خاتىرجەم ئۆلۈش(Euthanasia ، 安乐死) دىگەن بۇ ئاتالغۇ قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولمىغان بىمارلارنى داۋالاش ياكى دورا ئىشلىتىشنى توختىتىپ بىمارلارنى ئازاپسىز ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ . يەنى داۋالاش مۇمكىن بولمىغان ئېغىر دەرىجىدىكى روھى كىسەللەر ، ئېغىر دەرىجىدىكى پالەچ ۋە ھۇشىغا كىلەلمەيدىغان ئۈسۈملۈك ئادەم قاتارلىق ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتقان بىمارلارنى ئازاپسىز ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ .شۇڭا خاتىرجەم ئۆلۈش يەنە ئازاپسىز ئۆلۈم دەپمۇ ئاتىلىدۇ . *L7&P46
{HoeK>rd
ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئازاپسىز ئۆلۈمنىڭ قانونىيلىق مەسلىسىگە قارىتا ھازىرغىچە دەتالاش بولماقتا. ئازاپسىز ئۆلۈمنى قوللىغۇچىلار ئازاپسىز ئۆلۈم ئۈچۈن چۇقۇم تۇۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلانغان بولۇش كېرەك دەپ قارايدۇ . K{DsGf,
1 .بىمار ھازىرقى زامان تىببى پەن تېخنىكىسى بويىچە داۋاسىز كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان بولسا شۇنداقلا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بولسا; p8gm=
2 . بىمار چىدىغۇسىز كېسەل ئازابىغا دۇچار بولغان بولسا; `_"F7Czn
3 . ئازاپسىز ئۆلۈم چۇقۇم بىمارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلېرىنىڭ ، دۆلەتنىڭ ياكى جەمىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بىمارنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى ئازابىنى يەڭگىللىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى كېرەك . d!>.$|b
4 . چۇقۇم بىمارنىڭ كاللىسى سەگەك ۋاقتىدا ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈش ھەمدە بىمارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك . 'Z;8-1M?O
5 . قائىدە بويىچە چۇقۇم تېببى خادىملار ئىجرا قېلىش كېرەك . f)'mpp^
6 . چۇقۇم جەمىيەت ئىتراپ قىلغان ئۇسۇل بىلەن ئىجرا قىلىنىشى كېرەك . KNvvYwFH]

Vd%%lv{v ياپونىيە ، شىۋىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلېرىنىڭ قىسمەن شىتاتلېرى ئاللىبۇرۇن خاتىرجەم ئۆلۈش قانون – نىزامنامىسىنى ئېلان قىلىپ بولدى .1976 – يىلى توكيودا تۇنجى قىتىملىق خاتىرجەم ئۆلۈش مەسلىسى توغرىلىق خەلقئارالىق يېغىن ئېچىلدى . خاتىرجەم ئۆلۈش مەسلىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ شۇنداقلا ئەخلاق ، ئىنسانپەرۋەرلىك ، قانون ، تېببى ساھە قاتارلىق كۆپ ساھەگە چىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە تېخى مۇكەممەل قانون تۈزۈم ئورنىتىلمىدى . nLvF^%P8
yzI`&?
P2
بۇلتۇر 11 – ئايدا ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتى %60 سايلىغۇچىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن خاتىرجەم ئۆلۈش مەسلىسىنى قانونلاشتۇرۇپ ئورىگون شىتاتىدىن كېيىنكى خاتىرجەم ئۆلۈشنى قانونلاشتۇرغۇچى ئىككىنچى شىتات بولدى ھەم بۇ قانون بۇ يىل 5 – مارتتىن باشلاپ يولغا قۇيۇلدى . بەلگىلىمە بويىچە داۋاسىز كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان بىمار يېرىم يىل ئۆمرى قالغان بولسا خاتىرجەم ئۆلۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . ئىلتىماس قىلغۇچى 18 ياشقا توشقان بولىشى ، ھەركەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى شۇنداقلا چۇقۇم مەزكۇر شىتاتتىن بولۇشى كېرەك . بىمار 15 كۈن ئارلىق قالدۇرۇپ ئىككى قېتىم ئېغىزچە بىۋاستە ئىلتىماس قېلىشى ھەمدە ئىككى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن قەغەز يۈزىدە ئىلتىماس تەييارلىشى كېرەك .ئىككى گۇۋاھچىنىڭ بىرى بىمارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقىنى بولسا بولمايدۇ شۇنداقلا ۋارىسى ،بىمارغا مەسئول دوختۇر ياكى ئىلتىماس يوللىغۇچى تۇرۇشلۇق دوختۇرخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەم بولماسلىقى كېرەك . ئىجرا قىلغۇچى تېببى خادىم چۇقۇم مەزكۇر شىتاتلىق سەھىيە ئىدارىسىغا خاتىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك . شىتاتلىق سەھىيە ئىدارسى چۇقۇم ئەمەلى ئەھۋال بويىچە يىللىق دوكلات تەييارلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن . ,/%@:Fh4
;zF3e&e(
ئازاپسىز ئۆلۈمنىڭ تارىخى t,P_&0X
=5l20
Um
خاتىرجەم ئۆلۈش نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە . قەدىمكى سىپارتا خەلنى ئۆز دۆلىتىنىڭ قۇدرىتىنى ساقلاپ قېلىش خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قېلىش ئۈچۈن تۇغۇلىشىدىنلا مىيىپ ، كىسەل تۇغۇلغان بوۋاق بالىلارنى ئۆلتۈرۋەتكەن . ئارىستوتىل ئۆز ئەسەرلېرىدە قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولغان .ئەپلاتون ئۆزىنىڭ 《غايىۋى دۆلەت》 دىگەن كىتابىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش داۋاسىز كىسەللەرنىڭ ئازاپتىن قۇتۇلىشىنىڭ ئۇسۇلى دەپ قوللىغان . بىداگىلاس قاتارلىق پەيلاسوپ ، ئالىم ۋە سىياسەتشۇناسلارمۇ ياشانغانلار ، تېنى ئاجىزلار ۋە ئازاپسىز ئۆلۈمنى خالىغۇچىلارنىڭ ئۆلۈم يولىنى تاللىشى يوللۇق دەپ قارىغان . باشقا جەمىيەتلەردىمۇ ئازاپسىز ئۈلۈم توغرىلىق نۇرغۇن مەلوماتلار قالدۇرۇلغان . ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى تۈۋەن شارائىتتا ئازاپسىز ئۆلۈم مەسلىسى مەلوم دەرىجىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان كىشىلەرنىڭ ماددى بايلىقلارنى ئىسراپ قىلىش مەسلىسىنى ھەل قىلغان بولدى لېكىن كېيىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلېرى تەرەققى قىلغانلىقتىن ئازاپسىز ئۆلۈم مەسلىسى كۆپ تىلغا ئېلىنمىدى بۇلۇپمۇ ھەر قايسى دىننىڭ ھۆكۈمىدە ھاياتلىق بولسا تەڭرى بىزگە ئاتا قىلغان نېسىۋە ئۆلۈممۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ دەپ قارالغاچقا ئازاپسىز ئۆلۈم مەسلىسى كۆپ تىلغا ئېلىنمىدى . *Rx&