ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم جالالىدىن ئاكا، ياخشىمۇسىز؟
@scy v@5)F مىسرانىم مۇنبىرىنى قۇرغۇچى ئابابەكرى، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
4/z
K3%J مىسرانىم مۇنبىرىدە يىقىندىن بۇيانقى ئىلىپ بىرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ناھايتتى جانلىق ھالدا بىز بىلەن يۇز كۆرۈشمەكتە، مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.
!4"!PrZDB e%Sw
(=a بۈگۈن جالالىدىن بەھرام ئاكىنى مىسرانىم مۇنبىرىدە كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم، جالالىدىن ئاكا، مەن سىزنىڭ ھەر بىر رومانلىرىڭىزنىڭ ئوقۇرمىنى. سىزنىڭ قەلەم قابىلىيىتىڭىزگە،ۋەقەلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇش،ھەم ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسلۇبىڭىزگە ھەقىقەتەن قايىلمەن. سىز كۆڭلۈمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر پىشقان يازغۇچى.
b`lLqV<[cB Wk0"U
V جالالىدىن ئاكا، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ھازىر ئۇيغۇرلار كىتابچىلىقىدا ھىكايە-رومانلار ھەقىقەتەنمۇ ئۈزۈلمەستىن نەشىردىن چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. ھەر قىتىم يىڭى بىر كىتاب نەشىردىن چىققاندا ئىرىنمەي بىرىپ سىتىۋالىمەن. ئىچىمدە بىر خىل ئىيتىپ بولالمايدىغان يىنىككىنە ھاياجاننىڭ تۈرتكىسىدە ئۆيگە بىرىپ كىتابنى ئاچىمەن، خۇددى ئۆزۈمنى باشقا بىر ئادەملەر توپىنىڭ دۇنياسىغا كىرىش بۇسۇغۇسىدا تۇرىۋاتقاندەك ۋەقەلىكنى ئوقۇشقا باشلايمەن.
)&nfV
5@" UdIl5P كىتابنى ئوقۇپ بولغاندا بولسا بەزى كىتابلاردىن يەنى ئاپتۇردىن راسلا رەنجىپ قالىمەن، نەشىرياتتىنمۇ ھەم شۇ، تەھرىردىنمۇ ھەم شۇ.
mMz^I7$ $X>$)U'p&- كىتابنىڭ مۇقاۋىسى شۇنچە چىرايلىق، ماۋزۇسى شۇنچە كىشىنى جەلىپ قىلارلىق، باھاسى شۇنچە قىممەت، ئەپسۇس، مەزمۇنى بولسا ناھايتتى پۇچەك. كىشىدە ھىچقانداق بىر ئىستىتىك زوقنى ھىس قىلدۇرالمايدۇ، خۇددى ئاپتورنىڭ ئىچى پۇشقاندا يىزىپ قويغان قول يازمىسىنى ئوقۇغاندەك بولىمەن. بەلكىم بۇنداق دىسەم شۇ ئاپتورغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولار، لىكىن ئەمەلىيەت شۇنداق.
~6<'cun@x c2tf7fkH ھازىر كىتابخانىغا بىرىپ كىتاب سىتىۋىلىشتىنمۇ رايىم سەل يىنىپ قالدى، 10 پارچە كىتاب سىتىۋالسام مىنى قايىل قىلىپ شۇ كىتابنىڭ ۋەقەلىكىگە ئەكىرىپ كىتەلەيدىغىنى 1~2پارچە كىتاپ، قالغانلىرى مەن دىگەندەك قۇرۇق سۆز دۆۋىسى. ئۇ كىتابلاردىن ھىچقانداق بىر مەنا، ھىچقانداق بىر تەربىيە...قىسقىسى ئىرىشمەكچى بولغان ئۈنۈمنى پەقەتلا تاپالمايمەن.
2;v1YKY <\9M+ جالالىدىن ئاكا، مىنىڭ بۇ يەردە يازغۇچىلارنى دادلاپ بەرگىنىم ئەمەس، پەقەت ئەمەلىيەتنى دەۋاتىمەن.
<{z*6FM!' مىنىڭچە سىز چوقۇم بۇ تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇيسىز، سىزدىن ئۈمۈد قىلىدىغىنىم: كىلەچەكتە سىزگە ئوخشاش ياراملىق يازغۇچىلار توپىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ياردىمىڭىزنى ئايىمىغان بولسىڭىز.
hHu?%f* 4@Q`8N. يەنە سىزنىڭ يىڭى رومانلىرىڭىزنى تولىمۇ سىغىندۇق. بولسا تىزرەك نەشىردىن چىققان بولسا.
c=^A3[AM ئۆزۈمنىڭ كىتابخۇمارلىقىم تۈپەيلى ئۇيغۇرچە ھىكايە-رومان قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا سەل ۋايساپ قويدۇم، سىزنىڭ توغرا چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
M9t`w-@_w LE'8R~4.< ئاخىرىدا پىشقان يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرام ئاكىغا يۇرەك سۆزلىرىمنى ئىيتىۋىلىشقا ئورۇن ھازىرلاپ بەرگەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرىگە رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن.
[ بۇ يازما مەلىكە تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]