قاباھەتلىك توي
(ھېكايە)
ئابدۇجېلىل جاپپار ھىجران
ئەسىرىمنى مىنىڭ رۇخسىتىمسىز باشقا مۇنبەرگەكۈچۈرۈشكە بولمايدۇ.دىققەت قىلىڭ!...)
كىچىك چاغلىرىمدا بۇۋام ئاشۇ ئۇزۇن ساقىلى بار قارىي،ھاجىملارنى شۇنداق ھۆرمەتلەيتتى ئۇلارغا ھەر ۋاقىت سەمىمى، ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى .شۇنداقلا مىنىمۇ ئۇلارنى ئۈزىنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەشكە ئۈندەيتى .مەن بۇۋامنىڭ ئاپپاق ساقاللىرىنى تارتىپ بارماقلىرىمغا يۆگەپ تۇرۇپ سورايتىم – بۇۋا نىمىشقا ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمەن سىزنى كۆرگەندەك كۈرىمەن ؟بۇۋام يەل توپتەك سىمىز مەڭزىمنى سىلاپ تۇرۇپ - ئوغلۇم ئۇلار خۇدانى تۇنىغان يۈرىكى مىھرى- مۇھەببەت بىلەن تولغان، قەلبى تۇزدەك ئاق ۋە ئۇلۇغ كىشىلەر ئۇلارنىڭ قۇلىدىن ياخشى ئىش كەلسە كىلىدۇكى يامان ئىش كەلمەيدۇ ئۇلار خۇدانىڭ مۆمىنى- دەيىتتى .ئەنە شۇچاغدا بالىلىق قەلبىم بىلەن ئۇلارغا ھۆرمىتىم شۇقەدەر ئاشقان، بۇۋامنىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ئۆزپېتى ئورناپ قالغان ئىدى .تابۈگۈنگە كەلگۈچە ئۇلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىپ كەلدىم. يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇلارغا مىھىر بىلەن قارىدىم ئەپسۇس...تۇلىمۇ ئەپسۇس ... ئەمدى بولغاندا ئۇلارنىڭ قەلبىمدىكى ئاشۇ ئۇلۇغ ئوبرازىغا دەز كەتتى .ھەممە خۇددى بۇۋامدەك ھۆرمەتلىگەن ئاشۇ قارىي ،ھاجىملار ئارىسىدىمۇ ،پۈتۈن ۋۇجۇدى ئىپلاسلىق ۋە رەزىللىك بىلەن تولغان يۈرىكىدىن ئىنسانىي ساپ غورور ،مىھرى مۇھەببەت ئۆچكەن.قەلبى بولسا لاي –لاتقىدىنمۇ بەتتەر ھايۋان سۈپەت ،ئادىمىلىك مىزانىدىن چىقىپ كەتكەنلەرمۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ !؟...
ئاپتوردىن
مۇسلىمە بۇيىل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىغا چىققان ئىدى .ئۇنىڭ ئوقۇشى تۇلىمۇ ياخشى بۇلۇپ دەرىستە ئالدىنقى قاتاردا ئىدى .
نىمە سەۋەپ تىنكىن ئانىسى ئۇنى تۇيۇقسىز مەكتەپكە بارغىلى قويمىدى .مۇئەللىملەر مۇسلىمەنى ئىزدەپ كىلىشكەندە بولسا ئۇنى يوق يىراققا كەتتى دەپ ھازازۇللۇق قىلىپ ئېغىلغا سۇلاپ قۇيۇپ ئۇلار كەتكەندىن كىيىن چىقاردى . مۇسلىمە تۇيۇقسىز لا ئانا مەكتىۋىدىن كۈندە تۇمۇچۇقتەك چۇرۇلداپ قىيغىتىپ ئوينايدىغان ساۋاقداشلىرىنىڭ توپىدىن ئايرىلىپ قالغىنىدىن بەكلا ئازاپلاندى .
ئۇكۈندە مەكتەپتىن يانغاچ سومكىسىغا سېلىۋالغان كىچىك خالتىسىغا
لىققىدە ئوت ئېلىپ، ئەكىلىپ بىرىدىغان بوز پاقلاننىڭ يېنىغا كىردى.
پاقلىنىم ئېيىتقىنا ئانام نىمىشقا مىنى مەكتەپ بارغىلى قويمايدۇ ئەجىبا ئانام شۇتاپتا مىنىڭ مەكتىۋىمنى شۇقەدەر سېغىنغىنىمنى بىلمەمدىغاندۇ ؟
پاقلان ئۇنىڭ مۇلايىملىق بىلەن تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمىدى .پەقەت ئالدىغا تۈكۈلگەن يېڭى ئوتلارنى شاپىلدىتىپ يىمەكتەئىدى.
تاجىخان ئىرىدىن تۇل قالغىلى 10يىل بولدى .تۇيۇقسىز كەلگەن بىرئەجەل ئۇنىڭ ئىرىنى باقىيغا ئېلەپ كەتتى .
ئۇنىڭ مۇسلىمەن ،ۋە مۇنىرە ئىسىملىك ئىككىلا قىزى بار ئىدى .
مۇنىرە مۇسلىمەنىڭ ئاچىسى بۇلۇپ ياتلىق بۇلۇپ چىكەتكىلى 3يىل بولدى.
تاجىخان بۇ مۇڭ سىراپ تۇرىدىغان ئۈيىدە مۇسلىمە بىلەن بىللە تۇراتتى .چوڭ قىزىنىڭ ھەپتىدە بىرەر قېتىم يوقلاپ كەلمىگىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇنى ھىچكىم يوقلاپ كەلمەيىتتى . تېرىيدىغان يىرى ئاز نامرات بولغاچقا تۇققانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن قاچاتتى .يامان يىرى ئۇ دىئابىت كىسىلى بۇلۇپ قېلىپ داۋالىنىپ تۇلۇق ساقىيالماي تاپقان تەرگىنى كىسىلىگە يىتىشمەي كىتىۋاتاتتى .
ئۇگاھىدا كىسىلىگە ئاللانىڭ شىپالىق بىرىشىنى تىلىسە گاھىدا ئۈزىنىڭ نىمىشقا جىقراق تۇغمىغىدىن بالىلىرىنىڭ كۆپ بولمىغىدىن ئۈكىنەتتى .
چوڭ قىزى ھەرھالدا ئۇنى يوقلاپ كەلگەندە قۇرۇق قول كەلمەيتتى .ئىككى – ئۈچتال نان ،سەي كۆكتات دىگەندەك ئاز تۇلار بىر نەرسىلەرنى كۈتۈرۈپ كىلەتتى .
تاجىخان توي قىلىپ 12يىلغىچە تۇغمىدى .ئىرى بارات ئاخۇن ياۋاش ئادەم بولغاچقا خۇتۇنىنى توغمۇدۇڭ دەپ ئەيىپلەپمۇ كەتمىدى .خۇدايىم بىرىپ قالار دەپ شۈكرى قىلدى .
كىيىن تاجىخان قوشنىلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ بىرمەزگىل داۋالىنىۋىدى ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي چوڭ قىزىغا ھامىلدار بولدى .ئۇنى تۇغۇپ 8يىلدىن كىيىن كىچىكىنى تۇغدى .ئارقىدىنلا تۇغۇتى بىراقلا توختاپ قايتىلاپ ھامىلدار بولمىدى .ھەم خۇدايىمنىڭ بەرگىنى مۇشۇ ئوخشايدۇ .دەپ دورىسىنى قىلىپمۇ يۈرمىدى .
ئەمىليەتتە تاجىخاننىڭ مۇسلىمەنى مەكتەپكە بارغۇزماسلىقىدا ئۈزىگە چۇشلۇق سەۋەپ بارئىدى . شۇكۈنى تاجىخان ئېغىلدىكى ئىككى تال چىشقاق ساغلىقىنىڭ ئايىغىنى قۇرۇغداۋاتاتتى .
دەرۋازا ئىلگۈچى تۇيۇقسىز شاراقشىپ كەتتى .
ئۇقۇلىدىكى ئىشنى قۇيۇپ چىقىپ تىنەپ كەتتى .ۋە ئىتتىكلا قىغ يۇقى قوللىرىنى چالا – پۇلا يۇيۇپ مىھمانىنى ئۆيگە باشلىدى .
بۈگۈن ئۇنىڭ ئۈيىگە مۇشۇ مەھەللىنىڭ مۆتىۋەر ھاجىمى ئېلى قاراجىم مىھمان بۇلۇپ كەلگەن ئىدى .تاجىخان ئادەتتە يوللاردا ئۇچراپ قالسا سالاممۇ قىلماي غادىيىپ ئۈتۈپ كىتىدىغان بۇ زاتنىڭ ئۈيىگە تۇيۇقسىز كىلىپ قېلىشىدىن بىرتەرەپتىن ھەيران لىق ھىس قىلسا بىر تەرەپتىن داسىتىخىنىنىڭ غۇرگۈل بۇلۇپ قېلىشدىن بەكلا خىجىل بولدى .
ئېلى قارى ھاجىم غۇرىگىل داستىخانخا مۇنداقلا قاراپ قويغاندىن كىيىن كىلىش مەقسىتىنى تۈزلا ئېيىتتى –ئەمدى تاجىخان شەرىئەتتە بىر ئەرگە يەتتە خۇتۇن ھالال دەپتىكەن ،پەيغەمبەر ئەلەيكىسالاممۇ 40خۇتۇن ئاپتىكەن.مۇشۇ كۈندە خۇتۇنۇمنىڭ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولماي قالدى .ئەركىشىگە خۇتۇن بولمىسا زادىلا قاملاشمايدىكەن .شۇڭا سىلىنىڭ قىزلىرىغا ئۈزەملا ئەلچى بۇلۇپ كەلدىم ئۇنى كىچىك خۇتۇنلۇققا ئالايمىكىن دەيمەن .قىزلىرى چىلگە قوغۇندەك شۇنداق يۇمران يۇمۇلاق قىز بوپتۇ ئۆتكەندە يولدا كىتىۋېتىپ يۈرۈكۈمگە پىژژىدە ئوت تۇتاشقان . بىلىلا مەھەللىدىكى بايلارنىڭ ئالدى ھىساپلىنىمەن .قۇشۇلسىلا تويلۇقنىمۇ دىگەنلىرى بۇيىچە
ئالاتتىم .
تاجىخان تەمتىرەپ قالدى .ئۇنىڭ چوڭ قىزى ياتلىق قىلىنىپ بولغىلى ئۇزۇن بولدى تېخى بىرتال بالىسىمۇ بار ،كىچىكى بولسا ئەمدىلا 13ياشقا كىردى .ئۇ ئېلى قارى ھاجىمنىڭ گىپىنى چۈشەنمىگەندەك دۇدۇقلاپ كەتتى – قا ..قايسى قىزىمنى دەيلا ھاجىم
ئېلى قاراجىم پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قۇيۇپ گىپىنى داۋام قىلدى – قايسى قىزلىرى بۇلاتتى كىچىكى مۇسلىمە خېنىمچۇ
تاجىخان دىڭڭىدە چۆچۈپ كەتتى – نىمە سىلى كىچىك قىزىمنى دەۋاتاملا بۇ...بۇقانداق بۇلا ئۇ تېخى كىچىك مەكتەپتە ئۇقىۋاتىدۇ بالاغەتكە يەتمىدى ھاجىم
-ۋاي بۇرۇنقى زامانلاردا قىز بالىنى 9 ياشتا ئەرگە بىرىدىكەنتۇق مىنىڭ ئاناممۇ دادامغا 12 ياشتا ياتلىق بوپتىكەن ،قارىسلا قىز بالا دىگەننى كىچىك ئەرگە بەرسە ياخشى ، قىزبالا پەندە ئوقۇپ نىمە قىلىدۇدەيمەن ،ئۇقىسا دىندا ئۇقىشى كىرەك .گىپىمنى يىرماي تەپسىلىرەك ئويلۇنۇپ باقسىلا قۇشۇلسىلا غىپپىدە نىكاھ قىلىپ مۇسلىمە خېنىمغا باشقا يەردىن ئۆي تۇتۇپ بىرىمەن ھىچكىمگە بىلدۈرمەيمىز .قانۇنلۇق توي قىلىمىز دىسەك بىزنىڭ بالا– ۋاقا شۇنداقلا ھۈكىمەت ئۇنمايدۇ .ئەگەر بۇتويغا قۇشۇلسىلا بۇنىڭدىن كىيىن،ياغ ،ئۇن گۆش دىگەنلەردىن غەم قىلمايلا ھەممىنى ۋاختىدا يەتكۈزۈپ بىرىمەن .تېخى تويلۇق ئۈچۈن ئون مىڭ كوي بىرىمەن .ئاز كۆرسىلى قالغىنىنى ئالدىرماي تۇلۇقلاپ بىرىمەن .بىلىلا مەن ھەممە ھۆرمەتلەيدىغان ھاجىم مىنىڭ بايلىغىممۇ ئىناۋىتىممۇ بار .قىزلىرىنى ماڭا بەرسىلە ساۋاپ تاپىلا جۇمۇئېلى قاراجىم گىپىنى دەپ بۇلۇپ زەيتۇن مېيىدا مايلانغان ساقاللىرىنى سىلاپ قويدى.
تاجىخان يەنىلا تەمتىرەپ كىتىۋاتاتتى – بۇ...مەن
ئوبدانراق ئويلۇنۇپ باقسىلا ئەمدى خالىمىسىلا ماڭا قىزىمىزنى بەرسەك دەۋاتقانلا بەكلا جىق مەن كىلەر ھەپتە كىلەي ئاڭغۇچە بىر قارارغا كەلسىلە
ئېلى قاراجىم قارا يالتىراققا ئوراپ ئەگەلگەن پاقلان گۆشىنى داستىخانغا قۇيۇپ قۇيۇپ گۈسۈلدىتىپ مېڭىپ كەتتى
تاجىخان ئۇچىقىپ كەتكەندىن كىيىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كەتتى قۇلى ئىشقا بارمىدى . قىزىنى مۇنداق كىچىكلا ھەم مەخپى ياتلىق قىلىش ئۇنىڭ ئىدىيسىدىن ئۆتمەي ۋاتاتتى .بىرتەرەپتىن جېنىنى قىيناۋاتقان نەس كېسەلنىڭ دورىسىنى ۋاختى – ۋاختىدا قىلىپ قازانغا ئانچە –مۇنچە گۆش سېلىپ يىيىش ئۈچۈن بۇ توينى قىلسام قانداق بۇلار دەپ ئويلىنىپمۇ قېلىۋاتاتتى.
ئۇ جانسىز جىسمىنى كۈتۈرۈپ قازان بېشىنى يۇغۇشتۇرۇپ ئوت قالاپ ئۈگرە ئاش ئىتىش ئۈچۈن خېمىر يۇغۇردى .ئاندىن چامغۇر سېلىپ ئېلى قارا جىم ئەكەلگەن گۆشتىن توغراپ ئىتىلگەن ئاشنى ئوچاقنىڭ يان تېمىغا يۈلىنىپ تۇرۇپ ئىچىۋىدى گۆش توغراپ ئىتىلگەن بۇ ئاش ئۇنىڭغا شۇنداق تېتىپ كەتتى .ئۈزىنى پۇت – قوللىرىغا ماغدۇر كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلدى .
تاجىخان نەچچە كۈندىن بىرى ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق قىزىنى ئېلى قاراجىمغا نىكاھ لاپ بىرىشنى لايىق تاپتى. نىمىلا دىگەن بىلەن باي دىگەن باي ياندا بولسا يالىغىلى ياخشى قىزىنى ئۇنىڭغا بەرسە ئۈزىنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئازتۇلا ياخشىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
قىزىمۇ باينىڭ خۇتىنى بولغاندىكىن ئۇنى تاشلىۋەتمەيدۇ .ئېلى قا راجىم
تويلۇق ئۈچۈن ئون مىڭ كوي بىرىپ يەنە قالغان قىسمىنى تۇلۇقلايمەن دىدىغۇ بۇ ئاشكارە چوڭ توي بولمىغاندىكىن قىزىغا نىمە كىتەتتى ...
تويغا ئۈچ كۈن ۋاقىت قالدى .تاجىخان ئېلى قاراجىم بىلەن كىلىشكىنى بۇيىچە بۇئىش مەخپى بۇلىدىغان بولدى .ئېلى قاراجىم ئېلىپ كىلىدىغان بىرقانچە موللا ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا بۇئىشنى ھىچكىمگە تىنمايدىغان بۇلۇشتى .
تاجىخان جىلىتكىسىنىڭ قوينى يانچۇقىغا سېلىپ ئىلمەك يىڭنە بىلەن ئىلىپ قۇيۇلغان بىرباغلاپ پۇلنى سىلاپ قويغاندىن كىيىن ھىچنىمىدىن خەۋىرى يوق ساغلىقلارغا ھەلەپ ئىتىۋاتقان مۇسلىمەنى يېنىغا چاقىردى- قىزىم بۇياققا كىلە
نىمە ئىش ئانا
مۇسلىمە ئانىسىغا ئۈزىنى مەكتەپكە بارغىلى قۇيۇشنى نەچچە كۈندىن بىرى دىيەلمەي ۋاتاتتى .ئۇئانىسى بىرەر ۋەزىپە تاپشۇرسا ئۇرۇنداپ بۇلۇپ ئاندىن ئېيتىشنى ئويلاۋاتتى .
ئانىسى ئۇنىڭ بۇدرۇق يۈزىنى كەڭ يىرىك ئالقانلىرى بىلەن سىلاپ قويغاندىن كىيىن ئېغىز ئاچتى – سىنى ئەرگە بىرىدىغان بولدۇم تويۇڭ بولغىچە سىرىتقا چىقما بۇگەپنى ھىچكىمگە تىنما بۇلامدۇ قىزىم.
مۇسلىمە ئانىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى .
ئۇنىڭ خىيالىچە بولغاندا قىزلار مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغاندا بويى ئۈسۈپ چاچلىرى تېقىمىغا چۈشكەندە توي قىلاتتى .بۈگۈن ئۇنىڭ ئانىسى نىمە دەۋاتىدۇ .سىنى ئەرگە بىرىمەن دەيدىيا ئۇ تېخى ئۇنچە چوڭ بولمىدىغۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىقىغا ئەمدىلا چىقتى .تېخى ئۇنىڭ ئوقۇشى پۈتكىلى نەچچە يىل ۋاقىت بار ھەدىسىمۇ 9- سىنىپنى پۈتتۈرۈپ بۇلۇپ نەچچە يىلدىن كىيىن توي قىلدىغۇ.
ئۇچۈشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن ئانىسىغا قارىدى – ئانا مەن تېخى كىچىك تۇرسام توي قىلىمەنما توي قىلسا قانداق بۇلىدۇ .ئەر گە تەگسىچۇ مەن ئۇقمىسام يا ؟
-تويۇڭ بولغاندىن كىيىن ئالدىرماي چۈشۈنۈپ قالىسەن يېنىڭدا ئىرىڭ بۇلىدۇ
- ياق مەن ئەرگە تەگمەيمەي مەن ئەتىدىن تارتىپ مەكتەپكە بارىمەن .سىنى خانىمغا مىنى ئەرگە بىرىمەن دەيدۇ دەيمەن .
مۇسلىمە كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش ئالدى .
- ھەددىڭ ئەمەس !!مەن نىمە دىسەم شۇ، مەن دىگەن سىنىڭ ئاناڭ
كىمگە دەيسەن خانىمىڭغىما نوچىغۇ سەن قېنى دىگىنە ماڭ ھازىرلا بار !
مۇسلىمە ئانىسىنىڭ تەئەددى بىلەن قىلغان گەپلىرىگە جاۋاپ بەرمەستىن تىرنىقىنى تاتىلاپ يىغلاپ تۇردى .
دەل شۇئارىدا تاجىخاننىڭ چوڭ قىزى ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى .
ئۇئانىسىنىڭ تۈرۈلگەن قاپاقلىرىغا سىڭلىسىنىڭ يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىگە قاراپ ھەيران قالدى – ئانا نىمە بولدى سىزگە قاپىغىڭىز تۈرلۈپ قاپتىغۇ ؟مۇسلىمە نىم بولدى يىغلاپسەنغۇ سىڭلىم؟
مۇسلىمە ئاغزىنى ئۆمچەيتىپ ھەدىسىگە بىرنىمە دىمەكچى بۇلىۋىدى تاجىخان ئۇنىڭغا شۇنداق سەت ئالايدى .ئۇجىملا بۇلۇپ قالدى .
تاجىخان بۇئىشنى چوڭ قىزىدىن سىر تۇتقان ئىدى .بولمىسا بۇ قېنى قىززىق قىز .ئۇنىڭ دەككىسىنى بىرىپ بو توينى بۇزىۋېتىشى ئېنىق ئىدى .
ئۇنىڭ ۋىجدانلىق قىز بۇلىشى دادىسىنى تارىتقان ئىدى .دادىسى رەھمەتلىك ياۋاش بولسىمۇ ۋاجدانلىق ياشىغان ئادەم ئىدى .
تاجىغان چوڭ قىزىنى، مۇسلىمەنى بىرنەچچە كۈن مەكتەپكە بارماي ئېتىز – ئېرىقنىڭ ئىشىغا قاراش قىن دىسەم ئۇنماي خاپا بۇلىشىپ قالدۇق دەپ يالغان گەپ تۇقۇپ يولغا سالدى .ئۇنىڭ شۇتاپتا بېقىنىغا چىڭڭىدە چاپلىشىپ يۈرىكى تىپىپ تۇرغان بىر باغلام پۇلدىن پەقەتلا ئايرىلىپ قالغۇسى يوق ئىدى .
تاجىخان چوڭ قىزى كەتكەندىن كىيىن مۇسلىمەنى قازناق ئۆيگە سۇلاپ تېشىدىن يوغان قۇلۇپ سېلىپ قويدى .
مۇسلىمە ئۈنسىز يىغلىدى .مەكتىۋىنى ،ساۋاقداشلىرىنى مىھرىبان مۇئەللىملەرنى شۇنچىلىك سېغىندى .ئەگەر ئۇلار ئانىسىنىڭ ئۈزىنى
سۇلاپ قويغىنىنى بىلسە ئىدى چۇقۇم كىلەتتى .
بىراق ھازىر مۇسلىمە نىڭ ئۇلارغا خەۋەر يەتكۈزگىدەك شارائىتى يوق ئىدى. ئۇ ئانىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئاۋازىنى ئۈنلۈكرەكمۇ چىقىرىپ يىغلىيالمايۋاتاتتى .
تاجىخان بۈگۈن مۇسلىمەنى يۇيۇندۇرۇپ چاچلىرىنى ،تارىدى ئاندىن ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئاق ئاياغ ،ئەتلەس كۆينەك ۋەچىمەن دوپپىدى كەيدۈردى .كەچكە يېقىن بېشىغا بىرقىزىل ياغلىقنى يېپىپ قويدى .
مۇسلىمە بۈگۈن ئۈزىنىڭ شۇنچە ئوماق ،شۇنچە گۈزەل بۇلۇپ كەتكىنىنى سەزسىمۇ كۆڭلىدە خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى . ئۇ قاپقاراڭغۇ ئۆيدە يىغلاپ ئولتۇراتتى . ئانىسى ئۇنىڭغا توينىڭ بۈگۈن بۇلىدىغانلىغىنى ئۇنى ئالغان ئادەمنىڭ كەچتە كىلىپ ئۇنى شەھەردىكى ئۆيىگە ئېلىپ كىتىدىغىنىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇنى قانداقتۇر بىر ۋەھىمە قوينىغا ئېلىۋالدى .ئىلگىرى بالىلار بايرىمى بولغان كۈنلەردە ئۇنىڭغا دائىم يېڭى كىيىم كىيىش پۇرسىتى نىسىپ بولماي غېرىپ سىنىپ قالاتتى.بالىلارنىڭ كېپىنەكتەك ياسىنىپ قىيغىتىپ ئويناشلىرىغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ قالاتتى .ھەرھالدا ئانىسى ئۇنىڭغا يېڭى كىيىم قىلىپ بىرەلمىسىمۇ بىر-نەچچە يۈەن پۇل بىرەتتى .ئۇپۇلنى چىڭ سىقىمداپ ئۈزى ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى ئېلىپ يەيتى .
ئانىسىنىڭ قۇلىنىڭ قىسقلىغىنى بىلگەچكە بىز نامرات قىزىم دەپ ۋايساشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغاچقا يېڭى كىيىم توغرىسىدا ئېغىز ئاچمايىتتى .
ئەتراپقا گۇگۇم پەردىسى يېيىلىپ غېرىپ ئاي بۇلۇتلار ئارىسىدىن ماراپ يۇلتۇزلار مەيۈس چاقنىغان چاغدا تاجىخاننىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىدا بىر قارا پىكاپ چىرىت قىلىپ تۇرمۇزلىنىپ توختىدى .
ئۇماشىنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەنلا داستىخانغا يەنە بىر كۆز يۈگۈر تىۋېتىپ مىھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقتى .ئېلى قاراجىم ئۈزى بىلەن بىللە يەنە ئىككى ساقاللىق ئادەمنى باشلاپ كەلگەن ئىدى .
تاجىخان ھورى كۈتۈرلۈپ تۇرغان پولونى داستىخانغا ئەكەلدى .تائاملار يىيىلىپ ئېلى قاراجىم ئەكەلگەن سوۋغاتلارداستىخان ئۈستىگە قۇيۇلغاندىن كىيىن تاجىخان قىزىنى نۇقۇپ دىگۈدەك ئاچىقىپ ئېلى قاراجىمنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى .
قىزنىڭ بېشىنى قىزىل ياغلىق چۈمكەپ تۇرغاچقا ئۇھىچنىمىنى كۈرەلمىدى . بىردەمدىن كىيىن يېنىدىكى ئادەمنىڭ ئالىقانداق سۈرىلەرنى ئۇقىغاندىن كىيىن ،ئېلى قاراجىم ئۆزرازىلىقلىرى بىلەن مۇسلىمە خېنىمنى ئۆزئەمىرلىرىگە ئالدىلىمۇدىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى .ئەمما ھىچقانداق قارشىلىق قىلالمىدى .كىيىن ئېلى قاراجىمنىڭ ‹‹ئالدىم !›› دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .ئاندىن ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭدىن مۇسلىمە خېنىم ئېلى قاراجىمغا ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن تەگدىلىمۇ دەپ سورىغاندا نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى .ئارقىدىن ئانىسىنىڭ شاكىراپلىق ناننى ئاغزىغا تىقىپ تۇرۇپ ،تەگدىم دىگىنە دەپ چىمدىشى بىلەن ئۈزىمۇ بىلمىگەن ھالدا‹‹تەگدىم !››دەۋەتتى .
بىرھازادىن كىيىن تاجىخان قىزىغا بىركىچىك بوغچىنى تۇتقۇزۇپ ماشىنىغا ئاچىقىپ ،بىر ئەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئىشىكنى گۈپلا قىلىپ يېپىۋەتتى .قىز ئانا!!! دەپ توۋلىشى بىلەن تەڭلا ماشىنا گۈررىدە ئوت ئېلىپ يۈرۈپ كەتتى .
نىمە سەۋەپتىنكىن ئېلىكتىر چىراق يېقىلماي شام يېقىپ قۇيۇلغان ياسىداق ئۆيدە ئېلى قاراجىم يۈزىگە يېپىغلىق ياغلىقنىمۇ ئاچماي يىغلاپ ئولتۇرغان قىزغا گەپ قىلىۋاتاتتى – مۇسلىمە خېنىم تەغدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن سىز بۈگۈن مىنىڭ ئايالىم بولدىڭىز مەن ئاتا يىتەن سىزنى دەپ بۇ ئۆينى سېتىۋالدىم .قاراڭ تۆشەككە ئىككىمىز بىللە ياتىمىز دەپ تاۋاردىن ئىتىلگەن يوتقان كۆرپىلەرنى قوشلاپ سېلىپ قويدۇم .بۇنداق يىغلاپ يۈرگىچە تۆشەككە كىرىڭ بىللە ياتىلى .مەن سىزنىڭ ئىرىڭىز مىنىڭ رازىلىغىمنى ئالمىسىڭىز سىزدىن خۇدامۇ رازى بولمايدۇ .بۇلىڭە نىمە كەچكىچە يىغلاۋىرىسىز كىيىملىرىڭىزنى سېلىپ يوتقانغا كىرىڭ .بۈگۈن دىگەن توي كېچىسى جۇمۇ سىزنى ماڭا ئانىڭىز ئۆز رازىلىغى بىلەن بەرگەن تىزراق بولسىڭىزچۇكيىملىرىڭىزنى سېلىپ باغرىمدا ئاق بېلىقتەك پىلتىڭلاڭە خېنىم توينىڭ ھۇزىرىنى سۈرەيلى .
مۇسلىمە تۇساتتىن يىغىدىن شاپپىدە توختىدىدە يۈزىدىكى ياغلىقنى لەپپىدە ئۆرىدى .ئاھ ...خۇدا ئۇنىڭ ئالدىدا يالىڭاچ ، سۆسۈن چىرايلىرى مىستەك پارقىراپ تۇرغان باداڭ قۇرساق ،ئۇزۇن ساقال بەدەنلىرىنى قوينىڭ چۇپپۇرىدەك تۈك باسقان بىر ئادەم ياق، بىر مەخلۇق چالا ھىجىيىپ قاراپ تۇراتتى .
قىز يۈرىكىنىڭ جىغغىدە قىلىشى بىلەن ياغلىغىنى چۈشۈرۋالدى- سىزدىن ئۈتىنەي دادا مىنى ئانامنىڭ يېنىغائاپىرىپ قۇيۇڭ مەن توي قىلمايمەن ....ھۈ..ھۈ...ھۈ...
قىز ئىزىلىپ يىغلاپ كەتتى .ئۇنى ئالدىدىكى بۇمەخلۇق ھېلىلا بۇغۇپ ئۆلتۈرۈپ قۇيىدىغاندەك قورقۇنۇش بېسىپ كەتتى .
- سىلى دىگەن ئەرگە تەگدىلە خېنىم نەگە كىتىلا مۇشۇ سىلىنىڭ ئۆيلىرى تۇلا ئاچچىغىمنى كەلتۈرۈپ ئانام ...ئانام دىمىسىلە مەن شۇسىلىنى ئانىلىرىغا مۇنداق بىركاللەك تويلۇق پۇل بىرىپ ئالدىم .نازنى ھېلى يوتقاندا قىلسىلا قوپسىلا ماخشىيىپ ئولتۇرماي يوتقانغا كىرسىلە ...
ئېلى قاراجىم ياق، بۇ مەخلۇق ئورنىدىن پايپاسلاپ تۇرۇپ قىزنى لىككىدە كۈتۈردىدە يوتقانغا ئاتتى .
- ياق !!! مەن ئانامنىڭ يېنىغا كىتىمەن! دا...دادا مىنى قۇيىۋېتىڭ. ..ئانا!!!
قىز ئۈستىگە چىقىۋالغان تۈكلۈك مەخلۇقنى ئىتتىرىپ يىغلىدى – مى...مىنى قۇيىۋېتىڭ دادا !!
بۇمەخلۇق قىزنىڭ نالىلىرىنى ئاڭلايدىغاندەك قىلمايىتتى .ئۇ قىزنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ- يىرتىپ سالدۇرۇپ شاپتۇل ئۈشكىسىدەك كۆكسىنى چىڭڭىدە مۇجۇدىدە شالا قۇيۇلۇپ تۇرغان ئاغزى بىلەن قىزنىڭ قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسدەك يۇمران ،بىغۇبار ئاغزى- بويۇنلىرىغا سۆيۈپ ئۇنىڭ كالتە ئىشنىغا ئېسىلدى .
- ئانا!!!
بىچچارەناتىۋان قىز كالتە ئىشتىنىنى بار كۈچى بىلەن ئۈستىگە تارىتقان بولسىمۇ بۇمەخلۇقنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى ئالدىدا ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىكارغا كەتتى . ئۇ ئۈزىنى يوغان بىر قۇرام تاش بېسىۋالغاندەك نەپەس ئالالماي قالدى . يۈرىكى شىددەت بىلەن سۇقۇپ ئۈستىدىكى بۇمەخلۇقنىڭ ئۇتتۇر كەلگەن يىرىنى چىشلەپ تاتىلدى .
بۇمەخلۇق قىزنى تېخىمۇ كۈچەپ بېسىپ كالتە ئىشتىنىنى سالدۇرۋەتتى .
ئۆينىڭ ئىچىدىن قىزنىڭ ئانا !!!دەپ چىرقىرىغان ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازى ئەكىس سادا بۇلۇپ قايىتتى .
قىز ئىچ باغرىغا يامرىغان ئەسەبىي ئاغرىق دەستىدىن تىپىچەكلەپ –تىپىچەكلەپ ئاستا بوشاپ قالدى ئۇنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كىتىۋاتاتتى ...
قىز بىرنىمىنىڭ پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىنى ئاستا – ئاستا ئاچتى . ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى چىداپ بولغۇسىز ئاغرىيتتى بېشى ھېلىلا چىڭقىلىپ ئېتىلىپ كىتىدىغاندەك زىڭىلدايىتتى .
قىز ئېچىشىپ ئاغرىۋاتقان يىرىگە قۇلىنى تەككۈزۈپ بېقىۋىدى قۇلىغا ئىسسىق بىر نەرسە ئۇرۇندى .دەرىزىدىن چۈشىۋاتقان ئاينىڭ يۇرىقىدا ئالقىندا چوغدەك ۋالىلداپ تۇرغان قىپ –قىزىل قاننى كۈرۈپ دەششەت چىرقىرىۋەتتى .قىز بىرچەتكە تاشلاپ قۇيۇلغان يىرتىق كىيىملىرىنىمۇ كەيمەستىن ئالچاڭلاپ مېڭىپ ئىشىكنى تارىتتى ئەمما شۇنچە ئېلىشىپمۇ ئىشىكنى ئاچالمىدى .ئەسلى ئىشىك تېشىدىن قۇلۇپلانغان بۇلۇپ ئېلى قاراجىمنىڭ غالچا چاپارمىنى چوڭ دەرۋازا يېنىدىكى كىچىك ئۆيدە خۇجايىنىنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ لالما ئىتتەك ياتاتتى .قىز ئىشىكنى ئاچالمىغاندىن كىيىن دەرىزە يېنىغا كەلدى .ئەمما دەرىزىمۇ سىرتىدىن پۇلات چىۋىق بىلەن مەھكەم تۇسۇلغان ئىدى.دىمەك ئەمدى بۇدوزاقتىن چىقىپ كىتىش ئىمكانىيتى يوق ئىدى .ئۇ ئەمدى ئانىسىنىڭ يېنىغا بارالمايىتتى.بارغان تەغدىردىمۇ ئانىسنى ئۇنى يەنەبۇمەخلۇقنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ قويمايدۇ دىگىلى بولمايىتتى .ئۇيەنە ھەدىسىنىڭ ،ساۋاقداشلىرىنىڭ ،مىھرى ئىسسىق مۇئەللىمىنىڭ يېنىغا بارالمايىتتى.قانداقتۇر بىر كۆزگە كۈرۈنمەس بوشلۇق ئۇنى ئۇلاردىن ئەبەدىي ئايرىپ تۇراتتى.
قىزكۆزلىرىنى يۇمۇپ دەقىقە تۇرۇپ قالدى.
ئۇكاللىسىغا كەلگەن ئەسەبىي بىر خىيال بىلەن قىينىلىپ مېڭىپ بىرنەرسە ئىزدىدى .ئەمما شۇنچە ئىزدىسىمۇ ئىزدىگەن نەرسىسىنى تاپالمايۋاتاتتى .ئۇغەيرەت بىلەن ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ ئىشكاپ يېنىغا كىلىپ ئىھتىيات بىلەن تارىتمىسىنى ئاچتى .ئۆي ئىچىدە بىر نىمە ۋاللىدە پارقىراپ كەتتى .
قىز بىسى پارقىراپ تۇرغان يوغان پىچاقنى سىلاپ ئانا !! ئانا!! دەپ ئىڭراپ يىغلاپ كۆزلىرىنى بىردەم يۇمۇۋالغاندىن كىيىن لىكىلداپ سۇقۇۋاتقان بويۇن تۇمۇرىغا كۈچ بىلەن سۈردى . فونتاندەك ئېتىلىپ چىققان قىپقىزىل- قانلار ئۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى بۇيىدى.
ئۇگۈپلا قىلىپ يەرگە يىقىلدى.ئۇنىڭ كۆزلىرى – ئاستا -ئاستا يۇمۇلۇشقا باشلىدى...
تاڭ ئاتتى .شەرىقتىن ئاستا- ئاستا كۈتۈرلىۋاتقان قۇياش بۇپاجىئەگە شاھىت بولغان ئۆينىڭ دەرىزىلىرىدىن تالا- تالا نۇرلىرىنى تۈكۈشكە باشلىدى. خۇتۇنىنى يېنىمدا ئۇخلاۋاتىدۇ دەپ ياستۇقنى قۇچاقلاپ ياتقان ئېلى قاراجىم دىڭڭىدە چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .يېنىدا خۇتۇنى يوق ئىدى .پەقەت ئۇنىڭ يىرتىلغان كىيىملىرى تاشلىنىپ تۇراتتى .
ئېلى قاراجىم كىيىمىنىمۇ كەيمەي چاپارمىنىنى چاقىرىپ ئىشىكنى ئاچقۇزۇپ يۈگرەپ سىرىتقا چىقتى .خۇتۇنى يەنىلا يوق ئىدى .ئۇ بىردىنلاچاپارمىنىنىڭ ياقىسىدىن ئالدى –ئېيتە ئۇ...ئۇ قېنى !؟چاپارمەن كىرپىدەك تىترەپ كەتتى – مەن ...مەن بىلمەيمەن ھاجىكا
ئېلى قاراجىم بىرى قارا دىگەندە ياندىكى ئۆيگە كىرىپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى .قان دېڭىزى ئىچىدە بىر ناتىۋان قىز لىققىدە قانغا چىلىشىپ كۆزلىرى يۇمۇلغان ھالدا سوزۇلۇپ ياتاتتى .
كۆزلىرى پولتىيىپ چاناقلىرىدىن چىكىتەي دەپ قالغان ئېلى قاراجىم جالاقلاپ تىترەيىتتى .ئۇنىڭ كاللىسىغا مۇسلىمەنىڭ ئانىسىنى چاقىرىشتىن باشقا پىكىر كەلمەيىتتى .ئۇ دەلدۈڭلەپ مېڭىپ چاپارمىنىگە مۇسلىمەنىڭ ئانىسىنى ئەكىلىشنى ئېيتىپ بۇلۇپلا نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي تامغا يۈلىنىپلا ئولتۇرۇپ قالدى .
ئىچىگە لىققىدە ئادەم تولغان سوت زالى ئىچىدە كىشىلەر ياقىلىرىنى تۇتۇپ ،باشلىرىنى چايقاپ تۇرىشاتتى .ئالدىنقى ئۇرۇندا ئولتۇرغان
ئۇرۇق، كىسەل چىراي ئايال ئېلى قاراجىمغا قاراپ تۈكۈرۈپ يىغلاۋاتاتتى .ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئۈچ قىزى ئانىسىنىڭ ياشلىرىنى سۈرتۈپ تەڭ يىغلاۋاتاتتى .
مۇسلىمەنىڭ ھەدىسى مۇنىرە نىڭ چەكسىز ئازاپ نەپرەتكە تولغان كۆزلىرى جاۋاپكارلار سۇپىسىدا بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغان ئېلى قاراجىم بىلەن ئانىسى تاجىخانغا مىختەك قادالغان ئىدى . ئۇنىڭ كۈزىدىن يامغۇردەك ياشلار قۇيۇلاتتى . سوتچىنىڭ قۇلىدىكى توقمىقىنى قاتتىق –قاتتىق ئۇرىشى بىلەن ھەممە تىنىچلاندى .زالدىكى ھەممە كىشىنىڭ كۆزى سوتچىغا ئاغدۇرۇلدى . شۇتاپتا ناتىۋان قىز مۇسلىمەنىڭ ئۈلىمىگە سەۋەپچى بولغان جاۋاپكارلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇراتتى