ئاپتاپەرەس ياكى ئۆلۈم
1
ئەتىيازنىڭ قولى
ھەممە ئادەم ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر.
- ‹‹قۇرئان كەرىم ››دىن
ئۇنىڭ تىنىقلىرى تاتارغان
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى تىلنىڭ، تارىخنىڭ، دىننىڭ، مىللەتنىڭ، مۇھەببەتنىڭ، جىنسىيەتنىڭ ، ئۆتمۈشنىڭ، كەلگۈسىنىڭ، ئەزرائىل بىلەن ئەتىيازنىڭ بارماقىلىرى سىقىمداپ تۇرغان ھاياتنىڭ رەڭگى تارتارغان
مەن ھېچ نېمە دىيەلمىدىم ، مەن ھەممىگە پەقەت موشۇنداق جىمجىت ھالدا ئىشەنگۈچى ...
بىز ئاپپتاپەرەس تېرېۋاتاتتۇق ، مەن ئالقانلىرىمدىكى مېنىڭ كەلگۈسۈم بولمىش سىزىقىلارغا،
ئۇنىڭغا چاپلىشىپ تۇرغان قاپقارا ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقلىرىغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدىم .
مەن جاننىڭ قانداق نەرسىلىكىگە ھەيران قالمايتتىم
مەن ئون نەچچە يېشىمدا، ئالقانلىرىمنىڭ رەڭ يۇقى بىلەن ھۆكۈمنامىگە، خام خىياللىرىمنىڭ چەكلىمىگە، كەلگۈسۈمنىڭ ئۈمىدسىزلىككە، كېچىلىرىمنىڭ ئانانىزىمغا،ھاياتىمنىڭ گۇناھقا، ئىسمىمنىڭ مۇساپىرلىقىقا تولۇپ كىتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم .
پىشانەمدىن يېمىرىپ سۆيۈۋاتقان تەقدىرنىڭ
مۇزدەك لەۋلىرىنىڭ ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدىغانلىقىنى،
بوۋامنىڭ ئۆز ئۆيىدە، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرنىڭ ئالدىدا
ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم
مەن دىنغا ئىشىنەتتىم
جىنلارنىڭ قولۇمدىكى قۇرئاننىڭ ئىچىدە مەن بىلەن تەڭ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلايتتىم
مەن ئادەمنىڭ مەنېيدىن يارتىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم
قورقۇنچاقلىقىغا
يالغانچىلىقىغا
مۇھەببەتكە، ھېسياتقا ، شامالغا،
كۈلتۈك قارلارغا، يات جىنىسلىقلارغا
تەشۋىقات تاختىلىرىغا،
سوتسىيالىزىمغا،
ھوقۇققا
سۆزلەشكە
يىغلاشقا
كۈلۈشكە
ۋە سانسىز رەھبەرلەرگە ئېگە ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم ....
ئۆيىگە كىرگەن ھەربىر ئادەمگە ،(ئۇ دۈشمەن ياكى ئەزرائىل بولسىمۇ )كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتىم.
ئارىمىزدىكى كېچىلەردە
ئالدىمىزدىكى چۆچەكلەردە
بىزنى ئالداپ كەلگەن ئادەملىكىمىز ئىچىدە
كېىچىسى ياستۇقۇمنىڭ تېگىگە تىقىپ قويغان پىچاقتا
جاينامازدا ئولتۇرۇپ تىلىۋاتقان تىلەكلەرنىڭ ئىچىدە
بوۋاقلارنىڭ يېغىسىدا
ئانىلارنىڭ ئەللىيدە
ئۆلۈمنىڭ ئەگىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدىم
ئادەمنىڭ ئۆلىدىغانلىقىغا ئىشەنەتتىم
ئادەم ئۆلتۈرۈشنى بىلەتتىم ...
(بەلكىم ھازىر يەسلى بالىلىرىمۇ بىلىشى مۇمكىن)
لىكىن بۇنداق ، (لېكىن بۇنداق ئەزرائىلچە بىمەنىلىك بىلەن ئەمەس ئەلۋەتتە)
بوۋام ئۇزۇن تىركەشتى ،
مومامنىڭ كۆز ياشلىرى بىر دەريا
دادامنىڭ بۇقۇلداشلىرى بىر دەمدار
ئانامنىڭ يېغىسى بىر نالەش
مېنىڭ تېڭىرقاشلىرىم .....
مېنىڭ تەمتىرەشلىرىم
مېنىڭ ئەھمىيەتسىز ئۈمىدلىرىم
مېنىڭ بويۇن قىسىپ تۇرغان يىتىملىكىم
بوخچامدىكى ناشتىدىن ئىشىپ قالغان بىر پارچە نېنىم
ئۆپكە كېسىلنىڭ نەپىسىدەك سىقىلىپ كىتىۋاتقان قەلبىم
خۇدانىڭ ئىچى ئاغرىمايدىغان بالىلىقىم....
قايغۇ شاماللىرىدا يەلپۈنۈۋاتقان قۇرئان بەتلىرى
ئېشىك بېشىدىكى رەڭگىنى يوقاتقان ئادراسمان چىچەكلىرى
قوڭىنى قاشلاپ تۇرغان تەقدىرنىڭ يېنىدىكى پاكار تاملىق ئۆيدىن:
‹‹ئۆلۈم›› دىگەن بىر جۈملە سۆز قېچىپ چىقتى
ئەتىيازنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن
بوغۇزىمىزغا قاپلاشقان يېغىدىن
تۇل ئاياللارنىڭ تېنىدىن
يىتىم بالىلارنىڭ كۆز يىشىدىن
مەھەللىمىزدىكى مەسچىتنىڭ ھويلىسىدىن
بوۋامنىڭ دوستلىرىنىڭ مۇنچاق – مۇنچاق كۆز ياشلىرىدىن ...
ھېچكىم ھېچنېمە دىمىدى
مەنمۇ ئەزرائىلچە بىمەنىلىك ۋە ئىنسانلارچە بىچارىلىك بىلەن قاراپ تۇردۇم
تېخى بىر كېچە ئۆتمەيلا
تېخى ئىستاكانغا قۇيۇلغان چاي سوۋۇمايلا
ئەتىيازنىڭ قان رەڭ قوللىرى ئۇنى ئىلىپ كەتتى ..
2
ئۆلۈمنىڭ رەڭگى
مەن ئاستا –ئاستا تىكىلىۋاتقان كىپەنلەرنى پۇرىدىم
يىېڭنېنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتۈۋاتقان ئۆلۈمنىڭ قەدەملىرىنى سانىدىم
مەن مېيىت يۇيىۋاتقان سۇنىڭ مۇزدەك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم
ئاياللارنىڭ ئالقىندىكى تەسۋىلەرنىڭ شىرىقلاشلىرىنى سەزدىم
مەن ئاستا – ئاستا ئۆسۈۋاتقان بويۇمنى
ئۆيىمىزگە قاراپ يوپۇرلۇپ كىلىۋاتقان قۇرۇق جىنازىلارنى
بوۋامنىڭ سەللىسىنى كىيىپ ھېجىيىپ تۇرغان ئەزرائىلنىڭ كۈلكىسىنى پۇرىدىم
بۇلار نېمە ؟ بۇلار نېمە ....................
يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان تىمىمىزنىڭ ئەزرائىل بولغانلىقىمۇ ؟
ئىچىۋاتقان سۈيىمىزنىڭ بىز بىلمەيدىغان تاغلاردىن ئېقىپ كەلگىنىمۇ؟
تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئاق رەڭ
كۆرگىلى بولمايدىغان قاپقارا كۆلەڭگگە
ئۆلۈم ئەتىيازدىكى بىزنىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان بۇغدايلىقىمىز
ئۆلۈم بۇغدايلىقمىزنىڭ قىرىدىكى بىز تېرىۋاتقان ئاپتاپپەرەس
ئۆلۈم بىز بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكىمىز
ئۆلۈم كەلگۈسىمىزنىڭ رەڭگى
3
تۇپراق بېشىدا
مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ( يەنى پۈتۈن يەر يۈزى ) ئاللاھنىڭدۇر.
ــ ‹‹قۇرئان كەرىم›› دىن
يەر كولانماقتا
يەر بىر ئادەمنىڭ ئۆمىرىنى
كەلگۈسىنى
بالىلىرىنىڭ خۇشاللىقىنى
ئۆزىگە تەۋە بولغان كېچىلىرىنى يۇتماقتا....
ھەي ...........
ئادەم
ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقان
ئىچىمدە ساقلانغان يالىڭاچلىق ، ئاجىزلىق تېخىچە تىرىك
زىمىن يىپىق، ئوچۇق، يىپىق ...
ئىچمىزدە ، يۈزۈمىزنى يۇيىۋاتقان سۇدا
ناماز ئوقۇۋاتىدۇ
كېچە ۋە كۈندۈز ...
ئايەتكە ئورالغان توپا
ئۆلۈم يوشۇرۇنغان بىر سىقىم تۇپراق
بىزنى ئايرىپ تۇرىۋاتقان ئەقىل
ئۇنى ئۆز مەيلىگە قوي
ئادەمنىڭ ئۆلۈشى يېڭىلىق ئەمەس
ئادەمنىڭ دەپنە قىلىنىشىمۇ ھەم .
بىر كۈن
قۇياش ، مارىت ئيى
يىغا، كۈلكە، يالغان گەپلەردىن، سىياسەتتىن،
ئۇرۇشتىن خالىي بىر مۇراسىم
توپىنڭ گۈپ قىلىپ تاشلانغان ئاۋازىدىن
ئايلانغىلى قويايلى ئۇنى
قەلبىمىزدە، ئاياللارنىڭ كىيىملىرىدە، يىنىك
لەيلەپ يۈرگەن ئاپئاق قايغۇغا
ياۋا گۈلگە ئوخشاش
ئاستا –ئاستا توزۇۋاتقان توپىلارنىڭ يارىسىدا
ئەزرائىلنىڭ قولىدىكى دېرىژورلۇق تايىقىنىڭ بىرقىتىملىق پەسلىشىدە
ياكى ئەتىيازنىڭ قولىدىكى جاراھەتنىڭ شىپا تېپىشىدا .
ئۆلۈم بىر ئىش
ئانامنىڭ سامساق تېرىغان ئىتىزلىقلىرىدىكى
ياكى تام تۈۋىدە ئاپتاپ سۇنۇپ ياتقان بوۋاينىڭ
كېچىسدىكى
بىر ئاق رەڭ
مېنى كۆمدى ئەسلىمىلىرىمگە .
ئۆلۈم يەردە ياتىدۇ
ئۆلۈم بىزنى تاپىدۇ
شەرقتە، ياكى غەربتە
ئۆلۈم يەنىلا موشۇنداق ئاق رەڭدە ياكى قارا رەڭدە
داۋامى بار ..............
_________________________
بۇ شېئىرنىڭ داۋامى بار دېگىلىمۇ يېرىم يىلدىن ئاشتى ، داۋامىنى ھەجەپ يېزىپ بولالمىدى بۇ ئاداش
.gif)