ئىلتىجا
ئەي پەرۋەدىگارىم،قەلبى بۇلاق كەبى قىز ساڭا سېغىنىپ،تەڭداشسىز ھۆرمىتىڭگە ،تەشەككۈر ئېيتىپ ئىلتىجا قىلىدۇكى،جاھاندىكى غەيۋەت-شىكايەت، پىتنە-پاساتلىردىن شەيتاننىڭ ئازدۇرشىدىن ساقلىغىن.
دەرگاھىڭدا يەتتە دوزاخ سەككىز جەننىتى -مەئىشەت بەندىلىرىڭ ئۈچۈن تەقلەپ قۇيۇلغان،دۇزىخىڭدا كۆيىدېغان ئوتلىرىڭدىن ساقلاپ ،سەككىز جەننەتنىڭ راھىتى ئاسايىشلىقىدىن بەھرىمان قىلغىن.
ئەي پەرۋەردىگارىم ،سىنىڭ قېشىڭغا بارغۇچە قەلبىمنى ئىمان نۇرى بىلەن بىزەپ ،سۈپ-سۈزۈك بۇلاق سۈيىدەك ،ئاپپاق قاردەك پاك دىنايەتلىك قىلىپ ناپاك يوللاردىن ساقلىغىن.
ئەي پەرۋەردىگارىم،ئاھۇ زارىمغا قۇلاق سېلىپ ھايات يۇلۇمدىكى،شۇم بۇيلارنى ئېلۋەتكىن.،بەخىت ۋە بەخىتسىزلىككە-تۇرمۇش دۇلقۇنلىرنىڭ مىنى قىرغاققا ئۇرۇپ چىقىرۋەتمەسلىكى ئۈچۈن،تۇرمۇش دولقۇنلىرىڭ ھەر قېتىملىق قاتتىق ئۇرۇلغان دەششەتلىك ھەيۋىستىن،جاسارەت قەيسەرلىك بېغىشلاپ پاختىنىڭ ئېچىدە ساقلىغاندەك ساقلىغىن.
ئەي پەرۋەردىگارىم،بەخىت قۇلى قوللۇرۇمنى چىڭ سىققاندا ،مىنى مۇبارەكلەپ ئەجرىمگە بەرگەن جاۋاپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.بەخىتسىزلىك قوللىرىنىڭ سىلكىشى مېنىڭ بەخىت ئىچىدە خۇدۇمنى يۇقاتماسلىقىم ئۈچۈن بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمەن.
ئەي پەرۋەر دىگارىم،ئۈمۈدسىزلىك يۈرىكىمگە ئولاشقان ئايرىلىش ئازابى تاتقان چېغىمدا ماڭا تاتلىق قاراپ كۈلگىن،باغرىڭنى ئېچىپ بارچە مىھرىڭ كەڭ قوللىقىڭ بىلەن مىنى پەپىلىگىن.
مەن ساڭا پاك قەلبىم بىلەن مۇھەببەت شارابى بىرىشنى ئېيتقاندا،سەن ئۇنىڭ يوللىرنى ماڭا پاكلىق ھايالىق ئىچىدە،قەلبىمنى چوغدەك ئوتتا كۆيدۈرمەي بەرگىن، ساڭا ئىتقات-ئىمان بىرىشنى ئىلتىجا قىلغان چېغىمدا، قەلبىمگە چەكسىز نۇر كەبى ئىتقات ئىمان بەرگىن. دىلىم بۇ شاتلىقىڭدىن يايراپ ھەر بىر كۈنۈم ساڭا سېغىنىش بىلەن ئۆتسۇن.
ئەي پەرۋەردىگارىم،كۆڭۈل قۇشۇمنى گۈلۈستانلاردا پەرۋاز قىلدۇر،پۈتۈن جىسمىمنى گۈل شاخلىردىن،قەلبىمنى گۈل ياپراقلىردىن قىلغىن،قەلبىم گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرسۇن.
ئىلتىجا قىلدىم پاك قەلبىمدىن،
ئاللا ساڭا چەكسىز سېغىنىپ.
ھايات يۇلىمنى داغدام قىلغىن،
دۈشمەنلىرىمنى دوستۇم قىلىپ.
ھايات يۇلى پايانسىزيولكەن،
شۇم بۇيتىكەن ئۈنۈپ تۇردېغان.
نەتىجە قازانسا بىرى ئەگەر،
بار ئارقىدىن تىغ ئۇرۇيدېغان.
ئىلتىجا قىلدىم پاك قەلبىمدىن،
قەلبىمگە ئىمان-ئىتقات تىلەپ.
بەرگىن ئاللاچەكسىز مىھرىڭنى،
ھەرقەدەمدە مىنى يىتەكلەپ.
مەنبە قەلىمىم