مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 2476 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تىما : سۆيۈلمىگەن بىر قىزنىڭ كىچىككىنە ئارزۇسى
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 171
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 0.19%
  نادىر تىما: 2
  يوللانما: 19
  ياخشى باھا: 147 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4778 سوم
  تۆھپىسى: 99 كىشى
  ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
  ۋاقتى: 83(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-03
0 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-25 10:03 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

0

 سۆيۈلمىگەن بىر قىزنىڭ كىچىككىنە ئارزۇسى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى Tughrul تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-05-25)
سۆيۈلمىگەن بىر قىزنىڭ كىچىككىنە ئارزۇسى



 
 
 
  
 
بارمايمەن دىگەن تۈگمەنگە يەتتە قىتىم بىرىپتۇ دىگەندەك،بۇ مۇھەببەت يولۇمدا تۇنجى قىتىم ئازار يەپ،ئىككىنچى بۇ تەرەپكە قارمايمەن دىگەن ۋەدەمنى ئۇنىڭ تاتلىق ۋەدىلىرى بىلەن بۇزۇپ تاشلىدىم. 
 
كىم ئۇ، مېنىڭ خاتىرجەملىكىمنى بۇزۇپ، كۆڭۈل كۆلچەكلىرىمگە داڭگال ئېتىپ، داۋالغۇتۇۋاتقان؟
كىم ئۇ، مېنى بېلىققا ئوخشىتىپ، قىزىققۇملۇققا تاشلاپ، چاكىلدىتىۋاتقان؟
كىم ئۇ، مېنى قايناۋاتقان ياغقا تاشلاپ قورۇۋاتقان؟
كىم ئۇ، مېنى ۋەھشىي چىل بۆرىگە ئوخشىتىپكىرپىك ئوقيالىرى بىلەن ئوۋلاۋاتقان
كىم ئۇ، مېنى چالما - كېسەكلەرگە ئوخشىتىپئىشق - مۇھەببەت خۇمدانلىرىدا تاۋلاۋاتقان؟
كىم ئۇ، يۈرىكىمنى ئالمىغا ئوخشىتىپ، كۆزلىرىدىن ئاققان تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ، ئىچىدىن قۇرتتەك غاجاپ يەۋاتقان؟
كىم ئۇ، يۈرىكىمگە بازغان ئۇرۇپ نەپەس ئالدۇرمايۋاتقان؟
كىم ئۇ، ماڭا بىچارىلەرگە ئوخشاش ئاشىقىبىقارار بولۇپ، دىل رىشتىمنى ئۈزەلمەيۋاتقان؟
كىم ئۇ ...
 
 
ئازاپلانغان قەلبىمگە مۇھەببەت ئۇرۇقى قايتا چېچىلدى، بۇ يەنى دەل بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنقى 6-چىسىلا. پۈتۈن زىمىن تەبىئەتنىڭ ئەڭ گۈزەل تونى بولغان ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن پەسىل.
 
 
 
خىزمەت ئورنۇم چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە يىقىن بولغاچقا، ھەر يەكشەنبە كۈنى نەرسە-كىرەكلىرىمنى ئىلىپ شۇ يەرگە كىتەتتىم، بۈگۈنمۇ شۇ ئادىتىم بويچە ئىغىر سومكامنى كۆتۈرۈپ چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدىم. ۋاھ، مەن ياقتۇردىغان چۆچۈرە ئىتىپ تۇرۇپتىكەن ئەمەسمۇ ، سومكامنى تاشلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشقاچ ئوخشىغان چۆچۈرنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىشكە باشلىدىم. شۇ ئارلىقتا تىلىفۇنۇمغا قىسقا ئۇچۇر كىلىپ قالدى،قارسام كۆرۈپ باقمىغانلا بىر نۇمۇر ئىكەن،شۇڭا قايتۇرۇپلا سىز كىم ؟ دەپ ئۇچۇر يوللىۋەتتىم.
ئەمما ئۇ ناھايتى تىزلىكتە يەنە ئۇچۇر قايتۇردى< مېنى تونۇيسىز مۇئەللىم،ئوبدان ئويلاڭ دەپ> . مېنى ئاخماق قىلىۋاتقان بۇ بىر نىمىنى تىللاي دەپ ئويلىدىميۇ ،كەينىدىنلا كەلگەن يەنە بىر ئۇچۇرغا قارىدىم. ئۇ ئەسلى ئالىي مەكتەپتە بىللە ئۇقۇغان جان-جىگەر دوستۇمنىڭ قىيىن ئىنىسى ئىكەن. تونۇشقىنىمىزغا 3 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم شۇڭا بۇ ئۇچۇر ماڭا سەل غەلىتە تۇيۇلدى. ئارقىدىنلا ئۇ ماڭا تىلىفۇن قىلدى، بىز بىردەم پاراڭلىشىپ خوشلاشتۇق، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ تىلىفۇن ،قىسقا ئۇچۇر ئالاقىسى باشلىنىپ كەتتى.
 
بىر كۈنى يەنە ئۇنىڭدىن تىلىفۇن كىلىپ قالدى، بۇ قىتىم بەكلا ئۇزاق پاراڭلاشتۇق، گەپ ئارلىقىدا بىلدىمكى ئۇ قىز دوستىدىن ئايرىلىپ كىتىپتۇ. مەن بۇ بالا بىلەن دەستلەپ تونۇشقاندىلا ئۇنىڭ ئوماققىنا كەلگەن قىز دوستىنى كۆرگەن ھەم بۇ ئىككىسىگە بەكلا ھەۋەس قىلغان، بۇ بالىنى بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز دەپ ئويلىمىغاچقا ئاۋال بۇ گەپ ماڭا سەل غەلىتە تۇيۇلدى،خاتالىق قىز دوستىدا دىگەندىمۇ ،بۇ ئىشتا ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ مەسئۇلىيىتى بار ئىدى. گەپ سوزۇلغانسىرى مەن ئۇنىڭغا ئاۋالقى ئوغۇل دوستۇمدىن قانداق قىلىپ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىمنى ئىيتىپ بەردىم.
 
سالى، ئۇ مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم. بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئايلار ئاۋال ئۇ مېنىڭ كەلگۈسىدىكى ۋاپادار يولدىشىم ئىدى، ئەمما ئۇ  ھىچقانداق چۈشەنچە بەرمەيلا  يوقاپ كەتتى.
بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ سالى غا تىلىفۇن قىلدىم، تىلىفۇنى ئاۋال ئىلىنىپ ئارقىدىنلا تاقاپ قويدى. لىكىن ئۇ كۈنى ئانچە كۆپ ئويلاپ كەتمىدىم ،بەلكىم ئالدىراش بولسا كېرەك دەپ. ئەتىسى چۈشتىن كىيىن بىر قىز تىلىفۇن قىلدى.
_ئايگۈلما سىز؟
-ياق خاتا ئۇرۇپ قاپسىز،-تىلىفۇننى قويىۋەتتىم.
ئۇ قايتۇرۇپلا يەنە ئۇردى.
ئۇ قىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئەپسانە گەپلەرگە چىداپ بولغىلى بولمايدۇ، خۇددى ئاپىسى نىجاسەت بىلەن ئىغىزلاندۇرغاندەك.
-نىمىشقا ئىرىمغا تىلىفۇن ئۇرىسەن؟-دېدى ئۇ چىرقىراق ئاۋازى بىلەن.
-ساراڭمۇ سىز؟ مەن ئاخشام ئوغۇل دوستۇمدىن باشقا ھىچكىمگە تىلىفۇن ئۇرمىسام؟
-نېمە؟ ئۇ زادى كىم؟
-ئۇ قىزنىڭ مېنى قانچىلىك تىللىغانلىقىنى بىلمەيمەن، كۆز ياشلىرىم خۇددى مېنى زاڭلىق قىلغاندەك ئاچچىق تامشىپ زاڭاقلىرىمنى ئىچىشتۇراتتى. مەن شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى ئىشىنىپ كەلگەن سالى ئۇ قىزنىڭ يولدىشى؟ ياق بۇ مۇمكىن ئەمەس......چوقۇم ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشىم كىرەكقۇ. سالى غا تىلىفۇن قىلدىم،لىكىن تىلىفۇننى توختىتىۋىتىپتۇ.شۇنىڭدىن ئۇ تىلىفۇننى قايتا ئاچمىدى، ماڭا قايتۇرۇپ تىلىفۇن قىلىپ قىلچىلىك چۈشەنچىمۇ بەرمىدى. بىر نەچچە كۈنلەردىن كىيىن ھىلىقى قىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىرىۋالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەيلى  تويمۇ قىلسۇن، ئەمما مەن شۇنچىلىك ئەقىدە قىلغان ئادەم ئىككى ئىغىز بولسىمۇ چۈشەنچە بىرىشى كىرەكتە. ئۇ تاكى توي قىلىپ بولغىچە شۇنداق جىمجىت يوقاپ كەتتى، بىر كۈنى ئاخىرى مەن قىلغان تىلىفۇن ئىلىندى، ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى گىپى،<ئازمايدىغان ئادەم يوق> ،قىسقا ھەم باش-ئاخىرى يوق چۈشەندۈرۈش.
ئۇنىڭ توي قىلىپ كەتكەنلىكىگە پەقەتلا ئىچىنمىدىم،ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ئەقىدەمگە ھازىرغىچە ئىچىنىمەن.
 
ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ،مەن ئاڭلاشقا تەشنا بولغان تەسەللىي گەپلىرى بىلەن كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇردى. دەل سالى مېنى تاشلاپ باشقا بىرىنى تىپىۋالغىلى ئۈچ ئاي بولغاندا <ئۇ> مېنىڭ قەلبىمگە بۆسۈپ كىردى. چۈشۈمدىمۇ،ئوڭۇمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئۇ كىردى. بىز ئۇزۇن پاراڭلاشقان شۇ كۈنى ئۇ نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. شۇ كۈندىن كىيىن ئۇ ھەر كۈنى تىلىفۇن قىلىپ ماڭا كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى. ئاۋالقى ئىشتا كۆڭلۈم قاتتىق ئازار يىگەچكە يەنە بىر قىتىملىق زەربىنى كۆتىرەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى، لىكىن ئۇنىڭ ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدىغان ۋەدىلىرى ،مېنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقى،كەلگۈسىدە قانداق بەخىتلەرگە مۇيەسسەر قىلدىغانلىقى توغۇرسىدىكى شۇ <ئاسىي> سۆزلىرى مېنى ئاخىرى ئىرىتتى.يوشۇرمايمەن،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسام قەلبىمنىڭ قانچىلىك سۆيۈندىغانلىقىنى،يوشۇرمايمەن، ئۇنىڭ ماڭا سوغا قىلغان كۆيۈنىشلىرى،قەلبىمگە مۆھۈردەك ئۇرۇلۇپ بىرۋاتقان ھەر بىر سۆزلىرىنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسام ئۆزەمنى بەخىتلىك ھىس قىلدىكەنمەن، مېنىڭمۇ ئارزۇ قىلدىغىنىم مۇشۇ ئىدىغۇ؟   ئىككىمىز ئىككى شەھەردە،ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۈمۈت ئاز بولسىمۇ ،ئاخىرى ئۇنىڭ ۋەدىلىرى بىلەن يۈرۈشكە ماقۇل بولدۇم. بەلكىم سىز بىلەن توي قىلمىسام ئۆلۈپ قالىمەن دىگەن گىپى مېنى بەكرەپ تەسىرلەندۈرگەن بولسا كىرەك.
 
بىزنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىمىز باشلاندى. ئاللاھتىن بۇ كۈنلەرنى مەڭگۈلۈك قىلىپ بىرىشىنى تىلەپ تۇراتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئادىتى بويچە يەن ماڭا تىلىفۇن قىلدى.
-نىمە؟
-راس، شۇنداق بولدى،ئۇ مېنى يەنە ئىزلەپ كىلىۋاتىدۇ.
-ئايرىلىپ كەتتىم دىگەن ئىدىڭىزغۇ؟
-بىلمەيمەن،لىكىن ماڭا ئىشىنىڭ مەن ئۇنىڭغا بۇرۇنلا ھەممىنى ئوچۇق ئىيىتقان.
-بولىدۇ
ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ئۇنى ئىزلەپ باردى.
 
ھەر كەچلىگى ئۇ ماڭا تىلىفۇن قىلاتتى،ھەر قانچە كەچ بولىشىدىن قەتئىي نەزەر تىلىفۇننى ئالاتتىم، بىرەر كۈن ئۇرمىسا قەتئىيلا ئۇيقۇم كەلمەيىتتى. ئۇ شۇ كۈنى، ھىلىقى قىز بارغان كۈنىمۇ ماڭا ئوخشاشلا تىلىفۇن قىلدى:
-مىنى كەچۈر ئومىقىم،ئۇنىڭغا ھازىرلا يەنە بىرسى بىلەن يۈرۋالدىم دىسەم چوقۇم ئىش چىقىرىشتىن يانمايدۇ،ھەم سېنىڭ يىنىڭغا يۆتكىلىپ بارىدىغان ئىشىمغا تەسىر يىتىدۇ،بىلىسەن ئۇ دىگەن ھەربىي،قولىدىن ھەر بالا كىلىدۇ.
راس،ئۇ قىز غۇلجىدا ھەربىي
ئۇ قىز ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن بىر تىلىفۇن كەلدى. ئالسام شۇ قىز ئىكەن،ئەسلى ئۇ قىز سۈرۈشتۇرۇپ ئىككىمىزنىڭ ئەڭ كۆپ تىلىفۇن قىلىشىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ نۇمۇرۇغا تىلىفۇن قىلىپتىكەن. ئارتۇق گەپ قىلماي تىلىفۇننى قويىۋەتتىم. ئۇ قىزنىڭ مەندىن ئۇنى-بۇنى سوراپ قەدىردانىمغا ئىش تىرىپ بىرىشىدىن قورقتۇم. ھەم شۇ كۈنىلا تىلىفۇن نۇمۇرۇمنى ئالماشتۇرۋەتتىم.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى،ئۇمۇ بۇرۇنقىدەكلا كۈندە تىلىفۇن قىلىپ مېنىڭ نىمە ئىش قىلغانلىقىمنى،ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلغانلىرىنى ،،،،مۇشۇنداق پاراڭلار ، ئۆزىنىڭ مېنى قاتتىق سېغىنغانلىقىنى ئىيتىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ تۇردى. تىلىفۇن قىلالمىسا قىسقا ئۇچۇر قىلاتتى، كۈندە ئاز دىگەندە ئىككى ياكى ئۈچ سائەت پاراڭلىشاتتۇق، ئاز دىگەندە 30-40 پارچە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىشەتتۇق. ئۆزەمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ توساتتىنلا يوقاپ كەتتى. 3-ئاينىڭ 7-كۈنى بىر كۈن ئۇنىڭدىن ھىچقانداق خەۋەر يوق. ئۇنىڭدىن تولىمۇ ئەنسىرەۋاتاتتىم، ئۇنىڭمۇ تۇيۇقسىزلا يوقاپ كىتىپ قەلبىمگە ئىككىنچى قىتىم قاتتىق ئازار بىرىشىدىن قورقاتتىم.  شۇ كۈنى كەچ سائەت 5 لەردە بىر تىلىفۇن كەلدى، ئەسلى ئۇ خانىم-قىزلار بايرىمى ئۈچۈن ماڭا گۈل ئەۋەتكەن ئىكەن. تولىمۇ تەسىرلەندىم، ئادەم غىرىپلاشقاندا، ئۆزىنى تەنھا ھىس قىلغاندا كىچىككىنە سوۋغىمۇ شۇ كىشىگە بەكمۇ قەدىرلىك بىلىنىدىكەن. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۇقتۇرماي ئۇنىڭ ئاپىسىغا گۈل ئەۋەتكەن ئىدىم،ئەمما ئۇ مەندىن تىز چىقىپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ.
ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر قىلسام قايتۇرمىدى، تىلىفۇن قىلسام بىسىۋەتتى. كۆڭلۈم قاتتىق يىرىم بولدى، ئالدىنقى قىتىملىق ئازاپنىڭ يەنە تەكرارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئىھتىيات قىلمىسام بولمايىتتى. شۇ كۈنى ھىس قىلدىمكىن،ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەنمەن، <بۇ كۆڭۈل ساراڭ نىمە،ئاپرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ>... بۇ مىسرالار بەلكىم مەن ئۈچۈن تىزىلغان بولسا كىرەك.
 
ئۇنىڭسىز ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايىتتىم. شۇڭا ئۇنىڭغا كەچ سائەت 10لار ئەتىراپىدا يەنە تىلىفۇن قىلدىم، قوڭغۇراق ئاۋازىمۇ ئۆزگۈرۈپ كىتىپتۇ، ئۇ تىلىفۇننى يەنە بىسىۋەتتى. ئۇنىڭغا شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتكەن ئىكەنمەن، يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چۈشىۋاتقان ياشلار ، بىسىۋىتىلگەن ،ئىتبارسىز قارالغان تىلىفۇن، بۇ نىمە ئۈچۈن ئەمدى؟
يەنە تىلىفۇن قىلدىم، ئۇ ئۆزىنىڭ قاتتىق ئالدىراش ئىكەنلىكىنى،بەزىدە كەيپىياتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى،شۇڭا بۇ سەۋەپلىك ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىقنى ئويلاپ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىيىتتى. مەن ئۇنىڭغا ئىشەندىم،نىمىشقا ئىشەنمەيىتتىم،چۈنكى مەن ئۇنى سۆيىدىغان تۇرسام......شۇنداق قىلىپ  ئۇنىڭسىز ئۆتكەن بىر نەچچە كۈنلەر مەن ئۈچۈن يىلدەك بىلىنگەن كۈنلەر بولۇپ قالدى.
ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك ياخشى بولۇپ قالدى. 3-ئاينىڭ 25 -كۈنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا،مەن ئۇنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولدۇم، لىكىن ۋاقىت يىقىنلاشقانسىرى ئۇنىڭ ئىشلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئولىمپىك دەپ بىر كۈنمۇ دەپ ئالالمايۋاتقانلىقىدىن ۋايسايىتتى. مەن ئۇنىڭ يىنىغا بارالمايدىغان بولدۇم، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمۇ ئۆتۈپ كەتتى.
3-ئاينىڭ 28-كۈنى جۈمە ئىشلەۋاتسام،ئۇ ماڭا تىلىفۇن قىلدى، ئەسلى ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى يەنە ئۇنى يوقلاپ ماڭغان ئىكەن. كۆڭلۈم بەكلا يىرىم بولدى،كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يىرىملىقىنى بىر مەن،بىر ئاللاھ بىلىدۇ. ئۇلار ئايرىلىپ كىتىپمۇ ئۇ قىز ئىككى قىتىم باردى، مەنچۇ؟ مەن زادى ئۇنىڭ نىمىسى؟
-ئۇ قىزنى ياتىقڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ،كەچتە ماڭا ئىدارىڭىزدىن تىلىفۇن قىلىڭ ئەمسە؟ -دېدىم يىغلاۋاتقانلىقىمنى چاندۇرماي.
شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ماڭا ئىدارىسىدىن تىلىفۇن قىلدى. بىز كەلگۈسىمىز توغۇرسىدا نۇرغۇن سۆزلەشتۇق، ئۇنىڭغا ھىلىقى قىز بىلەن ئەمدى گەپنى ئوچۇق قىلىۋىتىشىنى ئىيىتتىم. ئەتىسىمۇ ئوخشاشلا تىلىفۇن قىلدى، كەچلىكى مەن بىر دىلودا دەپ يەنە تىلىفۇن قىلدى. ئەتىراپ ھەقىقەتەن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىكەن، ئۇنىڭغا يەنە بىر قىتىم  ئىشەندىم.
ئادەتتە ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللاپ قوياتتىم، بۈگۈنمۇ شۇ ئادىتىم بويىچە ئۇنىڭغا ئۇچۇر قىلدىم. سائەت 11.30 دا ئۇ ماڭا تىلىفۇن قىلدى، لىكىن ئالسام ھىلىقى قىز ئىكەن. قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى. مەن شۇنچە خوشاللىق بىلەن ئالغان تىلىفۇننىڭ جاۋابى مۇشۇمۇ؟ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئەقىدە قىلغان ئىدىمغۇ؟
 
 
- سىز كىم؟ نىمىشقا مىنىڭ ئوغۇل دوستۇمغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىسىز؟ ئۇنىڭدىن سورىسام سىزنى تونىمايمەن دەيدىغۇ؟ ئۇ شۇنداق دىگەن بولسا شۇنداقتۇ؟
 
قىزنىڭ باشقا گەپلىرىنى ئىلغا قىلالمىدىم، كۆڭلۈم ئىلىشىپ ئۆت ياللۇغۇم قوزغىلىپ كەتتىغۇ دەيمەن. ھوشۇمدى كەتكەن چىغىم ،كۆزۈمنى ئاچسام ئاغزىمدىن كۆپۈك يىنىۋاتاتتى. يۈرۈكۈم قان بولدى.
ئۇ قىز يەنە تىلىفۇن قىلدى.
-بىز 5-ئايدا توي قىلىمىز دەۋاتىمىز،سىز دائىم ئۇنى ئىزدەيدىكەنسىز؟ ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويامسىز؟
-تىلىفۇننى ئۇنىڭغا بىرىڭ!
-گەپ قىلە مە! ئاللاھ،گەپ قىلمامسەن؟ساڭا گەپ قىلۋاتىدۇ
مەنمۇ،ئۇمۇ بىر ئىغىز گەپ قىلىشمىدۇق،ئۇلار بىردەم تالاشقاندىن كىيىن تىلىفۇننى قويىۋەتتى.
مەن زادى نىمىنى خاتا قىلغاندىمەن ئاھ خۇدا..............
بىر كىچە ئۇخلىماي،يىغلاپ چىقتىم،سەھەر سائەت ئالتىدە ھىلىقى قىز يەنە تىلىفۇن قىلىپتۇ.
-كەچۈرۈڭ ئاخشام سىزنى ئاۋارە قىلدىم، ئەسلى بۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى، قاراڭ،ماڭا يا گىپىنى ئوچۇق قىلمايدۇ،سەن بىلەنلا توي قىلىمەن،سەن بىلەن قىلمىسام ئۆلۈپ قالىمەن دەپ تۇرۋالىدۇ،لىكىن مۇشۇنداق قىلىقلارنى قىلىپ يۈرۈيدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ۋاي جېنىم دەپ ئەركىلەتسە ئىشىنىپ يۈرىۋىرىپتىمەن، سىزمۇ بىلەرسىز ھە قاچان ئىككىمىزنىڭ ئارلاشقىنىغا خىلى  ئۇزاق بولۇپ كەتتى. لىكىن ئەنسىرمەڭ،ئۇ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىمەن دىگەن بولسا مەن چىكىنىمەن. بۇ گىپىم راس ھەم مۇشۇنداق قىلىش نىيتىگە ئاللىبۇرۇن كىلىپ بولغانمەن. مېنى ياخشى كۆرمىگەن بىرسىگە ئەقىدە قىلىش تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش ئەمەسمۇ؟
 
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز بىلەن دىيىشدىغان گەپلەر تۈگىدى. ئەتىسى قاتتىق مىجەزىم يوق،تىلىفۇننى ئاچمىدىم.  ئىشلەيدىغان بولغاچقا چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىدە ئىدىم. ئولتۇرسام سىڭلىم شۇ يەرگە  تىلىفۇن قىلىپتۇ:
_تىلىفۇنۇڭنى ئىچىۋەت ھەدە،سىنى بىرسى جىددىي ئىش بىلەن ئىزلەيدىكەن ،-دەپ
تىلىفۇننى ئاچساملا قىسقا ئۇچۇر كەلدى. ئۇنىڭدىن كىلىدۇدە ئەلۋەتتە، تىلىفۇنىڭىزنى ئىچىۋەتسىڭىز دەپ ئەۋەتىپتۇ. <ئىچىۋەتتىم> دەپ قايتۇرۇپ قويدۇم. ئۇ شۇ ھامانلا تىلىفۇن قىلدى.
-كەچۈرۈڭ جېنىم،مىنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن. شۇ چاغدا شۇنداق قىلمىسام ئۇ بىرەر ئىش تىرىپ قويۇشتىن قەتئىي يانمايدۇ.ماڭا ئىشىنىڭ،مەن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن،-دېدى
مەن ئەخمەق ئۇنىڭغا يەنە ئىشەندىم،ئىشىنىشتىنمۇ بەكىرەك شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ماڭا ئاتا قىلىۋاتقان بەخىت تۇيغۇلىردىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقتۇم.مەن ئۇنى يەنە كەچۈرۋەتتىم . شۇ ئىشتىن كىيىن مەن ئۇنىڭ يىنىغا بىر قىتىم باردىم، ئۇ مىنى ناھايتى ياخشى كۈتىۋالدى. تۇنجى كۆرۈشكەن مىنۇتلاردا ئارمىزدا سەل يىتىرقاش بولدى،چۈنكى بىز يۈز -تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغىلى 2 يىلچە ۋاقىت بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىشلىرى ناھايتى ئالدىراش ئىدى،شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ماڭا ئەستىن چىقمىغۇدەك گۈزەل خاتىرلەرنى بەردى، مېنى بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئويناتتى. ئۇنىڭ يىنىدىن قايتىپ كەلدىم. بىز بىر-بىرىمىزنى تىخىمۇ ياخشى كۆرۈشتۇق. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت مېنىڭ ھىسىياتىمدىكى ئىككىمىز خالاس.  4-ئاينىڭ 15 كۈنى ئۇ قولىنى سۇندۇرۋالدى. قانداقلا قلىپ بولمىسۇن ئۇنىڭ يىنىغا بارماقچى بولدۇم. چۈنكى قولىنى ئوپراتسىيە قىلىشقا توغرا كىلىدىكەن،ئۇنىڭ يىنىدا يا ئاتا-ئانىسى بولمىسا،مەن بىرىشىم كىرەكتە. ئالدىنقى قىتىم ئۆيدىكىلەرنىڭ قاتتىق ئىيىپلىشىگە ئۇچىرغانلىقىم ئۈچۈن بۇب قىتىم نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم، تەۋەككۈل قىلىپ ماڭدىم،چۈنكى ئۇ مېنىڭ كەلگۈسۈم ئۈچۈن تىخىمۇ مۇھىم بىر كىشى ئىدى. ئۇنىڭ يىنىغا بارغۇچە ئاپتۇبۇستا ئالى مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان غۇلجىلىق قىز ساۋاقدىشىمغا ئۇچىراپ قالدىم، بۇمۇ ئاللاھنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمى بولسا كېرەك. ئەتىسى غۇلجا شەھرىگە يىتىپ كەلدۇق. دوستۇم مېنى ئۇ بار دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ قويدى. يولدا مەن دوستۇمغا ھەممە ئىشنى ئىيتىپ بەرگەن ئىدىم.
دوختۇرخانىغا كىرىپ كۆڭلۈم يىرىم بولدى. ئۇ ئاسما ئاسقۇزۇپ ياتقان ئىكەن، كۆكۈرۈپ كەتكەن يۈزلىرى يۈرەكلىرىمنىڭ بىر يەرلىرىنى ئاچچىق ئىچىشتۈردى. مەن ئۇنىڭغا ساق بىر ھەپتە قارىدىم چۈنكى ئۇنىڭ ئىدارىسى ئالدىراش بولغاچقا ،بىرەرسىنى قاراشقا ئاجىرتىپ بىرەلمىگەن ئىكەن.
ئۇ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
-جېنىم سىز كەلمىگەن بولسىڭىز قانداقمۇ قىلار بولغىيىتتىم دەپ،-مىھرى بىلەن چاچلىرىمنى سىيلىدى.
 
 
 
 
 
 
شۇ ياتاقتا داۋالىنىۋاتقان كىچىك بىر ئوماق ئۇكاشمۇ بار ئىكەن، ئۇ ئۇكاشنىڭ ئاپىسى، يەنە ھىلىقى قىز ساۋاقدىشىم،يەنە ئىككى ئوغۇل ساۋاقدىشىم بۇ قىتىم ماڭا ھەقىقى ساۋاقداشلىق مىھرىنى يەتكۈزدى. ئۇلاردىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم.
بىر ھەمتە ئۇنىڭغا قاراپ ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم. تىخى توي قىلمىغان بىر قىزنىڭ ،باشباشتاقلىق قىلىپ بىر بالا ئۈچۈن باشقا يەرگە رۇخسەتسىز بىرىپ كىلىشى، شۇ كۈنى مەن دىمىسەممۇ پەرەز قىلالايسىلەر. مەن ئۆزەم سۆيگەن بالا ئۈچۈن تاياق يىدىم. ئۆيدىكىلەرمۇ مېنىڭ زادى نىمە ئۈچۈن يوقاپ كەتكەنلىكىمنىڭ سەۋەبىنى بىلدى. ئەمما ئۇنىڭ مېنى كۆرۈپ خۇش تەبەسسۇم قىلغان ھالىتىنى ئويلىسام ئۆيدىكى تارىتقان ھەر بىر كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كىتەلەيىتتىم. ئەمما مېنى بارلىقى دەپ بىلىدىغان ئاپامنى رەنجىتىپ قويغانلىقىمغا قاتتىق خىجىل  بولدۇم.
شۇ كۈنى مەن يىغلاپ ئولتۇرسام  ئۇ ماڭا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ ئۇ قىزنىڭ يەنە ئۇنىڭ يىنىغا كىتۋاتقانلىقىدىن مىنى خەۋەرلەندۈردى.
-نىمە ؟ بۇ نىمە گەپ؟ ئۇ قىز سىزنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىڭىزنى زادى قانداق بىلدى؟
جاۋاپسىز سوئاللار...............
 
ئەتىسى مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمىدىم،ئۇمۇ مەن بىلەن ئالاقىلاشمىدى. ئاردىن يەنە بىر كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ ماڭا تىلىفۇن قىلدى. ئۇ راسلا ئۇ قىزنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ئىشتىن خەۋەر تىپىپ كەلگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقى ئىيىتتى. ئۇ ماڭا يەنىلا بۇرۇنقىدەك تىلىفۇن قىلىپ يۈردى. مەن ئەخمەق ئۇنىڭ بىر دوستىدىن گۇمانلاندىم،چۈنكى ئۇ قىزنىڭ بىر دوستى ،مىنىڭ قەدىردانىم بىلەن بىر يەردە ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم. ئۇ قىزمۇ مېنىڭ يىگىتىمگە ،ئۇ دوختۇخانىدىن چىققۇچە قاراپ قايتىپ كەتتى. بىز يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۆتىۋەردۇق. بىر كۈنى مەن يەنە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتسام ،تىلىفۇنۇم بىر جىرىڭشىپ توختاپ قالدى. قارسام شۇ قىز ئىكەن. بىز سۆزلشىپ بولۇپ تىلىفۇننى قويىۋەتكەندىن كىيىن ئۇ قىزغا ئۇرسام تىلىفۇنى ئالدىراشكەن. قىزىق ،يىگىتىمگە ئۇرسام ئۇنىڭمۇ تىلىفۇنى ئالدىراشكەن. ھــــــە ،ئەسلى ئۇلار سۆزلىشىۋىتىپتىكەندە.............
ئەتىسى مەن ئۇ قىزغا تىلىفۇن قىلدىم.
-ھە،سىزمىدىڭىز؟ ياخشىمۇ سىز؟
-شۇ بالدۇرلا سىز بىلەن يۈردۇم دېسە بولمامدۇ ،دېدى ئۇ قىز ئىچىنغان ئاۋازدا. ئەمدى توي قىلىمەن دەپ باشقا بىرسى بىلەن يۈرسەم كۈندە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ،تىلىفۇن قىلىدۇ. يۈرگىنىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىڭ،بۇنداقلا توي قىلىپ كەتسىڭىز كۆڭۈللەردە داغ قالمامدۇ دەپ. كۆردىڭىزمۇ ئۇنىڭ قانداقلىقىنى،ھە راس سىزگىمۇ دەپ قوياي، ماڭا قىلغان يۈزسىزلىكىنى سىزگىمۇ قىلىپ سالمىسۇن. ئۇ ماڭا دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلىدە تىلىفۇن قىلىپتۇ. بوپتۇ بۇرۇنقى ياخشى ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ يۈزى دەپ يەنە يىنىغا باردىم. ئەجەپ سىزگە تىلىفۇن قىلماپتىغۇ؟ < مەن ئۇ قىزغا ئۇنىڭ يىنىغا بارغانلىقىمنى ئىيىتمىغان ئىدىم>.
مەن ئۇنىڭغا قاراۋاتقان مەزگىلىدە ئۇنىڭغا بىر قىز بالىدىن تىلىفۇن كەلدى. مېنى بار دەپ خەنزۇچە سۆزلەشتى،ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا نۇمۇرنى كۆرۋىلىپ تىلىفۇن قىلسام لىيەنتۇڭدا ئىشلەيدىغان بىر قىز ئىكەن، يەنە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ يۈرمەڭ بولامدۇ؟ بۇ جاھاندا ئادەم كەممىتى سىزدەك ياخشى قىزغا؟
-بولىدۇ بىلدىم،ئۇمۇ ماڭا پەقەتلا راس گەپ قىلمايدۇ،ئۇنىڭ جىق سۆزلىرى گۇمانلىق، لىكىن ئۇ.......... شۇنداق قىلىپ ئۇ قىز بىلەن بولغان پارىڭىمىز ئۈزۈلدى.
ئۇنىڭغا يەنە تىلىفۇن بەردىم.،ئۇ ماڭا يەەن بىر توقاي چۈشەندۈرۈشلەرنى سوۋغا قىلدى.
-ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكىنىم راس،لىكىن ئۇ مەزمۇننى خاتا چۈشىنىۋاپتۇ،ماڭا ئىشىنىڭ بولامدۇ؟مەن سىزگە يالغان سۆزلىمىدىم، مەن سىزنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن.سىز ماڭا مەن ئارزۇ قىلغاندىن ئارتۇق بەخىت تۇيغۇلىرى بەرگەن تۇرسىڭىز؟ ھە ھە ،ھىلىقى لىيەنتۇڭدا ئىشلەيدىغان قىز؟ ئۇ مىنىڭ .ورمانچىلىقتا ئىشلەيدىغان بىر ئاغىنەمنىڭ قىز دوستى ،،خاتىرجەم بولۇڭ!
 
 
 
 
 
 
مەن ئۇنىڭغا يەنە ئىشەندىم، ئۇ ھەتتا ئۆيگە تىلىفۇن قىلىدىغان تۇرسا،ئىككىمىزنىڭ ئىشىدىن چوڭلارنىڭ خەۋىرى بار تۇرسا، قانداقمۇ ماڭا يۈزسىزلىك قىلسۇن... ئۇنىڭ ئاپىسىغا ئانىلار بايرىمى،خانىم-قىزلار بايرىمى،يەنە تۇغۇلغان كۈنىدە گۈل ئەۋەتىپ تۇردۇم. بۇلارنىڭ ھەممسى مەن سۆيگە <ئۇ> ئۈچۈن ئىدى.
ئۇنى يالغۇزسىراپ قالمىسۇن دەپ ئايدا بىر قىتىم نان،كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىپ تۇراتتىم. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەر قىتىمدا خەت يىزىپ تۇردۇم. ئۇنىڭ ختىمنى كۆرۈپ خوشال بولغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئىچىمدە بەخىت تۇيغۇسىدىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلەتتىم.
مەن يەنە نىمىنى خاتا قىلدىم؟ شۇنداق بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يەنە ئۆزگەردى. مېنىڭ جاراھەتلەنگەن قەلبىمنى تىخىمۇ چوڭقۇر تىغ بىلەن ئويۇپ تاشلىدى.
 
10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇ مىنى قاتتىق ئازاپلاشقا باشلىدى، كۆنگەن ھەقىقەتەن يامانكەن. مېنى ئۆزىگە شۇنداق كۆندۈرۈپ ھازىر مەن بىلەن قىلچىلىك كارى بولماس بولدى. ئۇنىڭغا تىلىفۇن  قىلسام ئالمايدۇ،قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتسەم قايتۇرمايدۇ. خىيالىغا كەلگەندە بىرەر قىسقا ئۇچۇرلارنى يوللاپ قويىدۇ. لىكىن مەن قانداقلا ئىش قىلۋاتقان بولسام تاشلاپ ئۇنىڭ ئۇچۇرىغا جاۋاپ قايتۇرىمەن. ھەم بۇ كىچىككىنە ئۇچۇر ئۈچۈن شۇنداق خوشال بولىمەن. لىكىن ئەمدىلىكتە ئۇ مېنى قىلچىلىك ئويلاپ قويمايدىغان بولۇپ قالدى. قانچىلىك ئازاپلىق ھە بۇ كۈنلەر، ئاسمانغا ئىلىپ چىقىپ تاشلىۋەتكەندەك ھىسىياتتا بولدۇم. ئۇنىڭدىن زادى نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدىغانلىقىنى سورىسام:
-ئاكام قوشۇلمىدى،ئازاپلىنىۋاتىمەن، كۈندە ھاراق ئىچىۋاتىمەن دەپ جاۋاپ قايتۇردى.
بوپتۇ، بىز بۇنى بۇرۇنلا پەرەز قىلغان،لىكىن ئىككىمىز ياخشىلا ئۆتۈپ كەتسەك قالغان ئىشلار چوقۇم ئوڭشىلىپ كىتىدۇ جىنىم دەپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرەتتىم، لىكىن ئۇنىڭدا قىلچىلىك ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇنىڭ مەن بىلەن قىلچىلىك كارى يوق ئىدى. بۇنداق يىغلاپ ئۆتىۋەرگۈم كەلمىدى. ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كىتىش تەلىۋىنى قويدۇم، ئەمما ئۇ بۇنداق قىلسام ئۆزىنىڭ قاتتىق ئازاپلىنىدىغانلىقىنى.بۇ  ھاياتلىقنىڭ قىلچىلىق مەنىسى قالمايدىغانلىقىنى ئىيتىپ مىنى يەنە ئىرىتىۋالدى.
ئۇ مېنى ئىزدىگۈسى كەلسە ئىزدىدى،كەچلىرى تىلىفۇن قىلسام تىلىفۇننى ئالماي يۈرىۋەردى. بارا-بارا ئۇنىڭ ئالدىنقى قىز دوستىغا قىلغانلىرى ئىسىمگە  كەلدى. ئۇ  شۇ قىزغىمۇ شۇنداق مۇئامىلىدە بولغاچقا،ئۇ قىز ئۇنى تاشلاپ كەتكەن بولغىيىتتى ھە؟ ئۇ قىزنىمۇ ئايرىلىپ كىتەيلى دىمەي مىنى قىينىغاندەك قىيناپتىكەندە؟
ئەمدىلىكتە ئىككىمىز تىلىفۇندا پات-پات ئۇرىشىدىغان بولۇپ قالدۇق. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى تىلىفۇندا قويدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە تولا  تىلىفۇن ئىشلىتىۋىرىپ شۇنداق پەرۋاسىز بولۇپ كىتىپتىمىش. بۇنىڭغا نىمە دەي ئەمدى؟ ئۇ بىر مەزگىل ئارام ئالايلى دېدى. بۇنىڭغا مەنمۇ قوشۇلدۇم، ساق ئىككى ھەپتە ئالاقە قىلىشمىدۇق. ئۇ بىرەر قىتىممۇ ماڭا تىلىفۇن قىلىپ قويمىدى، ئىدىيەمدىن پەقەتلا ئۆتمەيىتتى، مېنىڭ نىمە قىلغىنىمغا ئۇ ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ زادى نىمە ئۈچۈن؟
ئۇنىڭغا بەك ئەقىدە قىلغانلىقىم ئۈچۈنمۇ؟ئۇنى جىنىمدىن ئارتۇق ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ؟ئۇنى دەپ ئۆيۈمدىكىلەردىن تاياق يىگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ؟
ئەگەر مەنمۇ ئۇنى باشقا قىزلاردەك ئالداپ ۋاپاسىزلىق قىلغان بولسام، ئۇنىڭغا بىلدۈرمەي  كىملەر بىلەندۇر ياتاقلاردا ئىشرەت قىلىپ يۈرگەن بولسام،ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمىغان بولسا مېنىڭ قەدىرىمنى قىلار بولغىيمىتى؟
ھەسەلنى تولا يىسەڭ ئەمەن تىتىيدۇ دىگەن ماقال توغرىمۇ نىمە؟
ياق ،ياق ، ھەقىقى مۇھەببەتتە زىرىكىش بولمايدۇ.
ئۇ نىمىگە بۇنداق تىز ئۆزگىرىدىكىنە؟
ئۇنىڭغا يەنە تىلىفۇن قىلىپ پاراڭلاشتىم، ئۇ نىمە دېدى :
_بىزنىڭ ئىشىمىز مۇمكىن بولمايدىغان ئوخشايدۇ،ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا ئاكام قوشۇلمىدى. لىكىن بۇنىڭ ھەممە سەۋەبىنى ئاكامغا  قويمايمەن.
-سىزدىكى سەۋەپ نىمە ئەمسە؟
لىكىن بۇ سوئالىم بۇرۇنقىدەكلا جاۋاپسىز قالدى.
مەن ئۇنىڭ ئاكىسىغا تىلىفۇن قىلىپ زادى نىمە ئۈچۈن قوشۇلمايدىغانلىقىنى سورىدىم،لىكىن ئاكىسى ھەيران بولغان ئاۋازدا،مەن بىلمەيدىكەنمەن بۇ ئىشلارنى ،ئۆزى بىلەن بىر پاراڭلىشىپ باقاي دىدى.
بىلدىم، ئۇنىڭ مەن بىلەن قەتئىي توي قىلغۇسى يوق ئىكەن، بىر يىلنىڭ ياقى مىنى بەخىت بۆشۈكىدە ئەللەيلەپ مېنىڭ ئاغزىمغا قۇرۇق سوسكا سىلىپ كەپتۇ. ئۇ مېنى قىلچىلىك ياخشى كۆرۈپ باقماپتىكەن. بۇرۇنقى قىز دوستىغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا شۇنى ماڭا تەكرارلاپتۇ. مەن ئۇنىڭغا بەك ئىشىنىپ كىتىپتىمەن. ئۇنىڭ مەن سىز توغۇرلۇق ئۆيدىكىلەرگە ئانداق دېدىم،مانداق دېدىم دىگەنلىرى پۈتۈنلەي يالغانكەن.
ئۇنىڭغا، قاراپ تۇرۇڭ مېنى ئاخماق قىلغىنىڭىزغا تويغۇزىمەن، ئۆيىڭىزدىكىلەرگە،ئىدارىڭىزغا تىلىفۇن قىلىمەن دىسەم:
-ئاخماقلىق قىلماڭ،نىمە ئىش بولسا چىرايلىق پاراڭلىشايلى دەيدۇ،. مېنى زادى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ دەپ سىورىدىم.
-ياخشى كۆرىمەن،لىكىن سىز بىلەن توي قىلالمايمەن
-بۇ نىمە گەپ،ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ نىمىگە توي قىلمايسىز ؟
ئۇنىڭ ئاخىرقى جاۋابى : سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن، كەچۈرۈڭدىن ئىبارەت بولدى.
 
مەن ئۇنى قانداقمۇ كەچۈرەلەيمەن؟ مەن ئۇنىڭغا بۇ بىر يىلنىڭ ياقى قانچىلىك ئەقىدە قىلغان ھە؟
ئۇ شۇ بىر ئىغىز كەچۈرۈڭ بىلەنلا قىلغان ئەقىدەمنى كۈل قىلۋىتەرمۇ؟ توي قىلىش نىيتى يوقلىقىنى ئىيتىپ ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى كۆككە سورۋىتەرمۇ؟ ئاران ئىزىغا چۈشكەن تۇرمۇشۇمنى مۇشۇنداقلا بۇزۋىتىپ مېنى ھەسرەتتە قويۇپ يوقاپ كىتەرمۇ؟ قەلبىمگە مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چېچىپ قويۇپ ئىزسىز يوقاپ كەتكەن باغۋەندەك مىنى سۇسىز تاشلاپ قويارمۇ؟ ئۇ قىز قەلبىنىڭ قانچىلىق نازۇك ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ئەمدى ئۆيدىكىلەرگە زادى قايسى يۈزۈم بىلەن مەن ئىزلەپ بارغان يىگىت مىنى تاشلىۋەتتى دىيەلەيمەن؟ مېنىڭ بىر يىلنىڭ ياقى ئىرىشكىنىم پەقەت ئۇنىڭ يۈزسىزلىكى بولغانمىدۇ؟
كاللامدا مىڭ بىر سوئاللار ئەگىپ يۈرۈيدۇ، ياشلانغان كۆزلىرىمنى باشقىلارغا كۆرسەتكۈم يوق، بىلىمەن، مەن سۆيگەن، مېنى چىڭ قۇچاقلاپ مېنى بەخىت ھىسلىرىغا چۆمدۈرگەن  قامەتلىك يىگىت مۇشۇ مىنۇتلاردا باشقا بىرسىنى شۇنداق گۈزەل ھىسلارغا چۆمدۈرۋاتىدۇ، بەلكىم ئۇنىڭغا ئازاپلىنىدىغان قەلىپ يوق،، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق، ئۇ كەلگۈسىنى ئەمەس،پەقەت ئەتىراپىدىكى كىپىنەكلەرنى تاللاپ قوندۇردىغان بىر گۈلگە ئوخشاپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئۇنى خاتا تاللاپتىمەن، قەددى -قامىتى كىلىشكەننىڭ ھەممىسىلا ئەر ئەمەسكەن. ئەمما تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ،بۇمۇ بەلكىم ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى.
شۇنداق دەيمەنيۇ، كىيىنكى ئىككى ئايدا ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرىمنى ئويلىسام قاتتىق ئازاپلىنىمەن. ئالدىمغا جۈرئەت بىلەن  قارىيالمىدىم، ئالدىمدا قىلچىلىك يول قويمىغاندەك ھىسياتقا  كىلىپ قالدىم. بىر قىتىم ئازاپلانغان كۆڭۈل تىخىمۇ قاتتىق ئازاپلاندى،ئەمدى ئارتۇق ئازاپلارنى كۆتىرەلمەيدۇ.
ئۇ مىنىڭ قىش پەسلىنى تولىمۇ ياخشى كۆردىغانلىقىمنى بىلىدۇ. بىز قىشتا تونۇشقان،مۇھەببىتىمىزنى ئاپئاق قاردەك ساپ ھىساپلاشقان، يەنە شۇنداق قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئەينى ۋاقىتتا بىزگە ئەڭ گۈزەل تۇيغۇ ئاتا قىلغان قىش باشقىچە كۆرۈنۈپ ئىككىمىزنىڭ ئارلىقىنى مەڭگۈلۈككە يىراقلاشتۇردى.
 
ئۇ ھەر قىتىم يادىمغا يەتسە يۈرىگىم پىچاقتا تىلغاندەك  ئىچىشىپ كىتىدۇ، توغرا ئۇنى كەچۈرمەسلىكنى ئويلىغان ئىدىم، لىكىن نۇقسانسىزلىق پەقەت ئاللاھقا خاس ئىكەن.
ئۇ چوقۇم كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇنىڭ شۇ دوختۇرخانىدا ئازاپلىنىپ ياتقان ۋاقتىدا يىنىدا چالا ئۇيقۇلۇق كۆزلىرى بىلەن ئۆزىگە مۇھەببەت،كۆيۈنۈش ئىچىدە قاراۋاتقان بۈدرە چاچلىق ،ئوماق بىر قىزنى ئەسلەپ قالىدۇ.
 
 
ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگىنىگە ئىرىشەلمىگەن، باشقىلارنى سۆيگەن،ئەمما سۆيۈلمىگەن ، تىڭىرقىغان قىزنىڭ يىراقلاردىن  ئۇنىڭغا بارلىق مىھرى بىلەن قاراپ تۇرغانلىقىنى سىزىدۇ
مەلۇم بىر ھەدىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن يىزىپ چىقىلدى ;چالىقۇش ئىجادىيىتى;.
[ بۇ يازما Tughrul تەرپىدىن 2010-05-25 10:22 PM دە ق ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما سۆيۈلمىگەن بىر قىزنىڭ كىچىككىنە ئارزۇسى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى Misran تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-05-25, 14:05

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 34
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە128دانە
ئۆسۈش: 1.28%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 128
  ياخشى باھا: 194 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4906 سوم
  تۆھپىسى: 99 كىشى
  ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
  ۋاقتى: 115(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-19
  كىرىشى: 2010-06-11
1 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-25 10:20 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

شۇنداق ياخشى ھەم تەسىرلىك يېزىلغان مۇھەببەت كەچمىشىكەن !
چالىقۇشى سىزنى مىسرانىم قىزغىن قارشى ئالىدۇ .
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 480
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە109دانە
ئۆسۈش: 3.63%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 109
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 325 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 22(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-06-11
2 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-25 10:30 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئخىر ئۇقۇپ بولدۇم .،.،.،.ياخشى يىزىپسىز   خۇددى مىنىڭ ئىشىمنى يازغاندەكلا         قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي .،.،
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 417
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
ئۆسۈش: 1.5%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 45
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 156 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 28(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-22
  كىرىشى: 2010-06-03
3 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-25 11:44 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ھەقىقى بولغان ئىشما بۇ~~دىمىسىمۇ ئۇقىزغا ئۇۋال بوپتۇ.
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 343
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
ئۆسۈش: 4.63%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 139
  ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 342 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 79(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-22
  كىرىشى: 2010-06-10
4 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-26 12:03 AM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئاللا بەختىنى بەرسۇن بىچارىنىڭ ...............
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 53
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە125دانە
ئۆسۈش: 4.17%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 125
  ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 430 سوم
  تۆھپىسى: -1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 3(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-04
5 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-26 12:23 AM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

قۇرۇپ كەتسۇن ئالدامچىلار!  مۇھەببەتنى ئۇيۇن بىلگەنلەر ھامان بىر كۇنى جازاسىنى تارتىدۇ.
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 364
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە208دانە
ئۆسۈش: 6.93%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 208
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 578 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 59(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-22
  كىرىشى: 2010-06-04
6 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-26 12:28 AM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

كۆڭلۇم شۇنچىلىك يېرىم بولدى .خۇدا ۋاپاسىز لارنىڭ جازاسىنى بەرگەي !
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 120
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە141دانە
ئۆسۈش: 4.7%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 141
  ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 674 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 54(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-11
7 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-26 01:18 AM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ، ۋەقەلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى شۇنداق راۋان،ئىشلىتىلگەن تىل ناھايتى جانلىق.....
مەن بۇ ئەسەرنى ئىلگىرى تور ئوچۇق ۋاقىتتا بىر قېتىم ئوقۇغاندەك قىلىمەن....

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 342
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
ئۆسۈش: 1.53%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 46
  ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 111 سوم
  تۆھپىسى: -1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 13(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-22
  كىرىشى: 2010-06-11
8 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-26 01:23 AM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مەن بۇئشلارغا ئانچە ھەيران قالمايمەن
مەن بۇنڭنىڭدىنمۇ ئۆتەر مۇھەببەت پاجىئەسىنى كۆرگەن
جاپاتارتىپسىز  خۇدا ئەجرىڭىز نى  بەرسۇن   
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 510
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
ئۆسۈش: 1.37%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 41
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 146 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 45(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-05-30
9 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-26 11:45 AM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مەنمۇ تۇرۇپ شۇنداق ئويلاپ قالمەن قىز بالا ئەسلى بەك ئەقىدىلىك بولماسلىقى كىرەككەن ................
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 93
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
ئۆسۈش: 3.4%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 102
  ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 335 سوم
  تۆھپىسى: 10 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 35(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
10 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-26 11:48 AM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مۇھەببەتنى ئويۇن بىلگەنلەرنى چەيلىگۈم كىلىدۇ .
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 753
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 4.33%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 13
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 39 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 11(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-25
  كىرىشى: 2010-06-10
11 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-26 11:56 AM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ياخشى يېزىلىپتۇ.
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 854
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 0.87%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 26
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 78 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 31(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-26
  كىرىشى: 2010-06-10
12 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-26 12:07 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ،
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 183
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە621دانە
ئۆسۈش: 6.21%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 621
  ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1885 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 152(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
13 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-26 12:20 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ۋاي توۋا ،مەنمۇ شۇنداقراق بىر ئىشقا يۇلۇقتۇم ،لىكىن بەك قېتىپ كەتكەن ئوخشايمەن ،ئۇ كاسا پەت ئايرىلىپ كىتىپمۇ تىلفۇن قىلدۇ تېخى ،مىجەزىنى بىلمەيدىغاندەك،بۇنداق ئەرلەر مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدۇ ،پەقەت كۆڭۈل خۇشى ،مىنىڭچە ئۇ قىز تىلفۇن بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قاپتۇ ،ھەرگىز يىگىت ئەمەس كەن !
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 740
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
ئۆسۈش: 2.07%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 62
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 294 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 48(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-25
  كىرىشى: 2010-06-10
14 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-26 12:35 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ۋاي- ۋۇي! ھارمىغانمىدۇ بۇ قىز بىلەن يىگىت!  كۆتۈر قاسقىنىڭنى! دەپ يولغا سېىلىپ قويماي1
ھەي قىزلار! ئۆزىمىزنى ئۇنداق خار قىلمايلى! مۇشۇ ئەر خەق دىگەننى بەك ۋاي دەپ كەتسە ئاشۇنداق ئېشىۋالىدۇ، شۇڭا..... ۋاي بولدىلا!!!1
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
«12345»Pages: 1/5     Go