]&`_5pS
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەنىۋىي جەھەتتىكى كامالىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن مىسرانىم تورىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى، كۆڭۈللۈك ئارامگاھى، دوستلار، پىكىرداشلار ئارا سىردىشىش، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ، دوستانە ھەمكارلىق ئاساسسىدا پارلاق ھايات مەنزىلىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن مەردانە قەدەم تاشلاپ مېڭىشتىكى يول باشچىسى قىلىپ تاللاپ، مۇنبىرىمىزنىڭ ئۈزۈلمەس رىشتىلىرى ئارقىلىق خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك چوڭقۇر مېھىر، ئۇنتۇلماس دوستلۇق ۋە ئەبەدىيلىك ئەستلىكلەرگە جۈر بولۇپ كېلىۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلار! مىسرانىم مۇنبىرى باشقۇرغۇچىسى كەمىنە ئەركزاتتىن ھەممىلىرىگە ئوتلۇق سالام! DBANq\
مۇنبرىمىزدە ئىلگىرى بىر مەزگىل ئەزالار زىيارەت تېمىسى يوللىنىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، كىيىنچە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بۇ پائاليەت توختاپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىم مىسرانىم تورى مۇنبەر باشقۇرۇش گۇرۇپپىمىز ئەزالارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، مۇنبىرىمىزدىكى تۆھپىكار ئەزالارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىش، تورداشلارنىڭ ئۆز-ئارا چۈشنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە مۇنبىرىمىز تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلىتىش مەقسىتىدە، مۇنبىرىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان بىر قىسىم كونا-يېڭى ئەزالارنىڭ زىيارەت تېمىسىنى قەرەللىك يوللاپ تۇرۇشنى قارار قىلدۇق. بۇ قېتىم 1-سان زىيارەت تېمىمىزغا تورداشلار زىيارەت قىلىشنى ئىزچىل كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ كەلگەن مۇنبەردىشىمىز menggutashنى ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەمىسە، دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولغاي! )sWdN(E3
*lRP ZN

7^P!@o$v!
ARKZAT:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، menggutash ئەپەندى، سىز بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ «ئەزالار زىيارىتى»سەھىپىسى ئارقىلىق تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. سىز يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان، ئۆزىڭىزنىڭ«تۇلپارنىڭ كىشنىشى ۋە پاشىنىڭ غىڭشىشى»،«يەر تەۋرەشتىن تۇز پىتنىسىغىچە»،« <سول قوۋۇرغا>لارغا ئىككى كەلىمە»،«تېلېۋىزور، مەھەللەمنى تۆلەپ بەر»،« ئۈرۈمچى، ساڭا سۆزۈم بار»، «پاشىنىڭ غىڭشىشى ۋە تۇلپارنىڭ كىشنىشى»، «ئەي <يېرىم دۇنيا>لار، بىز سىلەرگە قەرزدار»... قاتارلىق ئەھمىيەتلىك نادىر تېمىلىرىڭىز ئارقىلىق توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادا مۇنبەرداشلار ئارىسىدا خېلى كۈچلۈك ئىجابىي تەسىر قوزغاپ كېلىۋاتقان ئالىي ئەزايىمىز. سىز يەنە كىتابخانلارنىڭ دىلىغا ياقىدىغان ھەر خىل ژانېردىكى تېتىمىلىق ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق مەتبۇئاتلاردا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر قەلەم ساھىبى. شۇڭا جەمئىيىتىمىزدە، جۈملىدىن، تور دۇنياسىدا سىزگە، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا، ھايات مۇساپىڭىز ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت مېۋىلىرىڭىزگە قىزىقىدىغانلارنى خېلىلا كۆپ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز، مۇشۇ ھەقتە مۇنبەرداشلارغا قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز، شۇ ئارقىلىق رېئاللىقتىكى سىز بىلەن مۇنبىرىمىزدىكى سىز(Menggutash)نى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ھەقتە بەلگىلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولىۋالغان بولساق! |v#N
KY9sa/xO
Menggutash:ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! مىسرانىم تورىدىكى ئەزىزلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش سورۇنى يارىتىپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت. سۆھبەت مۇناسىۋىتى بىلەن زېھنىنى ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان، كونۇپكا تاختىسى ئالدىدا ئاشۇ تەۋەررۈك ئۇيغۇر ھەرپلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى خەجلەۋاتقان قەدىردان قېرىنداشلىرىمغا سەمىمىي سالام يوللايمەن. R|
[mp%Q
s,XKl5'+8e
چوڭلاردا «ئاخىرلاشمايدىغان زىياپەت يوق» دېگەن سۆز بار. ئۈچ ئاي ئىچىدىلا مىسرانىمنىڭ يېڭى ئەزاسىدىن ئالىي ئەزالىقىغا، ئاندىن خالايىقنىڭ ئالدىغا «تارتىپ چىقىرىلىش» تەك «قىسمەت» كە قالارىمنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. m/gl7+
Y4e64`V)
ئالدى بىلەن ئۆزۈم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي. ئىسىم- فامىلەم- ئوسمان زاھىر. يۇرتۇم : قۇمۇل، مۆچىلىم : كالا، قان تىپىم : O ، يېشىم:38 ياش، تۇغۇلغان ۋاقتىم: 1973- يىلى 15- ماي. Z[
-bJht
مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم تالاي قىسمەت،تارىخىي كەچمىشلەرگە ھامىلدار قۇمۇلنىڭ تەكلىماكانغا يانداش خىلۋەت، سۈيى كەمچىل بىر مەھەللىسىدە ئۆتتى. ئانام چۆچەك ئېيتىشنى بىلمىگىنى بىلەن خۇددى باشقا ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئوخشاشلا چۆچەكتەك ساددا، تەكلىماكاندەك قەيسەر بىر ئانا ئىدى. ئاتا - ئانام ئىككىسى 6 پەرزەنت ئۈچۈن ئاشۇ قارا تۇپراققا كەتمەن بىلەن توپتوغرا 60 يىل چۆچەك يازدى. لېكىن بۇ ھەقىقىي رېئالىزىملىق چۆچەك ئىدى. تەسەۋۋۇر،فانتازىيە بىلەن ئانا تۇپراقنى ئالدىغىلى بولمايتتى...چەكسىز كەتكەن باياۋان، جىن - ئالۋاستىلار ھەققىدىكى ۋەھىمىلىك پاراڭلار،بالىلىق ئويۇنلار،15 قويغا قوماندان بولۇپ ئۆتكەن گىرىمسىز ھايات ،خىلۋەت تۇرمۇش مۇھىتى بالىلىق قەلبىمدە ھاياتقا نىسبەتەن تەسۋىرلىگۈسىز ساددا ھەم مۇقەددەس ھېسلارنى ئويغاتتى. تا ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغۇچە ھاياتىم ئاددىي-ساددىلىققا،سەمىمىيەتكە تويۇنغان سەھرادا ئۆتتى. بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق يولىدا بالىلىقتا شەكىللەنگەن خاراكتېرى 70 % رول ئوينايدۇ. سەھرادا يېتىلدۈرگەن ساددا، سەمىمىي خاراكتېرنى ئۈرۈمچىنىڭ بەش يىللىق دولقۇنلۇق قايناملىرى تارتىۋېلىشقا قادىر بولالمىدى. ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا ھەمدۇ-سانالار ئوقۇيمەن. ES p)%
,R]hNjs-{
بالىلىق دەۋرىمدىكى بەزى ئىش- ۋەقەلەر توغرىسىدا «بالىلىق باياۋانىدىن ئادىمىيلىك قەلئەسىگىچە» ناملىق يازمامدا توختىلىپ ئۆتكەنلىكىم ئۈچۈن تەپسىلىي توختالمايمەن.بۇ ھەقتىكى تېمامنى تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئۇلىنىش قىلىپ قوياي، قىزىقىدىغان مۇنبەرداشلىرىم كۆرۈپ باقار!
/read.php?tid-46641.shtml b3N>RPsHS
P -0 بالىلىقىمدا قۇرۇلغان مەنىۋىي ۋەتەننى ئىزچىل قەدىرلەپ كەلدىم. ۋەتەن ھەققىدە كۆپلىگەن يازمىلار يېزىلدى. ھەر بىر تارىخىي دەۋردە ۋەتەن ئوخشىمىغان سۈپەت ۋە تامغىلارنى ئۆزىگە يۈكلەپ، بىر توپ ئىچىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ تۇيغۇلىرىنى غىدىقلاپ كەلدى. ھەقىقىي چىن سۆيگۈ داۋراڭسىز بولىدۇ. بىز ۋەتەن قەدرىنى مۇھاجىرنىڭ كۆزلىرىدىكى بېسىپ بولماس پىغان- ھەسرەتتىن، شېھىد كەتكەن ئەركەكنىڭ كۆزلىرىدە قېتىپ قالغان مەڭگۈلۈك سۈرەتتىن ۋە ياكى يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئۆز ۋەتىنى بولغان ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، نەۋرىسىنى باغرىغا باسقان ھالەتتە جان ئۈزگەن بوۋاينىڭ كۆزلىرىدىن غۇۋا بولسىمۇ ھېس قىلىپ كەلدۇق. قۇمۇلدا چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن دائىم «ھاي، پالانچى، گۆتىنىڭگە كىرىپ كەت»،«ئۇنىڭغىمۇ بىر گۆتەن كېرەك» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان بولساممۇ، ئەمما شۇ كەملەردە مەنىسىنىتازا ئاڭقىرالمىغان ئىكەنمەن. ئەمدى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، بۇ« گۆتەن »دەل «ۋەتەن» دېگەن سۆزنىڭ قۇمۇل شېۋىسىدە تەلەپپۇز قىلىنىشى ئىكەن. مەلۇمكى، قۇمۇل شىۋىسىدە«ۋ» بىلەن «گ» نۆۋەتلىشىش ئەھۋالى كۆپ ئۇچرايدۇ.«ھاۋا»نى «ھاگا»،«ۋەدىسىدە ۋاپا يوق» دېگەننى«گەدىسىدە گۇپا يوق» ۋاھاكازالار... gp'9Pf;\[
7WK^eW"y8 ئاتا- بوۋىلىرىمىز ۋەتەننى ئابىستىراكىت مەنىدە ئەمەس، كونكىرت شەكىلدە تونۇپ كەپتىكەن. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بىر ئائىلە بىر كىچىك ۋەتەن. بۇ ۋەتەن شۇنچىلىك قەدىرلىككى، ئۇنىڭدىن يېگەن تۇزغا سىز مەڭگۈ قەرزدارسىز. دەرۋەقە، ئاتا- بوۋىلار ۋەتەن ھەققىدە چۈشىنىكسىز شۇئار ئىجاد قىلىپ ئۆزىنى ئالدىمىغان. ۋەتەندىن كەتكەن، لېكىن كەچمىگەن. تۇڭگان يېغىلىقلىرى، قاچ- قاچ، ئۇرۇش- سوقۇش... لارنى يەتكۈچە كۆرگەن ئاتا- بوۋىلار ئىللىق بىر ئائىلىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلغان. كوئېنلۇن تاغلىرىدەك مەغرۇر قەددى مۇشۇ ۋەتەن ئۈچۈن پۈكۈلگەن. مۇشۇ ۋەتەن بولغاندىلا ،چوڭ دائىرىدىكى ۋەتەننىڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئانىلارنىڭ ياغلىقلىرى گىياھسىز چۆللەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئېڭىكىنى چاتقان. ئائىلىنىڭ نومۇسى ئۈچۈن يىپەكتەك يۇمشاق قوللار بازغاندەك قاتقان. مەن چېگرا ھالقىپ باقمىغان، لېكىن مىللەت ئەخلاقى چېگرىدىن ھالقىپ كېتىشكە تەمشەلگەن ئەبجەش زاماننىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئاخىرقى ساقىندىلىرىنى دانىشمەنلەرچە ساقلاپ ياتقان سەھرالاردىكى نىسبىي مۇقىم تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرىمەن. يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ ۋەتەن ئۇقۇمى ئۆزگىرىۋاتاتتى. ئاتا- بوۋىلار ۋەتەن ئورنىدا كۆرۈپ ئەجىر قىلغان بەرىكەتلىك زېمىنلارنى باشقىلارغا سېتىۋاتقان، ئىجارىگە بېرىپ لاغايلاپ يۈرۈشكەن، يەرلىرىدىن كېچىپ يەر بولغان ئەرلەرنى، كىچىك ۋەتىنى بولغان ئائىلىسىنى توزۇتۇپ ۋەتىنىنى يات ئىقلىمدىن ئىزدەپ يۈرگەن ئاۋارىلەرنى كۆپ ئۇچراتتىم. ئاتا- بوۋىلار ۋەتەن ئۈچۈن قان- ياشلىق كەچمىشلەردىن، ھەسرەتلىك كېچىكلەردىن، ئادەم كاللىلىرىدىن كېچىپ ئۆتكەن ئىدى. :{@&5KQ8)
_h|rH ئاتا ئىزىنى بويلاپ ئۆز ۋەتىنىنى ئىزدەپ يولغا چىققان بىر ئەركەك مۇشەققەتلىك سەپىرىدە تالاي قىسمەتلەرنى باشتىن كۆچۈرۈپتۇ. ۋەتىنى مۇنقەرز بولغاندا ،ئېشەكتەك ئېغىناپ كەيىپ سۈرگەن مۇناپىقلارنى، ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆلگەن قەھرىماننىڭ ئۆلۈكىنى سازايى قىلىۋاتقان بىنومۇس كىشىلەرنى، ۋەتەن تۇپرىقىنى باغاشلاپ يېتىپ مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمغان سەرگەردانلارنى، ۋەتىنىنى سېتىپ خەجلەۋاتقان پەسەندىلەرنى، ۋەتەن ھەققىدە قەسىدە توقۇپ قويۇپ، ئىشرەت قۇچىقىغا چۆككەن ئەھلى قەلەملەرنى، يۈزىگە ئۇپا- ئەڭلىك سۈرۈپ ،ۋەتىنىگە خېرىدار چاقىرىۋاتقان پاھىشىلەرنى ئۇچرىتىپتۇ. ۋۇجۇدى تىتما-تالاڭ بولغان بۇ ئەر كۆز ئالدىدىكى ئالامانلاردىن ھۇشىنى يوقىتىپتۇ. ۋەتىنىنى ئىزدەش سەپىرىدىن ۋاز كەچمەكچىمۇ بوپتۇ- يۇ ، لېكىن كۆز ئالدىدىكى كۆرۈمسىز يانتاقنىڭ زېمىننى باغاشلىغان يىلتىزىنى كۆرۈپ توختاپ قاپتۇ. بۇ يىلتىزلاردىن مەسئۇلىيەت ۋە مۇھەببەت تاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. ئۇ يانتاقنىڭ يىلتىزىنى كولاپتۇ. كولاپتۇ، ئۇچىنى تاپالماپتۇ. يىلتىز قانچە چوڭقۇرلىغانسېرى، شۇنچىلىك ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ يانتاقنى يۇلۇش ئۈچۈن قول سوزغان ئىكەن، قولىغا تىكەن سانچىلىپ بىر تامچە قان ئېقىپ چىقىپتۇ. ئۇ شۇندىلا ھەممىنى چۈشىنىپتۇ. ۋەتىنىنى ھەقىقىي سۆيگەن، سۆيگۈسى، مەسئۇلىيىتى چوڭقۇر ئادەمنىڭ ۋەتەندىن ئېرىشىدىغىنىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. ۋەتىنى مۇنقەرز بولغاندا،تىكەنگە ئايلىنالمىغان ئادەمنىڭ قەدرى ۋەتەن بىلەن تەڭلا توزۇيدىكەن. ۋەتەن قەسىدە بىلەن ئەمەس، قان بىلەن سۆيۈلىدىكەن. ئۇ يانتاقنىڭ يىلتىزىنى ئېھتىيات بىلەن كۆمۈپ قويۇپ، يەنە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپتۇ. جەڭگاھلارغا كىرىپتۇ. ئىلىم سورۇنلىرىدا مۇتائىلە قىلىپتۇ. نەدە خەتەر بولسا، شۇ يەردە ئۈنۈپتۇ. ئۇ ۋەتەن تۇيغۇسى خىرەلىشىپ كەتكەن بىغەملەرنىڭ كۈلكىلىرىدە ئاينىپ كەتمەپتۇ. دەرەخ تىكىپ چۆللەرنى بوستان قىلىپتۇ. MmUtBT
D7q%rO|F' ۋەتىنىڭىزدىكى ھەر بىر تۈپ گىياھ، سىزگە تونۇش ھەر بىر چىراي، سىز ياتقان بۆشۈك، سىز ياتىدىغان تاۋۇت، گۆر ... ھەممىسى ۋەتەننى ئىزاھلاش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. سىزنىڭ ۋەتەنداشلىرىڭىزنىڭ قولى بىلەن كۆمۈلۈش شەرىپىگە ئېرىشىشىڭىزمۇ بىر ئۆمۈر يېتەرلىك بەخت. ئۆلۈكۈم تالادا قالغان كۈنى مېنى بىر يەھۇدى ياكى ئېنگلىز دەپنە قىلمايدۇ. ئەنە شۇ بادام دوپپىلىق ، قوللىرى قاپارغان، قوي كۆزلۈك كىشىلەر دەپىن قىلىدۇ.شۇڭا مەن بۇ كىشىلەرنى قەدىرلىشىم كېرەك. G@s]HJ:
^{z@=o
2000- يىلى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بويتاقلىق تۇرمۇشۇمغا خاتىمە بېرىپ، ھاياتىمدىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولغان تويۇمنى قىلىۋالدىم. تويۇمدا : $P<T`3Jg
w-f[h كۆڭۈل سىرىڭ ئاقىدۇ شىر- شىر، تەنھالىقنى تۇغامدۇ شائىر؟ ,-!h
بىر بويتاقنى ئازايتتى خۇدا، LOm*=MVex
يېشىڭنى سۈرت ئوسمانجان زاھىر "9mVBa|Q
oW0A8_|9

^ ]nnvvp
a4'KiA2r
دېگەن مەزمۇندا تەبرىك شېئىرى ئوقۇلغان ئىدى. بويتاقلىق داۋامىدا 13 قېتىم ياتاق كۆچتۈم. 14- قېتىمدا مۇقىم ئۆيۈم بولدى. تالاي كەچمىش- كەچۈرمىشلەر بىلەن ئون يىلدىن ئارتۇق نىكاھ تارىخىمنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتتۈم. بىر ئوغۇل ، بىر قىز پەرزەنتىم بار. ئوغلۇمنىڭ ئىسمى تۇغلۇق، 9 ياشتا. قىزىم نۇرانە تۆت يېرىم ياشتا.
z"cF\F
1995- يىلىدىن 2007- يىلى 9- ئايغىچە «قۇمۇل گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلىدىم. ھازىر قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئىقتىسادىي ئۇچۇر مەركىزىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. px|y_.DB2x
"EA6RFRD
چاقماق كۆڭلەك كېيىپ، بىر قولىغا كېسەك ئۈنئالغۇنى كۆتېرىپ، شەھەرمۇ- شەھەر يۈرىيدىغان ئەرلەر «لۈكچەك» دەپ قارىلىدىغان شۇ زامانلاردىكى نۇرغۇن ئىشلار كۈلكىلىك ئىدى. بالىلىقىمدا ئوقۇغان «مايمۇننىڭ تاغدىن چۈشۈشى» ناملىق مەسەل ھازىرغىچە مېڭەمدە مىخلاقلىق تۇرماقتا. شۇنداق، بەزى نەرسىلەر ھەقىقەتەن تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەكلا ئېسىمدە. كاللا شۇنداق نەرسە ئىكەن، بەزىدە ئۇنتۇماسلىققا تېگىشلىك نەرسىلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىپ، ئۇنتۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر ئەستە ساقلىنىپ قالىدىكەن. بەزى كىشىلەردىن كۆرگەن يامانلىقلىرىمنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم. ياخشىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. kzMul<>sl
c~_nOd
لۈشۈن ئەپەندى ۋەسىيىتىدە بالىلىرىنى ھەرگىزمۇ ئەدەبىياتچى ياكى سەنئەتكار بولۇپ قالماسلىققا قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن. ھېچكىم ئۆزىنىڭ كىمدىن تۇغۇلۇشىنى تاللىيالمىغاندەك، كېيىن نېمە كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنىمۇ تاللىيالمايدىكەن. بۇ يىل 38 ياشقا كىردىم. بۇ 38 يىلنىڭ كەم دېگەندە 20 يىلى ئەدەبىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك. روھىيەتكە مۇناسىۋەتلىك كەسپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەدەبىيات تارىختىن بۇيان، زور كۆپ ساندىكى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلدى. يېزىقچىلىق تارىخىم ئوتتۇرا مەكتەپتە رۇبائىي يېزىشتىن باشلاندى. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى مەجنۇنلارچە ئوقۇدۇم. خىلۋەت سەھرا مۇھىتى، ئائىلەمدىكى تىنچ كەيپىيات، ئاتا- ئانامدىكى ئاقكۆڭۈللۈك ماڭا ئىچ مىجەزلىكنى، بىراۋغا قارا سانىماسلىقنى ئۈگەتكەن ئىدى. ئەڭ ئۆچ ئىشىم- دېگىنىگە ئەمەل قىلماسلىق. ,tt
.oF|
_(#HQd,i
ئېيتىلىشىچە، ئۆتكۈر ئەپەندىم 58 يېشىدا ھىدايەتكە قايتقان ئىكەن. بۇ ئۇستازغا چوڭقۇر ھۈرمىتىم بار. شۇنىڭدەك ئېتىقادىنى ساقلاپ، ئىجادىيىتىنى توغرا دۇنيا قاراش ئاساسىدا داۋام ئەتتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىنتايىن ئاز ساندىكى يازغۇچىلارغا ھەم ھۈرمىتىم بار. ئادىل تۇنىياز، نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن قاتارلىق دىلىدا ھەق سۆيگۈسى يېلىنجاپ تۇرغان كىشىلەر بىزگە بەكمۇ لازىم. بولۇپمۇ، قەۋم كېلىچەك يول خەرىتىسىنى ئىزدەۋاتقان بۈگۈنكىدەك شارائىتتا. ھەق ئۈستىدە تۇرغان ئاشۇ كىشىلەرنى ئۈلگە قىلىشنى، ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە بىرەر كىشىگە بولسىمۇ، توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىشنى شۇنچە ئۈمىد قىلىمەن. ;m/h?Y~
MCPVql`+`q
تورغا يېزىلغان ئەسەرلىرىم ئىچىدە يېڭى يېزىلغانلىرىمۇ، 5-6 يىل بۇرۇن يېزىلغانلىرىمۇ بار. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يېزىلغان بەزى يازمىلىرىمدىكى پىكىرلەر بىلەن ھازىر يېڭىدىن يازغان «تۇلپارنىڭ كىشنىشى ۋە پاشىنىڭ غىڭشىشى»،«يەر تەۋرەشتىن تۇز پىتنىسىغىچە» قاتارلىق ماقالىلىرىمدىكى پىكىرلەر خېلىلا پەرقلىق. بۇمۇ بەلكىم دۇنيا قارىشىمنىڭ، مەپكۈرەمنىڭ ئاساسەن شەكىللىنىپ بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن مۇنداق بىر قاراشنى ياقلايمەن. 40 ياشقىچە مەپكۈرىسى شەكىللەنمىگەن ئادەمدىن چوڭ ئىشلارنى كۈتۈش قىيىن. كېچىكىپ بولسىمۇ، ياراتقۇچىنى تونۇش نېسىپ بولدى ھەم ئېتىقادى دەسلەپكى قەدەمدە تۇرغۇزۇلغان بىر ئائىلەم بار بولدى. uL\b*rI
*u?QO4>
خاراكتىرىم ئىچ مىجەز، نۇتۇقۇم قەلىمىمدىن ناچار. خىجىلچان. ئىچىم پۇشقان، روھىي بېسىم ھېس قىلغاندا، سەھرالارغا ياكى ئادەمسىز باياۋانغا چىقىپ كۆكسۈمنى تولدۇرۇپ نەپەس ئېلىشنى ياخشى كۆرىمەن. بالىلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشنى، بالىلىق ئويۇنلىرى ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆزىتىشكە ئامراقمەن. =H