يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا ئېچىلغان پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا ئىئوردانىيە ۋە ماراكەشنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى. ئىلگىرى ھىچقانداق شەپىسى بولمىغان بۇ قارار ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن سىياسىي كۈزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
1981-يىلى قۇرۇلغان پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ھازىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، بەھرەيىن، قاتار، كۇۋەيت ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئىبارەت ئالتە ئەزاسى بار. مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇن سەھەلەردە ماسلاشماقتا ۋە ھەمكارلاشماقتا.
خەلقئارا تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر ئەزا دۆلەتلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالغا ئىلگىرلىيەلمەي توختاپ قالغان ئەھۋالدا، پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى كۆپەيتكەنلىكىنى تۇيۇقسىز جاكارلىشى، نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى داۋالغۇش بىلەن شۇنداقلا ئىرانغا ئالاقىدار ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى ئىئوردانىيە ۋە ماراكەش بىلەن بىرلىشىپ پادىشالىق ھۆكۈمىرانلىقىنى قوغداش بىلەن بىرگە ئىراننىڭ بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىت قىلىدۇ.
نەچچە ئاي داۋاملاشقان ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشى بۇ رايوندىكى پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۆز ھۆكۈمىرانلىقىنىڭ زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھىس قىلدۈردى. ماراكەش، ئىئوردانىيە، بەھرەيىن، ئومان، كۇۋەيت ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كۈچ كۆرسىتىش نامايىشلىرى يۈز بەردى. بەھرەيىندە نامايىشچىلار پادىشاھتىن تەخىتتىن چۈشۈشنى، سىياسىي تۈزۈلمىنى ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشتىن دىموكراتتىك سايلامغا ئۆزگەرتىشنى ئوچۇق-ئاشكارە تەلەپ قىلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، مۇشۇ كۈنلەردىكى نامايىشتا، ئوتتۇرا شەرقتىكى پادىشاھلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى يىغىشتۇرىۋالغىلى بولمايدىغان چەككە يېتىپ قالسا، ئىلگىرىكى غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىزنى تاشلاپ يېڭىدىن ھوقۇق تۇتىدىغان ئىنقىلابچىلارنى قوللايدۇ دەپ ھىس قىلدى. شۇڭا، بۇ پادىشاھلار رايون ۋەزىيىتىدە ئۇدا داۋالغۇش بولىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيىتتە پەقەت بىرلىشىپ سىياسى ئىتتىپاق قۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنى قوللىساقلا ھاكىمىيىتىمىزنى ساقلاپ، خەتەرلىك مەزگىلدىن ئۆتىۋالاللايمىز، شۇنىڭدەك پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرالايمىز دەپ ھىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئىران كۈچىنىڭ بېرىچە ئىسلام ئىنقىلابىنى ئەرەب دۆلەتلىرىدىن سىرتقا چىقارماقتا. ئىراقتىن سۈرىيەگە، لىۋانغا، پەلەستىنگە چىقارماقتا، ھازىر يەنە نەزىرىنى پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بەھرەيىنگە قاراتتى.
بەھرەيىن دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن سۈنئىي مەزھىپىدىكى پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش غەرىزىدىكى ئېتراز بىلدۈرۈش دولقۇنىنى شىيە مەزھىپى يىتەكچى ئورۇندا تۇرغان ئىران ئاستىرتتىن قوللىغان ۋە پىلانلىغان دەپ قارىدى. ئەمما ئىران بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: بىز پەقەت مەنىۋى جەھەتتىلا قوللىدۇق ھەقىقىي مەنىدە ياردەم بەرمىدۇق دېدى. سۈنئىي مەزھىپى يېتەكچىلىك ئورنىدىكى ئىئوردانىيە بىلەن ماراكەشمۇ ئىران بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئەپ ئۆتمىدى. ئىككىلا دۆلەت ئىراننى سۈنئىي مەزھىپىدىكى ئەرەب ئەللىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى دەپ ئەيىپلىدى، شۇڭا، ئىران مەسىلىسىدە ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش پارىس قولتۇقى ھەمكارلىك كومىتىتىنىڭ ئىئوردانىيە بىلەن ماراكەشنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم بىر ئامىلى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: داۋالغۇشقا بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ئىراننىڭ تەسىرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا، ئىئوردانىيە بىلەن ماراكەش پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەندىن كېيىن يەنە سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرسا بولىدۇ.
پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى زىيانى 10-ماي ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېدى: ئىئوردانىيە بىلەن ماراكەش پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، تۈزىمىمۇ ئوخشىشپ كېتىدۇ، مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق، پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەزا بولۇش ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ. ئىقتىسادى نوقتىدىن ئېيتقاندا، ئىئوردانىيە بىلەن ماراكەشنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ ئاساسلىقى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرلىقى، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلار پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا بولغان ھامان، پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىتنى تۆۋەن باھادا بېرىشى ۋە ھەدىيە قىلىشىغا، مەبلەغ ياردىمى ھەمدە ئىقتىسادى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. ئەگەر ئىئوردانىيە بىلەن ماراكەشتە بۇندىن كېيىن خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى داۋالغۇش پارتىلىسا، پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئىقتىسادى جەھەتتە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلار دۇچ كەلگەن تەھتىتلەرنى ھەل قىلىدۇ. بەھرەيىن بىلەن ئوماندا ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىىش پارتىلىغاندىن كېيىن، پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى ئىقتىسادى كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بۇ ئىككى ئەزاسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىرزىسنى پەيسەيتىش ئۈچۈن ئون مىليارت ئامېرىكا دوللىرىدىن ياردەم بەردى. سىياسىي جەھەتتە، ئىئوردانىيە بىلەن ماراكەش پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېىتىنى قوللىدى. ماراكەش 2009-يىلى ئىراننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بەھرەيىنئىلگىرى ئىراننىڭ 14- ئۆلكىسى ئىدى دىگەن سۆزلىرى بىلەن ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئىدى.
بۇندىن باشقا، ئىئوردانىيە جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتە تاشقى كۈچلەر پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئەزالىرىغا كىرىشىدىكى ئارىلىق رايونى. يەنە كېلىپ، ئىئوردانىيە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى نامىدىن پايدىلىنىپ ياراملىق قوراللىق كۈچلىرى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى مەشىقلەندۈرۈپ، پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى بەھرەيىندىكى مالىمانچىلىقنى تىنجىتىش ھەرىكىتىدە، ئىئوردانىيە 800 ئەسكەر ئەۋەتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان قىسمىغا قاتناشتۇرۇپ، بەھرەيىننىڭ ۋەزىيەتنى تىنجىتىشغا ياردەم بەرگەن. ئىئوردانىيە ئەگەر پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا بولسا، كوللىكتىپ بىخەتەرلىك پىرىنسىپى بويىچە ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەزا دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىپ ئۇلارنى بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە قوللايدۇ.