مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 1661 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تىما : تــازلـىق ئىشـچىسى _ ھېكايە
kugulluk minotlar!

دەرىجىسى: ئىجادچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 129
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە894دانە
ئۆسۈش: 5.26%
  نادىر تىما: 2
  يوللانما: 894
  ياخشى باھا: 125 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4828 سوم
  تۆھپىسى: 6 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 234(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-07-25

0

 تــازلـىق ئىشـچىسى _ ھېكايە



باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى katran تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-07-08)
تازلىق ئىشچىسى

< ھېكايە>


ياز پەسلى نەقەدەر- گۇزەل ھە! ھۆپپىدە ئىچىلغان گۇللەرنىڭ ،خۇشبۇي-ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ، كىشىگە بەكمۇ يىقىملىق تۇيغۇ بىرىدۇ.ھەم يوللاردىكى قاتار-قاتار كەتكەن تېرەكلەر، كۇن نۇرىنى تۇسۇپ كۇنلۇك بۇلۇپ ئەتىراپقا، سايە تاشلاپ تۇرىدۇ.كىشلەر ياز پەسلىنىڭ ئېسسىق ھاۋاسىدىن، تېرىلىرىنىڭ قارىداپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، كەچلىگى تۇلاراق تالا-تۇزگە چىقىدىغان ،مۇشۇنداق ئېسسىق ھارارەت ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان،تونۇردەك
ئېسسىق كۇندە بىر ئايال، جاپالىق ھالدا قۇلىغا سۇپۇرگە تۇتقان ھالدا ،يەرگە دۇمچىيىپ ئەخلەت تېرىپ مۇھىتنى قوغداپ ،مەينەت نەرسە-كېرەكلەرنى تازلىماقتا،ئۇ بولسىمۇ مىنىڭ سۇيۇملۇك ئانام ئىدى.بۇ سۇيۇملۇك ئانام، مىنىڭ باشقا باللاردەك ياخشى، ئىچىپ-كىيىنىپ يۇرۇشىم ئۇچۇن،بۇ جاپالىق خىزمەت ئۇنىڭ زىممىسىگە يۇكلەندى. ئانام مىنى بىقىش جەريانىدا ، كىشىنى ئويلاندۇرغىدەك جاپالىق كۇلپەتلەرنى تارتقان ئىدى.



-گۇلشەن ئورنىڭدىن تۇرغىن قىزىم ،مەن ئىشقا ماڭىمەن چىيىڭنى ۋاقتىدا ئىچىۋالغىن.

-مانا ھازىر ،ئاپا سىز مىڭىۋىرىڭ.مەن چايلىرىمنى ئىچىپ بۇلۇپلا قىشىڭىزغا بىرىپ سىزگە ياردەملىشىمەن.

-جىنىم بالام بارمىغىن،دوسلۇرۇڭ كۆرسە سەت تۇرمىسۇن.مەنغۇ ماسكا تاقىۋالىمەن،شۇنداقتىمۇ بۇ خىزمىتىمنى سۇيىمەن،باشقىلار نىمە دىسە دەۋەرسۇن،قورسىقىمىزغا ئاش بىرىۋاتقان خىزمەتتە..سەن بولساڭمۇ بۇنداق پاسكىنا خىزمەتتىن يىراق تۇرغىن،ماڭا سىنىڭ ياخشى نەتىجەڭ كېرەك بالام.ئاللا خالىسا خىزمىتىڭ ھەل بۇلۇپ كەتسە خاتىرجەم بۇلاتتىم -ئاپپاق بالام.

-ئاپا ،بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟بۇ خىزمىتىڭىز پاسكىنا خىزمەت ئەمەس، بەلكى دادامنىڭ قەلبىدىن پاكىز !
جىنىم ئاپا مەن خىزمەتكە چىقساملا سىزنى ئىشلەتمەيمەن.بۇگۇن سىزنىڭ كەينىڭىزدىن بارغىنىم بارغان،دوستلۇرۇم مىنىڭ ھەقىقى دوستۇم بولسا، مىنى كۆرسە زاڭلىق قىلمايدۇ.باشقىلار بىلەن كارىم نىمە؟توغرا دىدىڭىز -ئاپا،بىزنىڭ قورسقىمىزنى مۇشۇ خىزمەت بىقىۋاتسا،ھەرگىز باشقا خىيال قىلماڭ .ئاپا مىنى بارغىلى قۇيىڭە؟

-ئەمسە ماقۇل بارغىن قىزىم،ئەمسە چۇقۇم ناشتىلىقىڭنى ئوبدانىراق يەپ بارغىن،قۇلۇڭغا چاي ئىلىۋالغىن ئېسسىق ئۇتۇپ قالمىسۇن.ئاۋۇ كورىدا ساڭا ئىلىپ قويغان، بىر پارچە گۆش بار چۇقۇم يىۋالغىن بالام.مەن ماڭاي قىزىم،ئىشىكلەرنى ياخشى تاقاپ بارارسەن.

