مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2539 
  •    ئىنكاس 
       61 

ئۇنتۇلغان تېما: چالا قالغان بالىلىق

قەۋەت ئاتلاش
menggutash
دەرىجە:ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.29549

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   54 

 نادىرلانغان تېمىسى:   13 

 مۇنبەر پۇلى:   33614 (سوم)
 ياخشى باھا:   305 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   509  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2527
 سائەت
دەرىجىسى:
2527 سائەت 223 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-08
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
— تېما باشقۇرغۇچى خوك تەرپىدىن نادىرلاندى. (2011-04-23) —

 مەنبەسى: ئۆز قەلىمىم S&]<;N_B  
DLVs>?Y  
y"L`bl A9}  
«تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا «بالىلار چوڭ بولىۋېرىدۇ. بىراق، <تارىم غۇنچىلىرى> مەڭگۈ بىر بالا.» دېگەن جۈملە بار ئىكەن. بۇ جۈملە خىيالىمنى ئۆتكەن يىلى تەھرىر بۆلۈمىمىزگە «ئادەم قانداق ياشىشى كېرەك؟» تېمىلىق ماقالىنى ئېلىپ كەلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تەرەپكە باشلىدى. شۇ چاغدا ئانىسى تامىقىنى ئالدىغا ئەپكېلىپ بەرمىسە ئوڭلاپ يېيەلمەيدىغان بىر گۆدەكنىڭ ياشاش ھەققىدە چوڭلارچە پىكىر قىلىشىدىن چۆچۈگەن ھەم بالىلىرىمىزنىڭ ساپ ئەقلىگە، تەبئىي ئىدراكى بىلەن چوڭ بولۇشىغا توسقۇن بولغان مائارىپىمىزنىڭ بۇ قۇربانلىق قوزىسىغا ئېچىنغان ئىدىم. ff./DMDafI  
پىچاقنىڭ ئورنىغا چاقىرغۇ ۋە يانفۇن، بۆرە ئوشۇقى، يولۋاس چىشىدىن قىلىنغان مونچاقنىڭ ئورنىغا بولاپكا، مېدالىئون ئالماشقان بۈگۈنكىجەمئىيەت يېڭىدىن يېڭى ئىجادىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكتە. 02#Iip3t  
شۈبھىسىزكى، شەخسنىڭ رولىغا ئانچە ئېتىبار بېرىلمەيدىغان جەمئىيىتىمىزدە زاكىسىدىلا قېرىپ كەتكەن، مومايلاردەك سۆزلەيدىغان بالىلار كۆپەيگىلى تۇردى. ئاتا- ئانا بولغۇچىلار ئۆز ئەقلى بىلەن چوڭ بولمايۋاتقان پارنىك دەۋرىنىڭ بۇ «مەھسۇلات»لىرىدىن پەخىرلەنمەكتە. ۋاھالەنكى، دەز چوڭايماقتا. بىز ئەنگۈشتەر بىلگەن ساپلىق، مېھىر، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۆپنىڭ تەقدىرىگە يىغلاپ ئۆپكىسى بىلەن نېرۋىسىدىن كېتىۋاتقان ئاز بىر قىسىم ئادەملىرىمىزدىلا قالدى. بىز شۇ تاپتا پىگورىسىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىۋاتقان مودىكەش ئۇيغۇر قىزىدىن نۇزۇكنىڭ كىملىكىنى، بوينىغا قۇيما ئالتۇن زەنجىر ئاسقان، چېچىنى ئۈچ خىل رەڭدە بويىغان قوي كۆزلۈك ئۇيغۇر يىگىتتىن ئۆمەر باتۇر، ياچىبەگنىڭ كىملىكىنى سوراشتىن قورقىمىز. ھەممىلا نەرسىنى تەل قىلغان جەمئىيەت ساددىلىق ، ئىشەنچ، چىن سۆيگۈنى قايتۇرۇپ كېلەلمىدى. كىشىلەر رېستۇرانلاردىن، تۈگىمەس ھاراق، غەيۋەت سورۇنلىرىدىن، قاراڭغۇ خالتا كوچىلاردىن ھېچقانچە ئۈمىدكە ئېرىشەلمىدى. خۇددى يۇقىرىقىدەك ئەمدىلا ئايىغى چىققان بالىلىرىمىزمۇ بۆشۈكتە يېتىپ دۇنيانى كۆزلەيدىغان، چۆلدە ئولتۇرۇپ دېڭىزنى كۆزلەيدىغان ھالدا ئۆسۈپ يېتىلمەكتە. يۇقىرىقى پاجىئەلەر، بولۇپمۇ سەبىيلەر پاجىئەسى، يىلتىزىنى يوقىتىش پاجىئەسىنى ئەدەبىياتىمىز قانچىلىك دەرىجىدە يورۇتالىدى؟ بالىلىرىمىزدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان تەبئىي تۇيغۇ، ئاتا- ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئارىسىدا شەكىللىنىۋاتقان كۆرۈنمەس يېرىقلارنى، ئۆلىۋاتقان بالىلىق روھنى ئەدەبىياتىمىز قايسى شەكىلدە ئىپادىلىشى كېرەك؟ بۇ ئەلۋەتتە ئەدىبلىرىمىزدىكى پاكىزە قەلب، تەخىرسىز روھقا باغلىق. بىز ھازىرغا قەدەر مىللىتىمىزنىڭ كېلەچەك ۋارىسلىرى، قاننى ئۇلىغۇچى سۆيۈملۈك بالىلىرىمىزغا مەنىۋى ئوزۇق بەرگۈچى بالىلار ئەدەبىياتىغا سەل قاراپ كەلدۇق. بۇ سەل قاراش ھەممەيلەن بىر خالتا كوچىغا تىقىلىۋېلىشتا ئىپادىلەندى. 3=|2Gs?ut  
ئابلىكىم ھەسەن، جاسارەت جاپپار، پەرھات ئىلياس، زامانىدىن پاكزات، ئەخمەتجان قۇربان سابىرىلار گەرچە بالىلار ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان، بىر تۈركۈم يىرىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، بىر ئىزدا توختاپ قالغان بۇ قېيىقنى ئالغا سىلجىتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمىي ھاۋاسىغا نىسبەتەن بۇ نەتىجىلەر تولىمۇ كىچىك سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. بىر قانچە يازغۇچىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى نەچچە مىليون پەرزەنتنىڭ قەلب ئېتىزىنى سۇغۇرۇشقا تولىمۇ، تولىمۇ كەملىك قىلىدۇ. گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلار ئەدەبىياتى ھەۋەسكارلىرى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە يېڭى پىكىر، تەسەۋۋۇر بوشلۇقى كەم. لاۋزا، سۈنئىي توقۇلمىلار بىلەن «ياۋاش، يۇمشاق » بالىلارنى، ئاتالمىش ئەدەبلىك يېڭى ئەۋلادلارنى تەربىيلەشتە دەستۇر بولغۇدەك نەرسىلەرنى تۆكمە قىلىۋاتقانلار يەنىلا كۆپ. b 
ئىگىلىشىمچە، مەلۇم يەسلىدە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلاركىم بالدۇر ھەم ئۇزاق ئۇخلىسا شۇنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق بالىلارنى قىزىقتۇرۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەجداد ئۇيقۇسى يەتمىگەندەك شوخ تەبئىيلىك بۇخسۇپ تۇرغان بۇ يۈرەك پارىلىرىمىزمۇ ئۇخلاش چىمپىيونى بولۇشقا تىرىشىدىغان بوپتۇ. سىنىپتا سۇئال سورىسا «ئوقۇتقۇچۇڭغا ئېغىز غېرىچلىدىڭ، گېپى تولا»، دەپ ئىجادىي تەپەككۈرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشقا تەييار تۇرىدىغان، كونا قېلىپ، ئۆلۈك فورمۇلا بويىچە تەربىيىلەش نەتىجىسىدە جان جەھلى بىلەن لېي فېڭ، لەينىڭسىمان بولۇشقا تىرىشىدىغان، ئۆزى بولۇشقا تىرىشمايدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئۆسۈپ يېتىلمەكتە. مۇشۇ خىلدىكى تەربىيە مۇھىتىدا چوڭ بولغان بالىلىرىمىزنىڭ يازغان يازمىلىرىمۇ ياخشى ئادەم بولۇش ھەققىدىكى ۋەدىنامىلەر بىلەن تولغان، ئايىقى يىرتىلىپ كەتكەن دوستىغا ئاياغ ئېلىپ بېرىپ دوستلۇق مېھرىنى يەتكۈزگەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئىجادىي روھتىن، تەبئىي تۇيغۇدىن كۆرە يۈزەكى ھادىسىنى تەكىتلەيدىغان نەرسىلەر بولىۋاتىدۇ. }cK~=@7tK  
يېڭى بىر ئەۋلادتا روھى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنىڭ باشقا ھەرقانداق چاغدىكىدىن ئېغىر بولىدىغانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. كۆرۈنمەس تەنھالىق مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچىيىپ، يۇمران قەلبلەرگە ئۇۋا ياسىماقتا. يالغۇز پەرزەنتلەر ئەركىلەش ھەم ئەركىلىتىش ئاساس قىلىنغان يۇمشاق قەپەزدە نايناق، ناجىنىس خاراكتىر ئۆزگىچىلىكىنى يېتىلدۈرۈپ، قارىماققا ئوماق، ئەمما ئىچىمىزنى ئۆرتەيدىغان تاشلاندۇق قونچاقلارغا، چىرايلىق پىستە كۈچۈكلىرىگە ئايلانماقتا. ياسىداق ئۆيلەردە ئەنئەنە، يىلتىز ھەققىدە تېرىقچىلىك نەرسە بىلمەي، شاكىلاتنىڭ ئەڭ يېڭى ماركىلىقىنى ئىككىلەنمەي ئېيتىپ بېرەلەيدىغان، سۇنۋۇكۇڭدىن ئىبارەت مايمۇننى مەبۇد قىلىۋېلىشقان، مۈشۈك ۋە يىلانلارنى تېلۋىزور ۋە كىتابلاردىلا كۆرۈپ، سۇلياۋ قونچاقلار ئىچىدە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىۋاتقان بالىلار كىمنىڭ بالىلىرى؟! بىزنىڭ، ئۇيغۇرنىڭ! pW--^aHu  
ئەمەلىيەتتە، «ئېشىمدا يوق پۇرچاق پوقۇمدا نېمە ئىش قىلسۇن؟» دېگەندەك ئۆزىمىزدىكى يىگانىلىق، بىچارىلىكمۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭكىدىن كەم ئەمەس ئىدى. n ,:.]3v%  
مانا بۇلار تېخى ھېچكىمنىڭ نەزەرى چۈشمەيۋاتقان، ئاخىرقى ھېسابتا بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا چېتىلىدىغان تېمىلار. X<}o> 6|d  
مەن بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئاشۇ خىلۋەت سەھرالاردىمۇ ئومۇمىي بىر چۈشكۈنلۈكنىڭ ھۆكۈم سۈرىۋاتقانلىقىنى، بالىلىرىمىزنىڭمۇ «ئاقتاش، كۆكتاش»لارنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگە چوڭقۇر مەنە ھەم تېپىشماقلارنى مۇجەسسەملىگەن سۆز ئويۇنلىرىنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، چانا تېيىلىش، چالما ئېتىشىش، رەگەتكە ئېتىش قاتارلىق قاراملىق تەلەپ قىلىدىغان، يۈرەكنى تاۋلايدىغان ئېسىل ئويۇنلارنىڭ نەسلى قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۆچەكچى مومىلىرىمىزمۇ كېسەل دەستىدىن قىيسىيىپ قاپتۇ. ئاشۇ چۆچەك ئاڭلايدىغان تاغىل مۈشۈكلەر، نامرات ئەمما ئەقىللىق بالىلارنى، ئېسىل چۆچەكلىرىمىزنى چاشقان يەپ كەتكەن ئوخشايدۇ. كەسلەنچۈكلەرنىڭ قۇيرۇقىنى چاتالىغۇدەك بالىلارمۇ كەمدىن – كەم قاپتۇ. بالىلار «ئاق كەپتىرىم موللاقچى، مېنىڭ ئاكام چاقچاقچى، ئاۋۇ قىزنى ئالماقچى»، «ئاجرىشىڭلار ئاتا- ئانىلار، كونىراپ قالدى خوتۇن بالىلار.» دەپ ناخشا ئېيتىشىدىغان، قولىدىكى ناننى باشقىلار تارتىۋالسا ھىجىيىپ تۇرىدىغان كىچىك ماڭقۇرتلارغا ئايلىنىشقا باشلاپتۇ. ئىچ- ئىچىمدىن ئاچچىق يىغا ئۆرلەپ چىقتى. ئىچىمدە «ئېسىت، مۇشۇ بالىلار كېيىن پۇچۇق ناننى تاپالارمۇ؟»دېگۈم كەلدى. چۈنكى، ئۇلارنى باشقىلار ئۇرىۋالسا دادىسى بېرىپ ئۇرۇپ بېرىدىكەن. يىقىلسا ئانىسى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويىدىكەن. بۇ بالىلاردىن 17 يېشىدىلا فىرانسىيىنى قۇتقۇزۇشقا كۆكرەك كېرىپ چىققان ۋەتەنپەر، قەھرىمان قىز جېننى دارك، تىزى بارلارنى تىزلاندۇرغان، بېشى بارلارنى باش ئەگدۈرگەن باتۇر تۇنيۇقۇقلارنىڭ چىقالىشىدىن ئۈمىدسىزلەندىم. >g"M.gW  
كىچىكىمدە ئوماق قوي- قوزىلىرىمنى ھەيدەپ چەكسىز جاڭگالغا يول ئالاتتىم. تەكلىماكانغا تومۇرداش بۇ زىمىندىكى شالاڭ قۇمۇشلۇقلاردا ئاندا ساندا ئۇچراپ قالىدىغان ياۋا توشقانلار، كىرپىلەر، يىلانلار ئادەمدە چەكسىز ۋەھىمە ۋە ھاياجان پەيدا قىلاتتى. قوي بېقىپ يۈرۈپ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. دەرۋەقە، چۆچەكلەر بىر دۇنيا ئىدى. تۆمۈردىن ھاسا، كەش ياساپ، ھاسا ئۇپراپ يىڭنىدەك، تۆمۈر كەش قەغەزدەك قالغاندا جۈپتىنى تاپىدىغان تەۋەككۈلچىلەر، ئاچكۆز باينى باپلىغان چېچەن تازلار، ئاجايىپ خەتەرلىك سىناقلار، چىگىش تېپىشماقلار ئارقىلىق ئەركەكنىڭ ئەركىكىنى سىناپ ئۆزىگە جۈپ قىلغان مەلىكىلەر، بىر كالپۇكىدا ئاسماننى، يەنە بىرى بىلەن زىمىننى سۈپۈرىدىغان يەئجۈجى، تۇخۇم ئىچىگە بەند قىلىنغان ئالۋاستىنىڭ جېنى، ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان خىزىر بوۋايلار مېنى تولىمۇ ھاياجانغا سالغان ئىدى. بالىلىق تەسەۋۋۇر ۋە تۇيغۇغا تويۇنغان بۇ چۆچەكلەر بىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئوقۇشىمىزغا، پەرزەنت تەربىيلىشىمىزگە كەڭتاشا يېتىدۇ. r{2].31'  
تەبىئەتتىن ئىبارەت بۇ كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچىلا بىزگە ئادەملىك، ھەقىقەتنىڭ ، ساپلىقنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇرالايتتى. ئەپسۇس، بىز تەبىئەتنىڭ قۇچىقىغا ئەمەس، تەبىئەت بىزنىڭ قۇچىقىمىزغا بەنت بولۇپ قالدى. كۈندىن كۈنگە بۇزۇلىۋاتقان ئېكوئولوگىيىلىك مۇھىت، نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ھايۋانلار، شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان نوپۇس، بۇزۇلغان ئېكوئولوگىيىلىك ھاۋا بىلەن ماس ھالدا بۇزۇلىۋاتقان،ئۆزگىرىۋاتقان ئىنسان تەبىئىتى...مانا بۇلار تەبىئەتنىڭ بىزگە بەرگەن تۇنجى ئاگاھلاندۇرۇشى. شەھەرلەردىكى نەچچە مىليونلاپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىۋاتقان زاۋۇتلار چىقارغان چىقىرىندىلار، زەھەرلىك گازلار ئەڭ ساپ ۋە ئەڭ جىلۋىگەر تەبىئەت ئانىغا ئاپەت خاراكتېرلىق تەھدىت ئېلىپ كەلدى. ئەركىن قۇشلارنى قەپەزگە سولىۋېلىپ ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق نالىسىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان بىز بۇ نۇقتىنى تېخىچە ھېس قىلالمىدۇق. ئورمانلارنى قالايمىقان نابۇت قىلىش سەۋەبىدىن ئاندا -ساندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان رەڭگى قارىداپ كەتكەن قۇچقاچلارنى كۆرۈشمۇ بۈگۈنكى كۈندە تەسلىشىپ قالدى. u}LX,B-n(  
سۆيۈملۈك پارىلىرىمىز تەبىئەتنىڭ قۇچىقىدا ئەمەس، ئويۇنچۇق ئايرۇپىلان ، سۇلياۋ قۇچقاچ، سۇلياۋ مىلتىقلارنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلمەكتە. ساختا تەبىئەت قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئۆزىمۇ ھەققانىيەتچىل ،قەيسەر بولۇپ يېتىلەلمەيدۇ. DEQE7.]3q  
قوزىلارنىڭ قىيغېتىشلىرى، مۆلدۈرلەپ تۇرغان سەمىمىي كۆزلىرى، ئايەت ئوقۇيدىغان قارلىغاچلار ، يانتاقلىقلاردا يۈگۈرۈپ ئاياغلىرىمىز تىلىنىپ كەتسىمۇ ئوينايدىغان ئويۇنلار، ئاقكۆڭۈل ، ساپ سەھرالىق دوستلىرىم ماڭا ئادىمىيلىكنىڭ تۇنجى مەنىسىنى بىلدۈرگەن، تەپەككۈرۈمنىڭ تۇنجى يولىنى ئاچقانئىدى. شۇڭا ھەر قېتىم سەھرايىمغا بارغىنىمدا ئېغىلدىكى قوزىلارنى قۇچىقىمغا بېسىپ پۇراپ قانمايمەن. مەھەللىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆلنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ چۆچەكچى پاقىلارنىڭ تىنىمسىز كۇرۇلداشلىرىغا جىمجىت قۇلاق سالىمەن. دادام بىلەن قوغۇنلۇقتىكى ئالچۇقتا قوغۇن ساقلاپ چېكەتكىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنى ئاڭلىغان، دوستىلىرىم بىلەن جىن -ئالۋاستىلار ھەققىدىكى قورقۇنچلۇق پاراڭلارنى سېلىشىپ ئۆيگە قايتالماي قالغان كەچلەرنى ،ئوغرىلىنىپ كېتىپ بىر يىلدىن كېيىن يىراق بىر جايدىن قايتىپ كېلىپ بوسۇغىمىز تۈۋىدە ئۆلۈپ قالغان سادىق مۈشۈكىمىزنى ئەسلەيمەن. FJ(B]n[>  
مانا بۇلار ھەر بىر ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىنى ھاياجانغا سالالايدىغان، تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدىغان، قىلچىمۇ ساختىلىق بولمىغان ساپ تەبىئەتتۇر. ئاددىي بولسىمۇ ھېكمەتكە باي، نامرات بولسىمۇ ئەقىدىگە باي دۇنيادۇر. oBNX8%5w  
ھەر قېتىم ئاشۇ ئاسمىنى كەڭ مەھەللەمگە بارغىنىمدە جانغا ئارام ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەچ بالىلىق چېغىمدا ماڭغان كوچا، ياماشقان ئۈجمە دەرەخلىرىدىن ئىزلىرىمنى، بالىلىق دەۋرگە خاس بولغان كارتىنلارنى ئىزدەيمەن. ھەم ئاشۇ يېزىلاردىكى ئۆز ئويۇنىنىمۇ تاپالماي vcd دىكى يېشىغا ماس كەلمىگەن ناخشا، كۆرۈنۈشلەرگە ھاڭۋېقىپ قاراپ ئولتۇرغان بالىلارغا ئېچىنىش ئىلكىدە نەزەر سالىمەن. كىچىك ۋاقتىمدا تەڭدىمەت دوستلار بىلەن بىرگە ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمىز بولۇپلا قالماي ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلىرىمىزنىمۇ پۈتۈنلەي ئۆزىمىز ياسىۋالاتتۇق. (ئويۇنچۇق سېتىۋېلىشقا ئىقتىسادىمىزمۇ يار بەرمەيتتى). گېزىت - كىتاب قەغەزلىرىنى شىلىم، چىغلار بىلەن يەملەپ قۇراشتۇرۇپ ياسىۋالغان لەگلەكلىرىمىز كۆكتە قۇشلار بىلەن ئورۇن تالىشىپ پەرۋاز قىلسا، تېگىگە پىچاقنى سىلىقلاپ ياسىغان تاق پىچاقلىق چانىلاردا چەكسىز سايلىقتا توڭلىغان نەچچە كىلومېتىرلىق مۇزلاردا ماھىر چاڭغىچىلاردەك ماھارەت كۆرسىتەتتۇق. يازدا كۆل ئىچىگە بوي سۇنۇپ ئۆسكەن تاللارنىڭ 6 - 7 مېتىرلىق جايلىرىدىن سۇغا سەكرەيتتۇق. سىر قۇتىسىغا تارتىۋالغان تارلارنى تىرىڭشىتىپ مۇزىكا چىقراتتۇق. قىسقىسى ئوينايمىز دېسەك ئويۇن، ئويۇنچۇقلىرىمىز، خۇشاللىقلىرىمىز كەم ئەمەس ئىدى. شۇ ئويۇنچۇقلارنى ياساش جەريانىدا كوپىنچە بالىلار تەبىئىيلار ماھىر كىچىك ھۇنەرۋەنلەرگە ئايلىنىپ بولاتتى. بىراق ئەسلىمە دېڭىزىدىن قۇتۇلۇپ رىئاللىققا، ئەتراپىمغا باققىنىمدا كۆڭلۇمنى ئىختىيارسىز غەشلىك قاپلايدۇ. بالىلىرىمىز ئويۇنچۇق دۇنياسىدا ياشاۋاتىدۇ. ئازراقلا قەغىشلىق قىلسا ،شاراقشىتىپ تۇرغان ئاقچىنى يانچۇقتىن چىقارسىلا ئالدىغا ئويۇنچۇق تەييار بولىدۇ. ئېغىزىدىن رامبو، خەيمەننى چۇشۇرمەيدۇ.لېكىن ئەمەلىيەتتە كېيىنلىكتە قارىسىڭىز، داۋۇت ئوبۇلقاسىمنىڭ ئېيتقىنىدەك «ئېشەككە ئوڭلاپ قوزۇق ئۇشلىيالمايدۇ». بالىلىرىمىزغا «يېمىگەننى يېدۈردۈم، كەيمىگەننى كەيدۈردۈم» دەپ كىچىكىدىنلا قۇرۇق سۆلەتۋازلىق تەربىيىسىنى بەرمەي ئاددىي - ساددىلىقنى، ئۆزى قول سېلىپ ياسىغان نەرسىلەردىن ئېرىشكەن خۇشاللىققا سېتىۋالغان ئويۇنچۇقلار بەرگەن خۇشاللىقنىڭ ھەرگىز يەتمەيىدىغانلىقىنى ئۈگىتەيلى. LQ(5D_yG.  
بالىلىرىمىز تەبىئەتتىن ئايرىلمىسۇن، تەبىئەتتىن ئايرىلغان بالا تەبىئىتىدىن ئايرىلغان بالىدۇر. بالىلىرىمىز تەبئىيلىك بەرگەن ئۆزگىچە تەم ۋە ھۇزۇرنىڭ قۇچىقىدا ئادىمىيلىكنىڭ مۇقەددەس بۆشۈكىدە ئەللەيلەنسۇن. 7kX$wQZ_  
ھېلىمۇ ئېسىمدە،مەھەللىمىزدە قۇيۇنغا ئەگىشىپ ساما سالىدىغان ۋە بالىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ كۆكتات ئورىسىغا چۈشۈۋېلىپ بولۇشىچە مۇقام توۋلاپ ناخشا خۇمارىنى باسىدىغان ئىككى بوۋاي بار ئىدى. چۈشەنمىگەنلەر ئۇلارنى نېرۋىسى ئاجىز، دېيىشەتتى. ئەمدى ھېس قىلسام، ئۇلاردىكىسى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قېنىدىن ساقىپ چىققان ئۇدۇم ئىكەن. بىز ھازىر يوقىتىپ قويۇشقا باشلىغان چىن ئەقىدە ۋە سۆيگۈ ئىكەن. مەلۇم ئىشقا ۋۇجۇدىدىن بېرىلگەن ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن قەلبىنى چوغلاندۇرالىغان ئادەملا بۇ نەرسىلەرنى ئۆز تەمى بىلەن ساقلىيالايدىكەن. تىلىنى نەفسىنىڭ كەينىدىن ئەگەشتۈرگەنلەر مەڭگۈ ئۆزى بولالماي شاتۇتىدەك سايراپ ئۆتىدىكەن. شۇنداقلارنىڭ تىلىدىن تۆكۈلگەن يازمىلار ھېلىمۇ مەتبۇئات ئىسراپچىلىقىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە توپا بېسىپ تۇرماقتا. 6;[/ 9  
بالىلارنى ئالدىغانلار مەڭگۈ قارغىشقا ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز قانۇنى ۋە پەلسەپەسى بارلىقىغا ئىشىنىش كېرەك. قەھرىمان ئورلىئان قىزى جېننى كىچىك چېغىدا مەھەللىدىكى بىر تۈپ دەرەخكە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلايدۇ. چۈنكى، بۇ دەرەخ بىر رىۋايەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پەرىزات بالىلارنىڭ تۇرالغۇسى ئىدى. جېننى قىز دائىم دوستلىرى بىلەن دەرەخ تۈۋىدە ئوينايدۇ ھەم «پەرىزات دەرەخ» ناخشىسىنى ئېيتىدۇ. ۋەتىنى مۇنقەرز بولغاندا دەل مۇشۇ دەرەخ تۈۋىدە فىرانسىيىنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپە ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىدە ئايان بولىدۇ.فىرانسىيىنى ئازات قىلغان پەيتتە «جادۇگەر» دېگەن بەدنام بىلەن ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ پاك، مەسۇم بالىلىقى بىلەن بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدۇ.ئۇ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئاشۇ دەقىقىلەردىمۇ يەنە «پەرىزات دەرەخ» ناخشىسىنى ئېيتىدۇ.بىر رىۋايەتنىڭ بالىنىڭ قەلبىدىكى قۇدرىتىنى كۆرۈڭ !
بىز بالىلىرىمىز تۇرمۇشتىن سەللا چەتنىگەن، ئۆز قەلبىدە ئايان بولغان غەلىتە ھېسسىيات ۋە تۇيغۇلىرىنى ئاشكارىلىغۇدەك بولسا قورقۇپ ئاللا- توۋىمىز چىقىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قېلىپلاشقان قانۇنىيەتلەردىن گۇمانلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئابلىكىم ھەسەننىڭ مۇنداق دېگىنى ئېسىمدە: «بالىلار ئەسەرلىرىدە شەيئىلەرنى بالىلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆزەتكەن ياخشى. بولۇپمۇ قېلىپلاشقان سۆز- ئىبارە، ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەردىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىش، بالىلارنىڭ تەپەككۈر ئادىتىگە ھۈرمەت قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە كىچىك بالىلارنىڭمۇ موزاي بولۇپ باققۇسى، بوينىغا ئارغامچا سېلىنىپ چۆپ يەپ باققۇسى كېلىدۇ. مەلۇم چۆچەكتە، ئېشەكنى <نەگە ماڭدىڭ>دېسە، <ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىلى>دەيدۇ. يەنە بىر چۆچەكتە، مۈشۈكنىڭ روھى بالىغا، بالىنىڭ روھى مۈشۈككە ئۆتۈپ قالىدۇ.» Jg|cvu-+  
يەكشەنبە كۈنى ئىدى. ئىككى يېرىم ياشلىق ئوغلۇمنى ئېلىپ بازار ئارىلاپ كېتىۋاتاتتىم. مەلۇم يايمىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىت ھەيكىلى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ دەسلەپ ھېيىقىپ يېقىنلىشالمىغان بولسا، كېيىنچە ئۇنىڭ چىشلىمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى بولغاي ئۇيەر، بۇ يەرلىرىنى سىلاشقا باشلىدى. شۇ دەقىقىدە قەلبىمنى ئاچچىق ئەلەم قاپلىدى. ئوغلۇمنىڭ قەلب دۇنياسىدا تۇنجى بولۇپ «ئىت ئادەم چىشلىمەيدىكەن» دېگەن ئۇقۇم شەكىللەنگەنىدى. ئۇ تېخى ئۇزۇن ھايات مۇساپىسىدە چىشلەيدىغان تالاي ئىتلارنىڭ ئۇنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى، ئىتنىڭ تەبىئىتىنىڭ ئادەم چىشلەش ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئىدى. شۇ ئىشتىن كېيىن سۇنئىي مۇھىتنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەتىسى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. پەرزەنت بۇ دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپلا سىرتقى مۇھىتنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەتراپتىكى جانلىق، جانسىز نەرسىلەر بالىنىڭ ئېڭىدا ئەكس ئېتىپ ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ بەلگىلىنىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ ئاساسلىق خاراكتېرى 3 - 7 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە ئاساسەن شەكىللىنىپ بولىدىكەن. بۇ خاراكتىر ئۇنىڭ بارلىق ھاياتلىق يولىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. ھازىر بالىلىرىمىز تۇغۇلۇش بىلەنلا سۇلياۋ قونچاق، كارتون فىلىملەرنىڭ ئىچىگە تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ تەسىرچانلىققا ئىگە تەبىئەت تەربىيىسى ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ. مۇشۈك، ئىتلارنىڭ نەسلى قۇرۇشقا باشلىشى بىلەن بالىلىرىمىز ئەڭ يېقىن ئىككى دوستىدىن مەھرۇم قالدى. تاسادىپىي يېزىلارغا بېرىپ قالغىنىمدا كەڭرى تەبىئەت قۇچىقىدا يايراۋاتقان سەھرا بالىلىرىغا تويماي قاراپ كېتىمەن. ئۇلار كىيىمىنىڭ پاسكىنا بولۇشى، تام بېشىدىن يىقىلىپ چۇشۈشى بىلەن ئەسلا كارى يوق، بالىلىق ئويۇنلارغا مەست بولغان بۇ بالىلارنىڭ ساغلام، چىداملىق، ئىرادىلىك ئۆسۇپ يېتىلىشى مۇقەررەر بولۇپ شەھەر مۇھىتىدا بالىلىرىمىزغا ماڭىدىغان تام، چۆمۈلىدىغان سۇ يوق. قوغلاشماق ئوينايدىغان مەيدان يوق، چۈنكى، ماشىنا سوقۇۋېتىش خەۋپى ئۇلارنى قەپەزگە ئوخشاش ئۆيلەرگە، قېلىپلىق ياشاشنى، قائىدىلەرگە بويسۇنۇشنى ئۈگىتىدىغان يەسلىيىگە بەنت قىلغان. ئۇلار مۇشۇ يەرلەردە ساختا نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ، دەسلەپ ئۇلارنىڭ كىر قونمىغان قەلب دۇنياسىدا ساختىلىق بىلەن ئۈنسىز قارشىلىق كەيپىياتى شەكىللەنسىمۇ پەيدىنپەي مۇھىت تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىدۇ، بۇ بىر پاجىئە. -?YTQ@ W  
   jWK@NXMH  
**** K%(XgXb( 
ھەقىقەتەنمۇ بالىلىق قەلب تۈگىمەس سۇئال، سىرلىق ھاياجان بىلەن تولغان، بالىلار ئۆلۈپ كەتكەن (چاچراپ كەتكەن) بالىلارنىڭ روھىنىڭ يېرىم كېچىلەردە يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ. پاقىلارنىڭ بەش سىزىقلىق نوتىنى چۈشىنىدىغانلىقىغا، تەخەينىڭمۇ چۈش كۆرۈدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلارنى باغلاپ تۇرغىنى_ يوشۇرۇن تىل، كۆرۈنمەس رىشتە. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى، ئاشۇ سۈزۈك، ئىجادىي روھقا تويۇنغان بالىلىق قەلب، بالىلىرىمىز چوڭايغانسېرى خاراب بولىدۇ. بالىلار بىزنىڭ نەزەرىمىزدە «سۈيدۈك»، «شۇم» دەپ قارىلىپ، ھېلىقىدەك ساپ تۇيغۇلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىمكان تاپالماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. \S iHrr5  
كۆزلىرىدە مەسۇم، پاك ھاياجان پارلاپ تۇرغان بالىلارنىڭ نەزەرىدە دۈشمەنلىك تۇيغۇسى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئېكرانىدا چىمەنلىك، ئاقكۆڭۈل ھايۋانلار، ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىدە مەڭگۈ قېرىمايدىغان ئاتا- ئانىسىلا بار. تىرىكچىلىك ئۈچۈن يېڭى يىل كېچىسى ئانىسىدىن قالغان ياغاچ كەشنى سۆرەپ سەرەڭگە ساتقان ھەم شۇ كېچىسى جەننەتتىكى مومىسىنىڭ يېنىغا كەتكەن سەرەڭگە ساتقۇچى قىزنىڭ تراگېدىيىسى ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئېيتىلىشىچە، يېشىغا توشماي ئۆلۈپ كەتكەن بالىلار قىيامەت كۈنى ئاللاھتىن ئاتا- ئانىسىغا جەننەتنىڭ نېسىپ قىلىنىشىنى تىلەيدىكەن. %`?;V;{=  
ئۇيغۇر بالىلىرى سەرەڭگە سېتىپ كوچىدا توڭلاپ قالمىغان بولسىمۇ ۋەھشىي ئادەم بىدىكلىرى تەرىپىدىن ياقا يۇرتلاردا پاجىئەلىك دەپسەندە قىلىندى. ئۇلارنىڭ سۈزۈك قەلبىدىكى دەز، سەبىي كۆزلەردىكى پاكىزە نۇرنىڭ ئورنىغا ئالماشقان دۈشمەنلىك، يات، مۇزدەك سوغۇق نۇر ھازىرغا قەدەر ئەسەر شەكلىدە ئىپادىلىنىپ باقمىدى. كونۇپكا تاختىلىرى ئۈستىدە ئات چاپتۇرۇشقا تېگىشلىك بىگۇناھ بارماقلار ئۆزىگە نامۇناسىپ بولغان يانچۇق كولاش ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. پادىشاھنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى يۈرەكلىك ھالدا ئاشكارىلىيالىغان ھەم يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ گۇناھسىزلىقىغا شاھىد بولغان نارەسىدىلەر قېنى؟ ئاچ قالغان يولۋاسقا تېنىنى يەم قىلىپ بەرگەن ئالىيجاناپ تېكىن قايتىپ كېلەرمۇ؟ v"~Do+*+  
بالىلارنىڭ قەلبى سۇئالغا تولدى. ئۇلار كۈندە تاماق ئورنىغا ئىچىلىۋاتقان خىمىيىلىك دورىلارنىڭ تەسىرىدە ئانا تۇپراق ھېدىنى ئۇنتۇشقا باشلىدى. خىمىيىلىك ئوغۇتتىن ئاينىغان كۆكتاتلاردا ئېتىلگەن رەڭدار تائاملار بالىلىرىمىزنى جېنى بار قونچاقلارغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. ئەنە، ھاراق تەسىرىدە نېرۋىسى قىزىپ كەتكەن لاياقەتسىز ئاتا نىجىس سۇيۇقلۇقنى نارەسىدە ئوغلىنىڭ ئاغزىغا تېمىتماقتا. ئوغلىنىڭ ئىچەلىگەنلىكىدىن پەخىرلەنمەكتە. بىزدىكى، چىن مەنىدىن ئېيتقاندا مىللىتىمىزدىكى غېرىبلىق پەرزەنتلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنمەكتە. خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ ئەپتى تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك. كىچىكىدە چۈچۈك تىللىرى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە قاراتقان بۇ بالىلارنىڭ ئاستا- ئاستا ئۆلىۋاتقان جۇشقۇن بالىلىق روھى، كەمتۈك ئانا تىلى، ئاتا- ئانىلار ئالدىدىكى بىچارە تۇرقى، غۇرۇرسىزلىقى، مىللىي ئەخلاقتىن چەتنىگەن ھەرىكەتلىرى يىمىرىلىۋاتقان مەدەنىيىتىمىزنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە كۆزىمىزگە قادىلىپ تۇرماقتا. ئاچچىق يىغا ئۆرلەپ تۇرغان بۇ كۆرۈنۈشلەرمۇ تېخى ئەدىبلىرىمىزنىڭ قەلىمىگە نېسىپ بولغىنى يوق. `/w\2n  
تەخىيىمىز ئۆلۈپ قالغاندا ئاكامنىڭ بەش ياشلىق ئوغلىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرى، «تىرىلىپ قالارمۇ؟» دېگەن ئۈمىدتە تىكىلگەن كۆزلىرى، قۇربانلىق قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان قويدىن ئاققان قاننى كۆرۈشتىن قورقۇپ قېچىپ كېتىشى، ئادەملەر تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان، ئۇنىڭ نەزەرىدە ۋەھشىيلىكنىڭ بەلگىسى بولغان بوغۇزلاش ھەرىكىتى كىچىككىنە سەبىي قەلبتىكى تۇغما مېھرىبانلىق ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى نامايان قىلىپ مېنى ھاياجانغا سالغان، كىچىككىنە ئەختەمجان مېھرىبان دادىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن دۇنيا جېننىس رېكورتى گۇۋاھنامىسىنى ساتماقچى بولغاندا بۇ خىل قۇربان بېرىشتىن ۋۇجۇدۇم يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلگەن ئىدى. F?8BS*r_  
رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەتتە ياش چېغىدا پەرىشتىلەر ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلىپ جىسمىدىن بىر كاللەك نەرسىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەن ئىكەن. ئېلىۋېتىلگىنى، نەفس، يامان خۇلق ۋە ۋەسۋەسە ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يۈزى ئېچىلمىغان قىزلاردىنمۇ ھايالىقراق ئىدى.» دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇ ئەنە شۇ پاكىزە روھى بىلەن بەدەۋىي ئەرەبلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ قۇدرەتلىك ئىسلام ئېمپىرىيىسىگە ئاساس سالغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھتىن ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش توغرىلىق ۋەھىي يەتكەن چاغدا، ئۇ ئوغلىنى بىر قارا تاشقا ياتقۇزۇپ، بوغۇزىغا پىچاقنى سۈركەيدۇ. پىچاق ئۆتمەيدۇ. تاشقا سۈركىگەندە بولسا ئىككى پارچە قىلىۋېتىدۇ. دەل شۇ پەيتتە كۆكتىن بىر قوشقار قۇربانلىق ئۈچۈن چۈشۈرۈلىدۇ. ئىبراھىم پەيغەمبەرنى دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان يۈرەك پارىسىدىن كېچىشكە جۈرئەت قىلغۇزغىنى ئۇنىڭ ھەققە بولغان چىن ئىخلاسىدۇر. Z6^QB@moj  
قىرىق چىلتەنلەرنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرىدىغان موماي بىزدىكى نەۋرە بېقىپ ئۆتۈپ كەتكەن جاپاكەش مومىلارنىڭ ئوبرازىدۇر. قىرىق چىلتەن بولسا ئاتا- ئانا مېھرىگە قانمىغان يىتىم بالىلارنىڭ، كوچا سەرگەندارلىرىنىڭ سىمۋۇلىدۇر. 2sqm7th  
مەلۇم يەسلىدە جۈملە تۈزۈش دەرسى ئۆتۈلگەندە بىر بالا «بىزنىڭ ئۆيدە ئىككى ئىت بار. بىرى دادام، بىرى ئانام.» دەپ جاۋاب بەرگەن. دەرۋەقە، ئاتا- ئانىلار شۇنى ھېس قىلىپ يەتمىدىكى، تۈگىمەس قاتار چايلار ۋە ئادىمىگەرچىلىك قائىدىلىرى بالىلارنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇرماقتا. ئايىقى چىقماس جېدەل- نىزالار ئۇلارنىڭ پاكىزە قەلبىگە دەز سالماقتا. چوڭلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۇخلاۋېتىپ كۈلسە (ئۇدۇسقىسا) «چۈشىدە مومىسىغا قۇم توشۇۋاتىدۇ. كۆپ توشۇسا مومىسى ماختايدۇ، بۇ چاغدا بالا كۈلىدۇ. توشۇيالمىسا تىللايدۇ، بۇ چاغدا بالا يىغلايدۇ.» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ توشۇۋاتقىنى تەكلىماكاننىڭ قۇمىمۇ ياكى سەھرايى كەبىرنىڭمۇ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ بوۋاقلارنىڭ ئۇيقۇ ئارىسىدىكى كۈلكىسى ياكى يىغىسىنى قۇمغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشى بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياشىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىت، ناچار تەبئىي شارائىتنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا قالدۇرغان ئىزناسى سەۋەبىدىن بولۇشى مۈمكىن. بۇ يەردىمۇ بالا بىلەن تەبئىەت ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن باغلىنىشنىڭ ئىزنالىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ,'C30A*p  
يالقۇن روزىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ 1998- يىللىق 2-3- قوشما سانىدا ئېلان قىلىنغان «كامالتۈرۈك ۋە ئۈرۈمچى» ناملىق ماقالىسىدىكى «گەرچە ئوغلۇم يەتتە ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ تېخىچە قۇياش كۆتۈرۈلگەن پارلاق سەھەرنى كۆرۈپ باققىنى يوق. چۈنكى بۇ شەھەردە قۇياش چەكسىز ئۇپۇقنىڭ قوينىدىن ئەمەس مەلۇم بىر بىنانىڭ ئارقىسىدىن كۆتۈرۈلىدۇ. تا بۈگۈنگىچە بىرەر قېتىممۇ يالاڭئاياغ ھالدا چىلان تۇپراقنى دەسسەپ باقمىغان، دەريا -ئۆستەڭلەرگە چۆمۈلۈپ باقمىغان ئوغلۇمغا قاراپ ئىچ -ئىچىمدىن پۇچۇلىنىپ كېتىمەن. تەشتەكتىكى گۈللەر بىلەن ئەينەك قاچىدىكى كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ تۇرغان رەڭدار بېلىجانلار ئۇ كۈندە ھەپىلىشىدىغان بىردىنبىر تەبىئەت.ئەسلىدە ئوغلۇم تەبىئەتنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈشى كېرەك ئىدى....» دېگەن قۇرلار زادىلا كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.  بۇ ئەمەلىيەتتە شەھەر مۇھىتىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر بالىنىڭ پاجىئەسى_ شەھەر پاجىئەسى. بالىلىرىمىز ئۆز بەستىدىن قېلىشمايدىغان يوغان سومكا، تۈگىمەس تاپشۇرۇقلار ئارىسىدا مۈكچىيىپ سەھرادىكى ئەركە قوزا بولۇپ قالمىغىنىغا ئۆكۈنىۋاتقاندا بىز مائاش، قەرز، ئۇنۋان غەملىرىدىن شەكىللەنگەن ئايىغى چىقماس جاڭگاللىق ئىچىدە تىنەپ يۈرەتتۇق. ;Rhb@]X  
بىز بالىلىرىمىزغا نېمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟ ئەدەبىياتىمىز بالىلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلىشى مۈمكىن؟ نۆۋەتتە، شېئىرىيەت ۋە پىروزىدىكى تەرەققىيات قەدىمىگە سېلىشتۇرغاندا بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ. ئەمدىكى گەپ، بۇندىن كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىشتا، غوللۇق بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەتچىلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزى بار: «ئەدەبىيات مىللەتنى گۈللەندۈرمەيدۇ، ساقلايدۇ. نېمىنى؟ ھەقىقىي ئىنساننى.» -Aa]aDAz68  
مەنپەئەت ۋە نەفسىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان بۈگۈنكى جەمئىيەت ئاشۇ يالىڭاچ بولسىمۇ بىر پارچە گۆشنى تەڭ بۆلۈپ يېيەلىگەن قەدىردان جەمئىيەتنى ئېسىمىزگە سالماقتا. ئادەم ئاتىنىڭ تۇنجى ئاياغ ئىزىنى، زىمىندا تېخى گۇناھ ئۆتكۈزۈلمىگەن تۇنجى سەھەرنى سېغىندۇرماقتا. كۈنىگە نەچچە مىڭ شۇئار ئىجاد قىلىنىدىغان، لېكىن كۆپىنچىسى ئەمەلدە كۆرسىتىلمەيدىغان جەمئىيىتىمىزدە بالىلارنى، بالىلىقنى قۇتقۇزۇش سادالىرى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتىدۇ. تارىختا لۈشۈن ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ «بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار» دەپ چۇقان سالغان ئىدى.
[ بۇ يازما بۇلبۇلناز تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 3 پارچە
kuzum مۇنبەر پۇلى +100 04-23 نادىر تىما
شەيدا مۇنبەر پۇلى +200 04-22 نادىر تېما
دەقيانوس مۇنبەر پۇلى +99 04-22 ئەھمىيەتلىك
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.
salkin11
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.27297

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   644 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5764 (سوم)
 ياخشى باھا:   200 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   257  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1292
 سائەت
دەرىجىسى:
1292 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-22
ئاخــىرقىسى:2011-06-23
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

ئويلانغۇدەك تېما بولۇپتۇ ، ھەربىر جۈملىسى بىزگە ياخشى بولغان ئەخلاق تەربىيسىنى ئەسلىتىدىكەن ...
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1105 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6458 (سوم)
 ياخشى باھا:   64 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   15  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1657
 سائەت
دەرىجىسى:
1657 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

راستىنلا ئويلاشقا تىگىشلىكل مەسلىلەر ئىكەن        
مۇرات
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1213

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   928 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2628 (سوم)
 ياخشى باھا:   167 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   272  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3925
 سائەت
دەرىجىسى:
3925 سائەت 125 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-28
ئاخــىرقىسى:2011-06-23
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

ئوقۇۋېتىپ بالىلىقتىكى غەمسىز كۈنلىرىم، بىللە ئوينىغان دوستلىرىم بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمغا كەلدى....تېمىدا دېيىلگەندەك،ھەرخىل قىزىقارلىق ئويۇنلىرىمىز باتتى،ئويۇنچۇقلارنى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزىمىز ياساپ ئوينايتتۇق، مەھەللىدىكى باللىلار بىر بولىۋالساق زېرىكمەيتتۇق، ئۆزىمىز ئويۇنلارنى ئىجات قىلىپ ئويناپ كېتەتتۇق تېخى.......ئىنىم ئىككىمىزنىڭ ياسىۋالغان ئويۇنچۇقلىرىمىزنى مەخسۇس بىر تۆمۈر ساندۇقتا ساقلاپ قوياتتۇق، ئاچقۇچىنى مەن ئېلىۋېلىپ،ئۇكامنى يالۋۇرتۇپ ئاران بېرەتتىم....     ئۆي كۆچۈش جەريانىدا بەزىلىرى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ھازىرغىچە ئاشۇ ساندۇقتا ساقلاقلىق.....ئاللاھ خالىسا كېيىن پەرزەتلىرىمگە كۆرسىتىپ قويىمەن، بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئۆزلىرى قايتا قۇراشتۇرۇپ ئوينايدۇ................
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە
qaxmazulal مۇنبەر پۇلى +10 04-23 مەن كۆرسەم بولامدا؟؟؟ ھې ھې..
شاتئاي مۇنبەر پۇلى +10 04-23 ئالامەت دە بۇ  ئاكام
خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن،
مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.
شەيدا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2137

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   914 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7143 (سوم)
 ياخشى باھا:   303 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   254  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10382
 سائەت
دەرىجىسى:
10382 سائەت 418 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-02
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

كىچىك چاغلاردا مەيلى قىشتا بولسۇن مەيلى يازدا بولسۇن تالادىن كىرمەي ئوينايتىم،ئەڭ خۇشال ۋاقىتلىرىم يازلىق قىشلىق تەتىللەردە يېزىدىكى تۇغقانلىرىمنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر نەۋرە بالىلار بىلەن ئوينايدىغان ۋاقتىم ئىدى،بالىلار ئويۇنىنىڭ جىقلىقىدىن قايسىسىنى ئويناشنى تالىشىپ كېتەتتۇق.تۇلۇقسىزدىكى چاغلاردا بىر ساۋاقدىشىم "بىز ھازىر مانداق بالىلار ئويۇنى ئويناپ چوڭ بولغان دېسەك،كېيىن بالىلىرىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدا كومپىيوتىر ئويۇنى دەپ بىر نەرسىلەرنى ئويناپ قوياتتۇق دەيدۇ"دەپ بىزنى كۈلدۈرگەن ئىدى.ئاكامنىڭ بالىلىرىمۇ ئۆيدە ئاتا-ئانىسى يوق چاغلاردا كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدىن قوپمايدىكەن،قارىغاندا ھازىرقى بالىلارنىڭ بالىلىق دەۋرى كومپىيوتىر ئىكرانى ياكى تېلىۋىزۇر ئىكرانى ئالدىدا ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ.بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنى قۇتقۇزىۋالايلى،ئۇلارنىڭ بالىلىقى چالا قالمىسۇن.
ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!
arman3383
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36980

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   150 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   721 (سوم)
 ياخشى باھا:   16 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   17  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 357
 سائەت
دەرىجىسى:
357 سائەت 83 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-09
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-23

بۇ تىمىنى ئۇقۇپ تۈگىتىپ ئئىچىم غىققىدە بۇلۇپ قالدى     
قەلىب قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلا
Ar-Han
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34800

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   141 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   746 (سوم)
 ياخشى باھا:   5 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   8  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 669
 سائەت
دەرىجىسى:
669 سائەت 101 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-22
ئاخــىرقىسى:2011-04-25
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-23

ئۇنتۇلغان تۇيغۇلىرىم قايتا غىدىقلىنىپ، غەمكىن ھىسلار قوينىغا باشلاپ كىردى، پولات سىمنى ئىگىپ تاپانچا ياساپ، قەغەزنى قاتلاپ ئوق قىلىپ ئىككى تەرەپ بولۇپ ھەربى-دۆشمەن ئۇينايىتتۇق، دەڭدە قۇيۇلغان كىنونى تامدىن سەكرەپ كۆرەتتۇق، دەرۋازۋەن ماراپ كەلسە ، بۇ ياقتىن بىرسى شەپە بىرىپ، قالغانلىرىمىز دەرۋازۋەن يوق تامدىن سەكرەيىتتۇق..............،ھەي-بالىللىق. 2*laAB  
ئاتا ئانىمىز بىزنى مەۋھۇم بولغان يوغان دىۋە، بىر كۆزلۆك ئاق چاچلىق، يەكچەشمەئالۋاستىدىن قورقۇتسا ، بىز باللىرمىزنى ماشىنا سۇقىۋېىدۇ، مادىسكىنىت ئۇرۋېتىدۇ، بالا ئوغرىسى ئەپ قاچىدۇ، دەپ ماددى بولغان نەرسە بىلەن قورقۇتۋاتىمىز؟ KQ% GIz x  
بىزنى ئاتا بوۋىمىز قورقۇتۇپ چوڭ قىلىپتۇ، بىزمۇ باللىرىمىزنى قورقۇتۇپ چوڭ قىلىۋاتىمىز، 3M[! N  
قورقۇش-قورقۇتۇش قاچانغىچە مۇشۇنداق ۋەھىمە ئىچىدە ياشارمىز؟
ئۆلۆم ئىنسان ئۆچۆن يىتەرلىك ۋەز نەسىھەتتۇر!
qaxmazulal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2134

