ شاخلىتىپ سېتىش › نى ئارىلاشتۇرۋەتكەن، شاخلىتىپ سېتىش قانۇنسىز قىلمىش، دۆلەت ئۇنىڭغا زەربە بىرىدۇ، بۇ بىر خىل جىنايى قىلمىش، ‹ يەتكۇزۇپ سېتىش › قا بولسا دۆلەت يول قويغان، ‹شاخلىتىپ سېتىش › تا ساتىدىغان مەھسۇلات بولمايدۇ، زەنجىرسىمان ئەزا قۇبۇل قىلىشنى ۋە ئەزالىق پۇل تاپشۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ ، ‹يەتكۇزۇپ سېتىش ›تا كونكىرىتنى مەھسۇلات بولىدۇ، مەلۇم پۇلغا شۇنچىلىك مىقتاردا مەھسۇلات سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمۋاي قاتارلىقلار ‹ شاخلىتىپ ساتقۇچى› ئەمەس بەلكى‹ يەتكۇزۇپ ساتقۇچى › لاردۇ.
ـــــــ تېما تەستىقلىغۇچىدىن. ھەر قېتىم بىرەر ئىش بىلەن "ئەمۋاي" يىتىشتۈرۈش ئىشخانى
سىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن چېغىمدا يىتەكچىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇرغان نۇرغۇن ياشلارغا كۆزۈم چۈشىدۇ ، شۇ تاپ ئۇلار كۈپكۈندۈزدە ئۆزلىرنىڭمۇ پات ئارىدا يىتەكچى ئېيتقاندەك " سېتىش پادىشاھى" بولۇپ چىقىش چۈشنى كۆرمەكتە ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ "ئىھرام " نىڭ ئۈستىدىكى قان شورغۇچىلار ئۈچۈن ئوزۇق توشۇيدىغان ۋاستىچى بولۇپ ، قېرىنداشلىرىنىڭ قان -تەرى بەدىلىگەكەلگەن پۇللىرىنى ئۇلارغا شۈلۈپ بىرىۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ . تېخى جاراڭلىق ئاۋازدا يىتەكچىگە ئەگىشىپ " بۈگۈن چوقۇم نىشانغا يىتىمىز" دەپ توۋلىشىدۇ ، كاللا يۇيۇش دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ۋاريانتى دەل مۇشۇ .
ئەمۋايلا ئەمەس " مارىكاي" ، " ئورفىلىيەن" قاتارلىقلارمۇ ھەشەمەتلىك مىھمانسارايلاردا يېغىلىش ئۆتكۈزۈپ سېتىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلارنى تونۇشتۇرۇپ ، سۆزگە تەكلىپ قىلىشپ ،كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلارنى ئاققۇزۇپ "تەجىربىللىرىنى" تونۇشتۇرۇپ ، بىر - بىرىنى ماختىشپ " ** خانىم بۇ ئايدىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا ئامىرىكىدا ساياھەت قىلدى ، بىر دانە ماشىنا بىلەن مۇكاپاتلاندى...." دەپ تونۇشتۇرغاندا ، پەستە ئولتۇرغا " تەكلىپلىك مىھمانلار" ئاغزىللىرىنى ئېچىشىپ " مەنمۇ مۇشۇ ئىشنى قىلسام بولمامدۇ" دىگەنلەرنى كوڭلىدىن ئۆتكۈزىدۇ يۇ ئەشۇ سېتىش چولپانلىرىنىڭ مۇشۇ پۇلنى تېپىش ئۈچۈن قانچىلىك قېرىنداشلىرىنى سېتۋەتكەنلىكىنى ، كىشىلەرگە قارايدىغا يۈزىنىڭمۇ قالمىغىنىنى ئويلاپ يىتەلمەيدۇ ، شۇڭا بۇ سېتىش چولپانلىرى پۇلنى تېپىپلا ھەرەمگە بىر بارىدۇ ، ھاجى خىنىم بولۇپ قان قالمىغان يۈزىنى يۆگەپ ئومىرىنىڭ ئاخىرغىچە تاپقىنىنى خەجلەپ ئويدىن چىقماي يۈرۈيدۇ .