-ماقۇل .ئاپا خاتىرجەم مىڭىۋىرىڭە،مەن كىچىك بالا ئەمەس.
ئاپام كىتىشىگە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،ناشتا قىلاي دەپ -كورىنى ئاچسام ،ئاپام تۆنۇگۇن كەچتە، ئىتىلگەن پولۇنىڭ گۇشىنى ئۆزى يىمەي، ماڭائىلىپ قۇيۇپتۇ.يۇرۇگۇم قاتتىق ئىچىشىپ كەتتى.مەن بۇ گۆشنى چۇقۇم ئاپامغا يىگۇزۇش ئۇچۇن سۇلياۋ خالتىغا ئوراپ ئىشىكلەرنى تاقاپ ئاپام تازلىق قىلىدىغان مەيدانغا يۇرۇپ كەتتىم.ئاپام ئىشلەيدىغان ئورۇن ئۇيىمىزدىن ئانچە يىراقتا ئەمەس ئىدى.مەن يۇگۇرگەندەك مىڭىپ، ئاپامنىڭ يىنىغا كەپ قالدىم.ئانام ھە دەپ يەردىن، ئەخلەت تىرىپ خالتىسىغا سېلىۋاتاتتى.ئاپامنى كۆرۇپ كۆڭلۇم بەكلا يىرىم بوپ قالدى، يۇگۇرۇپ ئاپامنىڭ يىنىغا كەلدىم.

-ئاپا ئەكىلىڭە، مەن بىردەم سۇپۇرەي سىز ئاۋۇ سالقىندا بىردەم ئولتۇرۋىلىڭ،ماۋۇ بولاقتىكى نەرسىنى، يىگەچ ئولتۇرۇڭ ھە. ماڭا قېسىنىپسىز ئەمما مەنمۇ سىزگە قېسىندىم ،شۇڭا سىز يەۋىلىڭ .مەنمۇ سۇپۇرەلەيمەن مىنىڭ سۇپۇرگىنىمنى كۆرۇپ بىقىڭ.

-بالام كىيمىڭ پاسكىنا بوپ كىتەرمۇ؟مەن ئۆزۇم قىلىۋىرەي ئازلا قالدى ،جىنىم بالام سەن بىردەم ئولتۇرغىن.

-كىيىم مەينەت بولسا يۇيۇپ كىيىمەن،ماڭا بىرىڭە بولدى.
-دەپ ئاپامنىڭ قۇلىدىن سۇپۇرگىنى ئالدىم.ئاپام بۇرۇن ھەرگىزمۇ مىنى سۇپۇرگۇزمەيتى،ھەم قىشىغا ئىسمىينا ئىشلىگەندىن باشقا چاغدا، نان-چاي ئەكىلىپ بىرىشىمگە قۇشۇلاتتى،بولمىسا قەتئى كەلگۇزمەيتى.

مەن قۇلۇمدىكى سۇپۇرگە بىلەن، خىلى بىريەرگىچە سۇپۇرۇپ كەلدىم،ئاپام بولسا سايىدا ماڭا قاراپ چارچاپ قالساڭ ئۆزۇم قىلاي دەپ تولاپ قۇيۇپ ئولتۇردى.سۇپۇرگە بىلەن ئۆينى ئانچە-مۇنچە سۇپۇرگەن بىلەن بۇنداق ئۇزۇن كۇچىنى سۇپۇرۇش ھەقىقەتەن بەك تەس ئىكەن.مەن ھەربىر قەدەمدە سۇپۇرۇپ ئاپامنىڭ جاپالىق خىزمىتىنىڭ قانداقلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم.بىلەكلىرىم ئاغرىپ ،ئۆزۇمنىڭ ئەمەستەك بۇلىۋاتقىنىنى بىلسەممۇ،ئاپامغا چاندۇرماي سۇپۇرىۋەردىم.يەردىن ئىڭىشىپ ئەخلەت تىرىپ خالتىغا سالدىم ۇنى ئاپىرىپ ئەخلەت تۇڭىغا تۆكتۇم.مۇشۇ جەرياندا ئاپامنىڭ مىنى ياخشى ئۇقۇغىن مەندەك بۇلۇپ قالمىغىن دىگەن سۆزىنىڭ مەنىسىگە يىتىۋاتقاندەك بولدۇم.ئاپام دادامنى دەپلا ئىشلىمەپتىكەن،دادام خۇتۇن كىشى ئىشلىسىمۇ نىمە قىلالايدۇ،ئۇنىڭدىن ئۆيدە ئولتۇرغىنىڭ ياخشى دەپ ئاپامنى زورلاپ ئىشلەتمەپتىمەن.مانا 12يىل بۇلاي دىگەندە مەن دەل 10ياشقا كىرگەندە دادام يولدىن چىقتى،ئۇنىڭ ئالدىدا ئانامنى ئۇرۇپ-تىللىغانلىرى غۇۋا ئىسىمدە باردەك ئەسلىيەلمەيتىم.كىچىك چاغلىرىم بولغاچقىمۇ تازا ئېسىمدە يوق ئىدى.دادام مەن 10ياشقا كىرگەن يىلى ئاپام بىلەن قاتتىق سۇقۇشتى،ئاپامنى ئۇرغاندىمۇ ھايۋاندىن بەتترەك ئۇردى.بىچارەئانامنىڭ بىرتال چىشىمۇ شۇ ئۇرۇشتا سۇنغان ئىدى،مەن سەبىيلەرچە بولدى قىلىڭ دادا ! ئانامنى ئۇرماڭ،ئانام ئۇلۇپ قالىدۇ دەپ زار زار چىقىراپ يىغلايتىم.دادام گىپىمگە پىسەنىت قىلماي ،مىنى ئىتتىرىۋىتىپ ئانامنى سوغۇق تالاغا ئىچ كيىم بىلەن قوغلاپ چىقاردى.مەن دادامنىڭ قوللىرىنى تاتىلاپ يۇرۇپ تالاغا ئاپامنىڭ يىنىغا قىچىپ چىقتىم.بىچارە ئانام قاردا تىتىرەپ تۇراتتى.مەن ئانامنى ئىلىپ دوستىنىڭ ئۇيىگە كەتتۇق.يولدا ئانامدىن ئانا توڭلىدىڭىزمۇ؟دەپ سورىسام ياق بالام،سىز توڭلاپ كەتتىڭىز دەپ مىنى چىڭ قۇچاقلاپ دوستىنىڭ ئۇيىگە ئاپارغنى ئىنىق ئېسىمدە.
بىزئۇ ئاپاشنىڭ ئىشىگىنى چەكتۇق ،ئۇ دوستىمۇ بىردەمدىلا تېزلىكتە ئىشىكنى ئىچىپ بىزنى كۆرۇپ ھۇشىدىن كەتكىلى تاسلا قالدى .ئۆيگە كىردۇق.ئاپام مىنى دوستىنىڭ راسلاپ بەرگەن،ئورنىغا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ دوستى بىلەن ياندىكى ئۆيگە پاراڭلاشقىلى چىقىپ كەتتى.مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ،ئاپام كىرگەن ئۆينىڭ ئىشىگى ئالدىدائۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدىم.ئاپام دوستىنىڭ كىيمنى كىيىپ،ئورۇنۇپ ئولتۇرۇپ قىززىق چاي ئىچكەچ بىر تەرەپتىن يىغلاپ بىر تەرەپتىن قاخشاپ دەرت تۇكۇشكە باشلىدى.

-ئاداش نىمە بوپ كەتتى چىرايىڭ؟كىيىملىرىڭنىمۇ كەيگۇزمەي چىقىرۋەتكۇدەك ئۇ چوشقىغا نىمە بوپتۇ!
ئۇ ئاپاش،ئاچچىق زەردە بىلەن قايناپ سۆزلەۋاتاتتى.

-ئاداش نىمە بۇلاتتى،قىمارغا بىرىلىپ كەتتى،نىشە چىكىدىكەن.ئالغان ئايلىقى ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا ئۇلاشمايدۇ.
پۇل يەتمىسە ئاناڭغا يۇشۇرۇن ئىۋەتىپ بىرىۋاتامسەن دەپ تەنە گەپ قىلىدۇ.مەنمۇ ئاچچىغىمدا سۆزلىسەم ئۇرىدۇ.بالا بار خوشنا بار دىگەن خىيالىدا يوق مۇشلىشىپ سۇقىشىدۇ.نەچچە كۇن ئالدىدا ئۇنىڭ بىر كىچىك قىزچاق بىلەن ئارلىشىپ يۇرگىنىنى خەقتىن ئاڭلاپ قالدىم.يولدۇشۇم كەچلىك ئىسمىنىدا ياتىدىغان ياتىقىنىڭ ئىشىكىگە قاراپ تازلىقىنى قىلىدىغان قىزكەن.ئۇنىڭ ئېرىمۇ باركەن.ئاڭلاپ ئۇنى قېلىن بوپ كەتمىسۇن دەپ يۇزىگىمۇ سالمىدىم.بىراق ئۇ بۇگۇنمۇ قىزىم ئىككىمىز ئۇخلايلى دەپ يوتقانغا كىرىپ تۇرىشىمىزغا تالادىن كىرىپ، پۇل جىدىلى قىلىپ تۇرىۋالدى.ئويلاپ باقە خىزمىتىم بولمىسا مەندە پۇل نىمە قىلسۇن.يوق دىسەم سىنى 10يىل باقتىم . دەپ پىشانەمگە سالدى.ئۆزۇڭ ئىشلەتمىگەنغۇ ؟دىسەم  كۆردۇڭ ھالىمنى ئۇرۇپ چىشىمنىمۇ سۇندۇردى.ئۆيدىن چىقىرىۋەتتى.مۇشۇ بىچارە ئارزۇلۇق قىزىمنى دىمىسەم ئاجىرشىپ كىتەتتىم.بۇ بالامنى باشقىلارنىڭ ئىشىگى ئالدىدا بۇيۇن قىسىپ قالمىسۇن دەيمەن.

-ھۇ ئىپلاس-پەسەندە ،مۇناپىق!ئىشەكمۇ ئۇنىڭدىن ياخشىراق.نىمانداق نامەرت نەرسە بۇ،قانداقمۇ چىدىغانسەن ئاداش!قارا مۇشۇنداق سوغۇق قار يىغىۋاتقان كۇندىمۇ ئىچ كىيىم بىلەن چىقىرۋىتەمدۇ؟
سەنچۇ بەك يۇۋاش،ئۇنىڭ تاياقلىرىنى يەپ يۇرگىچە ئاجىرشىپلا قۇتۇلغىن.ساڭا ئەر چىقمامدۇ؟چىقمىسا سەن ياش بولغاندىكىن ئىشلە،ئۆزۇڭنى خار قىلغۇچە كۇچۇڭنى خار قىلپ دەپتىكەن.قارا ماۋۇ ئىپلاسنى!ئوغۇل بالا بولغان بولسام جانلىق يېرگە تىپىپلا جىنىنى چىقىرىپ كىلەتتىم.ئاداش بۇگۇن ياخشى ئارام ئالغىن ئەتە بىرىپ سوتقا ئەرىز قىلغىن.مۇشۇ ئەپتىڭ بىلەن بارساڭ سولىۋىتىدۇ ماۋۇ ناكەسنى!

-ئاداش قىزىمنى قانداق قىلىمەن؟خىزمەتنى نەدىن تاپىمەن؟قىزىم مەكتەپتە ئوقىمىسا بولمايدۇ...
مەن كىچىك بولساممۇ،بۇ گەپلەرنى چۇشەنمىسەممۇ ئىشقىلىپ ،ئانام مىنى دەپلا جاپا تارتىۋاتقىنى بىلدىم.
شۇنىڭ بىلەن ،ئۇلار مۇڭدىشىۋاتقان ئۆينىڭ  ئىشىكىنى ئىچىپ كىرىپلا يىغلاپ كەتتىم.

-ئاپا ئاجىرشىپ كەتكىن!ماڭا سەن بولساڭلا بولدى،قونچاق ئوينايمەن-شاكىلات يەيمەن دىمەيمەن!جىنىم ئانا ئۇنداق دادىغا مەنمۇ ئۆچ!مەن ياخشى ئۇقۇپ سىنى باقىمەن،ئاجىرشىپ كەتكىن ئاپا!ھۇ..........ھۇ....

مەن ئۆزۇمنى ئاپامنىڭ قوينىغا ئاتتىم.ئاپام مىنىڭ گەپلىرىمدىن، مىنىڭ چۇشەنگىننمنى بىلدى.ئاپام دوستى ئۇچىمىز بىرھازاغىچە كۆز يىشى قىلىشتۇق.ئاپام مىنى ئىلىپ ،مەن ياتقان جايغا كىلىپ ياتتى.بىز قۇچاقلىشىپ ئۇخلىدۇق،بىرچاغلاردا ئاپامنىڭ يىغلاۋاتقىنىنى ئۇيقۇچىلىقتا سىزىپ بولدى ،ئاپا يىغلىما دەپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.

ئەتتىگەندە قوپسام ئاپام يوق،بەكلا قورقۇپ كىتىپ مىھمانخانىغا كىرسەم ،ئاپامنىڭ دوستى ئولتۇرۇپتۇ.مەن
ئاپامنى سورىدىم،ئاپام سوتقا كىتىپتۇ.مەن يالماۋۇز دادامدىن ، قۇتۇلىدىغىنىمدىن شۇنداق خۇشال بوپ كەتتىم.
شۇنىڭ بىلەن  چاي ئىچىپ ئولتۇرسام ئاپام كەلدى،ئاپام سوتقا ئەرىز سۇنۇپتۇ.بىز ئەرىزنى سورىغىچە ،مۇشۇ دوستىنىڭ ئۇيىدە تۇردۇق.مەن مەكتەپكە قۇرۇق قول بىرىۋەردىم،مۇئەللىم ئەھۋالىمنى بىلىپ ماڭا گەپ قىلمىدى.
نەچچە كۇندىن كىيىن ،ئانامغا ئۇقتۇرۇش كەلدى،مەن يالۋۇرۇپ تۇرىۋىلىپ ،ئانامغا ئەگىشىپ سوتقا كەلدىم.
دادامنى سوتتا كۆرۇپ ،سەبىي قەلبىم قورقۇنۇچتىن تىتىرەپ كەتتى.ئۇ مىنى كۆرۇپ چاقىرۋىدى، مەن ئارقامنى قىلىپ تۇرىۋالدىم.سوت باشلاندى! دادام مىنى تالاشتى -ئانام ئۇنىمىدى،سوتچىلار ئاپامنىڭ ئايلىقىنى يوق، دەپ مىنى دادامغا بۇيرۇشنى قارار قىلدى.مەن بۇ ئىشلارنى چۇشۇنۇپ كەتمىسەممۇ. دادامغا قالىدىغانلىقىمنى چۇشەندىم.

-ياق..بولمايدۇ،مەن ئۇنىڭ بىلەن قالمايمەن!ئۇ دادام بۇلۇشقا يارىمايدۇ.مەن ئۇنىڭغا ئۆچ!ئۇ مىنى ئالسا مەن ئۇلىۋالىمەن دەپ ۋاقىراپ كەتتىم.
سوتچىلارمۇ ماڭا قاراپ قىتىپ قالدى.مەن ئۇلۇمنىڭ ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق، بۇلىدىغنىنى بىلگەچكىمۇ، شۇنداق دەپ تۇرۇپلا ئالدىم.ئۇلار مىنىڭ تەلىۋىم بۇيىچە مىنى ئاپامغا قالدۇردى، ئاپام-دادام ئاجىراشتى.

بىز تۇرىۋاتقان ئۆي دادامنىڭ ئانىسى، يەنى چوڭئانامنىڭ ئۇيى بولغاچقا ئاپام ئىككىمىز،نەرسە-كىرەكلىرىمىزنى
يۇغۇشتۇرۇپ،ئىجارە ئالغا ئۆيگە يىنىپ چىقتۇق.ئۆيدىن چىقىۋىتىپمۇ دادامغا قارا كۆزەم يوق قايتىپ چىقتىم.
بىز بىر نەچچە كۇن ئۆي يىغشىتۇردۇق،ئانام مىنى ئىلىپ خىزمەت ئىزلىدى.ئاخىرى باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن ئانام بۇ ئورۇندا تازلىق ئىشچىسى بولدى.دادامنىڭ بېسىملىرى بولمىغاچقا، تۇرمىشىمىز ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ،بەك باياشات كۇلكە بىلەن ئۆتتى.ئانام ئىشقا ماڭسا ،مەن مەكتەپكە باراتتىم.چۇشتە تەڭ كىلەتتۇق.