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   527 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9695 (سوم)
 ياخشى باھا:   205 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   293  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 779
 سائەت
دەرىجىسى:
779 سائەت 121 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-02
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-23

كىيىنلىكىم ئۈچۈن ئاساس.ئاللاھ خالىسا تەبىئەتكە يىقىن قىلىپ تەربىيلەيمەن باللىرىمنى ئىللىق سەھرادا....
بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!
چېچەك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10299

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   345 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8916 (سوم)
 ياخشى باھا:   221 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   301  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3139
 سائەت
دەرىجىسى:
3139 سائەت 101 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-14
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-23

ئالدى بىلەن مەڭگۈتاش ئەپەندىمگە رەھمەت!بۇ تېما نادىرلانسا بولغۇدەك! -uf |w?  
-[.[>&`/  
بالىلىق -بالىلارنىڭ قەلبىدە ئەمدى كۆتۈرۈلگەن تاڭ قۇياشىغا ئوخشاش جۇلالىق،نۇرلۇق ۋە ئەستىن چىقماس بۇلۇشى كېرەك ئىدى.سەھرادىكى بالىلار ھېچ بولمىغاندا چىلان تۇپراققا دەسسەپ،توپىلارنى كېچىپ ئوينىيالايدۇ،سۇنىڭ ئۆستەڭلەردە ئاقىدىغانلقىنى،كاككۇك،قۇشقاچلارنىڭ شاختىن-شاخقا قۇنۇپ يۈرىدىغانلقىنى،كەپتەرلەرنىڭ قانداق ئاۋاز چىقىرىپ بۇقۇلىدىشانلقىنى،چۈجىلەرنىڭ مىكياننىڭ كەيىندىن چىقماي ئانىسغا ئەگىشپ دان ئىزدەيدىغانلقىنى،موزاي ،قوزىلارنىڭ ئانسىغا يېپىشپ تۇرۇپ ئېمىدىغانلقىنى بىلىدۇ..لېكىن سۈنئىي مۇھىت ۋە ئالداش ،ئالدىنىش،ئاتالمىش ئادىمگەرچلىك بورانلىرىغا كۆمۈلۈپ كېتىۋاتقان شەھەرلەردىكى،كېچلىرى يۇلتۇزلۇق ئاسمان ۋە يۇلتۇزنىڭ ئاپىسى بولغان ئاينى (ئاپام كىچىك ۋاقتىمدا ئاي يۇلتۇزنىڭ ئاپسى دەپ بېرەتتى.كېيىن بالامغىمۇ چۇقۇم شۇنداق دەپ بېرىمەن)،كۈلۈپ چىققان تاڭ قۇياشنى كۆرەلمەي يايلاق دېسە مەكتەپ،باغچا ۋە يوللاردىكى يېشل چىملار يادىغا كېلدىغان،ئىگىسنىڭ كەيىندىن ئەگشىپ يۈرىدىغان ئىت ۋە مۈشۈكلەر ،مومىسى ئېيتىپ بېرىدىغان چىن تۈمۈر باتۇر بىلەن مەختۇمسۇلانىڭ چۆچىكىدىلا قالغان دەپ ئويلايدىغان شەھەردىكى ئاشۇ غۇبارسىز ،ئەمما بالىلىق دېسە زوقلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالغۇدەك ئەسلىمسى بولمايدىغان ئاشۇ نارسىدىلىرىمىز كېيىن بالىلىرىغا نېملەرنى سۆزلەپ بېرەر دەيمەن. jNk%OrP]  
pW3^X=6  
بالىلىق يادىمغا يەتسە مېھرىبان پەرشتەم ئاپامغا چىڭ ئېسلىپ تۇرۇپ رەھمەت جېنم ئاپا دەۋالغۇم كېلدۇ.چۈنكى شۇنچلىك گۈزەل،ھازىرىمۇ زوقلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالالايدىغان ئاشۇ بالىلىقىمنى ماڭا ئاپام بەرگەن. }5"u[Z.  
aPL+=58r  
‹بۇرۇن بىر مۈشۈك بولغانكەن ،ئۇ پەقەت يۈزىنى يۇمايدىكەن،دوستىلىرى مەينەت دەپ ئۇنىڭ بىلەن ئوينىماپتۇ......›مانا بۇ ئاپام دائىملا ماڭا دەپ بېردىغان چۆچەك،چۈنكى بۇنى كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ماڭا ئېيىتپ بەرگەن كېيىن دائىم ماڭا ئېيتقۇزىدىغان .شۇڭا بۇنى تا ھازىرغا قەدەر يادقا بىلمەن.شۇ غەمسىز چېغىمدا ئوينىغان ئۇيۇنچۇقلۇرۇم ،ئۈچ دانە پۇرۇچ قونچۇقۇم 60-70قۇر چىقىدىغان كىيملرى بىلەن ھازىرمۇ كچىك قىزىل چاماداندا ساقلاقلىق،بۇ كيىملەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ئاپام تىكىپ بەرگەن،ئازراقلرىنى ئاپامنى دوراپ ئۆزۈم تىككەن،چوڭ ئاپامنىڭ دېيشىچە ئاپام ئەسلىي كىيىم تىكىش ماشنىسى ئىشلتەلمەيدىكەن پەقەت مېنى ۋە ھەدەمنى دەپ ئاشۇ ۋاقتتكى 39كوي مائاشنى يىغىپ 57يۈەنگە بىر كيىم تىكىش ماشنىسى سېتۋېلىپ، مەكتەپتىن قايتىپ ماشنىچى ئۇستامنىڭ قېشغا كىرىپ ماشنا تېپشنى ۋە كىيىم تىكشى ئۆگەنگەنكەن.ئاپام ھازىرمۇ شۇنداق كۆپ ئۇيۇنلارنى بىلىدۇ.ئانكام،قارا-قۇشلارىم،تاش تەرمەك،ۋاللەي،ھوپ بولدى،5كاتەك دېگەندەك...ئاق تاش -كۆك تاش قوشقىنى تۇللۇق يادا بىلدۇ،مەن  رامىزان كېچىسى بالىلارنىڭ كونا كالاچىنى ياغقا چىلاپ ئۆيمۇ-ئۆي كىرپ ئېيتىدىغان بارات قوشقىنىمۇ شۇ كىچىك ۋاقتىلىرىمدا ئۆگەنگەن.ئاپام ئۈچ ياش ۋاقتىمدا گۈللۈك يېندا ئۆلۈپ قالغان بىر كىچىك چاشقاننى كۆرۈپ ئۇنڭىغا بىر كۈن يىغلاپ كېيىن ئاپام بىلەن تەڭ كۆمۈپ قويغاندىلا ئاندىن يىغىدىن توختاپ ئۇخلاپ قالغانلىقمنى ھازىرغا قەدەر سۆزلەشتىن توختىغىنى يوق..مەن باشلانغۇچىنى پۈتتۈرمەيلا شەھەرگە يۆتكىلپ كەتتۇق،بىراق ئاپام -دادم يېزىدىكى ئاشۇ  ئۆيىمىزنى سېتۋەتكىنى يوق.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسىنىڭ ئەڭ تاتلىق ۋاقتلىرى شۇ يەردە ئۆتكەن،نەۋرىلىرنىڭمۇ شۇ يەردە ئەنە شۇنداق گۈزەل بالىلق ئىچىدە چوڭ بۇلۇشنى ئۈمىد قىلدىغانلقنى بىلمەن.. Ysv" 6b}  
D*d]aC  
كەلگۈسىدە بالامغا مەندە بار بولغان بالىلىقنى، مەن ئارزۇ قىلغاندىمۇ ئاشۇرۇپ بەرسەمكەن دەيمەن. oOFVb5qoFU  
=dN@Sa/  
خالىدە ئىسرائىنلنىڭ ‹ئوربىتا›ناملىق ھېكايىسىدە يازغاندەك ھازىرقى بالىلار تېلۋىزۇر ئالدىدا چوڭ بولدى.بىز شەپەرەڭنى بىلەتتۇق بىراق ئۇلار شەپەرەڭنى ئەمەس شەپەرەڭ پالۋاننى بىلدۇ.بىز مۈشۈكلەرنى چاشقان تۇتىدۇ دەپ بىلگەن بولساق ئۇلار مۈشۈكنىڭ شۇنچىلىك دۆت،چاشقان جېررىينى  مەڭگۈ تۇتالمايدىغانلقىغا چەكسىز ئىشنىدۇ.بىز ئىتلارنى ھويلا ئارامغا قارايدۇ ،ئوغرى -يالغان كەلسە قاۋايدۇ دەپ ئويلىغان بولساق ئۇلار پاكار پىستە كۈچۈكلەرنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كىيندۈرلۈپ بېقىلدىغانلىقنى ئۇلارنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كوچا-كويدا سەيلە قىلغاندا يېتلۋالىدىغان  كۆرەك ئىكەنلىگە چىن پۈتىدۇ.ئۇلار خاماننىڭ نېملىكنى ،لاي-لاي ناخشسىنىڭ قانداق توۋلىندىغانلىقنى بىلمەيدۇ.خۇددى جىيەنىم ‹دادا،پاقا يۇپۇرمىقى دېگەن نېمە دېسە،دادىسى :نىلۇپەر› دەپ جاۋاپ بەرگەنگە ئوخشاش ..مانا بۇ شەھەر ۋە مەدەنىيەت يەپ كەتكەن سۈنئيىلەشكەن بالىلىق... + {'.7#  
بالىلرىمىزغا بالىىلقىنى سەبىيلكنى بېرەيلى..ئۇلار پارنىكتىن چىقسا گۈزەل دالانىڭ بارلىقنمۇ بىلسۇن.
[ بۇ يازما چېچەك تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە
moghal مۇنبەر پۇلى +20 04-23 ئەجىرلىك ئىنكاسىڭىزغا
شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.
Aybike
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37642

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   78 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1517 (سوم)
 ياخشى باھا:   1 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 45
 سائەت
دەرىجىسى:
45 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-15
ئاخــىرقىسى:2011-05-25
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-23

ئېسىل تىمىڭىزدىن بەھىرلەندىم.... B?wq=DoG  
بالىلىق چاغلىرىم ئېسىمگە كەلدى، كىچىك ۋاقتىمدا ئانامنى بەك قاقشىتاتتىم    J^/p (  
قىز بالا،سوغۇقىڭىز ئېشىپ كېتىدۇ،ئېقىنغا بارماڭ دىسىمۇ ، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن ئېقىنغا سۇغا كەچكەچ .بېلىجان تۇتقىلى باراتتىم. بىر قېتىم سۇلياۋ كەشىم سۇدا ئېقىپ كېتىپ ،ئۆيگە بىر پاي كەشنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ،ئانامدىن تاياق يىگەنتىم،    C.QO#b  
بەك ئاغرىغانتى . كۈزدە بىر تال بېلىجاننى تۇتۇپ كېلىپ ،ئىككى ئايدەك باققانتىم، ئەتىگىنى مۇز توڭلايدىغان چاغلاركەنتۇق، بىر كۈنى سۈيىنى ئالماشتۇراي دەپ قارىسام يوق،« مېنىڭ بېلىقىم قېنى ؟»دەپ سورىسام،«چوڭىمايدىغان بېلىقنى باقىۋەرگەن، تۆكۈۋەتتىم ھويلىغا ،»دىگەنتى،يۈگۈرۈپ چىقىپ ھويلىدىكى سۇ تۆكۈلگەن ئورۇنغا قارىسام،باققان بىلىقىم توڭلاپ قاپتىكەن،بەك يىغلاپ كەتكەنتىم.    . ^W@5TkkBQq  
لايدىن خىمىر يۇغۇراتتىم، نان ياقاتتىم،ھەرخىل نەقىشلەرنى باساتتىم، ئوت چۆپلەرنى ئەكىلىپ تاماق ئېتەتتىم. سۇلياۋلارنى بىر بىرنىڭ ئۈستىگە قويۇپ،تاش بىلەن ئۇرسا چاپلىشىدۇ، ئاندىن ساقىلى ئۇزۇن كۆكۋاشلارنى ئەكىلىپ، سۇلياۋدىن كىيىم تىكىپ كىيدۈرەتتىم. Er[A X.3  
مۆكۈشمەك ئويناپ، كالا قوتىنىغا چۈشۈپ كەتكىنىمنى ،قوناق شېخىدا ياسىۋالغان ئاپتۇماتلىرىمنى كۆتۈرۈپ، ئوغرى ساقچى ئويناپ ،يۈگۈرۈپ،ئورەككە چۈشۈپ ،پۇتۇم چىقىپ كەتكىنىنى دىمەيلا قوياي...بالىلىقىم بەك كۆڭۈللۈك ئۆتۈپتىكەن.... 1nOCQ\$l  
ھازىرقى بالىلارغا راست ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ، قويدىنمۇ قورقىدىغان بالىلار بار،چىشلەيدۇ دەپ.... A(N4N  
يازلىق تەتىلدە 3 ياشلىق نەۋرە ئۇكامنى ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ :« جىم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ،مەن شاپتۇلنى سومكىغا قاچىلاپ كېلەي،سىز بارسىڭىز پاشا بوزەك قىلىدۇ »دەپ بەش مىنۇت ھايال قالسام ،توۋۋا،قانداق مىندىكىن،ھارۋىغا قوشۇلغان ئېشەككە مېنىۋاپتۇ. قولىدا تاياق تېخى، ئېشەكنىڭ ئەسكىلىكىنى دىمەيسىزلەر، ناۋادا يەرگە چۈشۈپ كەتسە قانداقمۇ قىلار بولغىيتىم دەيمەن. ھارۋىغا چىقىڭە ،كېتىمىز دىسەم،مەن مۇشۇنداق ئولتۇراي،سىز ھەيدەۋىرىڭ دەيدۇ.... c"xK`%e  
  سېنى ھەيدەمدىم،ئېشەكنىمۇ ؟دەپ چۈشەردىم،...... c:g'.'/*  
مەنمۇ قورقىمەن ئاشۇ ئېشەكتىن،لېكىن سەھرادا چوڭ بولغان ئاشۇ ئىنىمنىڭ ئېشەككە قانداق مېنگىنىگە بەك ھەيران بولىمەن. 0?M:6zf_iv  
ھازىر پەقەت تېلۋۇزۇر كۆرمەيدىكەن،ئاكىسى دۈم چۈشكەن، قىرىق قانالنىڭ قايسىدا نىمە بېرىدۇ ھەممىنى بىلىدۇ. مۇشۇ كىچىك ئۇكاممۇ شۇنداق تىلۋۇزۇرغا دۈم چۈشەرمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن.... 3BLqCZ  
شەھەردىكى تۇغقانلار بىزنىڭ ئۆيگە چىقسا،ئەڭ ئاۋۋال ئەنسىرەيدىغىنى بالىلىرىنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىشى   ،ئۆستەڭ ئەمەس ئەمدى،بىر ئېرىق سۈزۈك سۇ ئۈزۈلمەي ئاقىدۇ، سۇغا كېچىپ،كىيىملىرى يۆل بوپ كەتسىلا « ئاپا،مەن سۇغا چۈشۈپ كەتتىم تۇيۇقسىزلا...» دەپ كىرىدۇ ئۇلار. s9d_GhT%-  
يەنە ئالماشتۇرۇپ قويسا ،يەنە چۈشۈپ كېتىدۇ، نىمانداق تولا چۈشۈپ كېتىسەن ؟دەپ ئاكىلىرىم،ھاممىلىرىم قاقشاپلا كېتەتتى، تەبىئەتنىڭ سېھرىدە بۇمۇ... IIqUZJ  
باللىرىمىز ئۈچۈن ياشاپ قويايلى  ~~~ o`RKXfCq  
تەپەككۇرلىرى ئەركىن بولسۇن،روھى بۇغۇق چوڭ بولمىسۇن.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە
moghal مۇنبەر پۇلى +30 04-23 تېتىملىق ئىنكاس
ئىپپەت نومۇس ۋەتەن ساڭا،قوغدىمىقىڭ ھەق،
شۇ ۋەتەندىن رەزىللەرنى قوغلىمىقىڭ ھەق.
قىز دىگەننىڭ ئەزىزلىگى ئاشۇ خىسلەتتە،
ئويۇننىمۇ شۇ مىزاندا ئوينىمىقىڭ ھەق!!!
yawayi-0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26107

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   853 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1406 (سوم)
 ياخشى باھا:   181 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   243  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5252
 سائەت
دەرىجىسى:
5252 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-13
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-23

مەنمۇ غەيرى بولاپ قالدىم .  مەڭگۇتاش  ئەپەندى  سىلنىڭ تىمىلىرىڭلار  كىشىنى ھەقىقەتەن  ئويغا  سالىدىغان  تىمىلارنى يىزىۋاتىسىلەن .  باشقۇرغۇچلار  مەڭگۇتاش  ئەپەندىنى  بىر  زىيارەت قىلساڭلار  بولاتتى ...
ياخشىنى كۇرۇپ ھەممىنى ياخشى دىمە .
ئەسكىنى كۇرۇپ ھەممىنى ئەسكى دىمە .
kokdangz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35362

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   207 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   910 (سوم)
 ياخشى باھا:   -7 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 45
 سائەت
دەرىجىسى:
45 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-27
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-23

ئاكا بەك ياخشې يېزېپ سېز    
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى