پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك بايرىمى
پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك بايرىمى بار، بۇ بايرامدا خاتىرىلىنىدىغان مەزمۇنلار ئوخشاش، لېكىن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تەسىراتى ئوخشاش ئەمەس.
1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ رەھبىرى بىن گۇرىئان ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئىككىنچى كۈنى ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا 1-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىدى، نەچچە ئون مىڭ پەلەستىنلىك ئۇرۇش ئوتىدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىپ، مۇساپىر بولۇپ كەتتى. شۇندىن كېيىن پەلەستىن ئاداۋەتنى ئۇنتۇماسلىق ۋە قولدىن كەتكەن يەرنى قايتۇرۇۋېلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى 15-ماينى«ئاپەت كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، شۇ يىلىدىكى ئۇرۇش ۋە مىللىي ھەرىكەتنى خاتىرىلىدى. ئىسرائىلىيە بولسا دۆلىتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن «مۇستەقىللىق بايرىمى» تەسىس قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ چوڭ بايراملىرى يەھۇدىيلار يىلى بويىچە بولىدۇ، بۇ يىللىق مۇستەقىللىق بايرىمى 10-مايغا توغرا كەلدى. پەلەستىننىڭ 63-ئاپەت كۈنى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 63 مۇستەقىللىق كۈنىنىڭ ئارىلىقىدا بىر ھەپتىمۇ ۋاقىت يوق.
شۇڭا 5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپتە تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل كەيپىيات بارلىققا كەلدى، بىر تەرەپ قايغۇسىدىن ئازابلانسا، يەنە بىر تەرەپ خۇشاللىقىنى تەبرىكلىدى. قارىمۇ-قارىشى بولغان ئىككى بايرامنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ تەسىرلىنىش كەيپىياتىنى كۆتۈرۈۋەتتى. گازا رايونى، سۇرىيە ئىسرائىلىيە چېگراسى ، لىۋان ئىسرائىلىيە چېگراسى قاتارلىق جايلاردا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەردى، نۇرغۇن پەلەستىنلىك يەنە ئىسرائىلىيە تەۋەسىگە كىرمەكچى بولدى. ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشى بارغانچە ئەۋج ئېلىپ 200گە يېقىن كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى. پەلەستىنلىكلەر يەنە 15-مايدىن باشلاپ 3-قېتىملىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئاپەت كۈنى بىلەن مۇستەقىللىق كۈنىدىكى يېڭى توقۇنۇش پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تارىخىي ماجىراسى ۋە رېئال زىددىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. تارىختا يەھۇدىيلار ئازاب چەككەن، فاشىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن پاجىئە. بۇ يەھۇدىيلارغا دۆلىتى بولغاندىلا ئاندىن قۇدرەت تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى، ئاندىن خورلۇقتىن قۇتۇلالايدىغانلىقىنى تونۇتتى، ئۇلار پەلەستىنگە قايتىپ كېلىشنى تاللىدى. لېكىن ئەرەب ئەللىرى مۇنداق دەپ قارىدى: يەھۇدىيلارنىڭ ئازاب ئوقۇبىتى بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە قايتىپ كېلىشى ئەرەبلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىك، بۇ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زېمىندا غەيرى دۈشمەننىڭ قىسىلىپ كىرگەنلىكى بىلەن باراۋەر كېلىدۇ، بۇنىڭغا قەتئىي يول قويغىلى بولمايدۇ.
تارىخنىڭ ھەمىشە كىشىنى ھەيران قىلدۇرىدىغان ئوخشاشلىقلىرى بولىدۇ. 1-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ يۇرت ماكانى رەھىمسىز دۈشمەنلەر تەرىپىدىن يۇتىۋېلىندى، زېمىنى ئىشغال قىلىندى، مىڭلىغان، مىليونلىغان كىشى مۇساپىر بولۇپ، ياققا يۇرتلاردا سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مۇساپىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئەگەر نەزىرىمىزنى تېخىمۇ يىراق تارىخقا قارىتىدىغان بولساق، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ئەينى ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلارنىڭ سەرسانلىق سەرگەردانلىق تارىخى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، زېمىنىدىن ئايرىلىپ ھەمدە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن مۇساپىرلار مەسىلىسى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى يېشىلمەس تۈگۈش. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشىدىكى تۈپ سەۋەب . ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇش پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەگە ئازاب ئېلىپ كەلدى. نۇرغۇن پەلەستىنلىك سىياسىيون بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىپ، پەيدىن-پەي تىنچلىق يولىغا مېڭىپ، ئىسرائىلىيەنى قوغلاپ چىقىرىشتا قايتا چىڭ تۇرۇۋالمىدى.
مەيلى مۇستەقىللىق بايرىمى بولسۇن، ياكى ئاپەت كۈنى بولسۇن، تارىخقا نىسبەتەن خاتىرە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەدىكى ئىككى مىللەتكە نىسبەتەن، شەك-شۈبھىسىزكى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تولۇق ئاساسى بار، لېكىن تارىخنى ئەسلىگەندە، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ ئېگىزدە تۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق، تېخىمۇ سىياسىي ئەقىل پاراسىتى بىلەن، مەلۇم تارىخىي ھالقىلارغا چىڭ ئېسىلىۋالماي، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ، بىرلىكتە تىنچلىق بەرپا قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، كەلگۈسىدە ھەقىقىي قوش پايدىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل
ئوباما ئوتتۇرا شەرق يېڭى سىياسىتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى 
مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن داۋالغۇ كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە قانداق تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ؟ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 19-ماي مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا: سۈرىيە ھازىر مۇھىم تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە، مىسىر ۋە تۇنىس ياردەمگە ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە بولسا پەلەستىننىڭ 1976-يىلى بېكىتكەن چېگرا سىزىقى ئىچىدە دۆلەت قۇرۇشىغا ماقۇل بولىشى كېرەك، دەپ ئېلان قىلدى.
شۇ كۈنى ئوباما ئامېرىكا گۇۋۇيۈەنى بىن جېمىن فرانكىلىن زالىدا مۇھىم سۆز قىلغان، بۇ ئوبامانىڭ 2009-يىلى ئىيۇلدا مىسىر پايتەختى قاھىرەدە نۇتۇق سۆزلىگەندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا مۇھىم نۇتۇق ئېلان قىلىشى.
سۈرىيە مۇھىم تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە
18-ماي ئوباما مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالىغان بولۇپ، ئامېرىكا «زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى» نەزەردە تۇتۇپ، سۈرىيەنىڭ يەتتە چوڭ ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلىكىنى توڭلاتقان، مۈلىكى توڭلىتىلغانلار سۈرىيە زۇڭتۇڭى بېشار ئەساد ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئوباما 19-مايدىكى نۇتۇقىدا: زۇڭتۇڭ ئەساد چوڭ تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە، ئۇ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلىشى ياكى ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك ، ئەگەر بۇنداق بولمىسا دۆلەت ئىچىدە داۋاملىق خىرىسقا ئۇچرايدۇ، دۆلەت سىرتىدا تايانچسىز قالىدۇ، دېگەن.
مىسىر بىلەن تۇنىس ياردەمگە ئېرىشىدۇ
ئوباما ھۆكۈمەتلىرى ئالمىشىپ بولغان مىسىر ۋە تۇنىس توغرىسىدا توختالغاندا، بۇ ئىككى دۆلەتكە كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىر ئامېرىكا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنى مالىيە جەھەتتە ياردەم قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىۋېتىپتۇ.
شۇنى بىلەن بىرگە ئامېرىكا مىسىرنىڭ 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى قەرزىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان.
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېڭىشىشى
ئوباما 2009-يىلى قاھىرەدە نۇتۇق ئېلان قىلغاندىن كېيىن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېڭىشىشىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۈرۈگەن، يەنە «پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە بىر يىل ئىچىدە مەسلىنى ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىدۇ» دېگەن، لېكىن ئىككى يىلدىن بۇيان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېڭىشىشى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن.
ئوباما 19-مايدىكى نۇتۇقىدا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېڭىشىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ زىمىن پۈتۈنلۈك تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، 1976-يىلى بېكىتكەن چېگرا سىزىقى ئىچىدە دۆلەت قۇرۇشىغا يول قويىشى كېرەك، پەقەت مۇشۇنداق بولغاندا ئىككى دۆلەت مەسلىسىنى تىنچ، بىخەتەر، ئورتاق مەۋجۈت بولغان ئاساستا ھەل قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئىسرائىلىيە ئوبامانىڭ تەكلىپىدىن قاتتىق نارازى بولدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: خەۋەر قىلىنىشچە، 19-ماي ئوباما ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى سىياسىتىنى جاكارلاپ، ئىسرائىلىيەدىن پەلەستىننىڭ 1967-يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى چېگرا سىزىقى ئىچىدە دۆلەت قۇرۇشىغا قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان، ئىسرائىلىيە بۇ تەكلىپتىن قاتتىق نارازى بولغان. ئىسرائىلىيەنىڭ باش مىنىستىرى نىتانىياخۇ مۇنداق دەپ قارىدى: پەلەستىن دۆلىتىنى ئىسرائىلىيەنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە قۇرۇشقا بولمايدۇ، بۇ تەكلىپ ئىسرائىلىيەنى مۇداپىئە كۆرۈش ئاساسىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىدۇ.
18-ماي، نىتانىياخۇ ئامېرىكىغا بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پەلەستىن بىلەن مەيلى قانداق شەكىلدىكى تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشتىن قەتئىي نەزەر، 1967-يىلىدىن كېيىنكى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن چېگراسىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئولتۇراق رايونلىرىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىسرائىلىيە 1967-يىلىدىكى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى چېگراسىغا قايتالمايدۇ
20-ماي، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ۋاشىنگتوندىكى ئاق سارايدا ئىسرائىلىيەنىڭ باش مىنىستىرى نىتانىياخۇ بىلەن كۆرۈشتى. شۇ كۈنى، نىتانىياخۇ ۋاشىنگتوندا، ئىسرائىلىيە 1967-يىلىدىكى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى چېگرىغا قايتمايدۇ، دېدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى/ فىرانسىيە ئاگېنتلىقى)
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئوباما ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى تەڭشەشتە تەس كۈنگە قالدى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 19-ماي ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋەزىيىتى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۈرەتلىگەن ئۈمىدۋار ئىستىقبال بىلەن بۇ رايوننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي داۋالغۇشى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىدەك رېئاللىق روشەن سېلىشتۇرما بولدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوبامانىڭ يەتتە بەتلىك سۆز ئارگىنالىنى ئوقۇغاندا شۇنى بايقىماق تەس ئەمەسكى، ئۇنىڭ ئىچىدە بۇ رايونغا تىنچىلىق، مۇقىملىق، گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدىغان دەبدەبىلىك سۆزلەر كەم ئەمەس، ئەمما ئوتتۇرىغا قويغان ماھىيەتلىك تەدبىرلەر كۆپ ئەمەس. شۇڭا، بۇ سىياسىي نۇتۇقنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قىيىن ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش-ئۆزگەرتەلمەسلىكى ئادەمنى گۇمانغا سالىدۇ. ئوباما نۇتقىنى باشلىغاندا مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرق رايونى-ئامېرىكىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم، ئىقتىساد، بىخەتەرلىك، تارىخ ۋە ئېتىقاد قاتارلىق ئامىللار ئامېرىكىنىڭ كېلەچىكى ۋە بۇ رايون بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ بىر نەچچە يادرولۇق مەنپەئەتىنى پرىنسىپ قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى تۈزۈپ كەلدى، مەسىلەن: تېررورلۇققا زەربە بېرىش، يادرو قۇراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش، سودا ۋە سۇ قاتنىشىنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلار. ئۇ بۇ ھەقتە قايتا ئويلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندا باشتىن-ئاخىر ئۆز مەنپەئەتىنى تار دائىرىدە قوغلىشىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى نىزالارنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇھىم نۇقتىلارنى بۇ رايوندىكى ئاددىي ئاممىغا قارىتىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ بىر نەچچە كونكېرت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇلار-ئامېرىكىنىڭ مىسىرنىڭ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىشنى جاكارلاش، مىسىرغا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرز بېرىش ھەم ئۇنىڭ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا يەنە دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان سەككىز دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا مىسىر ۋە تۇنىسنىڭ ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەم زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى-ئامېرىكا ئۈمىد قىلغان نىشانغا قاراپ راۋاجلانمىدى، لىۋىيە، سۈرىيە، يەمەن، بەھرەيىن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى داۋالغۇش تىركىشىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى، ئوبامانىڭ مۇشۇنداق چاغدا مۇھىم سىياسىي نۇتقىنى ئېلان قىلىشى ماھىيەتتە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ ئامېرىكا ئۈمىد قىلغان نىشانغا قاراپ راۋاجلىنىش ئۈمىدىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئوباما شۇ كۈنى يەنە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ 1967-يىلىدىكى چېگرا سىزىقىنى ئاساس قىلىپ سۆھبەتلىشىش، بۇ ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەر ھەم ئېتراپ قىلىنغان چېگرىغا ئىگە بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئوباما مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: مەن پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش پىلانىغا قارشى تۇرىمەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىسرائىلىيەنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش تەدبىرى ئارقىلىق، بىر مۇستەقىل دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
ئوباما ئىسرائىلىيە ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە بەرگەن بىخەتەرلىك ۋەدىسىدىن تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. لېكىن يەنە مۇنداق دېدى: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتى داۋاملاشسا بولمايدۇ، مەن ئىسرائىلىيەنى دادىل ھەرىكەت قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا تۈرتكە بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن.
ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى ئالدىنقى ۋەزىپىسى قىلدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېرىشىپ كەلدى. لېكىن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىۋاسىتە تىنچلىق سۆھبىتى بۇلتۇر 9-ئايدا ۋاشىنگتوندا قايتا باشلانغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئىككى نۆۋەت سۆھبەتلەشتى، ئارقىدىن سۆھبەت يەنە توختاپ قالدى.
ئوباما شۇ كۈنى نۇتقىدا ئىككى يىللىق تېرىشچانلىقىنىڭ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى. ئۇ بىر ئاز ئامالسىز قالغاندەك تەلەپپۇزدا، «ئىسرائىلىيە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا مەھەللە سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا، پەلەستىنلىكلەر تىنچلىق سۆھبىتىدىن چېكىنىپ چىقتى» دېدى.
ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسىسلىرى ئوبامانىڭ شۇ كۈنى 1967-يىلىدىكى چېگرا سىزىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا سۆھبەتلىشىش قارىشىنى بىر ئاز يېڭىلىق دېيىشكە بولىدۇ دەپ قارىدى. لېكىن بەزى مۇتەخەسىسلەر بۇنىڭ ئەكسىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى برۇكىڭىس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى تەتقىقات باشلىقى مىچىل ئوخانلون ئوباما پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى مەيدانى ۋە پرىنسىپىنىلا قايتا تەكىتلىدى دېدى. ئۇ ئوباما ھەتتا تاكتېكا جەھەتتىن ئادەمنى ھاياجلاندۇرغىدەك تەكلىپنىمۇ ئوتتۇرىغا قويالمىدى، ئۇنىڭ سۆزى ھىچقانداق يېڭى تەسىر كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ قارىدى.
نۇتۇقتا يېڭىلىق بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىنەزەر، مۇتەخەسىسلەر پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدسىز پوزىتسىيە تۇتتى. ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى كاتو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى تېد كارپېنتېر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى يېتەرسىز، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى كۆزەتمەكتە، ئوباما ئىككى تەرەپكە تىنچىلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاتقۇزغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇرۇنقى سۆھبەتلەرگە ئوخشاش نەتىجىسىز ئاخىرلىشىشى مۇمكىن دېدى.
نۇرغۇن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى مەلۇم دەرىجىدە بۇ رايوندا داۋالغۇش پەيدا قىلدى. ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز سىياسىتىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش-ئۆزگەرتمەسلىكى، سىياسەتنى تەڭشىگەندىن كېيىن يەنە كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكىگە نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر گۇمان بىلەن قارىماقتا.
ئوخانلون مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا نۆۋەتتە بۇ رايوندىكى داۋالغۇشتىن ناھايىتى ئەندىشە قىلماقتا، چۈنكى ئامېرىكا ۋەزىيەتنى تىزگىنلىيەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ، سىياسەتنى تەڭشىگەن چاغدا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ. كارپېنتېر مۇنداق دېدى: ۋاشىنگتون ئۆز سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن تەقدىردىمۇ، ئەرەب دۇنياسىدىكى خەلقنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئامېرىكىدىن پەخەس بولۇش روھىي ھالىتىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۈگىتىش ئانچە مۇمكىن بولمايدۇ.