مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى ئۈرۈمچىنىڭ ئاسمىنىدا ھاۋا يوق،
ھەر تىنىقتا ئىس سۈمۈرەر ئاق تاملار.
دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقىمۇ ھۆتىلەر،
ئۈرۈمچىدە ھەممە تەل ، كەم پاك تاغلار.
ئېرىقى بار، تاغدىن كەلگەن سۈيى يوق،
دەرىخى بار،شېخىدا قۇش كۈيى يوق.
ئادىمى بار سانجاق- سانجاق ئالدىراش،
بىر-بىرىگە قاراشقۇدەك كۆزى يوق.
مەغرۇر تاغلار قاپتۇ يادەك مۈكچىيىپ،
بىنالارغا بويى يەتمەي ئۈمچىيىپ.
ئاخشاملىرى باقىدىكەن يۇلتۇزلار،
ئالا-يىشىل چىراقلارغا چۆمچىيىپ.
قاي كوچىغا كىرسە قايناق تىجارەت،
ھاجەتمەننىڭ تىلىكى دەل ئىجاۋەت.
خوتۇن-بالا پىراقىنى دىمىسە،
مۇساپىرمۇ سۈرىدىكەن ھالاۋەت.
ئېتىزى يوق، بىدە بالدۇر رەستىدە،
ئورمىنى يوق، مېۋە مول قىش پەسلىدە.
ئۇنى دەيمىز ، بۇنى دەيمىز، ۋە لىكىن_
قايناق ھايات شۇ ئىكەنغۇ ئەسلىدە.
مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى
ئاپتورى ؛ ئابدۇقادىر مەتسىدىق.