قاناتلىق شائىر
ئاپتور:ئابدۇرېھىم ئابدۇللا
قاناتسىزدۇر ئىنسان ھاياتتا،
ئۇچتۇم لېكىن شىئېرىي قاناتتا.
****
نىمە دېگەن گۈزەل دۇنيا بۇ،
بىزەپ كەلدى يۇلتۇز، ئاي، قۇياش.
كەملىرىگە رەڭ بېرىپ ئىنسان،
ياساپ چىقتى بىر قىزغا ئوخشاش.
قانچە لەززەت ئاشۇ دۇنيادا،
غېرىبانە بىر قېتىم ياشاش.
پايانىغا يەتمىدى كۆزۈم،
ئۇپۇقلاردا قالدى نىگاھىم.
چىللىغاندا ئاسمان دىلبىرى،
لاچىن بولسام ئىدى ئىلاھىم.
زارىقتۇرغان مەنزىللىرىمنىڭ،
مىسرالىرىم ئەركىسى دائىم.
كۆيدۈرىدۇ قېنىمنى ئوتتا،
دېڭىزلارنىڭ زەڭگەر دولقۇنى.
چىرايىمنى تاۋلايدۇ چوغدەك،
گۈرۈلدىگەن قۇياش يالقۇنى.
قوۋرۇغامدىن ياسايدۇ قەپەز،
ھەۋەسلەرنىڭ ئۇچقۇر ئالۋۇنى.
ئارزۇلىرىم نېمانچە ئاچكۆز،
ۋۇجۇدۇمنى چىشلەيدۇ تالاپ.
تىنىقىمدا تىنجىماس بوران،
ھالسىرايدۇ تاغلار قالتىراپ.
لىكىن نۇردا ياشىدىم يارقىن،
قەلىممدە يۈرەك يالتىراپ.
مىسرالىرىم ياشاشقا رىشتە،
ۋەزىنلەردە ئۈمىتلەر پەخرى.
تەسەۋۋۇردا بولساممۇ بىھۇش،
نەپەسلەردە ئاتىللا قەھرى.
باي قىلماستىن شائىر قىپ مېنى،
ئوڭ كۆزىدە قاراپتۇ تەڭرى.
ھەر قىسمەتنى كۆردىكى بېشىم،
بىر خىيالى لەزەتتە ئۆمرۈم.
سېغىنىشنىڭ شىرىن ئوتىدا،
گاھى يايراپ، گاھىدا كۆيدۈم.
گۈلجاھاننى، جاننى، جاناننى،
شىئېرىم بىلەن سۆيدۈما-سۆيدۈم.
قايدا مەندەك بەختى سەيياھنىڭ،
مۇڭدىشىمدۇر يىراق ئەسىرلەر.
پارات قىلىپ ئۆتەر ئالدىمدىن،
ئۇچۇپ كەتكەن كۆركەم پەسىللەر.
مەرھابا! دەپ قۇۋۇق ئاچىدۇ،
قۇم ئاستىدىن ئالتۇن قەسىرلەر.
ھېلىمۇ ھەم جەڭدە تۇمارىس،
قىلىچىدا چاقماق ياندۇرۇپ.
كۆكتىن كىشنەپ چۈشەر دۇلدۇلى،
قىيالارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ.
بارگاھىدا بەزمە قىلىشتۇق،
قىدىرخانغا تەمبۇر چالدۇرۇپ.
نۇزۇگۇمنىڭ ئاپئاق چېچىدىن،
نۇر تۆكىمەن تاڭلار كۆكسىگە.
دەس تۇرغۇزۇپ سادىرنى قايتا،
قامەت قوشتۇم ئابرال ھۆسنىگە.
ناۋاينى يوقلاشقا باردىم،
ھىراتتىكى قەدىم رەستىگە.
مەن ئاشۇنداق ئىككى ئادەممەن،
بىرى يەردە، بىرى سامادا.
لىرىكامدىن پۈتمىسە قانات،
ياشاركەنمەن غاردا، كاماردا.
ئىلھام قۇشۇم بولغاچ خەيرىيات،
پەرۋاز قىلدىم كۆكتە، ھاۋادا.
*****
قاناتسىزدۇر ئىنسان ھاياتتا،
ئۇچتۇم شۇنداق شىئېرى قاناتتا.
2005.7.10
سۇنۇق قىلىچ
ئابدۇرىھېم ئابدۇللا
ئاستىمدا شارقىراپ دەريا ئاقىدۇ ،
ئېشىپ بارماقتىمەن بىر تىك داۋاندىن.
ئالدىمدا بىر سۇنۇق قىلىچ ياتىدۇ،
بىلمەيمەن يادىكار قايسى زاماندىن.
قىلچنىڭ يېرىمى تۇپراق ئاستىدا ،
يېرىمى ئالماستەك تۇرىدۇ پارقىراپ .
بۇ قەدىم جەڭلەرنىڭ يالدامسىنى ،
ھاياجان ئىلكىدە ئالدىم ئاۋايلاپ .
تىترىدى قوللىرىم ، تونىدى يۈرەك ،
ھىلال ئاي ئەگمىسدەك ئەگرى قىلىچنى .
زاتىمنىڭ ھىدلىرى كەلدى گۈپۈلدەپ ،
بىلمىدىم قاي ھالدا نەپەس ئېلىشنى .
قىلچنىڭ بىسىدا قۇياش جىلۋىسى ،
بالقىيدۇ ئىپتىخار ،بالقىيدۇ زەر نۇر .
جاراڭلاپ سۇنغاچقا جەڭدە ئارمانسىز ،
سۈزۈك سۇنۇقىدا كۈلىدۇ غورۇر .
تاۋلانغان بۇ قىلىچ ئېگلمەس بولۇپ ،
جەسۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئوچاقلىردا .
قەسەم سۈيى ئىچكەن چىقىپ ئوچاقتىن ،
ئاھۇ كۆز مەدەتكار بۇلاق بويدا.
كەلتۈرگەن قىلچنى بۇ تىك داۋانغا ،
ۋەتەننىڭ سۆيگۈسى جەڭلەرگە چىللاپ .
سۇنغان چېغدىمۇ رىشتى ئۈزۈلمەي ،
تەۋەرۈك تۇپراقنى ئاپتۇ قۇچاقلاپ .
ئويلىدىم شۇنداقمۇ قىلچلار بار ئىكەن ،
بىر قېتىم قېنىدىن چىقالمايدىغان.
باسسا ياۋ ۋەتەنگە پاسكىنا ئاياغ ،
قىساس قەھرى بىلەن چاقنىمايدىغان.
خىيالچان تىكىلدىم سۇنۇق قىلچىقا ،
ئەينەكتەك تېندىن كۆرۈندى جەڭگاھ .
بۇ قىلىچ شىر سۈپەت بىر ئەر قولىدا ،
دۈشمەنگە ۋەيلۇندىن بەرمەكتە دەرگاھ .
چىقىدۇ شىۋىرغان ئوق ئۈزسە ساداق ،
ئۈمىدنىڭ زەرىدە قالقان قالتىرار .
تەككەندە گەجلەشكەن ھەر بىر قىلىچقا ،
بۇ قىلىچ بىسىدىن چاقنار يالتىرار.
ئاھ قىسمەت ،بۈگۈن مانا سۇندى ئۇ قىلىچ ،
جەڭگاھنى لەرزىگە سالدى شۇ سادا .
تاغلاردىن تاغلارغا ئۇرۇلدى ئەكسى ،
ھەر تاغدا بىر قىلىچ سۇنغاندەك گويا.
قۇياشمۇ قارايدۇ سۇنغاندا قىلىچ ،
زەپەرنىڭ يۈزگە تارتىلدى نىقاپ.
باتۇر ئات ئۈستىدىن غۇلدى باشسىز ،
كىشنىدى دۇلدۇلى زارلىق جىلغىدا .
قېنى ئۇ باھادىر ، قاردىم كۆككە،
قېنى ئۇ قىلىچقا مۇناسىپ ئەرلەر ؟
قۇياشتىن، نۇرلاردىن ئىزلىدىم ئۇنى ،
ئۇنىڭدەك ئوغلاننى يۇتمايدۇ يەر دەپ .
خەيرىھاھ ، قىياھقا ئايلىنپتۇ ئۇ،
قىلىچنىڭ دەستىسى قاپتۇ ئىلكىدە.
تەنتەنە قىلىدۇ ئەرلىك تەسۋىرى ،
مەرمەردەك يالتىراپ تۇرغان چېھرىدە .
يىگىتنىڭ بوينىدىن تەپچىگەن قانلار ،
دەرياغا ياقۇتتەك چۈشەر تامچىلاپ .
ئۇقچىدى يۈزۈمگە دەريانىڭ سۈيى ،
بىلدىمكى ئۇ مېنى بارماقتا چىللاپ .
ئاتىلار
ئابدۇرىيىم ئابدۇللا
ﻫەممە شائىر ئاناملا دىدى ،
ئاتىلىرى يوقمىكەن ئەستە .
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ،
يولۋاسنىمۇ قويغان ﻫەۋەستە .
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ،
نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا .
خەنجەر بۇلۇپ قادىلار ئىدى ،
بولسا مەلئۇن ﻫەر جايدا پەيدا .
نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چۆلپان ،
قېلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى .
ۋەتەن ئىشقى ئۇوقلارغا قالقان ،
ئايىقىدا قاننىڭ دولقۇنى .
يىڭنىلەرگە رەﻫمەت ئوقۇلدى ،
جەڭگاﻫ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا ،
كۈسەيلەرگە داستان پۇتۇلدى،
قېلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا .
بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،
جان ئاتىلار جەڭلەردە شېﻬىت .
توقاچ بەرسە ئانام تۇنۇردىن ،
ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە ،
كۆينەك بەرسە ئانام ماتىدىن ،
بايراق بەرگەن ئاتام زەپەردە .
مەن يېقىلسام ئانام يىغلىدى ،
ئاتاپ سىلكىپ مېندۈردى ئاتقا .
جاپالاردا راسا تاۋلىدى ،
خار قىلماي دەپ ياۋلارغا ياتقا .
مىڭ يىگىتنىڭ مىﻬنەت لەرزى بار ،
قۇلىدىكى ﻫەر بىر قاداقتا ،
ﻫەر كۈلكەمنىڭ پۇتمەس قەرزى بار ،
ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر ساداقتا .
بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،
جان ئاتىلار جەڭلەردە شېﻬىت
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ،
نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا .
خەنجەر بۇلۇپ قادىلار ئىدى ،
بولسا مەلئۇن ﻫەر جايدا پەيدا
نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چۆلپان ،
قېلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى .
ۋەتەن ئىشقى ئۇقلارغا قالقان ،
ئايىقىدا قاننىڭ دولقۇنى .
يىڭنىلەرگە رەﻫمەت ئوقۇلدى ،
جەڭگاﻫ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا ،
كۈسەيلەرگە داستان پۇتۇلدى،
قېلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا .
بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،
جان ئاتىلار جەڭلەردە شېﻬىت .
توقاچ بەرسە ئانام تۇنۇردىن ،
ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە ،
كۆينەك بەرسە ئانام ماتىدىن ،
بايراق بەرگەن ئاتام زەپەردە .
مەن يېقىلسام ئانام يىغلىدى ،
ئاتاپ سىلكىپ مېندۈردى ئاتقا .
جاپالاردا راسا تاۋلىدى ،
خار قىلماي دەپ ياۋلارغا ياتقا .
مىڭ يىگىتنىڭ مىﻬنەت لەرزى بار ،
قۇلىدىكى ﻫەر بىر قاداقتا ،
ﻫەر كۈلكەمنىڭ پۇتمەس قەرزى بار ،
ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر ساداقتا .
بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،
جان ئاتىلار جەڭلەردە شېﻬىت
مەن بۇ كەمگىچە باشقا كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى يوللاپ باقمىغان. ئەمما بۇ شىئېرنى يوللىماي تۇرالمىدىم. نېمە دىگەن پاساھەتلىك تىللار بۇ! كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مىسىرالار ئىكەن! كۆپچىلىك بىلەن تەڭ ھوزۇرلىنىشنى تايىن تاپتىم. كەچۈرۈڭلار!
[ بۇ يازما YuqunAdam تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]