مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 324 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ كۈلۈپ ياشاڭ
天使的眼泪
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 27648
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ياخشى باھا: 152 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2163 سوم
تۆھپىسى: 203 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 446(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-01-24
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-24  

0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 11:12 AM

0 ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ كۈلۈپ ياشاڭ

                        
                ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ كۈلۈپ ياشاڭ    
ئوي پىكىر چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ  
]بىراۋنىڭ ئوي-پىكرى قانداق بولسا،ئۇنىڭ كىشلىك ھاياتىمۇ شۇنداق بولىدۇ.دىمەك،ئوي-پىكىر شۇ كىشىنىڭ چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ.  
مۇنداق بىر ھىكايە بولغانىكەن؛كىچىكىدىن تارتىپ جىدەلخور بىر بالا بولۇپ،ئۇ چوڭ بولغاندىن كىيىن شۇ يەردىكى ئۆكتەم لۈكچەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قاپتۇ.ئۇ كۈنبويى ئەيىش-ئىشرەت ۋە كەيىپ ساپا بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىكەن،ئاخىر ئۇ بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنپتۇ.شۇ مەزگىلدە ئۇ ئىككى پەرزەنىتلىك بولغان بولۇپ،كىيىنكى كۈنلەردە ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپتۇ.ئۇنىڭ بىر ئوغلى ئۇنى دورىغان بولۇپ،كۈنبويى سىرىتتا لاغايلاپ يۈرۈپ،ئاخىرى جىنايەت يولىغا مىڭىپ،پۇت-قولىغا كويزا-كىشەن سىلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىپتۇ.يەنە بىر ئوغلى جاسارەت بىلەن ئىشلەپ،ئاخىر شىركەتتە مۇئاۋىن لىدىر بوپتۇ ھەم بەخىتلىك بىر ئائىلە قۇرۇپتۇ.  
بىر مۇخبىر ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەننى زىيارەت قىلىپ،ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان يولدا ماڭغانلىقىنى سورىغاندا،ھەيران قالارلىقى،ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا؛«مۇشۇنداق بىر ئاتام بولغاندىكىن،مەن يەنە قانداق بولالايمەن؟»دىگەن جاۋابنى بىرىپتۇ.  
دىمەك،ئوخشاش بىر ئىشتىن ئوخشاشمىغان نەتىجە چىققان.بىرى ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن،يەنە بىرى تىنىم تاپماي ئىزدەنگەن.قارىغاندا ئوي-پىكىر قانداق بولسا،كىشلىك ھاياتمۇ شۇنداق بولىدىكەن.ئوي-پىكىر چىقىش يولىنى بەلگىلەيدىكەن.  
ناۋادا سىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ھىچ ئامال تاپالمىغان ۋاقتىڭىزدا،ئوي-پىكرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز،ئادەتلەنگەن تەپەككۇر شەكلىڭىزدىن قۇتۇلۇپ،دەرھال بىر يىڭى يول تىپىشىڭىز،يىڭى نىشان تىپىشىڭىز،يىڭى مەنزىلنى بايقىشىڭىز مۇمكىن.ئوي-پىكرىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز چىقىش يولى تىپىشىڭىز مۇمكىن،ئۇنداق بولمايدىكەن،كىشلىك ھايات يولىڭىز بارغانچە تارىيىپ بىرىشى مۇمكىن.فىرانسىيلىك ئالىم جون.فاربىر ئىلگىرى مۇنداق بىر داڭلىق چىپار قۇرت تەجرىبىسى ئىشلىگەن؛ئۇ بىر قانچە تۈكلۈك چىپار قۇرتنى بىرىنىڭ كەينىگە بىرىنى تىزىپ تەشتەكنىڭ دىۋارىنى بويلىتىپ قويۇپ بەرگەن،ئاندىن ئۇلار ياخشى كۆرۇپ يەيدىغان قارىغاي يوپۇرمىقىنى ئالتە ئىنگىلىز سۇڭى يىراقلىقتىكى تەشتەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ قويغان.تۈكلۈك چىپار قۇرتلاردا «ئەگىشىش»ئادىتى بولغاچقا،ئۇلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئەگىشىپ،تەشتەكنىڭ دىۋارىنى چۆرگىلەپ ھالىدىن كەتكەن.ئۇلار مىڭىۋىرىپ ھىرىپ ماجالى قالمىغاندا،سەل ئارام ئىلىۋىلىپ يەنە مىڭىشنى داۋاملاشتۇرغان.  
ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئۆتۈۋەرگەن،بىر كۈن،ئىككى كۈن......تۈكلۈك چىپار قۇرتلار چۆرگىلەپ مىڭىۋەرگەن،ئاخىر يەتتە كىچە-كۈندۈزدىن كىيىن تۈكلۈك چىپار قۇرتلارنىڭ ھەممىسى ئاچىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن.ئەپسۇسلىنارلىقى،يىمەكلىك ئۇلاردىن ئالتە ئىنگىلىز سۇڭى يىراقلىقتىلا ئىدى.تۈكلۈك چىپار قۇرت قارىغۇلارچە بىر-بىرىگە ئەگىشىپ مىڭىشقا ئادەتلەنگەن.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئوي-پىكرىنى ئۆزگەرتىپ،ئىلگىرىكى ئادىتى بويىچە قارىغۇلارچە ئەگەشمەي تەشتەكنىڭ دىۋارىدىن ئايرىلغان بولسا،ئالتە ئىنگىلىز سۇڭى يىراقلىقتىكى ئوزۇقلۇقنى بايقىغان بولاتتى.ئەمەلىيەتتە،ھاياتلىقتا تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ بىقىش تۈكلۈك چىپار قۇرتلارغىلا ماس كىلىپ قالماي،ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدە تۇردىغان ئادەملەرگە تىخىمۇ ماس كىلىدۇ.  
ئىككى خوجايىن ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قاپتۇ.بىر خوجايىن ئوھسىنغان ھالدا؛«شىركىتىمدە مۇنداق ئۈچ كىشى بار:بىرى ،بىرەر ئىشنى ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە سۈرۈشتە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ،ھەممىدىن گۇمانلىنىدۇ؛يەنە بىرى،ھەمىشە تەشۋىشلىنىپلا يۈرىدۇ،يوقىلاڭ ئىشلاردىنمۇ ئەندىشە قىلىدۇ؛ئۈچىنچى كىشى ھىچ ئىش قىلمايدۇ،ھەممىلا يەردە قاتراپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئۇلاردىن جاق تويدۇم،بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇلارنىڭ تازا ئەدىبىنى بەرمىسەم»دەيدۇ.  
بۇ گەپنى ئاڭلىغان يەنە بىر خوجايىن سەل ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن:«مۇنداق قىلايلى،ئۇلار مىنىڭ شىركىتىمگە بىرىپ ئىشلىسۇن،سىزمۇ بىر ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇڭ»دەپتۇ.خىزمەتچىلىرىدىن قاخشىغان خوجايىن ئۇنىڭ تەكلىپىگە خۇشاللىق بىلەن قوشۇلۇپتۇ.  
بۇ ئۈچ كىشى ئىككىنچى خوجايىننىڭ شىركىتىگە بارغاندىن كىيىن،بىرەر ئىشنى ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە سۈرۈشتە قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى سۈپەت نازارەتچىلىكىگە،ھەمىشە تەشۋىشلىنىپلا يۈرۈيدىغان كىشى بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىگە،ھەممىلا يەردە قاتراپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى تەشۋىقات خىزمىتىگە قويۇلۇپتۇ.بىر مەزگىل ئۆتكەندى كىيىن،بۇ ئۈچ كىشى ئۆز كەسپىدە ئاجايىپ نەتىجە يارىتىپتۇ،ئۇلار ئىشلەۋاتقان شىركەتمۇ تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىپتۇ.  
  دىمەك،ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدىكى ئىپادىسىمۇ ئوخشاش بولمىغان.شۇڭا شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى،نىشانىڭىز توغرا بولسىلا،ماڭغىلى بولمايدىغان يول يوق،ئوي-پىكرىڭىز توغرا بولسىلا،قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.  
  ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئەڭ پەرىقلىنىدىغان يىرى ئۇنىڭ بوينىنىڭ ئۈستى قىسمى،ئوخشاش بولمىغان قاراش ئوخشاش بولمىغان كىشلىك ھاياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.بىز چوقۇم يىڭى قاراش،يىڭى ئۇسۇل ۋە يىڭى تەپەككۇرغا ئىگە بولساقلا،كۈچلۈك رىقابەتتە يىڭىلمەس ئورۇنغا ئىگە بولالايمىز.  
ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ پىكىر قىلىپ بىقىڭ    
]ھەر قانداق كىشى مەسىلىگە باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ قارىمىقى زورۇردۇر.پەقەت ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ،باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويمىغاندىلا،باشقىلارنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھەقىقى چۈشەنگىلى بولىدۇ.  
مىلاد بايرىمنىڭ ھارپا كۈنى بىر ئانا بەش ياشلىق ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ بايراملىق مال سىتىۋىلىشقا چىققانىدى.كوچا رەڭگارەڭ چىراقلار بىلەن بىزەلگەن بولۇپ،بايرامنى مەدھىيلەيدىغان ناخشىلار ياڭرىماقتا ئىدى.بالا ناخشىغا ئەگىشىپ غىڭشىغاچ ئانچە-مۇنچە ئۇسۇلمۇ ئويناپ قوياتتى.ماگزىنلارغا ھەر خىل بايراملىق ئويۇنچۇقلار لىق تولغانىدى.ئانا بۇ مەنزىرىدىن ھاياجانلانغان ھالدا:«قارا قوزام،نىمە دىگەن چىرايلىق بايرام كىچىسى بۇ- ھە؟!»دەيدۇ،ئەمما بالا ھىچ ئىنكاسسىز ئانىسىنىڭ پىشىگە ئىسىلىپ يىغلاپ كېتىدۇ.  
«نىمە بولدى قوزام؟يىغاڭنى توختاتمىساڭ،مىلاد بوۋاي بۇ يەرگە كەلمەيدۇ جۇمۇ!»  
«مىنىڭ.....مىنىڭ ئايىغىمنىڭ يىپى يىشىلىپ كەتتى....»ئانا پىيادىلەر يولىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بالىسىنىڭ ئايىغىنىنىڭ يىپىنى چىگىپ بولۇپ،ئىختىيارسىز ھالدا بىشىنى كۆتۈرۈپ ھەيران قالىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا رەڭگارەڭ چىراقلار،ئىشىك دەرىزىلەرگە ئىسىلغان كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بايراملىق بىزەكلەر كۆرۈنمەيتى،ئەمەلىيەتتە،بۇ نەرسىلەر بالىنىڭ بويىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئىگىزدە بولۇپ،بالا كۆرەلمىگەنىدى.بالىنىڭ كۆرگىنى پەقەت كىشلەرنىڭ پۇتلىرى ۋە  بىر-بىرىگە سۈركىلىپ كىتىۋاتقان گەۋدىلىرى ئىدى.بۇ ئانا تۇنجى قىتىم بەش ياشلىق بالا بىلەن ئوخشاش نوقتىدا تۇرۇپ دۇنيانى كۈزۈتۈپ،ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ ۋە بالىسىنى قۇچاقلاپ دەرھال ئورنىدىن تۇرىدۇ.شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئانا ئۆزى «شاتلىق»ئاتا قىلىدۇ دەپ قارىغان نەرسىلەرنى بالىسىغا تاڭمايدىغان بولىدۇ.چۈنكى ئۇ «مەسىلىگە بالىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قاراش»نى ئۆز بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ،چۇڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغانىدى.  
ئەمەلىيەتتە،مەسىلىگە بالىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قاراش بىر لاياقەتلىك ئانا ئۈچۈن زورۈر بولۇپلا قالماستىن،بەلكى مەسىلىگە باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قاراش ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن زورۈردۇر.پەقەت ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ،ئىشەنگەننىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويمىغاندىلا،باشقىلارنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىنى ھەقىقى چۈشەنگىلى بولىدۇ.  