توسما يار كەتكەندەك ئۇيغۇر قەۋمىگە كەلكۈن كەبى باستۇرۇپ كىلىۋاتقان شاخلىتىپ سېتىش دولقۇنى بىرنىڭ كەينىدىن بىرى خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە باش قاتۇرۋاتقان يىگىت - قىزلىرىمىزنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىرشتۇرىدىغان غايەت زور مەنپىئەت ۋەدىللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەق - ناھەق ئىدىيىسىنى تەۋىرىتىپ جەمئىيىتىمىزدە يوشۇرۇن بىر ئۆسمە شەكىللەندۈرمەكتە ، بۇ ئۆسمە ئېلىپ كىلىدىغان خەۋىپ شۇكى " كىشلەر ئارسىدىكى ئىشەنچ يوقۇلۇپ ، ئېناقلىق ، مىھرى - مۇھەببەت ، كۈيۈنۈش سۈسلىشىپ كىتىدۇ " . بەك كۆپتۈرۋەتتىڭىز دىيىشىڭىز مۇمكىن ، ئەمما ئەتىراپىڭىزغا دىققەت قىلسىڭىز قايسى بىر ئائىلە بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالمغان ،" بۇنى سېتىۋالمىساق ھامان باشقىللىرىنى سېتىۋالاتتۇق " دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن ، گەپ دەل سىزنىڭ سېتۋىلىش شەكلىڭىز ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان ئاقىۋىتىدە ، تۆۋەندە شاخلىتىپ سېتىشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي :
شاخلىتىپ سېتىش بىۋاستە سېتىشقا سېلىشتۇرغاندا مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە : بىرىنچى ، تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش ، يەنى چوقۇم شاخلىتىپ ساتقۇچى ئەزانىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىقلا ئاندىن شاخلىتىپ سېتىش قوشۇنىغا قاتنىشىپ ، شاخلىتىپ ساتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىرىشىش ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پەقەت شاخلىتىپ سېتىش ئەزاسى بولالىغاندىلا ئاندىن باشقىلارنى شاخلىتىپ سېتىش قوشۇنىغا كىرگۈزەلەيدىغان سالاھىيەتكە ئىرىشىش . ئىككىنچى ، ئالاقە تورى تەشكىللەش ، تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق قوبۇل قىلىشتىكى مەقسەت بۇ خىل تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق " يۇقىرى -تۆۋەن " باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت ھاسىل قىلىپ ، شاخلىتىپ سېتىش تورى شەكىللەندۈرۈش . ئۈچۈنچى ، جەملىمە ھەق ھىساپلاش ، شاخلىتىپ ساتقۇچى ئۆزى ساتقان مەھسۇلات ياكى قىلغان مۇلازىمىتىدىن تىگىشلىك ھەققە ئىرىشىدۇ ، ھەمدە ئۆزى تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىنغان شاخلىتىپ ساتقۇچىنىڭ سېتىش نەتىجىسىگە ئاساسەن ھەق ئالالايدۇ ، يەنە ئۆزى تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىنغان شاخلىتىپ ساتقۇچى تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىنغان شاخلىتىپ ساتقۇچىنىڭ سېتىش نەتىجىسىدىنمۇھەق ئايرىيدۇ . بۇ شاخلىتىپ سېتىش تورىنى شەكىللىندۈرۈشتىكى مۇھىم ئاساس.
شاخلىتىپ سېتىش ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن شاخلىتىپ سېتىش تۆۋەندىكى ئۈچ خىل شەكىلدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش : بىرنچى ، " جىنايى ئىشلار قانۇنى " نىڭ 192-ماددىسىدىكى ئالدامچىلىق قىلىپ مەبلەغ يىغىش جىنايىتى . ئىككىنچى ، " جىنايى ئىشلار قانۇنى" نىڭ 176-ماددىسىدىكى ئاممىنىڭ ئامانەت پۇلنى قانۇنسىز سۈمۈرۈش جىنايىتى . ئۈچۈنچى ، " جىنايى ئىشلار قانۇنى " نىڭ225- ماددىسىدىكى قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شاخلىتىپ سېتىش ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتى جەريانىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش ، بۇلاڭچىلىق قىلىش ، باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر كۆپلەپ سادىر بولىدۇ .
