مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1819 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/7     Go
تېما: يىلتىزسىز پاراڭلار
menggutash
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 29549
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 12
ئومومىي يازما: 47
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
ياخشى باھا: 295 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 33106 سوم
تۆھپىسى: 487 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1792(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-02-08
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 06:05 PM

0 يىلتىزسىز پاراڭلار

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى Hok تەرپىدىن نادىرلاندى. (2011-05-20)
قەلىمىمگە تەۋە  
چەتئەلدە بىر ئەر كىشى ھامىلدار بولۇپتۇ. يېقىندا ئۇ يەنە ئىككىنچى بالىنى تۇغۇش ئويىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئامېرىكىلىق بىرەيلەن يېڭىدىن بايقالغان بىر يۇلتۇزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپتۇ. چۈنكى بۇ يۇلتۇز پۈتۈنلەي ئالماستىن تەركىپ تاپقان ئىكەن. يەنە بىر چەتئەللىك يەر شارى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا يەر شارىدىكى ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەرنى تاللاپ ئالەم كېمىسىگە سېلىپ باشقا پىلانېتقا كۆچۈرۈش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.  
ئىراقلىق بىر مۇخبىرنىڭ بۇشقا ئاياغ ئېتىش ۋەقەسى دۇنياۋىي زىلزىلە قوزغىدى. نەچچە كۈن ئۆتمەيلا بۇشقا ئاياغ ئېتىش ئويۇنى بازارغا سېلىندى. بۇشقا ئېتىلغان ئاياغنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەپ ئاخىرى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. مۇخبىر ئەرەبلەرنىڭ نەزەرىدە قەھرىمانغا ئايلاندى. ھەتتا مىسىرلىق بىر ئادەم ھېلىقى مۇخبىرغا قىزىنى بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىراق بىلەن ئامېرىكا تەرەپ بۇشقا ئېتىلغان ئاياغنى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش كەلتۈرۈپ چىقارغان زەنجىرسىمان تەسىرلەر ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتى. خىيال قۇشلىرىم ئۇيغۇرلار توپىغا قايتىپ كەلدى. ئېرىگە ئاياغ ئاتىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپلىكى ئېسىمدىن كەچتى. بۇ ئاياغلار ئىشىكى ھىم تاقالغان ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە ئېتىلىدىغان بولغاچقا تا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق تەسىر قوزغاپ باقمىدى. ئىنسانلار ئاياغ كىيىشنى بىلگەندىن تارتىپلا ئاياغدىن قوشۇمچە قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلدى. ئاياغ بىلەن ئايغا چىققىلى بولمىسىمۇ لېكىن قارشى تەرەپنى چۆچۈتكىلى بولىدۇ.  
ئامېرىكىنىڭ گېپىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ، يېنىمدىلا ياڭرىغان دەھشەتلىك پوجاڭزا ئاۋازلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە ياشاۋاتقانلىقىم ئېسىمگە كەلدى. پورۇخنىڭ ئاچچىق ھېدىدا ئۇرۇش ھەم چىرىپ كەتكەن جەسەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. بۈگۈن چاغان ئىدى. پوجاڭزا ئېتىش خەنزۇ خەلقىگە قاچاندىن ئۇدۇم بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن پەقەت ئۇنى ھېيت- ئايەملىرىمىزدىكى ناغرا چېلىشقا ئوخشاش بىر يۇسۇن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم ھەم بۇ ئىككى خىل يوسۇننى سېلىشتۇردۇم. پوجاڭزا پارتلاتقۇچ دورىنى ئاساس قىلىدۇ. بۈگۈنكىدەك تىنچ شارائىتتا بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرىگە ئىگە بۇ نەرسىنى پارتلىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلالمىدىم. ئەكسىچە، يىلدا قانچىلىغان ئوت ئاپەتلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ. كۆپلەپ زىيان كۆرۈلۈۋاتىدۇ. لېكىن قانغا سىڭگەن بۇ ئادەتنى تاشلىماق بەس مۈشكۈل. چاسا خەتنىڭ ئىجادكارى بولغان خەنزۇلارنىڭ پوجاڭزا ئېتىش ئادىتىگە بەلكىم يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ «مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ» دېگەن دانا خۇلاسىسى ئارقىلىق جاۋاب ئىزدەش مۈمكىن.  
ئەمدى ناغرىغا كەلسەك، ناغرا كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. كىشىلەرنى ئۇسسۇلغا سالالايدۇ. ئاۋازى كىشىنى چۆچۈتمەيدۇ ھەم مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ. سۇناي دىلنى يۇمشىتىدۇ. لەزىز كۈيلەردە ھەسرەتنى ئۇنتۇپ دەقىقىلىق پادىشاھ بولىدىغان گەپ. بىر مىللەتنىڭ خاراكتىرى بايراملارنى تەبرىكلەش ئادەتلىرىدە ئەكس ئېتىدۇ.  
لېكىن ناغرىنى بەك ئۇزۇن چېلىپ كەتتۇق. ناغرىنىڭ ئۇدارىغا ماسلىشىپ ئالدىغا قاراپ ماڭغان بولساق مەيلى ئىدى، جايىمىزدا بەك پىقىراپ تۇرۇپ كەتتۇق. باشقىلارنىڭ باشمالتىقىنى چىقىرىشى بىزنى بەك ھاياجانلاندۇرۇۋەتتى. قولتۇقىغا داپ قىستۇرغان، قولىغا دۇتار تۇتقان كىشىلەر نەگىدۇر ئالدىراش كېتىۋاتاتتى.  
ئالدىغا بىر قەدەم، كەينىگە ئىككى قەدەم ماڭىدىغانلارمۇ ئالغا قاراپ كەتتى. بىز پىقىراۋېرىپ نىشاننى يىتتۈرۈپ قويدۇق. ئەينى يىللاردا تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە بارغاندىمۇ تەرەپلەرنى توغرا پەرقلەندۈرۈپ،  قايتىپ كەلگەن ئىدۇق.« ئۇيغۇر دېگەن ئات چاپتۇرۇش، نەيزىۋازلىققىلا كامىل بولۇپ قالماي ، سەنئەت دېگەندىنمۇ ئوت چىقىرىدىغان قەۋمكەن» دەپ ئىچ- ئىچىدىن قايىل بولغان تاڭ ئېلىدە «بولدى ئۇيغۇرچە ياسانماق، قىز- يىگىتلەر مەشغۇلى» دېگەن ھالەت ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى.  
بەقۇۋۋەت يىگىتلەر سەھنىدە ئۇسسۇل ئوينايدىغان، تال چىۋىقتەك ئەۋرىشىم قىزلار پەستە ئولتۇرۇپ چاۋاك چالىدىغان يېڭىچە ھالەت كۆزىمىزگە چېلىققىلى خېلى بولۇپ قالدى. قۇلىقىنى تەشتۈرۈپ ھالقا سېلىۋالىدىغان ئەرلەرمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى.  
يۈزلىرىگە ماي سۈرۈپ، ئايىغىدىكى چاڭنى پۈۋلەپ ئولتۇرىدىغان ئەرلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كۆڭلۈم ئاينىپ تۇرغاندا، «مەن چىرايلىقمۇ» دەپ باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ چىرايىغا باھا بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر  پولۇ يۈز يازغۇچى ھەققىدە پاراڭ ئاڭلاپ قالدىم. تۈفى، سېنىڭ ئەرلىكىڭگە!  
ئاممىۋىي ئاپتوبۇسنىڭ ئىشىكىدىكى «ھەربىيلەرگە ئېتىبار قىلىنىدۇ» دېگەن خەتلەرگە كۆزۈم چۈشتى. ئاپتوبۇسقا چىقىپ جايلاشقاندىن كېيىن كۆزۈم «ھامىلدارلار، ئاجىزلار، ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى» دېگەن شۇئارغا چۈشتى. پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلۈشكە مەجبۇر بولدۇم. ئېتىبار بېرىش جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئەزەلدىن تارتىپلا ئاجىزلارغا كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا قوغدىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەر بەھرىمان بولۇپ كەلگەن ئالاھىدە ئىمتىياز. لېكىن بۇ يەردىكى ھەربىي قانداقتۇر قوغدىلىشقا مۇھتاج كىشىلەر توپى ئەمەس.  
ساقسىز بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىغا چاپتىم. خۇداغا شۈكرى، يۈرىكىم ساقكەن. يانچۇقۇمدىكى پۇلنىڭ سانىنى ئىمكانقەدەر ئويلىماسلىق ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىم ئۈنۈم بەرمىدى. ئويلىسام، مۇستەقىل پۇل تۇتۇپ باققىلى 14 يىل بوپتۇ. لېكىن ، يەنىلا كۈرۈك توخۇدەك قوقۇقلاپ يۈرۈپتىمەن. يا باي بولۇپ قەددىمنى رۇسلىماپتىمەن. ياكى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالماپتىمەن. ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان باي- نامراتلىق سىزىقىغا قاراپ چۆچۈپ كەتتىم.  
يىللىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن 80 مىڭ يۈەنگىچە بولغانلار نامراتلار، دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار يىللىق كىرىمى 50 مىليون يۈەندىن  يۇقىرى بولغانلارنى كۆرسىتىدىكەن. مەندەك مائاش قاتلىمىدىكى بىر سولتەك نامراتلار سىزىقىدا ئىكەن. دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار بىلەن 6 دەرىجە كىرىم پەرقىم بار ئىكەن. يىللىق كىرىمى 5 مىڭ يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە بولغانلار پەۋقۇلئاددە نامراتلار ئىكەن. تۇيۇقسىز داچىلىق بولغان ياكى ئېسىل پىكاپىدا ئۆتكەن- كەچكەنگە مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراۋاتقانلارنى ئەڭ قاتتىق جازا بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋەتكۈم كېلىدۇ. مەن ھالال ياشاشنى پىرىنسىپ قىلىپ ياشىدىم. ئۆكۈنمەيمەن. لېكىن، تۈنۈگۈنكى قەلەندەرنىڭ بىر ئۆرۈلۈپلا رەھبەر بولىۋالغىنىغا ئۆتۈم تاشىدۇ. سىزنى باشقۇرغان ئادەمگە ھۈرمىتىڭىز قوزغالمىسا بەكمۇ خورلۇق ھېس قىلىدىكەنسىز.  
ئوبامانىڭ بىر ئېغىز گېپى ئۆيۈمنىڭ يېنىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا تېرىچىلىكتىن قۇتۇلالمىغان سودىگەر قېرىنداشلار ھەم كەتمەن بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان ئاۋارىكەشلىرىم ھەققىدە ئويلارغا چۆكىمەن، ئويلىرىم ئاياغلاشماي ئۇھسىنىمەن.  
دېھقىنىم ھەر بىر تۈپ كېۋەزنىڭ تۈۋىگە نەچچە يۈز قېتىم ئىڭىشىپ ئاران قورسىقىنى قامدىغۇدەك كىرىم قىلسا، بىل گايتىس بىر كونۇپكا بىلەنمۇ مىلياردلاپ پۇل تېپىپ ئولتۇرىدۇ. بىل گايتىس «قۇرئان كەرىم» دىكى تۇنجى ئايەتنىڭ «ئوقۇ» دېگەن بۇيرۇق ئىبارىسى بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، لېكىن ئۇ بىلىمدىن پايدىلىنىپ قولىنى دۇنيانىڭ مەشرىقىدىن مەغرىپىگىچە ئۇزىتالايدۇ. ئۇيغۇرلارغا «قۇرئان كەرىم» نېسىپ بولغان بولسىمۇ، يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەنىسىنى ھازىرغىچە ھەقىقىي يوسۇندا ئاڭقىرغان ئادەملەر بەكمۇ ئاز بوپتۇ.  
ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ ئالدىدىكى ھەيۋەت شىرنىڭ ھەيكىلى كىشى قەلبىگە سوغۇق بىر سايە تاشلاپ تۇراتتى. مەن تونۇيدىغان بىر ئەمەلدارنىڭ بېشى بىلەن شىرنىڭ بېشى تەساۋۋۇرۇمدا ئالمىشىپ تۇراتتى. بىرى گۆش يەيتتى. بىرى كۈلۈپ تۇرۇپ روھ يەيتتى. «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن شۇئار شىرنىڭ ھەيكىلى كەينىدە مەسخىرىلىك كۈلۈپ تۇراتتى. شىرنىڭ ئاغزى يوغان ئېچىلغان بولۇپ قارىماققا نەپسى تاقىلداپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. بانكىلارنىڭ ئالدىدىمۇ بۇنداق شىر ھەيكىلى بار.  
باشلىق مۇنبەرنى مۇشتلاپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ پىشانىسىگە نوقۇپ تۇرۇپ دەرس ئۆتىدۇ. ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش ۋەھىمىسى پات- پات يۈرەكلەرنى مۇجۇپ تۇرىدۇ.  
چەتئەللەردە ھايۋاناتلارغىمۇ ئايرىم يول ياساپ بېرىلىدىكەن. لېكىن، مەن نېمىشقا ئۆز يولۇمدا ئازادە ماڭالمايمەن؟  
بىز  ئاسمان قەرىدىكى بىر تال ئاغامچىدا بىمالال ماڭالىغىنىمىز بىلەن يەردە يولىمىزنى تېپىپ ماڭالماپتىمىز. بەلكىم ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن بىزگە يەردە ماڭغۇدەك يول قالماي ئاسمانغا چىقىۋالغاندىمىز.  
بىر خوراز بىلەن بىر مىكىيان ئۇزۇن مۇددەت بىللە بېقىلغان ئىكەن. بىر كۈنى ئىگىسى ھېلىقى مېكىياننىڭ ئالدىدىلا خورازنى بوغۇزلاپتۇ. شۇندىن تارتىپ كۈندە تۇخۇم تۇغۇۋاتقان مىكىياننىڭ كەيپىياتى تۆۋەنلەپ تۇخۇم تۇغالماس بولۇپ قاپتۇ.  
بەلكىم پىكىر يۈرگۈزۈش قورقۇنچلۇق ئىشتۇر. لېكىن مەن بۇ قورقۇنچلۇق ھەركەتنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم. بەزى ئەمەلدارلار پۇقرالارنىڭ خىيال سۈرۈپ قېلىشىنىمۇ قورقۇنچلۇق ئىش دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ كاللىسىدا «بۇ چوقۇم ماڭا قارشى پىكىر ئويلاۋاتىدۇ» دېگەن ئوي ھۆكۈم سۈرىدۇ. لېكىن توخۇمۇ خىيال سۈرىشى مۈمكىن. ئۇنىڭدا« ئىنسانلارنىڭ نوپۇزىغا ھۇجۇم قىلاي» دېگەن ئوي مىڭ يىلدىمۇ پەيدا بولمايدۇ. توخۇ توخۇ پېتى، ئىنسان ئىنسان پېتى ياشاۋاتقىلى ناھايىتى ئۇزۇن يىللار بولدى.  
يېقىندا، ئوبامانىڭ ئاقسارايدا مۇخبىر بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقاندا بىر چىۋىننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى مۇلاھىزىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭ چىۋىن ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئاددىي ئىشى مەخسۇس مۇنازىرە قوزغىغان. بەزى ھايۋاناتلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئوبامانىڭ چىۋىننى ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنى «ئېچىنىشلىق» دېگەن ئىبارە بىلەن سۈپەتلىگەن. ھەتتا بۇ ھەركەتنى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر سىياسىي نۇقتىلاردىن مۇلاھىزە قىلىشقان. ئاددىي ئادەمنىڭ ئالاھىدە ئىشى ئادەتتىكى ئىش، مەشھۇر ئادەمنىڭ ئادەتتىكى ئىشىمۇ ئالاھىدە ئىش ھېسابلىنىدىكەن.چىۋىن ھەققىدىكى تالاش- تارتىشتىن يەنە شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى، كۈپكۈندۈزدە بىر ئادەم كوچىدا ئۆلۈپ قالسىمۇ كارى بولمايدىغان مەملىكەتلەر بىلەن بىر چىۋىننىڭ تەقدىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەملىكەت كىشىلىرى ئارىسىدا مارس بىلەن يەر شارىدەك مۇساپە بار.  
ئامېرىكىنىڭ ۋېرگىنىيە ئۇنۋېرستىتىدا قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. قاتىل كورىيىلىك بولۇپ، ئۇمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان. جەمئىي 11 ئادەم ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن دەپنە مۇراسىمىدا قاتىل ئۈچۈنمۇ تەزىيە توپى ئېتىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈلگەن. بەزىلەر قاتىلنىڭ قەبرە تېشىغا <ئەمەلىيەتتە سەنمۇ ئامېرىكا جەمىئىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى، بىز ساڭا كۆڭۈل بۆلەلمىدۇق> دېگەن مەزمۇندا سۆز قالدۇرۇپ ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنى نورمال ھېسسىياتلىق ئادەم دەپ قارىغان. بىزنىڭ نەزەرىمىزدە ھەممە ئادەم نەپرەتلىنىشى كېرەك بولغان بىر قاتىلغا قىلىنغان مۇئامىلە كىشىنى تەگسىز خىياللارغا سۆرەيدۇ.  
ئاۋستىرالىيىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقان ئۆدەكلەرگە يول بېرىش ئۈچۈن ، بۇ يول 3 مىنۇت تاقالغان.(جۇڭگو خەۋەرلىرى تورى)  
ئىچكىرى ئۆلكىدە بىر شوپۇر ماشىنا بىلەن 8 قوينى چېقىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. ئۇ قويلار ئاق بالداقلىق بەلگە بار جايدىن ئۆتمەپتۇ، دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان.(جۇڭگو خەۋەرلىرى تورى)  
ئىككى خەۋەردىكى ئىككى خىل پوزىتسىيە كائىناتتىكى جانلىقلارنىڭ  ئىككى جايدىكى ئوخشىمىغان قىسمىتىنى كۆز ئالدىمىزغا يايىدۇ.  
مۇنداق بىر يۇمۇر تارقالغان:  
كېتىۋاتقان بىر ئادەمدىن بىرسى سوراپتۇ:  
- نەگە ماڭدىڭ؟  
- ئىراققا.  
- نېمە ئىش قىلىسەن؟  
-بىر مىليون ئىراقلىق بىلەن بىر ۋېلىسپىت رېمونتچىسىنى ئۆلتۈرگىلى.  
- ۋېلىسپىت رېمونتچىسى نېمە گۇناھ قىلىپتۇ؟  
يۇمۇرنى ئوقۇغىنىمىزدا نەزەرىمىز ئەڭ مۇھىم پاكىت بولغان< بىر مىليون ئىراقلىق> تىن ئەگىپ ئۆتۈپ،ۋېلىسپىت رېمونتچىسىنىڭ ھاياتىغا مەركەزلىشىدۇ. كىشىلەر بىگۇناھ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئەمەس، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز بىنا ... دېگەندەك خەۋەرلەرگە بەكرەك قىزىقىدۇ.  
كىشىلەرنىڭ ئېڭى ۋە ھېسسىياتىنى تېلۋىزىيە كونتىرول قىلىپ تۇرماقتا. كىشىلەر ئانىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن بەكرەك، فەن بىڭبىڭنىڭ بوي ئىگىزلىكىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. توختىماي كالىتسىي يەۋاتقان، كۆزلىرىنىڭ نۇرى گۇنسىز بۇ ئەۋلادقا قاراپ كىشىنىڭ كۆڭلى ھېرىپ قالىدۇ. «قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن موزاي تېزەكلىمەي قالمايدۇ» دېگەندەك، تۇرمۇش ۋە كەلگۈسىگە تۇتقان پەرۋاسىزلىق ئاخىرى بىزنى بەدەل تۆلەتتى.  
داققا- دۇققاڭ مۇزىكا، چىرقىراق ناخشا، ۋىڭىلداپ تۇرغان ئېلىكتىرماتور،ھەۋەس قوزغاش دورىسى، زىناخور ئەر ۋە خىيانەتكار چوكان، نىكاھسىز پەرزەنت... بۇلار ھەر بىرىمىزنىڭ پۇتىغا يۆگىمەچتەك يۆگىلىپ تۇرماقتا.  
تىللار بوھتان توشۇپ ئالدىراش بولسا، شەھۋىتى قۇتراپ كەتكەنلەر قىزلىق بۇزۇپ ئالدىراش. تېنىمىزدىكى ئۇستىخانسىز ئەزالار بولغان تىل بىلەن جىنسىي ئەزانىڭ كەلتۈرىدىغان پالاكەتلىرى ھەممىدىن كۆپ. ھالبۇكى، ئۇستىخاندىن ئىبارەت شەكىلنى ھاسىل قىلغۇچى ئامىلنىڭ كونتىروللۇقىدىن خالىي بۇ ئىككى ئەزانىڭ ئىنسانىيەت يارىتىلغاندىن بۇيانقى بارلىق بەختسىزلىكلەرنىڭ پىلتىسى بولۇپ كەلگەنلىكىدەك ھەقىقەتنى بايقىمىغىمىز تەس ئەمەس. تىلنىڭ ئالدىدىكى ئىككى قاتار چىشنىڭ مۇھاپىزىتىدىن بۆسۈپ ئۆتكەن سۆز شۇ ئىنسانغا ياكى قەبرىستان ياكى گۈلىستاندۇر. جىنسىيەتنى كونترول قىلغۇچى ھالقىلىق ئامىل ئىنساندىكى ئىمان ۋە ھايا. بۇ ئىككى چۈشەكتىن ئايرىلغان تەن قەبىھ گۇناھلارنى ئىشلەش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىدۇ. نىكاھسىز تۇغۇلغان نارەسىدىلەر، پاھىشىۋاز- پاھىشىلەر، بەچچىۋازلار پاك- پاكىز زىمىننىڭ ئۈستىدە دەسسەپ يۈرۈپ بەركەتنى قۇرۇتىدۇ. يىلىكنى قۇرۇتىدۇ.  
تەرتىپ ئارقىلىق تەرتىپلەنمىگەن جەمئىيەت ئىنساننىڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقىنىمۇ پايخان قىلىۋېتىدۇ. شۇڭىمۇ مۇبارەك پەيغەمبىرىمىز (س. ئە. ۋ) «ئىككى كالپۇكۇڭ ھەم ئىككى پۇتۇڭ ئارىسىدىكى ئەزالىرىڭنى ياخشى باشقۇرۇشقا كېپىللىك قىلساڭ سېنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭگە كېپىللىك قىلىمەن» دېگەن ئىكەن.  
ئېچىلىپ سايراشتىن قورقۇپ تۇرۇپ، يەنە سايراپ قالدىم.  
«توخو نېمە يېمەيدۇ، ئادەم نېمە دېمەيدۇ» دېگەندەك فىرانسىيەنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇشتا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان قەھرىمان قىز جېننى بىلەن نوزۇگۇم، يەتتە قىزلىرىم، چىنمودەنلەرنى سېلىشتۇرۇپ باققۇم كەلدى. فىرانسۇزلاردىن ئىبارەت ئىلغار مىللەتنىڭ پەرزەتنى بولغان جېننى قىز بىلەن ئۇيغۇردىن ئىبارەت قەدىمىي ۋەسىقىلەر ھەم مەھرۇمىيەت نەتىجىلىرىگە باي بۇ ئەلنىڭ پەرزەنتى بولغان نوزۇكۇم، چىن مودەنلەردىكى ئوخشاشلا زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئىستىكىدە يانغان يۈرەك. ۋاھالەنكى، جېننى قىزنىڭ كەينىدە ئورتاق نىشان، يۈكسەك ئۇيۇشچانلىققا ئىگە فىرانسۇز خەلقى بولسا، يەتتە قىزلار، نوزۇكۇملارنىڭ كەينىدە نامراتلىقتىن يىلىكى قۇرۇپ، قاقسەنەم بولۇپ كەتكەن، ۋۇجۇدى شىكەستىلەنگەن ئاجىز بىر قەۋم ئاددىي ئىستەك يالتىراپ تۇرغان كۆزلىرىنى گۇمان، خەۋپسىرەش تۇيغۇلىرىدا رىئاللىققا تىكىپ تۇرىدۇ. خوتۇن يەڭگۈشلەش ۋەسۋەسىسى، يىتىملەرنىڭ ئاھى، قويمىچى دەرۋىشلەرنىڭ ساختا جەڭنامىلىرى، رىياكار سوپىلارنىڭ ھەلقە- سامالىرى خامتالاش قىلىۋەتكەن بۇ دىيار نوزۇكۇمنىڭ، يەتتە قىزنىڭ قەتلى قىلىنىشىغا پەرۋاسىزلارچە قاراپ تۇردى. بىر قەۋمدە ئاياللارنىڭ قولىغا ياراق ئېلىپ جەڭگە ئاتلىنىشى بۇ قەۋمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. بىز نۇزۇكۇم، يەتتە قىزلىرىمىزغا مەدھىيە ئوقۇش بىلەن بىرگە شۇ ئاياللارنى قوغداپ قېلىشقا كۈچ چىقارمىغان، ھەتتا ئۇلارنى ياۋغا سېتىشقا كۈچ چىقارغان ئەرلەرگە لەنەت ئوقۇيمىز.  
**   ***  **  
قەبرىستانلىقتا كېتىۋېتىپ قەبرىستانلىقتىكى يولغا ئىككى پارچە كىتابنى تاشلاپ قويغۇدەكمەن. بىرى بوغدا ئابدۇللانىڭ يەنە بىر ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلار توپلىمى ئىكەن. كېيىن پۇشايمان يەپ، كەينىمگە قايتىپ ھېلىقى كىتابلارنى تېرىۋالغۇدەكمەن. بۇ بەلكىم مەن ھازىرغىچە كۆرگەن كىتابقا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى چۈش بولۇشى مۈمكىن. يوشۇرۇن ئېڭىمدا ساقلىنىپ ياتقان ھەم شېئىردىن قول ئۈزۈشكە ئىنتىلىش ھەم ۋاز كېچەلمەسلىكتەك زىددىيەتلىك ھالەت بۇ چۈشۈمدە ئۆز ئەكسىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. ئادىل تۇنىياز بىلەن بوغدا ئابدۇللانىڭ قايسى توپلىمى ئىكەنلىكى ئېسىمدە يوق. تەسەۋۋۇرۇمچە بوغدا ئابدۇللانىڭ "سالغا تېشى"،ئادىل تۇنىيازنىڭ"سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا"ناملىق توپلاملىرى بولسا كېرەك. چۈشمۇ ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى ئىكەن، دەپ ئويلايمەن گاھىدا. بەزىدە كىشىگە بىشارەتلىك چۈشلەرمۇ نېسىپ بولىدۇ. قايسى بىر يازغۇچى تۈرمىدىكى چېغىدا، تۈرمىدىن ئازات قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بىر بىشارەتلىك چۈش نېسىپ بولغان ئىكەن. مەن قەبرىستانلىقتا يۈرۈپ تولا چۈش كۆرىمەن. بىرسى" بۇ گۇناھلارنىڭ تۆكۈلۈشىنىڭ بىشارىتى" دەپ تەبىر بەردى.ھەرنېمە بولسا ياخشى چۈش ئىكەن.  
كۈنلەر ئۆتمەكتە ئىدى. بىر خىل تەم، بىر خىل رېتىم، تورنىڭ ئۈزۈلۈشى بىلەن تۇرمۇش تېخىمۇ مەنىسىزلىشىپ كەتكەندەك بولدى. ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىدىن بىر سوغۇق نۇر بالقىپ تۇرىدۇ. تەمەسىز كۆزلەرنى ئىزدەپ سەھراغا باردىم. سەھرالارمۇ يېڭى يېزا شۇئارى ئاستىدا تامام يېڭى قىياپەتكە كىرىپتۇ. ئاسفالىت يوللار، خىش ئۆيلەر پىغانىمنى ئۆرلەتتى. ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ ياتقان ئاخىرقى كۆل بىلەن كارىز بويىدىن بالىلىق خۇشاللىقلىرىمنىڭ قالدۇقلىرىنى ئىزدەپ تاپتىم- دە قانائەت ھاسىل قىلدىم. ئاتامنىڭ تۇپراق بېشىدا دۇئا قىلدىم. چوڭلارنىڭ دېيىشىچە، ئۆلۈكلەرنىڭ كۆزىگە تىرىكلەر ئۆلۈك كۆرۈنەرمىش. بىز بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان ئۆلۈك. ئىنساننىڭ كۆزىنى پەقەت توپىلا تولدۇرالايدۇ. مەن ئىنتىلىپ ياشىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بارا- بارا مۇھىملىقتىن قېلىشقا باشلىدى. مەشھۇر ئادەم بولاي دېدىم، بولالمىدىم. شائىر بولدۇم، لېكىن شائىرلىق يارىنى قانىتىشتىن ئۆزگە مەشغۇلات ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر شائىرغا «ئىچىڭ شېئىر بىلەن توشقۇچە يىرىڭ بىلەن توشسىچۇ» دېگەن ئىكەن.  مەن يارا ئېغىزىنى تاتىلاپ تۇرۇپ ماددىيەتكە تەزىم قىلغان كىشىلەر توپىدا يىگانە قالدىم. مەن نىشان ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان ئاشۇ كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى، ئاياللىرى قالدى. يېڭى ئىنتىقام بىخلاندى. ئابدۇخالىقنىڭ ئۈچ قىلىچتا ئۈزۈلگەن كاللىسى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئاياللار ئەرلىرىدىن قانائەت ھاسىل قىلمايدىغان بولۇپ كەتتى. تەنلەردىن ئوغۇت ۋە دورىنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ. يېنىمدىن تاۋۇت ئۆتۈپ كەتتى. يەنە بىر كوچىدا ناغرا – سۇناي. ئۇنۋان ئېلىشىم كېرەك، چۆچۈرىدەك بالىلار ماڭا قاراشلىق. ھەرخىل كۇرس، قوش تىل، تاپشۇرۇق، سىياسىي ئۈگىنىش، پاراڭ، ئىشتىن چۈشۈش .... ئەسلەرنى كونتىرول قىلىپ تۇرماقتا. ۋاقىت تەقسىملىنىپ بولۇنغان. ئادەم بولۇشقا ۋاقىت يوق.  
توردىن "ئالەمگە ئۇچقان ئۇيغۇر" دېگەندەك تېمىلارنى كۆرۈپ ئۇيغۇرچە ھاياجانلارغا چـۆمۈلۈپ يۈردۈم. مۇنۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى پۆكۈنچى ئاخۇن ھازىرغىچە ئۈرۈمچىگە چىقىپ باقمىدى. بوپتۇ، ئاسمانغا چىققان ئۇيغۇرلارغا بەخت تىلەيمەن. قاۋىماي تۇرۇپ چىشلەيدىغان ئىتلار كۆپىيىپ كەتتى. 10 مىڭ سوم بېرىپ" مۇنۇ پىچاقنى پالانچىغا تىقىۋەت" دېسە ئىككىلەنمەي بېرىپ شۇ ئىشنى بېجىرىپ كېلىدىغان ئادەملەر بار. نېمە دېدىلە؟! بۇ دوقمۇش بولغاندىكىن، نېمىلا پاراڭ سالسىلا يارىشىدۇ. لېكىن ، دوقمۇشنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش كېرەك. بۇنىڭ بىرىنچىسى، سالامغا سالام قايتۇرۇش، بىھۇدە پاراڭ سالماسلىق،ئىككىنچىسى، كۆزنى نامەھرەمدىن يىغىش. مۇشۇ ئىككىنچىسىنى بېجىرمەك تەس بۇ ئەر كىشى دېگەنگە. بۇ نەس ئادەم بىلەن تەڭ تۇغۇلغان نەس ئىكەن. كۆزىڭىزنى بىرىنىڭ كۆزىدىن ئەپقاچسىڭىز، يەنە بىرسىنىڭ ساغرىسىغا چۈشۈۋاتقان، ئۇنىڭدىن ئەپقاچسىڭىز يەنە بىرسىنىڭ كۆكسىنىڭ يېرىمىغا... گۇناھ تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ تۇرۇپ يەنە گۇناھ ئۆتكۈزۈدىغان گەپكەن. تەيپىنەم زامانىسىدىن تارتىپ ئايال خەقنىڭ دەردىنى تارتىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئەر ساماندەك. بىر ئەر ئىچكىرىگە ماڭغان پويىزدا قىز دوستىنى كۈلدۈرىمەن، دەپ ئۆزىمۇ تەڭ كۈلۈپ ئېڭىكى چۈشۈپ قاپتۇ. ئۆزى قىزىقچىلىق قىلىپ ئۆزى كۈلگەن ئادەمگە بەك ئۆچمەن. دۇنيادا قىيىنچىلىق بولىۋاتىدۇ، مانچە ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتىدۇ... دېسە ما خەق يەنە ناغرىسىنى چېلىپ، پولۇ يېگەن قولى بىلەن يۈزىنى مايلاپ يۈرىدۇ. دۇنيادا ئۇيغۇر بولۇشتىنمۇ كۆڭۈللۈك ئىش بولمىسا كېرەك. 18 گە كىرگىچە ھېچقانداق ھەركەت قىلمىسىڭىزمۇ ئاتا- ئانىلار ئوقۇتۇپ، تويىڭىزنى قىلىپ قويىدىكەن. ئەر- ئاياللار نىسبىتى بۇزۇلۇپ، ئاياللار كۆپىيىپ كېتىۋېتىپتۇ. ئاياللاشقان ئەرلەرنى قوشقاندا بۇ سان تېخىمۇ كۆپ. ئادەم بالىسىنىڭ ئىچىدىن تۆمۈر تەسەكتىن باشقا ھەممە نەرسە تۆكۈلىدىكەن. ئاۋۇ يۇقىرى مەھەللىدىكى پالانچىخاننىڭ مىڭ جاپادا تۇغۇپ چوڭ قىلىپ قويغان ئوغلى ئاخىرى مۇناپىق بولۇپ كەتتى. مۇنۇ بىز باققان تاغىل مۈشۈك ھازىرغىچە بوسۇغىمىزدىن داجىپ باقمىدى. ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلماقچى بولغان ھېلىقى كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە  ئۆز مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق. نېمە تولا، قەسەم تولا. جۇڭگودا ئادەم تولا. ئادەم تولا بولغان ئىكەن دەردمۇ تولا. دەردنىڭ تولىلىقىدىن ساراڭ بولغان ئادەم تېخىمۇ تولا. شۇنداق ناخشىلارنى ئېيتقۇم كېلىدۇ:  
يانچۇق قۇرۇپ پۇل دەيدۇ،  
تۇرمۇش بىراق ، ئۆل دەيدۇ،  
ئۇيغۇر دەرتكە ئۆلمەيدۇ.  
دەرد ئىچىدە كۆكلەيدۇ.  
يىغلاپ- يىغلاپ قېرىپ كەتكەن ئانىلار، كۈلۈپ- كۈلۈپ ئۆلۈپ كەتكەن بايۋەچچىلەر، تۆكۈلۈپ- تۆكۈلۈپ قۇرۇپ كەتكەن ياشلار... تۇغۇلۇپ- تۇغۇلۇپ يىتىم قالغان بالىلارغا خاتىرە مۇنار تىكلەش كېرەك. شۇنچە يىل ياشاپتىمەن. بۇ دۇنيادا  بىر چىش سامساقچىلىك رولى يوق ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى تولا كۆردۈم. ئىچكىرىدە ئۈچ سىتودېنت سۇغا چۈشۈپ كەتكەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قۇتقۇزىمەن دەپ، چاڭجىياڭ دەرياسىدا سۇغا تۇنجۇقۇپ ئۆلدى. سىتودېنتلار سۇغا تۇنجۇقۇپ قېلىش ئارىلىقىدا شۇ ئەتراپتا دەريادىن ئۆلۈك سۈزۈپ بېرىپ پۇل تاپىدىغان بىر خوجايىن سىتودېنتنىڭ ساۋاقداشلىرى تىزلىنىپ تۇرۇپ يالۋۇرغان بولسىمۇ ھېلىقى خوجايىن ئاۋال پۇل تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ تىرىكلەر بىلەن كارى يوقلۇقى، پەقەت ئۆلۈك سۈزۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ گۆشىيىپ تۇردى. سىتودېنتلار ئۆلگەندىن كېيىن ھەر بىرىنىڭ ئۆلۈكىنى 12000 يۈەندىن سۈزۈش ھەققى ئېلىپ سۈزۈپ بەردى. بۇ ئارىدا تېخى نۇرغۇن باھا تالىشىشلار بولدى.  
ئىچكىرىدە يەنە بىرەيلەن ماشىنىسى بىلەن بىر قورشاۋ تامنى ئۆرۈۋېتىپ، ساقچىلار تەكشۈرگىلى كەلسە «مەن پارتىيە ئەزاسى» دەپتۇ.  
"شەيتان لۇغەت"كە قارىسام بايلارغا "نامراتلىقىدىن پۇلىلا قالغان ئادەم" دەپ تەبىر بېرىلىپتۇ. يۇقىرىقىدەك ئىنسانلارغا "ئوساللىقىدىن تېنىلا قالغان ئادەم" دەپ تەبىر بېرىش كېرەك.  
گەپلىرىم بىرئاز رېلىستىن چىقىپ كەتتى.  
يېقىندا «بابۇرنامە»نى ئوقۇپ تۈگەتتىم. ھىندىستان موغۇل ئېمپىرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى بولغان بۇ زاتنىڭ ھاياتى تولىمۇ قىسقا بولسىمۇ، لېكىن كەچمىشلەرگە، ھېكمەتلەرگە باي ھايات ئىكەن. ئىككى تەمبەل ئەركەكنى قولتۇقىغا قىسىپ سېپىل ئۈستىدە يۈگۈرۈپ مەشق قىلغان، گانگ دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆزۈپ ئۆتكەن. ئۆز يۈرۈشلىرىدە ئۇچرىغانلىكى دەريالاردىن ئۈزۈپ ئۆتكەن بابۇرنىڭ قەلىمى كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى. قىرىق يېشىغا كەلگەندە بابۇر مەجۈن ھەم شارابتىن تەلتۆكۈس قول يۇيىدىكەن ھەم ھەقىقىي يوسۇندا تەۋبە قىلىدىكەن. بۇ تەۋبە مېنىمۇ قاتتىق ھاياجانغا سالدى. ئاڭلىشىمچە، ئۆتكۈر ئەپەندىمۇ 58 يېشىدا ھەقىقىي تەۋبە قىلغان ھەم تەۋبىنامە تەرىقىسىدە «ھىدايەتنامە»نى يېزىپ قالدۇرغان ئىكەن. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان بەندە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىسىدىمۇ تەۋبىگە مۇشەررەپ بولىدىكەن. ئازدۇرغان بەندە تاكى قىيامەتكىچە گۇناھلارغا چۆمۈلۈپ نامۇ- ئەمەل دەپتىرىنى قاپقارا سەھىپىلەر بىلەن تولدۇرىدىكەن. بۇنداق ئادەملەر تاكى ئۆلگۈچە ئۆزىنىڭ خاتا ئەقىدىسىدىن ۋاز كەچمەيدىكەن.كەينىدىنلا «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى»نى ئوقۇدۇم. ئوقۇشنى شۇنچە ئارزۇ قىلغان بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ، غەشلىك ئىلكىدە قالدىم. «بابۇرنامە»نەپىس تىلىدىن مەستخۇش بولغان تۇيغۇلىرىم بۇ غەربلىك سەيياھنىڭ سىدام ھەم بىپەرۋا پوزىتسىيىدە يېزىلغان بۇ كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھەسەلدىن كېيىن تەرخەمەك يېگەندەك سوۋۇپ كەتتى. ماركوپولودا بەدئىي دىت كەم بولغاندىن سىرت ئۇ چوڭ بىر پىرىنسىپال خاتالىقنى سادىر قىلغان. يەنى ، ئىسلام دىنىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئېتىقاد قىلىدىغان دىن سۈپىتىدە چۈشەنگەن.  
  تورنى ئېچىپ يەنە قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم. جېكسوننىڭ بىر جۈپ پەلىيى 350 مىڭ دوللارغا سېتىلىپتۇ.( دادامنىڭ دېھقانچىلىقتا كەيگەن چورۇقىنى 10 دوللارغا ئالىدىغان ئادەم بارمىدۇ؟) ئىچكىرىدە بىر ساقچى مېھماندارچىلىققا بېرىپ ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىكتىن ئۆلۈپ قاپتىكەن، ئىدارىسى ئۇنى يۇقىرىغا «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ ئىلتىماس سۇنۇپتۇ. ئۆيى چېقىلىشقا چىدىمىغان بىر قىز ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋاپتۇ. يېزا بىلەن شەھەرلەرنىڭ ئۆلۈم تۆلەم سوممىسىنى باراۋەر قىلىش ھەققىدە مۇنازىرە بولىۋېتىپتۇ. يەنە بىرەيلەن 100 يۈەنلىك پۇل بىلەن كويزىنى ئېچىپ، ئاياغ بوغقۇچىغا ئېسىلىپ ئۆلۈۋاپتۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن قوي ئاۋسترالىيىدە ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئەتراپىمدا خىلمۇ خىل ئالامان. خاتا سۆزلەپ سېلىشتىن ئىنتايىن قورقىمەن. چۈنكى مەن «تەكشى ئېچىلىپ»، بەس- بەستە سايراپ كالتەك يېگەن بىگۇناھ دېھقاننىڭ ئوغلىمەن. ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ھېلىقى ئاۋسترالىىيىلىك قويغا بەخت تىلەشنى لايىق تاپتىم. بۇنداق بولغاندا خاتىرجەم ئۇخلىيالايمەن. دادام بورا ئۈستىدىمۇ ھۇزۇرلىنىپ ئۇخلاپتىكەن. مەن تىنچلاندۇرۇش دورىسى يېمىسەم ئۇيقۇم كەلمەيدۇ.  
ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىشىكىنىڭ ئىچىدە بالىلىقى يوقالغان ئوغلۇمنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرى ئارىسىدا روھ ئۆلتۈرۈش مەشىقىنى داۋاملاشتۇرماقتىمەن. قىزىمدىن «چوڭ بولغاندا نېمە بولىسىز؟» دەپ سورىسام «ئالىم بولىمەن» دەپ جاۋاپ بەردى. كوچىدىكى ئوغرى بالىمۇ ئەينى چاغدا دادىسىنى ئاشۇنداق جاۋابى بىلەن سۆيۈندۈرىۋەتكەندۇ؟ كۆزۈمگە ياش كەلدى. بالىلىقتىكى يۈكسەك ئارمانلار ئادەم چوڭايغانسېرى رىئاللىقنىڭ ئەلگەكلىرىدە تاسقىلىپ ئاددىيغىنە بىرنەچچىسىلا قالىدىكەن. ئالىم بولماقچى بولغان يەنە بىر بالا ئاياغ مايلاپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭغا بىرەر ئالىمنىڭ ئايىغىنى مايلاش نېسىپ بولغاندۇ؟  
ساۋاتسىز مۇئەللىم بىلەن ھاياسىز كوچىلار بالىلىرىمنىڭ بەختسىزلىكى. كىتابلارغا تىكىلىپ تۇرۇپ «سەن يالغان سۆزلەۋاتىسەن» دېيىش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمىدى.  
(بېلىقچى ۋە ئالتۇن بېلىق ھەققىدىكى چۆچەك) نى بالامغا ئوقۇپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ھېسسىيات ئەمەس، ئەقىل تارازىسىغا سېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. بوۋاي بىر ئۆمۈر بېلىقچىلىق قىلدى. ياراتقۇچىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئالتۇن بېلىققا ئۇچراپ ياخشى ئۆي، پادىشاھلىققىچە ئىگە بولدى. لېكىن موماي يەنىلا شۈكرى قىلماي بوۋاينى ئۆزىنىڭ يېڭى- يېڭى ئىستەكلىرى ئۈچۈن دەريا بويىغا چېپىشقا مەجبۇر قىلدى.ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مائارىپىمىزنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىز موماينى يۈكسەك دەرىجىدە سەلبىي قەھرىمان قىلىپ تەسۋىرلەپ كەلدۇق. ھالبۇكى، ئايالىنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان، ئۆز تۇرمۇشىغا ئۆزى ئىگە بولالمىغان نانقېپى بوۋايغا ھېسداشلىق قىلدۇق. موماينىڭ توختاۋسىز يېڭىلىنىپ تۇرغان ئىستەكلىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان يېپيېڭى دۇنيانى كۆرمىدۇق.دۇنيا ئەنە شۇ خىلدىكى تەقەززالىق ئىچىدە تاش قوراللار دەۋرىدىن بۈگۈنگە ئۇلاشقان.  
بوۋاينىڭ ئامالسىزلىق ۋە بىچارىلىك تۆكۈلۈپ تۇرغان دۇنياسىدىكى ئۆزىنى يوقىتىش سەپىرى ۋە جاھىلانە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاتالمىش ئاقكۆڭۈل روھنىڭ جەسەت كۈللىرىنى بايقىيالمىدۇق. بۇ چۆچەك ئىجادىي روھنى ئەمەس، قۇللارچە رازىمەنلىكنى سىڭدۈرگەنلىكى بىلەن بالىلىرىمىزنى تەربىيىلەش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس.  
كوچىدا ئۈستىبېشى توپىغا مىلەنگەن بىر توپ كىشى ئىش ئىزدەپ كېتىۋاتىدۇ. ھاكىمىيەت ماشىنىسى سۈرلۈك ئەلپازدا يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. ھارامدىن بېيىپ كەتكەن  كىشىلەر تەكەببۇرانە قىياپەتتە زىمىنغا دەسسەپ يۈرۈشمەكتە. ئالتۇننى چارەكلەپ خەجلىگەن تالاي بايلار زىمىننىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتتى. ئۆلمەسلىك دورىسى ئىزدىگەن چىنشىخۇاڭمۇ ئۆلدى. ئۆلمەسلىكنى ئىزدىگەن لوقمان ھەكىممۇ كەتتى.  
بىرلا باقىي قالىدىغان ياراتقۇچى قىلمىش- ئەتمىشلىرىمىزگە تىكىلىپ تۇرماقتا.  
بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن ئايرىلىۋاتقان جەمئىيەتتە ياشاش ئۈچۈن زور چىدام كېرەك. تۈزۈم ۋە ياكى ئادەتنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ يىراقلارغا كەتكۈم كېلىدۇ. ئىسكەنجە ئىچىدە پارلىنىۋاتقان ئادىمىيلىك ، روھىي جەھەتتىكى خورلۇق كۆرۈنمەس قاپقانلار قويۇلغان جەمئىيەتتىكى زۆرۈر قۇربانلىقلىرىم بولۇپ قالدى. مەندە جاھان كېزىش ئارقىلىق بېسىمنى يەڭگىللىتىدىغان ئىمكانىيەت يوق. روھىمنى يىپسىز كونتىرول قىلغان خىزمەت بىلەن ئائىلە مېنى بۇ ئىمانى كەم شەھەردە تۇتۇپ تۇرماقتا.  
كاللا تۇمانلىق، كۈننىڭ غەربتىن چىقىپ قېلىش ۋەھىمىسى دىلنى زىلزىلىگە سالاتتى. ئامېرىكىلىق ئەر ئىككىنچى بالىسىنى ئوڭۇشلۇق تۇغۇپتۇ.  
چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رەپىتىس خىزمىتى تونۇشتۇرۇلغان بىر سۈرەتلىك ماقالىدە ھېلىقى شەپكىسىنىڭ ئالدى سۇنۇپ كەتكەن جاۋبېنشەن ئىسىملىك ئېتوتچىنىڭ ئارقا سەھنىدە نەچچە شاگىرتىنى ئۆزىگە سەجدە قىلدۇرۇۋاتقان بىر كۆرۈنۈش بېرىلدى. چۆچۈپ كەتتىم. ئىنساننى خۇدا ئورنىدا كۆرۈشتەك قورقۇنچلۇق رىئاللىق ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتاتتى. قەدىمكى مىسىر پادىشاھى فىرئەۋىن ئۆزىنى خۇدا ئورنىغا قويۇپ، كىشىلەرنى سەجدە قىلدۇرماقچى بولغاندا ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن دېڭىز يۇتقان ئىدى.  
شۇنداق، ئۆزىگە باشقىلارنى سەجدە قىلدۇرماقچى بولغانلار كۆپىيىپ كېتىۋاتاتتى.
تېما تەستىقلىغۇچى : .tuz.
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2011-05-17, 11:16

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

-سىز كۆرۋاتقان تىما يىلتىزسىز پاراڭلار,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(pusat2)
  • تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    0998.erpane
    ئىبراھىمجان ئىرپانى   qq;1806537111
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 26436
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1651
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1651دانە
    ياخشى باھا: 246 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 12975 سوم
    تۆھپىسى: 329 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2521(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-01-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 07:19 PM

    تاققا-تۇققۇ پاراڭلار ئوخشىمامدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  
    ھىچنىمنى چۈشنەلمىدىم .
    ئىبراھىىمجان ئىرپانى
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    samayya
    ئەلفىرە
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 30015
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 42
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە42دانە
    ياخشى باھا: 152 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2194 سوم
    تۆھپىسى: 204 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 9(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-02-11
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-20  

    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 07:27 PM

    يازما ئىگىسى سىز بۈگۈن دورىنى خاتا يىۋالغان ئوخشايسىز
    ئەلفىرە
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    yawayi-0998
    بىلگەننى ئۈگەت ، بىلمىگەننى ئۈگەن.
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 26107
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 751
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە751دانە
    ياخشى باھا: 179 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1640 سوم
    تۆھپىسى: 241 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 4630(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-01-13
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-26  

    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 07:32 PM

    ھەقىقەتەن  يىلتىزسىزكەن ... دىگەننىڭ ھەممىسى يۇز بەرگەن ئىشلار ...  قامچىلانغانكەن ...
    ياخشىنى كۇرۇپ ھەممىنى ياخشى دىمە .
    ئەسكىنى كۇرۇپ ھەممىنى ئەسكى دىمە .
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    yawayi-0998
    بىلگەننى ئۈگەت ، بىلمىگەننى ئۈگەن.
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 26107
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 751
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە751دانە
    ياخشى باھا: 179 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1640 سوم
    تۆھپىسى: 241 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 4630(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-01-13
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-26  

    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 07:40 PM

    مەڭگۇتاش ئەپەندى  ھەقىقەتەن جىق نەرسىلەرنى كۆرۇپ ھەقىقەتەن  ئورۇنلۇق سۆز قىپسىز ...     
    ياخشىنى كۇرۇپ ھەممىنى ياخشى دىمە .
    ئەسكىنى كۇرۇپ ھەممىنى ئەسكى دىمە .
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    Aychin
    بېشىمغا ھەر بالا كەلسە، ئۆزەڭنىڭ شورى دەڭلار
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 6322
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 48
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
    ياخشى باھا: 184 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5316 سوم
    تۆھپىسى: 256 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 286(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 07:43 PM

    تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇماي تۇرۇپ ئىنكاس يازغىچە ئاۋال ئوقۇسىڭىز نېمە پاراڭ بولىۋاتقىنىنى چۈشىنىسىز. بۈگۈن تورنى ئېچىپلا تېمىسىدىن مۇئەللىپنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغانتىم دەرۋەقە پەرىزىم توغرا چىقتى. روھىيىتىمدىكى چۈشەنمەسلىكلەرگە نىسبەتەن چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە ئۆزەمنى ئوپراتسىيە قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىڭىزگە  كۆپ رەھمەت،
    بېشىمغا ھەر بالا كەلسە، ئۆزەڭنىڭ شورى دەڭلار
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    yalpuz0997
    يالپۇز-مۇز گۈلى
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 6100
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 713
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە713دانە
    ياخشى باھا: 243 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1391 سوم
    تۆھپىسى: 333 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 411(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-11
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 08:12 PM

    تەپەكۈرىڭىزنى غىدىقلىغان تالاي تۇرمۇش دىتاللىرى ئۈستىدا تولۇمۇ ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپسىز. باشقا تىمىلىرىڭىزغا ئوخشاشلا بۇ تىما ۋە تىمىدىكى مۇھاكىمە تۈسىگە ئىگە ھەر بىر جۈملە ئۇقۇرمەننى چوڭقۇر ئويغا سالدىكەن، بىراق <<ئېرىگە ئاياق ئاتىدىغان ئايالارنىڭ كۆپلىكى ئىسىمگە كەلدى>>بىر جۈملىدە  سەل يىنىكلىك بىلەن پىكىر بايان قىلىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ ياكى تۇرمۇشمىزدا شۇنداق ئىشلار راستىللا كۆپمۇ؟
    ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    mihir
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 594
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 783
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە783دانە
    ياخشى باھا: 209 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 8454 سوم
    تۆھپىسى: 276 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 3855(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 08:14 PM

    ھارمىغايسىز ،  تەپەككۇر تامچىلىرىڭىز توختىمىسۇن .  يازمىلىرىڭىزدىن سۆيۈندىم .
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    kixlak
    كۆسەن ئوغلى _  دۈمبە روھىنىڭ جۇلاسى.
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 17326
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 350
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە350دانە
    ياخشى باھا: 247 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6835 سوم
    تۆھپىسى: 344 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 754(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-12
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-26  

    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 08:52 PM

    يازمىڭىز دىلنى سۈيۈندۈردى. كۆپ جاپا چىكىۋاتىسىز. ئىزدىنىشچان روھىڭىزغا ئاپىرىن. مۇنبەرگە يوللانغان بارلىق تېمىللىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى شۇنداق ياخشى ھەم ماتىرياللار جايىدا تاللانغان.  ئەقىللىق كىشلەرلا ئالدىدىكى قورام تاشنى ئۆزىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى پەلەمپەي قىلالايدۇ.
    كۆسەن ئوغلى( قىشلاق ) نىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغىچە، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    SUKUT520
    ۋەتەن  دىگەن  سۆز  چىققاندا   ..
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 36742
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 93
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە93دانە
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 509 سوم
    تۆھپىسى: 7 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 260(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-04-07
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 08:52 PM

    ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن، ئىنتايىن ياخشى يىزىلىپتۇ،      
    ئىشككە ئوڭلاپ مىنەلمەي تۇرۇپ،
    دۇلدۇلغا ئىسىلما ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ.
    ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنش ئاتلىق،
    بۇيولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    irpan
    بۇ دۇنيادا ھېچكىمدىن ئادىللىق تەلەپ قىلما!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 7064
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 540
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە540دانە
    ياخشى باھا: 347 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1436 سوم
    تۆھپىسى: 426 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 4712(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 09:14 PM

    ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم مەڭگۈتاش ئەپەندى، تېمىلىڭىزدىكى تەپەككۈر ۋە تەھلىلىڭىزگە قايىلمەن. بىر تەكلىپ پىكرىم بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ:  ئېلان قىلغان تېمىلىرىڭىزنىڭ كەينىگە مۇنبەردىكى ئىسمىڭىزنى قوشۇپ قويغان بولسىڭىز. بىر قاراپلا بىلىۋالغان بولساق.
    كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
    قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
    يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
    ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    Alpida001
    ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 6619
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 690
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە690دانە
    ياخشى باھا: 202 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 7395 سوم
    تۆھپىسى: 301 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2967(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-17
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 10:47 PM

    دۇرىنى خاتا يەۋاپسىز ، مەن چۈشىنەلمىدىم دەيدىغانلار بۇ تېمىنى تۇلۇق ئۇقۇمىغانلار ئوخشايدۇ . بۇ تېمىنى تۇلۇق ئۇقۇغاندىن كىيىنلا ئاندىن دورىنى توغرا يىيىلگەنلىكى ئىسپاتلىنىدىكەن . خۇددى چۆلدە ئۇسساپ كەتكەن ئادەمگە بىر بۇلاق ئۇچىرىغاندەكلا مەنىۋىيىتىمىز ۋە دۇنيا قاراشلىرىمىزغا قارىتا ھەقىقى يۇسۇندا توغرا باھا بىرىلگەن ياخشى بىر تېمىكەن . بۇ تېمىنى چۈشىنەلمىگەنلەر مەڭگۈ تاشنىڭ باشقا تېمىلىرىنىمۇ چۈشىنەلمىگۈدەك .