مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 261 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : ئۇيغۇرچە ۋاقىت ئۇيغۇر روھىنىڭ ئەينىكىمۇ؟
بىز خۇدادىن كەلگۈسىمىزگە ئۈمۈد،بىر-بىرىمىزگە

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3151
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 0.75%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 15
  ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1143 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
  ۋاقتى: 120(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-02
  كىرىشى: 2010-08-01

0

 ئۇيغۇرچە ۋاقىت ئۇيغۇر روھىنىڭ ئەينىكىمۇ؟



شائىر ئادىل تۇنيازنىڭ« قەشقەردىكى يەر شارى» دىگەن داستانىنىڭ ماۋزۇسىدىكى شېئىرى كەڭلىك ئادەمنى ئويغا سالماي قالمايدۇ . يەر شارىنىڭ قەشقەردىكى تۇنۇلۇشى ، قەشقەردىن ئىبارەت مىللى مەدىنيەت سىمۇۋىلىنىڭ نەزىرىدىكى يەر شارى ، دۇنيانى تۇنۇشنىڭ ھەر بىر ئەكىس ئەتكۈچى ئۇبىكىتتا بىر شەكىلدە ئەكىس ئىتىدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ . شۇنداق ، يەر شارى پەقەت بىر . لېكىن ،ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى يەر شارى يەنە ئۈزىگە خاس ئالاھىدلىككە ئىگە . ۋاقىتتىن ئىبارەت ئۇقۇممۇ شۇنداق ، جەميەتنىڭ ئەڭ كىچىك يادروسى بولغان ئادەمدىن تارتىپ ،مەلۇم مەدىنيەت ، ھىسىيات بىرلىككە ئىگە مىللەتكىچە ۋاقىتتىن ئىبارەت ئۇبۇكتىنى تۇنۇش ئوخشاش بولمايدۇ . تۇنۇشتىكى پەرىق ۋاقىتنى ئىسىتىمال قىلىشتىكى پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .شۇ سەۋەپتىن ۋاقىت ئېقىمىنىڭ ئوخشاش بىر نوقتىسىدا ياشاۋاتقان ئوخشاشمىغىن مىللەتنىڭ تۇرغان نوقتىسى ئوخشاش بولسىمۇ ، ئىستىمال قىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ . ,(b~L 
بۇ خىل پەرىق تۈپەيلىدىن بەزى كىشلەر ، بەزى مىللەتلەرنىڭ جىسمى ھازىرقى دەۋىردە بولسىمۇ ، روھى ۋە قازانغان ئۇتۇقلىرى تەرەققى قىلغان مىللەتلەرنىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىركى ھالىتىدە تۇرغان بۇلۇدۇ .بەزى مىللەتلەردە ۋاقىتنىڭ رېتىمى تىز ، بەزىلىرىدە ئاستا بۇلۇدۇ . ۋاقىتتىكى تىزلىك ۋە ئاستىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنى ۋاقىتنىڭ بەزى يەردە تىز بەزى يەردە ئاستا dKG<"  
ئۈتىدىغانلىقى ئەمەس ، ۋاقىتقا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنىڭ ۋاقىتنى ئىشلىتىشتىكى سىجىللىقى ، ياراتقان قىمىمىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ناھايتى ئاز ۋاقىتتا كۆپ قىممەت يارىتىپ ، ۋاقىتنىڭ قىمىمىتىنى ھەسىسىلەش ۋاقىتنى تىزلەشتۈرىۋىتىدۇ . ۋاقىتنىڭ سۈرئىتى تىزلەشكەن جايلار دەل تەرەققىياتتا ئالدىدا ماڭغان جايلار . \shoLp   
ۋاقىت دىگەن بۇ ئۇقۇم ھەممە ئادەمگە مەلۇم .ئەمما ۋاقىت دىگەن زادى نىمە ؟دەپ سۇئال سورالسا جاۋاپ بەرمەك قىيىن ، ۋاقىت ئېقىپ كېتىۋاتقان سۇغا ئوخشاش بىر ئېقىنمۇ ؟كىشلەر سائەت سىتىرىلكىسىغا ، كالىندارغا ، ئۆمرىگە نەزەر سالسا ، ۋاقىتنىڭ ھەقىقەتەن ئېقىۋاتقان سۇغا ئوخشايدىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ . لېكىنسوغوققانلىق بىلەن قايتا ئويلىسا ۋاقىت دىگەن ئىنسان تەرىپىدىن تۇقۇپ چىقىرىلغان بىر ئۇقۇم ئىكەنلىگىنى ئەمىليەتتە ئۇنىڭ ئۆمۈرگە نىسبەتەن ئېيتىلغانلىقنى بىلىمىز .ئۇنداقتا .ئۈتىۋاتقىنى ئۆمۈرمۇ ياكى ۋاقىتمۇ ؟ ئۆتۈۋاتقىنى ئۆمۈر .ئەسلى ۋاقىت دەپ بىر نەرسە يوق . ۋاقىتنى ئۈتىۋاتقاندەك كۆرسىتىۋاتقىنى جىسىملارنىڭ ھەركىتى تىنىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ئۆزگىرىش . دىمەك ۋاقىتنىڭ تىز ئاستىلىغى ئۆمۈردىن ئىبارەت تەننىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىنىڭ پىسىخىكىمىزدا پەيدا قىلغان شۇ چەكلىك بولغان ياشاش جەريانىمىز . بانكىدىكى پۇلغا ئوخشاش چىكى بار ئۆمرىمىز . :7]R2JP  
