خوشلىشىش
سەن ئۇزاتقان مېنى شۇكۈنى،
مەنمۇ تۇتقۇن ئاچچىق ئەلەمگە.
ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلىدىم مەنمۇ،
نىمىمۇ دەي ئۇشبۇ تەغدىرگە.
قالدىڭ يارىم يۈرەكنى ئېلىپ،
مەن كەتتىم ھەم ھىجراننى ئېلىپ.
چىدىماي ھەم بۇ ئايرىلىشقا،
ئازاپلاندىم بەكمۇ قىينىلىپ.
ئامان قالغىن مېنىڭ شاھزادەم ،
دىلىم سېنىڭ مەڭگۈ قاياشىڭ.
ۋىسال تاپار ئارمانلار قاچان؟
دەيسەن دائىم ئاقمىسۇن ياشىڭ.
ھىجرانلارغا خوشلا دىگۈم بار،
سېغىنىشلار ئالدى يۈرەكتىن.
ھايات چەكلىك ئۆمۈرمۇ شۇنداق،
كەلمەيمىزكەن قايتا بىلەكتىن .
17-مارت . قاراماي.
مەنبە: ئۆزۈم