ئەي نازىنىن! نازىڭ بىچارە شۇنچە،
خۇددى تىلەمچى يېلىنىپ تۇرغاندەك .
بىر قۇرۇق تەشنالىق چىرمايدۇ سېنى،
قۇرۇق يۈرىكىڭنى ۋەيران قىلغۇدەك .
ئەرمەن دۇنيارىڭنى ۋەيران قىلغۇدەك،
سەن سۆيگەن بارچىنى سەرسان قىلغۇدەك.
دۇنيارىڭ قۇرۇقتۇر ،سۆيگۈڭ قۇرۇق ھەم
جامالىڭ ئەرزىمەس ئىچ ئاغرىتقىدەك.
بىلەمسەن ھېسلىرىم داۋالغۇپ قويماس،
ھېسلىرىڭ يېلىنجاپ كۆيسە يېنىمدا.
سەن ئەمەس، ھەتتاكى ئەڭ كاتتا ئىشرەت
ئەرزىمەس بىر ئويۇن، مېنىڭ ئالدىمدا.
زەررىچە سۆيگۈمۇ بەرمەسمەن ساڭا،
سۆيگۈدەك نەرسىمۇ يوقتۇر دۇنيادا.
سۆيىمەن پەقەتلا ، پەقەت ئۆلۈمنى،
سۆيگەن شۇ يۈرىكىم باقىي دۇنيادا.
مەنبە:ئۆزۈم
[ بۇ يازما ARKZAT تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]