كۈندىلىك تۇرمۇشتائۆزىمىزنىڭ ياخشى كۆرىشىنى ۋە لوگىكىمىزنى ھەرگىزمۇ باشقىلارغا زورلاپ يىنىكلىك بىلەن تاڭماسلىقىمىز كىرەك.ئەمەلىيەتتەئوخشاش بىرمەسىلىگە ھەر كىم ھەر خىل نوقتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ«ئىسسىق-سوغۇق»ىنى ئۆزى بىلىدۇ.مەسىلىگە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە قارىيالىغان كىشىلەر باشقىلارنى كۆپرەك ئويلايدىغان كىشلەر بولۇپ،ئۇلار ھەمىشە باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە،باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىش ئۇنچىۋالا تەسمۇ ئەمەس،پەقەت مەسىلىگە قارشى تەرەپنىڭ نوقتىسىدا تۇرۇپ ئەستايىدىل قاراشنى خالىسىڭىزلا كۇپايە.  
بىر داڭلىق شىركەت گىزىتكە بىر نەپەر كاتىپ قوبۇل قىلىش توغرىلىق ئىلان بىرىپتۇ.ئىلان بىرىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي شىركەت خوجايىنى 300 پارچىغا يىقىن خىزمەت تەلەپ قىلىش خىتى تاپشۇرىۋاپتۇ.بۇ خەتلەر ئاساسەن «گىزىتتىكى ئىلاننى كۆردۈم،بۇ ئورۇنغا تەكلىپ قىلىنىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن،مەن بۇ يىل 29 ياش....» دىگەنگە ئوخشاش مەزمۇندا ئىكەن.پەقەت بىر ئەقىللىق خانىمنىڭ خىزمەت تەلەپ قىلىپ يازغان خىتى ئۆزگىچە بولۇپ،ئۇ خەتنى ئۆزىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئەمەس،بەلكى شىركەت خوجايىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مۇنداق يازغانىكەن:«ھۆرمەتلىك دىرىكتۇر ئەپەندىم،ياخشىمۇسىز؟كاتىپ قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئېلانىڭىز گېزىتتە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن بەلكىم ئىككى- ئۈچ يۈز پارچە جاۋاپ خەت كەلگەن بولۇشى مۇمكىن،بىلىشىمچە سىز ناھايىتى ئالدىراش،ئۇ خەتلەرنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ چىقىشقا ۋاقتىڭىز يەتمەيدۇ.شۇڭا....    نومۇرغا تېلىفۇن بەرسىڭىزلا،مەن خۇشاللىق بىلەن سىزگە يارىدەم قىلىپ خەت-چەكلەرنى رەتلىشىپ،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى تىجەپ بىرەلەيمەن.مىنىڭ 15 يىللىق كاتىپلىق تەجرىبەم بار...»شىركەت خوجايىنى بۇ خەتنى ئوقۇپ يايراپ كىتىپتۇ-دە،دەرھال تىلېفۇن بىرىپ ئۇ ئايالنى كاتىپلىققا تەكلىپ قىپتۇ.ئۇ خوجايىننىڭ دىيشىچە،بۇنداق ئادەملەر خىزمەت تىپىشتىن مەڭگۈ ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىكەن.  
بىرەر ئىش ياكى بىرەر مەسىلىگە سەمىمىلىك بىلەن باشقىلارنىڭ نوقتىسىدا تۇرۇپ قاراش دىگەنلىك،بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ،مەسىلە ئۈستىدە باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈش،باشقىلارنىڭ نوقتىئنەزىرى ۋە تەسىراتىنى بىلىش،باشقىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە ھىسياتىنى چۈشىنىش دىگەنلىكتۇر.  
شۇڭا،باشقىلار بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمىزدا،نىمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ نوقتىىسىدا تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىشنى،ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاشنى سىناپ باقمايمىز؟  
     «ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ كۈلۈپ ياشاڭ»ناملىق كىتابتىن  
                 تۇرسۇنجان روزى تەرجىمىسى  
مەن بۇ يازمىنى شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىنىڭ 2011-يىلى4-سانىدىن يوللىدىم  
 
 
 
تېما تەستىقلىغۇچى : مىرئادىل
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2011-05-22, 04:04

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

-سىز كۆرۋاتقان تىما ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ كۈلۈپ ياشاڭ,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+33(Eltekin) ياخشى مەزمۇن ..
  • ئاللاھتىن قورقۇپ كۆز يىشى قىلىدىغانلاردىن قانچىڭلار بار
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    xiren0997
    ئېچىلدى بەت،يېزىلدى خەت.باشلاندى سۆز،ياشلاندى ك ..
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 40474
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 403
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە403دانە
    ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2035 سوم
    تۆھپىسى: 7 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 393(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-12
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 12:11 PM

    تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ناھايتى ياخشى يېزىپسىز.  
     
    2بالا قوشكىزەك تۇغۇلغان بولسىمۇ ،بەش قولنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغاندەك،ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ياشاش نىشانى بولىدۇ ئەمەسمۇ.
    بىلىپ سۆيگىن كېيىن ئېچىنما،
    بىلىپ تاشلا  كېيىن سېغىنما.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    赛米江
    يارقىنى
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 11027
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 332
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە332دانە
    ياخشى باھا: 222 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 7078 سوم
    تۆھپىسى: 332 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 178(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 12:14 PM

    يېڭى خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭز ئۈچۈن رەھمەت سىزگە
    ماڭغان يولۇڭدا تىكەن بولسا، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى قانايدۇ.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    tarimjan102
    ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس،
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 28022
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 220
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە220دانە
    ياخشى باھا: 202 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3897 سوم
    تۆھپىسى: 302 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 294(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-01-27
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 12:40 PM

    توغرا . تەپەككۇر قىلىش ۋە ھەر بىر ئادەمدە بولىدىغان ئاڭ شۇكىشىنىڭ بۇ دۇنيادا قانداق ھايات كەچۇرۇشنى  بەلگىلەيدۇ ، ،ئادەم ھاياتلىقتا نۇرغۇن قىين مەسىلىلەرگە دوچ كىلىدۇ شۇ ۋاقىتلاردا سىزنىڭ روھىڭىز چۇشۇپ كىتىشى ياكى بەك ئازاپلىنىپ بىرەر ئىشمۇ خوش ياقماسلىقى مۇمكىن سىز شۇۋاقىتلاردا  ئۇزۇڭىزنىڭ روھى ھالىتىڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇپ شۇئىشنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش شۇ كىشىنىڭ ئەقلى تەپەككۇر قىلىشىغا باغلىق ................................!  
    ھەرقانداق قىيىنچىلىقا ئۇچرىسىڭىزمۇ بېشىڭىزنى ئىگىز كۈتۇرۇپ قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي ياشاڭ...  
              چۇنكى مەن دىگەندەك بۇ ھاياتلىقتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس.
    ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر .


    دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    天使的眼泪
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 27648
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 29
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
    ياخشى باھا: 152 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2163 سوم
    تۆھپىسى: 203 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 446(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-01-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-24  

    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 12:46 PM

    توغرا دەيسىز،بۇ دۇنيادىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس،بۇلار پەقەت ئۆتكۈنچى دۇنيادىكى ئانچىكى بىر توسالغۇ،ھەقىقى ئازاپنىڭ نىمىلىكىنى بىز تىخى كۆرمىدۇق.
    ئاللاھتىن قورقۇپ كۆز يىشى قىلىدىغانلاردىن قانچىڭلار بار
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    maris412
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 9363
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 307
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە307دانە
    ياخشى باھا: 192 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6615 سوم
    تۆھپىسى: 302 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1505(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-06
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 12:47 PM

    مۇنبەرگە كىرىپلا ئىسىل تىمىدىن بىرنى كۆردۈم
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    Ezithu
    جىم تۇرما يۈرەك....
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 39838
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 50
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 207 سوم
    تۆھپىسى: 5 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 390(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-06
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 12:56 PM

    ئۆزىگە ئىشىنىش كۈلۈشنىڭ مەنبەسى،،،
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    xahnur777r
    يوقۇتۇشنىڭ تۈپ يىلتىزى يەنىلا ئۈمۈدۋارلىق 。
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 10230
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 211
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە211دانە
    ياخشى باھا: 224 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5854 سوم
    تۆھپىسى: 306 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1339(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-13
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-24  

    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 01:50 PM

    ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز . بەك سۈيۈندۈم . كىشلىك ھاياتتىكى مۇھىم تەدبىرلەر ئىكەن . لىكىن ئۇنداق دىيىش ئاسان بولغان بىلەن قىلماق بەسى مۈشكۈل ئىشتە . شۇنداقتىمۇ تىرىشىش كېرەك .
    مۇھەببەتتىن كەچسەڭمۇ ئازاپ 。 ۋىسالىغا يەتسەڭمۇ ئازاپ 。 ئاي پاتسا تىترمە قوياش يار ساڭا 。 تەقدىرىڭ ھومايسا چاقچاق دەپ سانا 。
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    Uyghun
    ئۇيغۇن
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 15872
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 628
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە628دانە
    ياخشى باھا: 201 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5513 سوم
    تۆھپىسى: 302 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 3917(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 02:35 PM

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  maris412 كە 2011-05-22 12:47 PMئەۋەتىلدى  :  
    مۇنبەرگە كىرىپلا ئىسىل تىمىدىن بىرنى كۆردۈم  
     
    سىلىنىڭ پىلانىتتا  بۇنداق تېما يوقما؟  
     
     
    ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن. روھى زەربىگە ئۇچرىغاندا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلىگەن ھەم ئۇنى  يىڭىپ كىتەلىگەن كىشى  چوقۇم مۇۋاپىقىيەت قازنالايدۇ.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    vincent
    كۈرەش ئۆلمەيدۇ!!!
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 18699
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 112
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە112دانە
    ياخشى باھا: 143 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 809 سوم
    تۆھپىسى: 213 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 330(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 03:03 PM

    تۆت كۈنلۈك ئالەمدە كۈلۈپ ئۆتمىسە،ھايات بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.....تېمىڭىزغا رەخمەت!!!     
    مەزمۇنسىز مىليون يىل ئۆتكەن ئۆمۈردىن، مىڭ ئەلا دولقۇنلۇق ئۆتكەن بىر نەپەس.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    nur_abida
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 29313
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 50
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
    ياخشى باھا: 203 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3387 سوم
    تۆھپىسى: 303 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1935(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-02-06
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 03:28 PM

    ناھايىتى  ياخشى تېما ئىكەن.  
    دېمىسىمۇ بىز ئوي پىكرىمىزنى ۋە تەپەكككۇر ئۇسۇلىمىزنى ئازراق ئۆزگەرتىپ باقىدىغان بولساق نۇرغۇن يېڭىلىڭلارنى بايقايمىز.ھەممە ئىشنىڭ ياخشى يامان ئىككى تەرىپى بولىدۇ،بىز مەلۇم ئىشنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئويلىساق ئوخشىمىغان نەتىجىگە ئېرىشىمىز،ياخشى ئىشنىڭ مۇتلەق ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن شۇنىڭغا ئوخشاش يامان ئىشنىڭمۇ مۇتلەق يامان بولىشى ناتايىن.پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دەيدىغان بىر گەپ بار،بىز تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىساقلا تۇرمۇشمۇ بىزگە كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلىدۇ،تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىش ھەم تۇرمۇش ،خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    AZGUNBALA
    *  قىلىچ  تەڭلىگەن  دۈشمىنىڭدىن&nbs ..
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 40639
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 99
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە99دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 445 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 140(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-26  

    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 03:33 PM

    ئېسىل تىما، سىزگە كۆپ رەھمەت~~~  
     
    باشقىلارغا ئىشىنىش، باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاش، كۈلۈپ ياشاش دىگەنلەر ھەقىقەتەن دىيىش ئاسان،قىلىش بەكمۇ مۈشكۈل ئىش،شۇنداقتىمۇ شۇنداق ياشاش ئۈچۈن تىرىشىش مۇھىم~~~      
    ئازغۇن ئۆزىنىڭ ئازغىنىنى بىلىدۇ،
         بىراق توغرا يولغا قايتىشقا كىممۇ ياردەم قىلىدۇ؟