ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت xahnur كە 2011-05-22 03:53 PMئەۋەتىلدى :
باشقۇرغۇچى موغالدىن بۇ تىما قايسى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەپتۇ سوراپ باقسام بۇلامدۇ ؟
ۋەياكى بىر-ئىككى چىرايلىق قىزىنىڭ رەسىمنى قۇشۇپ يوللامدۇ ؟ ياكى بولمىسا ياخشى كىنولارنى قۇشۇپ يوللامدۇ؟ يا پەقەت بولمىسا ئەتتىگەندىن كەچكىچە بۇۋامنىڭ بۇۋۇسىنىڭ بۇۋىسىدىن قالغان، ئاشىق مەستانە شېئىر يوللىسا بۇلامدۇ ؟
بۇ دوستىمىز، ھەقىقەتەن تۇرۇپ ئويلاپتۇ،خېلى ئويلىنىپتۇ، بۇ پەقەت بۇ دوستىمىزلا ئەمەس، ھەممىمىز ئويلاپ بېقىشقا تىگشلىك مەسىلە، بولسا قېرىندىشىم سىز، مەن، ھەممىمىز ئويغىنايلى، مەن مۇشۇ كومپىيوتېر بىلەن ھەپلەشكىلى 10 يىلدىن ئاشتى، تا ھازىرىغىچە ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا ھەركۈنى سائەت 12 بولماستا ياتمايمەن، ھەرقېتىم ياستۇققا باش قوينىمدا بولدى ئەتىدىن باشلاپ كومپىيوتېردا قىلىدىغان ئىشنى كۈندىلىك خىزمەت خاتىرەمگە يېزىۋېلىپ ،شۇ ئىشنى قىلىپلا نېرى تۇرسام دەيمەن، ئەپسۇس ،كۈنلەر شۇنداق بىر-بىردىن ئۆتۈپ كەتتى،
تىما ئادىدى بولسىمۇ ئەمما ئويلاپ بېقىشقا،ئويلاپ بېقپلا ئەمەس ئاستىمىزنى كۆتۈرۈپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك سوئال.
.......