ئەمۋايدىن كىيىن مارىكەي ، ئورفىلىيەن ، يۆيۆئەي ، يېڭى دەۋىر دۆلەت گۆھىرى قارغاي گۈل چېڭى ،نونى ، كوسۋاي ... قاتارلىقلار ھەر خىل شەكىللەر بىلەن تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرمەكتە ، ئۇلار دۆلەت ئىچى -سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ نامى ، ئۇلارنىڭ بازارغا كىرگەن پايچەكلىرىنى كۆز- كۆز قىلىپ تۇرۇپ ئەزا قوبۇل قىلدى ياكى مەلۈم سوممىدىكى مەھسۇلات سېتىۋالغاندا ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىسى بولوپ ئىچكى باھادا كىرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى يەمچۈك قىلىپ بازار ئاچتى . كۈزۈتۈش ئارقىلىق بۇلاردىكى بىر ئورتاقلىقنى بايقىدىم : ئۇيغۇرلار بازىرىدىكى مارىكەينى باش بولۇپ كېڭەيتكۈچى چوقۇم ئەمۋايدا دەرىس ئاڭلىغان ، پەقەت " ئىھرام " نىڭ ئۇستى قىسىمىدا تۇرالىغاندىلا ئاندىن ھەقىقى مەنپەتلىنەلەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندىن كىيىن ئەمۋايدىن چىكىنىپ يېڭى بازار ئېچىۋاتقان مارىكەيگە ئۆتكەن ، مۇشۇ يولىنىشتە مارىكەيدىن ئورفىلىيەنگە ، ئورفىلىيەندىن يۆيۆئەيگە ، قارغاي گۈل چېڭىغا ھالقسىمان كېڭىيىش نەتىجىسىدە بۇ بازار ئاۋاتلىشىپ قايناپ كەتكەن . ئەمدى تور دەۋىردە كوسۋاي ناملىق تور سېتىش سۇپىسىنى دالدا قىلىپ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئەزا قوبۇل قىلىدىغان يېڭىچە شەكىل مەيدانغا كەلدى . مەيلى قايسى خىل شەكىل بولمىسۇن بىر ياخشى يىرى ئۇلار ئاۋال ئىچكى ئۆلكىلەردە بىر مەيدان ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىپ ئاندىن ئۇيغۇرلارغا يۈزلىنىدۇ ، شۇڭا بەيدۇ تورىدىن ئىزدىسىڭىزلا ئۇلارغا مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلار يىتەرلىك ھالدا كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ ، قالغىنى ھىسياتقا تايانماي ئەقلىي تەپەككۇر ئارقىلىق توغرا - خاتانى ئېنىق ئايرۋىلىشقا باغلىق .
يۇقىردا تېلغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ بازارغا كىرىش تەننەرقى سىز سېتىۋالىدىغان باھانىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ . ئەشۇ يېرىم باھا بىلەن بىۋاستە سېتىش بازىرىغا كىرگەن تەقدىردىمۇ بۇ مەھسۇلاتنى ھىچكىم سېتۋالماسلىقى مۇمكىن ، ئەركىن بازاردا سۈپىتى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ، باھاسى ئۇنىڭدىن تۆۋەن مەھسۇلاتلار تولۇپ يېتىپتۇ ، شۇڭا ئۇلار شاخلىتىپ سېتىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن شاخلىتىپ سېتىش ئارقىلىق ئەزا ياكى ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىپ ، ئەزالارنى ھەر بىر قېتىملىق سودىدىن كىرىدىغان كىرىم ئارقىلىق قىزىقتۇرش ئاساسىدا كاللىسىنى يۇيۇپ ، ئۇلارنى ۋاستە تاللىماي ، ئۇرۇق -تۇققانلىرىدىن باشلاپ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ "بۇ خىل گىرىم بويومى چىرايىڭىزنى نۇرلاندۇرۇپ پەرىلەردەك قىلىۋىتىدۇ ، **لار ئىشلەتكەن ، ھازىر ئايدەك بولۇپ كەتتى" ، " بۇ خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتى سىزنى ئاتتەك قىلىۋىتىدۇ ، **لا بىر باسقۇچ ئىشلىتىپ ھازىر يۈگىرەپ يۈرۈيدۇ" ، " بۇ خىل سودا شەكلى ئەڭ يېڭى ، ئەڭ ئىلغار ، ** بىر يىلغا قالماي بۇ ئۇسۇل بىلەن مىليۇنىر بولۇپ كەتكەن " دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆز مەھسۇلات ساتىدىغان بولىدۇ .
ئەگەر بىز بۇ مەسىللىلەرگە سەل قارىساق بۇ خىلدىكى سېتىش شەكىللىرى ھەر خىل ناملار بىلەن كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ ، ئارىمىزدا پۇلنى دەپ ئۇرۇق - تۇققانلىرىنى سېتىۋىتىشتىن يانمايدىغانلار ، پايدا قىلسا- قىلمىسا سېتىۋالساملا بولدى دەپ بازارنى بۇزىدىغانلار ، ئالدامچىلىقنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالدىغانلار كۈندىن - كۈنگە ئاۋۇپ ، قولىمىزدىكى ئازغىنە ئىقتىسادىمىز ئاللىقەيەرلەردىكى كىشىلەر تەرىپىدىن سۈمۈرلۈپ كىتىدۇ . شۇڭا قېرىنداشلارنى ئاۋال ئەتراپىمىزدىن باشلاپ ، بىلىپ - بىلمەي ئەشۇ يولغا كىرىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلەپ ، مەخسۇس ئىھتىياتچانلىقى تۆۋەن ، باشقلارغا ئوڭاي ئىشىنىدىغان قېرىنداشلىرىنى شورايدىغان كەسپىي قان شورىغۇچىلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ بىزگە يىتىپ كىلىدىغان بۇ خىل خەۋىپنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرشكە چاقىرىق قىلىمەن .
مەنبە : ئۆزەم
[ بۇ يازما moghal تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]