-
تىزىم نۇمۇرى:666
-
- تىزىم ۋاقتى:2010-05-21
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-08-16
- تور ۋاقتى:5103سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
—
بۇ يازما alafasy تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-06-06)
—
|
|
|
|
ئۇيغۇر - ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئېتنوگرافىيىسى ئورخۇن-يەنسەي ۋادىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بولغان، ھازىر جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاساسىي گەۋدىسى ياشايدىغان،قەدىمىي ئۇرخۇن مەدەنىيىتى، كىروران مەدەنىيىتى قاتارلىق بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەقدارى بولغان بۈزرۈك مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئورتاق مىللىي نامى. ئۇيغۇر خەلقى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، باشقا تۈركىي مىللەتلىرى بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ بۈيۈك تارىخىنى ياراتقان. ئەمگەكچان، تىنچلىق پەرۋەر، كەمتەر، سۆيۈملۈك ۋە گۈزەل كىشىلەردۇر. ئۇيغۇر تىلى - ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، تۈركىي تىللار ئائىلىسى، ئۇيغۇر قارلۇق تىل تارمىقىغا تەۋە.ئۆزبېك تىلىغا ئەڭ يېقىن تىل. تارقىلىشى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى،قازاقىستان، ئۆزبېكىستان،قىرغىزىستان،ئافغانىستان، پاكىستان،ئېران، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، مىسىر، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، جەنۇبىي ئافرىقا، ئاۋسترالىيە ۋە موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەردە بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ شۇجايدا بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 10مىليون500مىڭ. ئەمما چەتئەل ستاستىكىچىلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدىكى ستاستىكىلىرىغا ئاساسلانغاندا 20 مىليونغا يېقىنلىشىدىكەن. دىنىي ئېتىقادى-ئىسلام دىنى. i.FdZN{ SWT)M1O2 ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، دۇنيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلىرى ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەمگەكچان- باتۇرلۇقى، ئەقىللىق ۋە كۈرەشچانلىقى، ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيلىكى، ئۆزىنىڭ ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيانىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن تونۇلغان قەدىمقى مەدەنىيەتلىك ئۇلۇغ مىللەت. ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ھونلار، تۈركلەر بىلەن قان- قېرىنداش بولۇپ، تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. <ئۇيغۇر> دېگەن نام دەسلەپتە ئېتنىك (مىللىي) ئىسىم ئەمەس ئىدى. خۇددى داڭلىق شەرقشۇناس، ئاكادېمىك بارتولد: “<تۈرك> دېگەن ئېتنىك ئىسىم ئەمەس، بەلكى <تۈرك> دېگەن بۇ ئاتالغۇ تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي بىرلەشمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ” دېگىنىگە ئوخشاش، <ئۇيغۇر> دېگەن ناممۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن سىياسىي تەشكىلىنى كۆرسىتىدىغان نام. 16- ئەسىردە ئۆتكەن خېيۋا خانى ئۇبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ <تارىخىي شەجەرىئى تۈرك> (تۈركلەرنىڭ شەجەرىسى) دېگەن ئەسىرىدە: “ئۇيغۇر دېگەن نام ئوغۇزخان تەرىپىدىن تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باتۇر، ئۇيۇشقاق بىر قىسمىغا، ئۇلارنىڭ جەڭلەردە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى، خەلق ھەم ۋەتىنىگە كۆرسەتكەن سادىقلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن نام” دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ پىكىرگە پروفېسسور كازلى (1841- يىلى ئۆلگەن)، ئاكادېمىك رادلوپ (1890- يىلى ئۆلگەن) لار قوشۇلىدۇ. شەرق تارىخشۇناسلىرىدىن رەشىددىن ئۆزىنىڭ <جەمئۇل تەۋارىخ> (تارىخلار توپلىمى) دېگەن كىتابىدا بۇ پىكىرگە ئاساسلار كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇبۇلغازى باھادۇرخان ئۆز پىكرىنى داۋاملاشتۇرۇپ “<ئۇيغۇر> سۆزى ئۇيۇشقاق، <يېپىشقاق>، <بىرىككەن> مەنىسىدە بولۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدە شۇنداق خۇسۇسىيەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن <ئۇيغۇر> دەپ نام بېرىلگەن” دەيدۇ. بۇ نام دەل مۇشۇنداق ئاساستا مەيدانغا چىققانمۇ، بۇنىڭغا تا ھازىرغىچە نەق، ئىلمىي، تارىخىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىت كەم، يېتەرلىك ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما <ئۇيغۇر> دېگەن ئاتالغۇنىڭ تومۇرى تۈركچە ئىكەنلىكىنى كىلاپورت، پىلانو، كارنپىلى قاتارلىق تىلشۇناسلار ئۆز ئاساسلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. دېمەك، <ئۇيغۇر> دېگەن نام ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. 8- ئەسىرلەردە، ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدا قۇرۇلغان دۇنياغا داڭلىق ئورخۇن دۆلىتىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دۆلىتى، دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى جۇڭگويىلنامىلىرىدا ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەرگە قاراپ ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ھون ئىتتىپاقىغا كىرگەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرلەردە دىڭلىڭ 丁零 دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بولسا، مىلادى 4- ئەسىرلەرگە كەلگەندە يۈەنخې 袁纥 دېگەن نام بىلەن، 5- ئەسىرلەردە گاۋچې 高车 دېگەن نام بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىن تيېلې 铁勒 ۋىيخې 韦纥، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا كەلگەندە خۇيخې 回纥، مىلادى 788- يىللاردىن كېيىن خۇيگۇ 回鹘 دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇرلار قەبىلە ئىتتىپاقى 9 قەبىلىدىن، بەزىدە 10 قەبىلىدىن تەشكىل تاپقاچقا، بەزى تارىخىي ھۆججەتلەردە <توققۇز ئوغۇزلار> دەپ ئاتىلىدۇ. خەنزۇ تارىخىي مەنبەلىرىدە بولسا <توققۇز تۈركلەر> 九姓铁勒 دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرلار ئۇرۇق، قەبىلىدىن قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ، قەبىلە ئىتتىپاقىدىن خەلق، خەلقتىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھەمدە مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئەگرى- توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. بۇنداق ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريان ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، ئېتنىك تەشكىلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە ئاڭ- پىكرى، تىل تەرەققىياتىغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىغا، ئەدەبىيات- سەنئىتىگە سىڭىپ كىرىپ، چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان. S]4!uv^y 9pk-#/ag "K;""]#wg0 مىلادىيە 840-يىلى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولدى. ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈشى بىلەن تەدرىجىي يوسۇندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، ئۇدۇن خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقلىرى بارلىققا كەلدى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار جۈملىدىن تۈركىي تىللىق بەزى مىللەتلەر شۇ جايلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ رايونى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يۈەن سۇلالىسى، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى، ياركەنت خانلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى. بۇ جەرياندا شىنجاڭدىكى مىللەتلەريېڭىباشتىن يۇغۇرۇلۇش- بىرىكىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە، بولۇپمۇ خىزىر خوجا (1389− 1399-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) خانلىقتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، تۇرپان رايونىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى؛ 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ قولىدىن قۇمۇلنى تارتىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى(جۈملىدىن قۇمۇل) دىكى كەڭ رايون ھەر قايسى مىللەتلەر تەدرىجىي يۇغۇرۇلۇپ كېتىۋاتقان ئورتاق ماكان بولۇپ قالدى، يەنى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. Iy5)SZ' H#T& | |