ئىسمىڭنى ئاتايمەن
گۈللەرنىڭ ھېدىسىز قىينىلار جېنىم،
كۆزلەردىن يىراقسەن كۆڭلۈمگە يېقىن.
بۇ ئاشىق قەلبىمگە ئويۇقلۇق ئىسمىڭ،
ئالغاندا ھەر نەپەس ئىسمىڭ ئاتايمەن.
ھىجراننىڭ قىلىچى تەگسىمۇ ھەتتا،
يالقۇنلۇق ئاھىمدىن سېنى كۆتەرمەن.
مۇقەددەس مەن ئۈچۈن سېنىڭ چىن سۆيگۈڭ،
ھەر كېچە چۈشۈمدە ئىسمىڭ ئاتايمەن.
يۈرسەڭمۇ خاتىرجەم باشقا شەھەردە،
شۇ قەدەر سېغىنىپ تىچلىق تىلەيمەن.
ساداقەت بېغىدىن تىزىپ گۈلدەستە،
تەلمۈرۈپ يولۇڭغا ئىسمىڭ ئاتايمەن.
تۈنلەرنىڭ قوينىدا ھېسلىرىم ئويغاق،
ئەڭ قىزغىن سالامنى يوللاپ تۇرىمەن.
ھىجراننىڭ تۈنىگە ياغدۇرۇپ چىراق،
ۋەسلىڭگە تەلمۈرۈپ ئىسمىڭ ئاتايمەن.
سۇنۇلدى ئىشقىمدىن تالاي سالاملار،
ئەقىدە -سۆيگۈمدىن مەمنۇن بۇلارسەن.
سالىمىم قەلبىڭگەيەتكەن بىر كۈنى،
سەنمۇ زوق -شوق بىلەن ئىسمىم ئاتارسەن.
( مەنبە: قەلىمىم )
[ بۇ يازما ARKZAT تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]