ئۇنداقتا ئۆمۈرنى بۇنداق تىز ئۆتكۈزۋىتىشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى ؟ئاستا ئۆتكۈزۈش ئەمىليەتتە ئۈلۈمگە ئاستا يېقىنلاش بۇلامدۇ؟ نىمىشقا بۇنداق تىزلىكنى قوغلىشىمىز . ئەمىليەتتە بۇ سۇئاللارمۇ ۋاقىتنى خاتا تۇنۇشتىن كىلىپ چىققان پىسخىك ئالدىنىشتۇر . تىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى چەكلىك ئىمكانىيەتتىن چەكسىز پايدىلىنىش ئارزۇسىدۇر . ئاستىلىق مەنىسىزلىكتىن كىلىپ چىققان ، پىسخىكىمىزدا يۈز بەرگەن تۇنۇشنىڭ نەتىجىسى . ئۆمۈر چەكلىك ئۇنى تىز ئۆتكۈزگەندەك قىلساڭمۇ ، ئاستا ئۆتكۈزگەندەك قىلساڭمۇ شۇ ئۆمۈرنى ئۆتكۈزىسەن . ئۇ ھەرگىز سىنىڭ پايدىلىنىشىڭ بىلەن قىسقىراپ ، پايدىلانماسلىغىڭ بىلەن ئۇزۇراپ قالمايدۇ . باشقىلار بىر سائەت دەپئاتىغان مۇساپىدە بىر كۈننىڭ ئىشىنى قىلىش ماھىيەتتە ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ، ئۆمۈرنىڭ مەنىسى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى كۆپەيىتكەنلىك بۇلۇدۇ . R5~m"bE  
ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدە ۋاقىت دىگەن زادى نىمە ؟ ۋاقىتتىن ئىبارەت ئۇقۇم ئۇيغۇردا قانداق تۈس ئالغان ؟ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ؟ M#IR=|P]  
تارىخنى ۋاراخلاپ ، ئۇيغۇر تەپەككۈرىنىڭ غەزنىلىرىنى ئاختۇرساق ، مىللتىمىزنىڭ ۋاقىت چۈشەنچىسىدىن خەۋەردار بۇلالايمىز . « ئۆمۈر ئاتقان ئوق » دەيدۇ ئاقىللار . دىمەك ، بۇ ھىكمەتتىن بىزگە يىتىدىغان مەنە مۇنداق ؛ ئوق ئېتىلدىمۇ مەڭگۈ يانالمايدۇ ، پەقەت ئالدىغا مېڭىش ئۇنىڭ بىردىنبىر تاللايدىقان يۇلى . ئۇنىڭ بىر قەدەم ئالغا باسقىنى ئۈلۈمگە بىر قەدەم يېقىنلىغىنى . شۇڭا بۇ قايتىلانماس ئۆمۈرنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى توغرا تۇنۇش ، قەدىرلەش لازىم . « ۋاقتىڭ كەتتى ، بەختىڭ كەتتى » دەيدۇ يەنە ئاقىللار . كۈرىۋېلىش مۈمكىنكى ، ۋاقىت ئۆمۈر دىمەكتۇر . ساڭا مەنسۇپ ئۆمۈرنىڭ ئاخىرلىشىشى ساڭا مەنسۇپ ۋاقىتنىڭ ئاخىرلىشىشىدۇر . لېكىن بۇۋاقىتنى كەتكۈزمەي ئامال يوق . بۇنداق بۇلۇش مۇقەرەرلىك ، شۇ ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئەڭ ھالقىلىق مەسلە . $ O>MV  
« ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت » ئالتۇن ئىنسانلار بىلگەن ئەڭ قىممەتلىك مىتاللارنىڭ بىرى . ئەمما ئۆمۈر ئالتۇندىنمۇ قىممەت . ھەر بىر ئادەمگە بىرلا كېلىدىقان ئۆمۈر ئەلۋەتتە ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك . لېكىن بۇنى كىم تۇنۇدى ؟لايسۇدەك ئۆتكەن ئۆمۈر ، ھىچقانداق قىممەت ، مەنە يارىتىلماي ئۈتۈپ كەتكەن ۋاقىت نەقەدەر ئىسراپچىىلىق ،نەقەدەر زور جىنايەت ئىنسانلارنىڭ ئەقلى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھەل قىلدى . ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن پۇل قاتارلىقلارنى خيانەت قىلغانلارنى جازالايدىغان قانۇن ئېلان قىلىندى . V3nv5/6  
بىراق ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بولغان ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلارنى جازالايدىقان قانۇن تۈزۈلگىنى يوق . بەلكىم تەبىئەتنىڭ قانۇنيىتى ئۇلارنى جازالىشى مۈمكىن . بىراق شۇ كىشلەر ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزىۋاتقاندا ئۈزىنىڭ تەبىئەت تەرىپىدىن جازالىنىشىنى ھىس قىلالارمۇ ؟ شۇڭا ئۇنداقلارنى تەبىئەتنىڭ جازاسىغا قۇيۇش ئىنسانى ئەخلاق ۋە قانۇنچىلىق ھەل قىلالمىغان ئەڭ چوڭ مەسلە . !kYmrj**  
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋاقىت بىلەن ئۆمۈرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە «يىللارغا جاۋاپ »دىگەن شىىرىدا ئەڭ قايىل قىلارلىق جاۋاپ بەرگەن ۋە شېئىرنىڭ ئاخىرىدا « ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ ، دەپ بېرىمىز جاۋاپ »دەپ ئىجادىيەتنىڭ ئىجادىيەتنىڭ ۋاقىتقا تاقابىل تۇرۇپ ئۆمۈرنىڭ ۋەزنىنى ئاشۇرۇپ ،دەقىقىلەرنىڭ كەڭلىكىنى تېخىمۇ چەكسىزلىككە ئىگە قىلالايدىقان بىر دىن – بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان . مەن كىچىك ۋاقتىمدا بۇ شېئىر ھەققىدە «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ بۇ شېئىرى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئەنگىليىدىكى بىر مۇنارغا ئالتۇندىن ھەل بىرىلىپ ئۇيۇپ قۇيۇلۇپتۇ » دەپ ئاڭلىغانتىم بۇگەپنىڭ راسىت – يالغانلىقىغا بىر نىمە دىمەك تەس . لېكىن «يىللارغا جاۋاپ » دۇنيانىڭ ۋاقتىنى ئۆلچەپ بىرىۋاتقان ئەنگىليىنىڭ گىرىنۋىچ دىگەن يېرىدىكى دۇنيادىكى بارلىق سائەتلەرنىڭ قىبلىگاھىنىڭ يېنىدا بىر ئابىدە ياساپ ئۇيۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ياىشى شېئىر . ناۋادا ھەقىقەتەن شۇنداق بۇلىدىغان بولسا ، گىرىنۋىچقا بېرىپ گىرىنۋىچتىكى دۇنيانىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەيدىقان سائەتنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى ۋاقىت ھەققىدە ئەڭ چوڭقۇر ئويلارغا چۈكەلەيدۇ . +1A 
گەپنى قىسقارىتساق يۇقارقى بىر قانچە مىسالدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس . ئۇنداقتا ۋاقىت ھەققىدە بۇنداق دانا قاراشلارغا ئېگە بولغان مىللەتنىڭ ئەھۋالى زادى قانداق ؟ ئەپسۇسلىنارلىقى نۇرغۇن كىشى بۇ سۇئالنى ئاڭلىغان ھامان ئۇجۇقۇپ كېتىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت كۆز قارىشىنىڭ تاينى يوقلۇقى دەرھال كاللىمىزدا ئەكىس ئېتىدۇ . QpZhxp  
سۆزلىگىنىگە ئەمەل قىلماسلىىق بۇ قانداق ئىش ؟ بىز شۇنداق قۇۋىممۇ ؟ دىگەن تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ . راسىت دۇنيادا نۇرغۇن ھەققىقەتلەر بار بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئىگە بۇلىدىغان كىشى بولمىسا ، ئۇ ھەقىقەتلەر مەڭگۈ كۈمۈلۈپ قالىدۇ . دۇنيادا گۈزەل ئەقىدىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا ھىچكىم ئەمەل قىلمىسا ، بۇنداق ئەقىدىلەر مەڭگۈ ھەركەتكە ئايلىنالمايدۇ .ئېغىزدا سۆزلەپ ئەمەل قىلمايدىقان قۇۋىم ئىشى ئىلگىرى باسمايدىغان ، ھەقىقەتكە كەينىنى قىلىدىقان قۇۋىمدۇر . eS+LFS7*k  
ئۇنداقتا ئۇيغۇرنىڭ ئەمەل قىلىۋاتقان ۋاقىت قارىشى نىمە ؟ m)2U-3*iX  
تەكشۈرۈپ باقىدىغان بولساق ئاتا -بوۋىلىرىمىز ياقىنغا قەدەر ۋاقىتنى ئاسمان جىسىملىرىغا قاراپ بەلگىلەپ كەلگەن . گەرچە قەدىمكى ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئاستىرنومىيىگە ئائىت نۇرغۇن بايقاشلارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ ، بىراق يېقىنقى ئاتا -بوۋىلىرىمىز دەۋرىدە غەرىبلىكلەرنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى تۇنۇشى چوڭقۇرلىشىپ سائەتنى كەشىپ قىلغاندا ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى گاللىشىپ ۋاقىتنى مىنۇت ، سىكىنۇتلاپ ئەمەس « بىر ئاش پىشىم » ، « بىر تاھارەت ۋاقتى » دىگەندەك ئۆلچەيدىغان كۈنگە چۈشۈپ قالغان . ۋاقىت بىزنىڭ بىساتىمىزدىكى ئەڭ ئەرزان ئىسراپ قىلسا بۇلىۋىرىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى . ھەتتا كىشلەر «اقىت ئالتۇندىن قىممەت » دەپ تۇرسىمۇ قەلىبنىڭ ئىشىكى نادانلىق تەرىپىدىن پىچەتلىنىپ تاشلانغاچقا ، بۇ ئۇلۇغ ھۈكۈمنىڭ تىگىگە يېتەلمەيدىقان بۇلۇپ قالدى . شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ھاياتى دەۋرىي ھالدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىقان ئۆمۈر ئىسراپچىلىقىغا ئايلىنىپ كەتتى . شۇنداق كىشلەرمۇ باركى ، ئۇلار ئۆلگەن ھامان باشقىلارنىڭ ئېسىدىن كۈتۈرۈلۈپ كەتتى . بەزىلەرنىڭ ھاياتى يوقلىما قىلىنغاندىلا ئەسلەندى . ئۇلارنىڭ رۇلى بولمىدى دىيەلمەيمىز . دەۋىر شۇلارنىڭ قۇلى ئارقىلىق ئەجداتتىن ئەۋلاتقا كۆشتى . [C#pMLp,~  
ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق نەسلىنى ئۇلاش پونكىتى بۇلۇش ئۈچۈنلىمۇ ؟ Fs~-exY1  
بۇنداق غايەت زور دەرىجىدىكى ئىسراپچىلىقنىڭ زىيىنى زادى كىمگە ؟ u- 
ۋاقىت بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئېتىبارسىز قالغانسىرى ۋاقىتنىڭ بەركىتى قالمىدى . +d15a%^`  
شۇ سەۋەبدىن تىلىمىزدا ۋاقىت ھەققىدە «ھەش- پەش دىگۈچە نەچچە يىل ئۈتۈپ كەتتى »، « كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ساقلىم تىزىمغا چۈشتى » دىگەندەك مەجەزلار پەيدا بولدى . ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقتىمىز شۇنچە ئاستا ئۆتكەندەك تۇيۇلدىغان ، ئەمما قاراپ باقسا ، ئۆمۈرنىڭ بەركىتى يوق ھالغا كېلىپ قالدى . a+Nd%hoe  
ۋاقىت قەدىرسىز يەردە ۋاقىت كۈنلەپ ئايلاپ ھېسابلانسا ، قەدىرلىك يەردە مىنۇت ، سىكىنۇتلاپ ھېسابلىندۇ . ۋاقىت قەدىرسىز يەردە بىر سائەت ۋاقىت ھەش – پەش دىگۈچە مەنىسىز ئۈتۈپ كەتسە قەدىرلىندىغان يەردە مىنۇت – سىكىنۇت ۋاقىتمۇ قەدىرلىك ئۈتىدۇ . ئۇخلىغاندا نەچچە سائەت ۋاقىت بىر دەمدىلا ئۈتۈپ كەتكەندەك تۇيۇلسا ، تەنتەربىيە مەيدانىدا ، كەسكىنمۇسابىقىلەردە نەچچە سىكۇنىت ۋاقىت ئادەمنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ – مۇجۇپ چىكىلدايدۇ . شۇڭا ، چوڭلار « ئۇيقۇ ئۈلۈم بىلەن تەڭ دەيدۇ » . ۋاقىتنىڭ قىزىق يىرى ئادەمكۈتكەندە بەك ئاستىلىشىپ كېتىدۇ . كۈتۈش قەريانىدا ئادەم ۋاقىتنىڭ ۋەزنىنى ئەڭ ياخشى ھىس قىلىدۇ . كۈتۈش جەريانىدىكى بىكارچىلىق ئادەمنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويغىلى تاسلا قالىدۇ . بۇ چاغدىكى ۋاقىت ئىجادسىز ئۆتكەچكە ئاستا بىلىنسە كېرەك . )FCqYCfk  
بىكارچىلىق ئاقسۈڭەكلىكمۇ ؟ نۇرغۇن بىكار ۋاقتى بۇلۇش بەختمۇ ؟ ئەمىليەتتە بىكار بۇلۇپ قېلىش ھەقىقى تۈرمە . نىمە ئۈچۈن قانۇننىڭ ئىنسانغا بىرىدىغان ئەڭ چوڭ جازاسى ، جەرمانە مال -مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش بولماي تۈرمىگە سۇلاش . ئۆلتۈرۈش بۇلۇدۇ ؟چۈنكى تۈرمىگە سۇلاش ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك ۋاقىتىنى ئىشلىتىش ھۇقۇقىنى تارتىۋېلىپ ، جازالاش . `_ L|I s=n  
ئەمىليەتتە بىكارچىلىق ماھىيەتتە ئاقسۈڭەكلىك ، بەخىت ئەمەس جىنايەت ،گۇناھتۇر . بىكار ۋاقىتلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرگەن كىشلەر ئەمىليەتتە ئۆز تەغدىرىنىڭ جىنايەتچىلىرى ، ئۆز غەزىنىسىنىڭ خىيانەتچىلىرى . ۋاقىت ئېڭىنىڭ تاينى يوق ھەممە يەرگە كېچىكىپ بارىدىغان كىشلەر ئەمىليەتتە ئۆز بەختىگە ئۆز ئامىتىگە كىچىككۈچىلەردۇر . ئۆز ئۆمرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىسراپ قىلىۋاتقۇچىلار ئۆز ئۆمرىگە ئۈلۈم جازاسى بەرگۈچىلەردۇر . lD X H 
«ئىجادى شېئىرىمنىڭ ئىز – تامغىسى بار ، x]M1UBnMN  
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا .» &0TheY;srf  
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۆز ئۆمرىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىدىن ئەنە شۇنداق پەخىرلىنىدۇ .ئەمىليەتتىمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ 100ياش ئۆمۈر كۆرمىگەن بولسىمۇ ، 22ياشلىق ئۆمرىدە ھەقىقى ياشاپ100ياشقا كىرگۈچىلەرنىڭ ئۆمرىنى داغدا قويدى . Sy55w={  
ۋاقىتمۇ ماھىيەتتە بىر ئەينەك بۇ ئەينەكتىن مىللەت روھىغا نەزەر تاشلاش مۈمكىن . ئۈزى 21-ئەسىردە تەپەككۈرى ئوتتۇرا ئەسىردە تۇتۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت ئالدىدىكى گاڭگىرىشى ئۆمۈرنىڭ يەنە بىر تىراگىدىيىسى ، ئەلۋەتتە . بىز باغاققا ئۈرۈمچى ۋاقتى تۆتكە يېزىلىپ ، يەتتىدە باشلىندىغان تويلاردا ئۈزىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئىسراپ قىلىدىغان جىنايەتچى ئىكەنلىگىمىزدىن نۇمۇس قىلىپ ئازابلانغاندا ،تويغا كەلگەن 400- 500 ئادەمنىڭ ئۈچ سائەت ۋاقتى بىكارغا كەتسە ، مۇشۇ ۋاقىت جەملەنسە بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقتى بىكار كېتىدىغانلىقنى ھىسابلىماق ئاسان ، تىلىمىز بىلەن ھەركىتىمىز بىر -بىرىگە خىيانەت قىلماييدىغان بولغاندا داۋاملىشۋاتقان بۇ ئۆمۈر تىراگىدىيىسنى ئاخىرلاشمايدۇ ،دىيەلمەيمىز . چۈنكى ، تاڭ ئاتمايدىقان كېچە تارقىمايدىقان سورۇن بولمايدۇ . ئەمما تاڭ ئېتىشقا سورۇننىڭ تارقىلىشىغا تۈرىتكە بۇلىدىغىنى ۋاقىت ئەمەس ، جىسىملارنىڭ ھەركىتى ، بۇقانۇنيەتنى بىز قاچانمۇ چۈشىنەرمىز ؟ pq`MO .R  
http://yashlar.com/uy/read.php?tid=481 2;tp>,G9d  
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئۇيغۇرچە ۋاقىت ئۇيغۇر روھىنىڭ ئەينىكىمۇ؟,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(padixah) ياخشى تىما د ..
  • مۇنبەر پۇلى:+200(تەكلىماكان) شۇنداق ياخشى ..
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى Misranim تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-09, 04:08
    ...مەن بۈگۈن ئۇلارغا ياشاش،ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كوچىلاردا ئىككى پۇتى بىلەن مېڭىپ،ئىككى قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ،ئىككى قولى بىلەن ئەمگەك قىلىۋاتقانلارنىڭ شائىر ئىكەنلىكىنى دەپ قويماقچى...            _غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1766
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1075دانە
    ئۆسۈش: 4.89%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 1075
      ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4501 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 397(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-08-03

    قالتىس ئۆتكۈر يۈرگۈزۈلگەن تەپەككۇركەن، ۋاقىت ھەققدە ئەتىراپلىق ئويلىنىش راستىنلا بەكلا زۆرۇر. ~]Jfg$'  
    x$*OglaS  
    نادىرلايلى بۇ تېمىنى!
    The wolf , he used to be

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1579
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە596دانە
    ئۆسۈش: 2.71%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 596
      ياخشى باھا: 109 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4543 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 506(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-30
      كىرىشى: 2010-08-04

    ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى مەنىۋىيەت قاپلىرىنى تەشكەندە ، يەر شارىلىشىش قەدىمى تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھلارنى ئالتۇن ۋە قەغەز پۇلغا ھېرىسمەن قىلغاندا ، ماددىي قىسلىقتىن كېلىپ چىققان روھىي زەبۇنلۇق بىگىز بولۇپ ھورۇنلارنىڭ كاسىسىغا زەرب بىلەن ئۇرۇلغاندا ... بۇ ۋاقىتنىڭ سائەت سترىلكىلىرى چوقۇم باشقىدىن تەڭشىلىپ دۇنياۋىي رەۋىشكە قەدىمىنى توغرىلايدۇ . z#b6 a P  
    \uH;ng|m  
    كېسىپ ئېيتالايدىغىنىمىز ، شەرق ۋە غەرب ئارىسىدىكى دېڭىز يوللىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىشى ، قۇرۇقلۇق يولىدىكى بىزلا ئەمەس نۇرغۇن قەۋملەرنىڭ تېخىچە باياشاتلىق ئىچىدە مەستخۇش ياتقان روھىنى قۇمغا كۆمگەن . بۇ جۇغراپىيەلىك تەرەققىيات كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسە يەنە ئۆز يولى بىلەن ھەل بولىنىدۇكى ، پەقەت دۇنياۋىي ۋاقىتنىڭ قاچانلاردا تەكلىماكان ساھىللىرىغىچە ئومۇملىشىدىغانلىقىدىكى ۋاقىت مەسىلىسىلا قالدى .
    Messi , kaka , Forlan , c-ronaldo , Xavi , who is the winner ?

    دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2382
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە691دانە
    ئۆسۈش: 4.32%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 691
      ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1001 سوم
      تۆھپىسى: 0 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 387(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-10
      كىرىشى: 2010-07-19

    تورداشلىرىمنىڭ ئىسىل ئىنكاسىدىن ھۇزۇر ئالاي،تىما توغۇرلۇق ئىنكاس يىزىشقا ئاجىزلىق قىلمەن.
    دەقيانوس  پادىچىنىڭ پادىشاھ بولغانلىق رىۋا ..

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 53
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە692دانە
    ئۆسۈش: 3.15%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 692
      ياخشى باھا: 91 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3445 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 13(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-04

    ئۇيغۇرچە ۋاقىتنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت كىلىپ قالدى.
    تاپالمىدىم بۇگۇن ئۆزۇمنى
    كۆرەلمىگەچ يەنىلا سىنى

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2644
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە188دانە
    ئۆسۈش: 1.88%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 188
      ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3320 سوم
      تۆھپىسى: 6 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 481(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-13
      كىرىشى: 2010-08-04

    سائەتنىڭ سىترىلكىسى ھەر بىر جاننىڭ بوينىغا سىرتىماق بۇلۋاتقانلىقىنى چۈشىنپ يەتكەن  كىشلەر ، مىنۇت ۋاقىتىنىڭ بىكارغا ئۈتۈپ كەتكەنلىكىگە ئېچىنىپ، ئورنىنى تۇلۇقلاشقا ھەركەت قىلسا، نىھايەت بەزى  كىشلەر بىر كۈن ۋاقتىنى قانداق، نىمە ئشىلار بىلەن  ئۆتكۈزۈشنىڭ  كۇيىدا گاڭگىراپ يۈرۈيدۇ. =d 9%ce  
    يەنە بەزى كىشلەر ۋاقتىنىڭ قانداق ئۈتۈپ كىتۋاتقانلىقىنى، ئۈزىنىڭ قايسى دەۋىرگە كەلگەنلىكىنى ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ياراتقان نەتىنجە، ئېگەللىگەن ئىلىم بىلەن ئەمەس بەلكى تۈنۈگۈن تۇغۇلۇپ بۈگۈن ئېڭەككە تاقاشقان باللىرىغا، ئاقارغان ساقال-بۇرۇت، چۈشكەن قۇرۇقلارغا قاراپ ئاندىن ھىس قىلىشىدۇ. ئۆتكەن ئۆمۈرىگە ئۈكىنىدۇيۇ، قالغان ئۆمۈرىنى قانداق ئۆتكۈزۈشىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭدىن كۆرە:ئادەم ئۆمۈرىنىڭ غەيىپ بۇلۇشى،  بىر سىناق ھەم ھىكمەتتۇر. bR.T94-8y  
    @E1N9S?>  
      

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 62
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە99دانە
    ئۆسۈش: 4.95%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 99
      ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 801 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 54(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-04

    شۇنچىلىك ئېسىل يېزىلغان بىر ئەسەرگە قارتا،كىچىككىنە ۋاقتىنى چىقىرىپ،ئىنكاس  يېزىش،ئويلىنىش،ئۆز-ئۆزىگە قارتا پىكىر قىلىپ بېقىش ئۇياقتا تۇرسۇن،بۇنداق تىمىلارنى كۆرىدىغانغىمۇ ۋاقتى يوق ،ئالىقانداق باش-ئاخىرى يوق ئىشلارغا ئۆزىنى ئۇرغان ھەم ئۇرىۋاتقان بىچچارە بايقۇشلارنىڭ ھالىغا ۋاي...........................بۇنداقلارنىڭ ھالىنى 32چاقلىق ماشىنىمۇ تارتىپ بولالمايدۇ..................ئەگەر گەپ قىلىڭ دېسە 7ئىقلىمدىن گەپ باشلايدىغانلارنىڭ ۋەتەن،مىللەت،ئاتا-ئانا دېگەنلەرغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن،ئۆزۈم زادى قانداق؟ھالىم قانچىلىك؟زادى قاچانغىچە مۇشۇنداق ياشارمەن؟كىيىن بالا-چاقام قانداق قىلار دېگەنلەرنى ئويلىنىشقىمۇ ۋاقتى يوق ھەم ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇسى يوق ...........چۈنكى ئۇلار دېگەن بۇ نەچچە كۈنلۇك ئالەمدە تېخى ئەيىش-ئىشرەت،كەيىپ-ساپاغا ئىشلىرىنى ئەمدى باشلىغانلار تۇرسا.............ئىلگىرى ئۆتكەنلەر جېنىدا،دەسلەپ ئالدى-كەينىنى ئويلىماي باشلاپ قويۇپ،ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بولالماي،سەكراتقا چۈشكەندە،ئاندىن كىيىنكىلەرگە نەسىھەت قىلغان تۇرسا،بۇنداق نەسىھەت بىزلەردەك،ھەممىنى بىلمەي ئەمەس،ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىۋاتقان مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۈمۈد يۇلتۇزلىرىغا قانداقمۇ ئۆتسۈن..........................بىزلارمۇ ياشايدىغاننى ياشاپ بولۇپ، بىر پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلىغاندا،ئاندىن ئالدىنقىلار بىزلەرگە قالدۇرغان تەۋەرۈك نەسىھەتلىرىنى كىينكىلەرگە قالدۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قالىمىز دېگەنلەرنى كۆڭلىمىزگە پۈككەن بەندىلەرمىز........ P )`-cfg  
    B4|3@X0 (  
    ياشا ئوغلۇم مۇشۇنداق ھايات دېگەن مانا شۇ، } pA0mW9  
    ئۆز كۆڭلىڭنى خوش قىلساڭ رازى بولساڭ بولدى شۇ. )x]/b=m  
    مىللەت ۋەتەن كەلگۈسى دېگەنلەر ئۇ قۇرۇق گەپ، S#jE1EN  
    ئويناپ راسا قانغاندا تۆۋە قىلساڭ يېتەر شۇ. M}HGFN  
    تىما ئېگىسىگە: S-My6'ar  
    تىمىڭىزغا تەشۇككۇر دوستۇم ھەقىقەتەن ئېسل يېزىلغان ئەسەر ئىكەن.مۇشۇنداق ئادەمنى ئويغا سالىدىغان ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ................
    قىلغان ئىشتىن پۇشايمان قىلمايمەن دېيىش ، پۇشايمان ئىچىدىكى ئەڭ ئىلمىي پۇشايماندۇر.........

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2644
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە188دانە
    ئۆسۈش: 1.88%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 188
      ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3320 سوم
      تۆھپىسى: 6 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 481(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-13
      كىرىشى: 2010-08-04

    ما تىمنى شەخسەن مەن تەۋسىيە قىلىمەن، ئۇقۇپ بېقىڭلار.......... 7!F 
    ئۇندىن باشقا ماۋۇ ئاستىدىكى تىمىنىمۇ ئىنكاس يازمىساڭلارمۇ كۈرۈپ قۇيۇڭلار.  
    ` "Lk@  
    /read.php?tid=4774&page=2#62921
    [ بۇ يازما تەكلىماكان تەرپىدىن 2010-08-01 07:55 PM د ]
    تەنھالىقىم مەڭگۈ ماڭا ھەمراھ

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2281
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە177دانە
    ئۆسۈش: 2.53%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 177
      ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1170 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 490(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-03
      كىرىشى: 2010-08-04

     6(suygu-izlap)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس



    ئۇنداق بولسا سىزنىڭچە سىز دىگەن ئاشۇلار نىمىش قىلسا بولار؟
    ھازىرغىچە ئۆزەمنى تېخى تولۇق چۈشىنىپ باقمىدىم، شۇڭا بىرەر نەرسە دىيىشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى مەن توغرىلىق ئۆزىڭىز بىر نەرسە دەڭ...
    http://1274112606.qzone.qq.com  

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 62
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە99دانە
    ئۆسۈش: 4.95%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 99
      ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 801 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 54(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-04

     Re:6(suygu-izlap)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس



    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت tanha777 كە 2010-08-01 09:12 PMئەۋەتىلدى 6(suygu-izlap)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس : 'ALe>\WO  
    ئۇنداق بولسا سىزنىڭچە سىز دىگەن ئاشۇلار نىمىش قىلسا بولار؟ w1)SuMFK_  
    X?S LYm@v  
    دوستۇم سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرىشىمنى خالامسىز.................ئەگەر چۈشەنسىڭىز  مەن ئاللا بۇرۇن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرىپ بولدۇم...........ئۇنى قايتا تەكىتلىشىمنىڭ مېنىڭچە ھاجىتى يوق..........
    قىلغان ئىشتىن پۇشايمان قىلمايمەن دېيىش ، پۇشايمان ئىچىدىكى ئەڭ ئىلمىي پۇشايماندۇر.........
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما