مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 739 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: بالىلىرىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىمىز
awladim
بۈگۈن سىز نىمە ئىش قىلدىڭىز  ؟ ئۆزىڭىزنىڭ ق ..
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 28617
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 64
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە64دانە
ياخشى باھا: 172 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4019 سوم
تۆھپىسى: 235 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 920(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-02-01
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 04:57 AM

1 بالىلىرىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىمىز

 
 
ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بالىلارنى تەربىيىلەش توغرۇلۇق نۇرغۇن كۆز قاراشلار بار . بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك زامانىۋىلىشقان، ئەركىن - باياشات، تۇرمۇش شارائىتىدا تېخىمۇ شۇنداق . ھازىرقى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدىراشلىغى سەۋەبى بالىلىرىنىڭ تەربىيەسىگە سەل قاراۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ تەربىيەسىنى پەقەت مەكتەپنىڭ تەربىيەسى بىلەنلە چەكلەپ قويىۋاتىدۇ . ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئالغان تەربىيەنىڭ ھەقىقىي مۇھىم رول ئوينايدىغانلىغىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىۋاتىدۇ .بىزگە لازىمى بالىلارنىڭ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، ئېسىل ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇپ ياخشى خىزمەتلەرگە ئورۇنلىشىلا ئەمەس. بەلكى شۇ بالىلىرىمىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ھەقىقىي "ئۇ" نىڭ قانداق ئادەم بولۇپ يېتىلىشىدە، بۇ ھەرگىزمۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس . ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىغا بەرگەن تەسىرى ۋە تەربىيەسى بالىنىڭ قانداق ئادەم بۇلۇپ يېتىلىشىگە چوڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ . بالىلىرىمىزنىڭ رەھىمسىز ، شەخسيەتچى ئادەم بۇلۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمەمدۇق؟  
بۇنداق بالىلار ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ئاز ئەمەس . چوڭلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغان ، ئاتا-ئانىسىنى سىلكىيدىغان ، گېپىنى ئاڭلىمايدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن نورمال ھالەت بولۇپ قالدى . بۇرۇنقىدەك چوڭلارنى كۆرسە سالام - سائەت قىلىدىغان ، ئاتا-ئانىسىدىن تەپ تارتىدىغان ، ئاتا-ئانىسىنىڭ دىگىنىنى قىلىدىغان بالىلارنى ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ . بۇنىڭ سەۋەبىنى بەزى ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلىرىنىڭ ئوقۇۋاتقان مەكتىۋىدىن ، جەمىيەتتىن كۆرىدۇ . لېكىن مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىشتىن بۇرۇن ئۆز ئۈستىمىزدە ئوبدان ئويلىنىپ باقتۇقمۇ !؟ بالىلىرىمىزنىڭ نىمە خىيال قىلىۋاتقانلىغىنى ، نىمىگە مۇھتاج ، نىمىدىن يىرگىندىغانلىغىنى بىلەمدۇق ؟! مېنىڭچە بىلمەيمىز . سەۋەبى شۇكى :  
بالىلىرىمىزغا بولغان ئاتا-ئانىلىق مىھىر - مۇھەببەتنىڭ ئورنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەشكە ئۆزگەردى. بالىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىققاننى ئامال  
بار  پۇلغا سېتىۋېلىپ رازى قىلىۋاتىمىز . مانا بۇ ھازىرقى زامان ئاتا -ئانىلارنىڭ ئاتالمىش مىھىر - مۇھەببىتى . بۇ مىھىر - مۇھەببەتنىڭ بالىلارنىڭ قەلبىلىرىنى زەئىپلەشتۇرۇپ ، كېيىن بەرمىسە بۇلاپ ئالىدىغان ، ئۆزىنىڭ دىگىنىگە ئېرىشمىسە ھەرگىز بولدى قىلمايدىغان رەزىل ئادەم بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرمەمدۇق . بۇنداق ئەھۋاللارنى كۈندۈلۈك قانۇن خەۋەرلىرىدە كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز .  
بالىلىرىمىز بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئاتا-ئانىلىق مىھىر-مۇھەببەت يەتكۇزىدىغان ۋاقىتلىرىمىزنى بولسا ، تۇگىمەس چايلىرىمىزغا ، تۇگىمەس دوستلار يىغىلىشىغا بېرىۋاتىمىز . بالىلىرىمىزغا بولسا كومپىيوتۇر ھەمرا بولىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىغىنى ھەپتىلەپ ، ئايلاپ سوراپ قويمايمىز . ئەگەر دەرىسلەردىن چېكىنسە ، سەۋەبىنى سورىماستىن ئۇر توقماق قىلىمىز . بالىلىرىمىزنى قورقۇتۇپ جېنىنى ئالىمىز . بۇنداق قىلساق بالىلىرىمىزنىڭ كېيىنچە يالغانچى ، ئالدامچى نادان ئادەم بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمەمسىلەر .  
بالىلارغا بولغان تەربىيەنى  ، دادا ئاپىغا ئىتتىرىپ قويغان ، ئاپا دادىغا ئىتتىرىپ قويغان .ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىغىنى سەۋەپ  قىلىپ بىر-بىرى بىلەن  جىدەل قىلىۋاتقان، نارىسىدە بالىلارنىڭ قەلبى ئىگە - چاقىسىز قالغان . بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا ، قەلب كۆزلىرى قاراڭغۇ ،مېھىر-مۇھەببەتسىز،رەھىمسىز ئادەم بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرمەمسىلەر .  
بالىلارنىڭ كەلگۈسى بىز ئۈچۈن شۈنچە ئەرزىمەس ئىشمۇ ؟! كونىلارنىڭ بىر گېپى بار :  
<<قوغۇن تېرىغان يەردىن تاۋۇز ئۈنۈپ چىقمايدۇ ، بۇغداي تېرىغان يەردىن ئارپا ئۈنۈپ چىقمايدۇ >>. << ئاشلىقنى تېرىپ ، ئۇنى ئوغۇتلاپ ، ياۋا ئوتلارنى تازىلاپ ، كۇندە نەچچە ۋاق سۇ باشلاپ ، ئالدىرىماي پىشۇرۇپ ، خاماندا سامىنىنى بىر ياققا ، دېنىنى بىر ياققا قىلىپ ، تۇگمەندە تارتقاندىن كېيىن ئاندىن بىر تەخسە لەغمەن پىشىدۇ >> . مۇشۇنداق ئاددىي بىر ئەقەللى ساۋاتنى  ھەممىمىز چۈشىنىمىز يۇ . بالىلىرىمىزنىڭ تەربىيەسىدەك ئۈلۈغ ۋەزىپىنى چۇشەنمەيمىز . بالىلىرىمىز ياخشى ئادەم بولمىسا ، دوڭگىمىگەن يېرىمىز قالمايدۇ . ئەزەلدىن ئۆز ئۈستىمىزدە ئويلىنىپ ، خاتالىقىمىزنى تۇنىمايمىز .  
بالىلىرىمىزغا ئاللاھ توغرۈلۈق ئېغىز ئاچمايمىز . نىمنىڭ ھالال ، نىمىنىڭ ھاراملىغىدىن چۇشەنچە بەرمەيمىز . بالىلىرىمىزنىڭ ئىمانسىز بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرمەيمىز .  
ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن !  
ئازراق ۋاقتىڭلارنى بالىلارغا ئاتاڭلار . بالىلار سىلەر ئېلىپ بەرگەن قىممەت باھالىق ئېسىل ھەدىيەلەرگە مۇھتاج ئەمەس. ئۇلار سىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىق مېھىر - مۇھەببىتىڭلار ، باشلىرىنى سىلاپ پىشانىلىرىگە سۆيۇشىڭلار ، ئۇلارنىڭ سورىغان سەبى سوئاللىرىغا كۆيۇمچانلىق بىلەن بەرگەن جاۋابىڭلار ، ئىللىق چىرايىڭلار بىلەن مۇڭدۇشۇپ قەلىبلىرىنى يورىتىدىغان ھەقىقىي مۇھەببەتكە مۇھتاج. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ ئۈگۈنىش ئۈلگىسى . بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغىنى با شقا نەرسە ئەمەس ، دەل ئاتا - ئانىنىڭ بالىنىڭ قەلبىگە كۆرسەتكەن تەسىر كۈچى ، بالىنىڭ كەلگۈسى قانداق ئادەم بولۇپ يېتىلىشى ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا قانداق تەربىيە بېرىشى ۋە بالىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا باغلىق ، ھەرگىزمۇ مەكتەپ ياكى جەمىيەت ئەمەس .  
ئەپسۇس ! بالىلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ نابۇت قىلىۋاتقانلىغىمىزنى ھېس قىلمايۋاتىمىز .  
 
ئۇلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ، بىزنىڭ ئەۋلات چىراقلىرىمىز ، مىللىتىمىزنىڭ داۋامى . بالا تەربىيەسىگە سەل قارىمايلى !  
 
 
قەلىمىم
[ بۇ يازما Eltekin تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : moghal
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2011-05-12, 02:32

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

-سىز كۆرۋاتقان تىما بالىلىرىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىمىز,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(hokumran) ئەھمىيەتلىك ..
  • مۇنبەر پۇلى:+200(moghal) ئەھمىيەتلىك ..
  • نىمىلەرنىدۇ تالىشار ئىكەنمىز ئۆز - ئارا،
    بىر-بىرىمىزگە يول بەرمەستىن كولاپ ئورا.
    ئىنسان دىگەن تويماس ئىكەن قارنى بالا،
    ئالەممۇ ئۇنىڭ نەپسىگە ئازلــىـــق قىلا.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    moghal
    ozung  bilgan  yolni atanggha berme
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 19333
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 712
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە712دانە
    ياخشى باھا: 196 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2589 سوم
    تۆھپىسى: 248 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 4365(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-27
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 11:02 AM

          بالىلار تەربىسىدە ئائىلىنىڭ رولى بەكمۇ موھىم، نۇرغۇن كىشىلەر  بالىلار تەربىسىنى مەكتەپكە ،ئوقۇتقۇچىغا دۆڭگەپ قويىدۇ، بىزدە < سۇ كەلگۈچە توغان سال > دىگەن گەپ بار، ئەڭ ياخشىسى بالىنى 2 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىلەش كېرەك، مانا شۇ چاغدا قىزىقارلىق ، ئەھمىيەتلىك  بالىلار ھىكايىلىرىنى ئېيتىپ بىرىش ئارقىلىق بالىنى كىتاپقا قىزىقتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىل قابىليىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاندىن سۈرە- ئايەتلەرنى يادلاتقۇزۇپ ئەقىدە-  ئىمان تەربىسىنىمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىش كىرەك.  
          مېنىڭ چوڭ  بالام سېپى ئۆزىدىن ھورۇن، قولىنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلىدىغان، تەرتىپسىز بالا، بىز 2 يېشىدىن باشلاپ مۇشۇ تەربىيەنى چىڭ تۇتقان بولغاچقا ئوتتۇرا مەكتەپتە ھامان ئالدىنقى  قاتاردىكى ئوقۇغۇچىدىن بولۇپ ئوقىدى، ناۋادا ئائىلىدە بىزنىڭ تەربىيىمىز ، ھەيدەكچىلىكىمىز بولمىغان بولسا بەلكىم ئۇ يەنە باشقىچە ئادەم بولۇپ چىقار بولغۇيتى، ھازىرمۇ شۇ، ناۋادا ئويغاتمىسام شەنبە- يەكشەنبىلىرى كەچكىچە ئۇخلىشىدا گەپ يوق، بالىنىڭ مىجەزى كېيىن يىتىلسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس خارەكتىرى 1-2ياش ۋاقتىدىلا كۆرىلىشكە باشلايدىكەن، كىچىك بالام 2 يېشىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ نەرسىسىلىرىنى قالايمىقان تاشلىمايتى، ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىيىملىرىنى چوقۇم چىرايلىق قاتلاپ ، رەتلەپ ئاندىن ياتاتتى، چوڭى ھازىرمۇ ھەرقانداق نەرسىنى قالايمىقان تاشلاۋېرىدۇ، بىر نەرسىنى ئىشلەتسە نەدە تۇرغان بولسا شۇ يەرگىلا تاشلاپ قويىدۇ، جايىغا ئاپىراي دىمەيدۇ، تولا سۆزلەپ يۈرۈپ بۇ خىل تەرتىپسىز ئادىتىنى تەل- تۆكۇس بولمىسىمۇ ھەر ھالدا تۈزەتكۈزدۇق.  
       ئائىلە تەربىسى مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدۇ، ئۇلار مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ ، تاپشۇرۇقىنى تۈگەتكىچە ئۇنىڭ يېنىدا قولىمىزغا كىتاپتىن بىرنى ئېلىپ ئوقۇپ ئولتۇرىدىغان گەپ، بولمىسا سىز بالىڭىزنى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە بۇيرۇپ  قويۇپ ئۆزىڭىز تېلۋىزور كۆرۇپ ئولتارسىڭىز بالىڭىزدا بىر خىل " ئادالەتسىزلىك" تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويىسىز.  
       ياخشى تېما يوللاپسىز، يوقاپ كەتمەي مۇنبەردە پات- پات كۆرنۈپ تۇرۇڭ.
    ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    omak`
    قەدىرلە قەدرىڭنى بىلگەننى
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 40288
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 71
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە71دانە
    ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 329 سوم
    تۆھپىسى: 8 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 77(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-10
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 11:59 AM

    بالىلار تەربىيىسىدە ئائىلە تەربىيىسى تۇنجى قېتىملىق مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۆتەيدۇ ،ئۇلارغا قانداق تەربىيە قىلىپ ،ئۇلارنى قانداق يولغا باشلاش ئائىلە تەربىيىسىدىن باشلىنىدۇ .ھازىرقى بەزى ئاتا_ئانىلار بالىلارنى مەكتەپكە بەرگەندىن باشلاپ ھەممىسى مەكتەپنىڭ ئىشى دەپ ،بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشنى ئۇلار بىلان سىردىشىشىنى ،ئۇلارغا تەلىم_تەربىيە قىلىشنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ.مۇشۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    mihir
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 594
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 783
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە783دانە
    ياخشى باھا: 209 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 8454 سوم
    تۆھپىسى: 276 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 3855(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 12:20 PM

    بۇ ياخشى تىمىكەن ،  باللىرىمىز بىر پارچە ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ  . قەغەزگە نىمىنى يازساق شۇنى كۆرىمىز ،
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    ber-ber.turk
    بەر - بەر تۈرك .( يامان تۈرك ، ۋەھشى تۈرك )
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 40244
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 57
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە57دانە
    ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 273 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 166(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-10
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-19  

    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 12:42 PM

    بىر كىشى بىر ياشلىق بالىسىنى كۆتۈرۈپ دانا بىر كىشىنىڭ ئالدىغا كىلىپ دەپتۇ : مەن بالامنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەي دىگەنتىم . ھازىردىن باشلاپ تۇتۇش قىلسام بولامدۇ ؟؟؟ دانا دەپتۇ : تولىمۇ كېچىكىپسەن .  ئۇ كىشى ھەيران قاپتۇ .  دانا دەپتۇ : سەن بالاڭنىڭ ياراملىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ئىكەنسەن ، دەسلەپتىلام ئايالنى ياخشى تاللىشىڭ كېرەك ئىدى . چۈنكى ئانا بالىنى تۇغۇپ ئەمدۈرۈش جەريانىدا ئايالنىڭ مىجەزى بالىغا سىڭىدۇ ، ئايالنىڭ مىجەزى قانداق بولسا بالىنىڭ مىجەزى شۇنداق بولىدۇ . بۇ سىنىڭ دەسلەپكى تاللىشىڭ ئىدى . ئايالنى ياخشى تاللاپ بولۇپ ئاندىن بالىنى ياخشى تەربىيلەشكە باشلىساڭ مەقسىتىڭگە يىتەتتىڭ دەپتۇ .
    ئاللاھ دۇئالىرىمنى ئىجابەت قىلغىن . ئامىن .
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    quxtikiakku
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 5635
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 224
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە224دانە
    ياخشى باھا: 188 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6033 سوم
    تۆھپىسى: 255 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 751(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-05
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-24  

    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 01:26 PM

    ئانىنىڭ مىجەز خۇلقى بالىلارغا بەكلا سىڭىدىكەن. مىنىڭ كىتاپقا ئامراق مىجەزىم بار، شۇڭا ئىككى قىزىممۇ كىتاپنى كۆپ كۆرۇدۇ. بىراق بالىلاردىكى جاھىللىق خۇسۇسىيەتنى ئۆزگەرتمەك بەكلا تەسكەن. يىقىننىڭ ياقى چوڭ قىزىم بىرئاز بىپەرۋا بولىۋالدى كۇندە ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ ئارزۇ -ئىستەكلىرى توغۇرلۇق سۆزلىشىپ تۇرىۋاتىمەن ئازراق ئىلگىرلەش بولىۋاتىدۇ.
    مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    yalpuz0997
    يالپۇز-مۇز گۈلى
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 6100
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 713
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە713دانە
    ياخشى باھا: 243 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1391 سوم
    تۆھپىسى: 333 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 411(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-11
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 02:28 PM

    پەرزەنت تەربىيىسىدىكى<< تۆت تۈۋرۈك >>:  
    1.ئىلىم مەرىپەتلىك بۇلۇش.  
    2.ياخشى خارەكتىرلىك بۇلۇش.  
    3.ئەقىللىق بۇلۇش.  
    4.پەزىلەتلىك بۇلۇش.  
     
                 يۈسۈپ خاس ھاجىپ.
    ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    turkinaz0992
    گۈل تىكەنسىز بولماس!
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 36864
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 277
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە277دانە
    ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1254 سوم
    تۆھپىسى: 6 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 937(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-04-08
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 02:53 PM

         پەرزەنت تەربىيىسىدە  ئائىلە تەربىيىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . چۈنكى بالىلار كۆز ئېچىپ تۇنجى تەربىيىنى ئائىلىسىدىن ئالىدۇ .  بولۇپمۇ بالىغا ئانىنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور . چۈنكى بالىلارنىڭ ئانا بىلەن بىللە بولۇش  ۋاقتى  كۆپرەك ، شۇڭا ئانا بولغۇچىدا ساغلام پېسخىك ساپا بولۇشى ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ تۇرۇشى لازىم . بۇ ھەرگىزمۇ دادىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق دېگەنلىك ئەمەس . ئاتا _ ئانا بولغۇچى ئائىلىدە گەپ _ سۆزلەرگە دىققەت قىلىشى ،ئۆرپ _ ئادەتلەرگە چوڭقۇر  ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر .     بىز  بالىلىرىمىزغا نېمە قىلىپ بېرىۋاتىمىز ؟          
        ھازىر شارائىتىمىز ھەر ھالدا ياخشى بولۇپ كەتتى ، شۇڭا ، بالىلارنىڭ ماددى ئېھتىياجىنى نۇرغۇن ئاتا _ ئانىلار  زور كۈچى بىلەن ،ھەتتا ئاشۇرۇپ  قامداۋاتىدۇ . بۇ خىل تەربىيىدىكى بالىلىرىمىز كىچىگىدىنلا تەييارتاپلىق ، شۆھرەتپەرەسلىكنى بىلىپ - بىلمەي  روھىغا سىڭدۈرىۋاتىدۇ . يەنە بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالا ئائىلىدىكى ۋاقىتتا ، دادا ، ئانىغا دۆڭگەش ، ئانا دادىغا دۆڭگەپ ئىتتىرىش ، مەكتەپكە كىرگەندە بولسا ، ئوقۇتقۇچىلارغا  دۆڭگەش بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ .  بۇخىل مەسئۇلىيەتسىزلىك بالىلارغا ناھايىتى پايدىسىز مۇھىتنى  پەيدا قىلىۋاتىدۇ . ئەڭ قىسقىسى ،     بۇخىل مۇھىتتا ياشىغان بالىلارمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن ئىبارەت ئىللەتنى يۇقتۇرىۋالمايدۇ دەپ ئېيتالامدۇق ؟   توغرا جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى ، جەمئىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدىمۇ دەيلى ، ئائىلىمىزمۇ ئەشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ھۆجەيرىسى ، ئەشۇ كىچىك ھۆجەيرە ئۈچۈن ئۆزىمىز قانچىلىك  تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق ؟ ھەقىقەتەنمۇ   بالىلىرىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەربىيىلەپ ،ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن مېھنەت سىڭدۈرىۋاتقان ئاتا ئانىلارمۇ نۇرغۇن . قىسقىسى ، بالىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتى مەڭگۈلۈك خىزمەت ، ئاتا - ئانىلار بۇنۇقتىنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقى  كېرەك دەپ قارايمەن .
    [ بۇ يازما turkinaz0992 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(moghal) تېتىملىق ئىن ..
  • ئىس يانغان ئوچاقلاردىن بىزار ھەر كىم،
    ئۆسەكلەر تۈتەكتىنمۇ بەتەر بەلكىم .
    ياخشىلار پەرۋا قىلماڭ تۆھمەتلەرگە،
    بۇ جاھان مەڭگۈ شۇنداق ئۆتەر بەلكىم.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    awladim
    بۈگۈن سىز نىمە ئىش قىلدىڭىز  ؟ ئۆزىڭىزنىڭ ق ..
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 28617
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 64
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە64دانە
    ياخشى باھا: 172 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4019 سوم
    تۆھپىسى: 235 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 920(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-02-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 03:06 PM

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم !  
    توغرا ئېيتىسىلەر ، بالىنىڭ تەربىيەسى بىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچىمىز  !  
    بولۇپمۇ ھازىرقىدەك رەڭگارەڭ تۈس ئالغان زامانىۋىلىشقان جەمىيەتتە تېخىمۇ شۇنداق . moghal توغرا دەيدۇ ، ھەرگىزمۇ بالىلىرىمىزنى كىچىك ، چوڭ بولغاندا بىر گەپ بولار دىمەيلى . بالىلارنى ئامالبا ئايىغى چىققاندىن باشلاپلا تۇتۇش قىلايلى . بالىلىرىمىزنىڭ قىلغان ھەرقانداق ئۇششاق ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتەيلى ، بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولىشى ، شۇ بىز دىققەت قىلمىغان ئۇششاق ھەرىكەتلىرىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ .  
    ئاددىسى مەن 4 ياش ۋاقىتلىرىمدىلا ئەقلىمنى تاپقان دىسەم زاڭلىق قىلماڭلار ، 4 ياش ۋاقىتلىرىمدىكى ئائىلىمىزدە يۈز بەرگەن ئىشلار ھازىرقىدەك يادىمدا بار .  
    شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار كىچىك ئىش بىلمەيدۇ دەپ چۇشەنگەن ئاتا-ئانا ئۆزى ئاخماق ، بالىلارغا سىلەرنىڭ ئېيتىپ بەرگەن ھەرقانداق بىر سۆزىڭلار ھەم بالىنىڭ ئالدىدا قىلغان ھەرقانداق ئىش ھەركىتىڭلارنىڭ بالىلارغا تەسىرى چوڭ . ئىشەنمىسەڭلار بالىلار ئالدىدا تاماكا چىكىپ بېقىڭلار ، ئۇلار سىلەرنى دوارامدۇ يوق ؟ ئانىلار قىزلىرىڭلار ئالدىدا گىرىم قىلىپ بېقېڭلار ، سىلەرنى دورامدۇ يوق ؟  
    بالىلارغا بولغان تەسىر كۈچىڭلارغا ھەرگىز سەل قارىماڭلار .  
     تاياق توقماقنى ، تىل-ھاقارەتنى بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى قىلىۋاڭلار . سىلەر بالىلارغا قانچە بېسىم قىلساڭلار ، بالىلارنى ئۆزۈڭلار نابۇت قىلغان بولىسىلەر .  
    مەن مۇشۇ بالا توغرۇلۇق بىر ھىكايە كۆرگەن ئىدىم ، پات ئارىدا تەرجىمە قىلىپ ھەرقايسىڭلارغا سۇنماقچى .
    [ بۇ يازما awladim تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(moghal) تېتىملىق ئىن ..
  • نىمىلەرنىدۇ تالىشار ئىكەنمىز ئۆز - ئارا،
    بىر-بىرىمىزگە يول بەرمەستىن كولاپ ئورا.
    ئىنسان دىگەن تويماس ئىكەن قارنى بالا،
    ئالەممۇ ئۇنىڭ نەپسىگە ئازلــىـــق قىلا.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    TOGRAKPADIXASI
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 36104
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 676
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە676دانە
    ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4914 سوم
    تۆھپىسى: 12 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 972(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-04-02
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 04:43 PM

    بالا تەربىيىسى كىچىكىدىن بۇلىشى كىرەك. چوڭ بولغاندىن كىيىن بالىنىڭ مىجەز-خارەكتىرىنى ئۆزگەرتىمەن دىيىش ئۇشۇق ئاۋارىچىلىك.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    QIQAK0903
    ئاللاھ  ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئىنساپ ئ ..
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 37445
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 552
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە552دانە
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3262 سوم
    تۆھپىسى: 29 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 862(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-04-13
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 08:49 PM

    4- قەۋەتتىكى بوش ئەپەندىمنىڭ دىگىنى  ھەقىقەتەن توغرا . ئىسلام دىنىمىزدىمۇ  بالىنى تەربىيەلەش ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى  دىيىلگەن .    
    قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.
    جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت
    parizat0998
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 40074
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 23
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 92 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 221(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-05-08
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-25  

    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 11:53 AM

    ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسىز .دىمىسىمۇ بالا تەربىيلەشتە ئاتا-ئانا بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.