راڭپىزا - سېرىقئاش ، مالاچۈەر ، كالا گۈشى ئۈگرىسى ۋە باشقا « ئەخلەت» يىمەكلىكلەر
بۇ ئاستا خارەكتىرلىك ئۆز - ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش بۇلۇپ ، بولۇپمۇ قىز - ئاياللارغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ . پۈتۈن بەدەننى سوغۇق ئېلىپ كىتىپ ، ئاشقازان - ئۈچەي ئىقتىدارى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىرىدۇ . مەيلى قانداق ماركىدىكى لەززەتلىك راڭپىزا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر سىزنىڭ ئەزىز تېنىڭىز ، سالامەتلىكىڭىز ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك.
2.ئاچچىقسۇ - لازا
ئەلمىساقتىن زىيانلىق تەرەپلىرى كۆپ دىيىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق ھازىرغىچە داستىخانلارنىڭ گۈلى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ . %95 تېرە كىسەللىكلىرى ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ مەنبەسى دەل سىز ئەڭ ئامراق لازا - ئاچچىقسۇ .
3. ھاراق - تاماكا ، زىناخورلۇق
ئادەم تېنىنى ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن زەئىبلەشتۈرىدىغان بىرىچى قول باش جىنايەتچى . پۇل خەجلەپ كېسەل سېتىۋىلىش ئاڭلىماققىمۇ ناھايىتى كۈلكۈلۈك بىر ئىش . « ئوغولبالا» چىلىقىڭىزنى يۇقارقى نېجىس نەرسىلەر بىلەن ئىپادىلىمەڭ ، ئۇنىڭسىزمۇ بىر ئوغۇل بالىنىڭ « ئەركەك » لىك غورورى ۋە ۋىجدانى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىشقا تىگىشلىك ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرى نۇرغۇن . ئەگەر ئۆپكىڭىز قارىداپ نىيىتىڭىزمۇ قارىداپ ، ئاشقازان - ئۈچەيلىرىڭىز ھەم بۆرىكىڭىز كاردىن چىقىپ ئۆلەمىجان بولۇپ قالغىنىڭىزدا ، ئۆزىڭىزنى كۆرسەتكىلىمۇ پۇرسەت قالماي قالىدۇ.
( بارلىق شۇملۇق ھەم يامانلىقنىڭ مەنبەسى ئىمانسىزلىق ۋە نەپسى - ھەۋەسكە بېرىلىش . دۇنياغا بىر كېلىمىز بىر كېتىمىز ، قانچىلىك ئۆمۈر بېرىلگەنلىكىنى بىر ياراتقۇچى ئۆزى بىلىدۇ . قايسى يوللاردا قانداق مېڭىش ، ئۆزىنى ئەزىز قىلىش ھەم پەس قىلىش ھەركىمنىڭ ئىشى ، ئەمما شۇنى ئۇنۇتماڭكى ، ھەممىنىڭ سورىقى بار ، ئۇ كۈن چوقۇم كېلىدۇ !!! ) مەنبە:ئەل ئارزۇ مۇنبىرى.
http://alarzu.idcuw.com/read.php?tid=179[ بۇ يازما Hok تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]