سىناپ باقاي
ياشانغان بىر كىشى قاغا سىتىۋاپتۇ. قاغىنى قانداق قىلىسىز دەپ سورالغاندا
-قاغا ئۈچ يۇز يىل ياشايدۇ دىيشىدۇ راسمۇ يالغانمۇ سىناپ باقاي دەيمەن دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
بىر يىلدىن كىيىن
بىر ئەر ئايالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئايالىدىن سوراپتۇ
- قەدىرلىگىم ، تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئۈچۈن قانداق سوۋغات ئالسام بولار؟
-مەن تىىخى ئويلانمىدىم جىنىم؟
-چاتاق يوق قەدىرلىگىم،ئۇنداقتا مەن ساڭا يەنە بىر يىل ۋاقىت بىرەي، ئوبدانراق ئويلاغىن؟-دەپتۇ.
يەڭگە بىلەن سىڭىل
سىڭلىسى،، يەڭگە سىز دەپ بىقىڭە، لايىق تاللىغاندا ئاپىسى يوقنى تاللايمۇ ياكى يەڭگىسى يوقنى تاللايمۇ؟
يەڭگىسى
ئەڭ ياخشىسى سىڭلىسى يوقنى تاللاڭ.
باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى بىلگەننىڭ پايدىسى
چاشقانلارنىڭ ئۇۋىسىنىڭ ئالدىدا بىر مۈشۈك يىتىۋاپتۇ، بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن چاشقانلار تالاغا چىقالماپتۇ.
بۇنى كۆرگەن چاشقانلارنىڭ دادىسى تۆشۈكنىڭ يىنىغا كىلىپ،ئىتنى دوراپ- ھاۋ،ھاۋ!!! دەپ ۋارقىراپتىكەن مۇشۇك بەدەر قىچىپ كىتىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن دادا چاشقان باللىرغا
-كۆردۇڭلارمۇ، باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى بىلگەننىڭ پايدىسىنى...........
ئۇنتۇغاق مومايلار
پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئۈچ موماي ئۆزلىرىنىڭ ئۇنتۇغاق بولۇپ كىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە دەرت ئيتىپتۇ.
-مەن توڭلاتقۇنى ئاچسام ،توڭلاتقۇدىن نىمە ئالىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالىمەن -دەپتۇ بىرىنچى موماي.
-ئۇ قانچىلىك ئشتى ،مەن لىفىتقا چىقسام يۇقىرغا چىقىدىغانلىقىم ياكى تۆۋەنگە چۈشىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالىمەن -دەپتۇ ئككىنچى موماي.
-خۇداغا شۇكرى، مەندە ئۇنداق ئىش يوقكەن.
ئۈچىنجى موماي ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دەۋىتىپ ئالدىدىكى شىرەنى چىكىپ قويۇپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ شىرەنى چەككەنلىگىنى ئۇنتۇپ قىلىپ دەپتۇ
-ھوي، قاراڭلارچۇ،ئىشىكنى بىرسى چىكىۋاتىدۇ.
بىلىق ۋە توخۇ
بەش ياشلىق بالا دادىسىدىن سوراپتۇ
---دادا جورجىنىڭ دادىسى سۇ ئۈزۈشكە بەك ئۇستا ئىكەن سىز نىمىشقا ئۈزەلمەيسىز؟
-شۇنىمۇ بىلمەمسەن ،ئۇنىڭ دادىسى كۈندە بىلىق يەيدىغان تۇرسا، شۇنىڭ ئۈچۈن سۇ ئۈزۈشكە ئۇستا مەن بىلىق يىمىگەندىكىن سۇ ئۈزەلمەيمەندە.
--ئەجابا سىز ھەركۈنى توخۇ گۆشى يەيسىز ،بىراق بىرەر تۇخۇم تۇغقىنىڭىزنى كۆرمىدىمغۇ؟!...
دادام ئۆلۈپ قالدى
بىر ئادەمنىڭ ئايالى تۇغۇپتۇ،ئۈچ كۈندە مىڭىپتۇ،تۆتىنجى كۈنى تىلى چىقىپتۇ.بىراق كىمنى چاقىرسا شۇ ئۆلۈپ قالىدىكەن.
بىر كۈنى ئۇ بالا بوۋا دەپ چاقىرسا بوۋىسى ئۆلۈپ قاپتۇ، ئەتىسى موما دەپ چاقىرسا مومىسى ئۆلۈپ قاپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن دادىسى ، ئاپلا كىمنى چاقىرسا شۇ ئۆلۈپ قىلىۋاتىدۇ بىر خىسلەت بارمۇ نىمە؟داداد دەپ سالمىغىيتى دەپ ئويلاپ تۇرشىغا دادا دەپ چاقىرىپ ساپتۇ.شۇنىڭ بىلەن دادىسى ئۆزىنى يەرگە تاشلىۋىتىپ تۈگەشتىم دەپ خىلىغىچە يىتىپتۇ بىر چاغدا قارىسا ئۆزى ساق تەپەككۇرى جايىدا بۇ نىمە ئىش ئەمدى دەپ ئورنىدىن تۇرشىغا قوشنىسىنىڭ بالىسى يىغلىغان پىتى يۇگىرەپ كىرىپتۇ.
-نىمانچە يىغلايسەن ساڭا زادى نىمە بولدى ؟ دەپ سورشىغا ئۇ بالا
-دادم تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالدى دەپ جاۋاپ بەرگۇدەك.
مەنبە ياقتۇرۇپ ساقلىۋالغانلىرىم