بىر كۇنى ساۋاقدىشىم جۇرئەت مىنىڭ يىنىمغا كىلىپ مۇنداق دىدى،
-گۇلشەن ئاپاڭ كوچا سۇپۇرەمدۇ؟مەن كۆرۇپ قالدىم.داداڭنىڭ ئايلىقى بارتىغۇ؟
-مىنىڭ دادام يوق!ئاپام يەرنىڭ يۇزىنى ئىچىۋاتىدۇ،ئاپام سۇپۇرگەن يوللار ئاپامدىن ،سۇيۇنۇپ كۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ،مەن ئاپامنىڭ خىزمىتىدىن سۇيىنىمەن.باشقا گىپىڭ بولمىسا ،دەرسىڭىنى تەكرار قىلغىن.

جۇرئەت مىنى رەنجىپ قالدى -دەپ ئويلاپ ،كەچۇرۇم سوراپ جايىغا كەتتى.يەنە بىر كۇنى تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتسام خوشنىمىزنىڭ قىزى كىرىپتۇ،داداڭ توي قىلىدىكەن -دەپ،ئۇنىمۇ چىرايلىق گەپ بىلەن يولغا سىلىپ قويدۇم.
-ياخشى بوپتۇ،تۇيىنى قىلسا بىزنىڭ نىمە كارىمىز،ئۇ دىگەن يات خەق!

ئاپام ماڭا ئۇنداق يامان گەپ قىلماسلىقىمنى ئۇتۇندى.ئۇنىڭدىن كىيىن دوستلۇرۇم ،مەندىن دادام توغۇرلۇق گەپ سورىمايدىغان بولدى.`مەنمۇ مەكتەپ پۇتتۇرۇپ ،ئالي مەكتەپ قوينىغا بىلىم ئىلىشقا كەتتىم`مەكتەپ پۇلى ئۇچۇن ،ئاپام بەك جاپا چەكتى،ئاپامنىڭ قېرىنداشلىرىمۇ ئاپامنىڭ قېينىلىۋاتقىنىنى، كۆرۇپ ئايدا ئازدۇر-كۆپتۇر ئۇقۇش خىراجىتىمگە ،ياردەم قۇلىنى سۇنۇپ تۇردى.مەكتەپتە باشقا ساۋاقداشلار  مودا يۇرسە، مەن ئۆزۇمگە چۇشلۇق كىيىم كىيىپ يۇردۇم،دوستلار بەزىدە بىرەر ئولتۇرۇشلار بولسا ،مىنى بىللە بارايلى دەپ- قۇياتتى، بىراق زورلىمايتى.مەنمۇ ئۇلاردەك ياسىنىپ يۇرۇشنى خالىمايتىم.مىنىڭ قەلبىمدە، ئاپامنىڭ قېىشلاردا يولدا قار چاناپ،يازدا قاتتىق ئېسسىقتا تەرلەپ ،كۇچا سۇپۇرۇپ تىپىۋاتقان ،پۇلىغا يۇز كىلىشنىلا ئويلايتىم.ساۋاقداشلار  ئىچىدە بىرەسىمۇ ،مىنى مەتۇ كۆرۇپ ماڭا ،مۇھەببەت تەلىپىمۇ قويمىغان.مەن باشقا ساۋاقداشلارنىڭ مۇھەببەتلىشىپ يۇرگىنىنى كۆرسەم، ئىچىمدە : گۇلشەن تىرىشىپ ئۇقۇپ ،خىزمەتنى قۇلۇڭغا ئالالىساڭ، مۇھەببەت سېنى ئۆزى ئىزلەپ كىلىدۇ دەپ ، ئۆزۇمگە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ، بەزىدە ئېزىپ سۇرۇپ قالغان ،خىياللىرىمنى ئاغدۇرۇپ تاشلايتىم. شۇنداق قىلىپ ،مەن مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم. دادام ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمدىكى، بىر تەتىلدە قايتىپ كەلگىنىمدە، مىنى كۆرۇپ شۇنچىلىك گەپ قىلغۇسى بولسىمۇ ،مەن كۆرمەسكە سىلىپ كەتكەن ئىدىم.دادام شۇچاغلاردا ،ئاپامنىڭ تازلىق ئىشچىسى بولغانلىقىنى، ئاڭلاپ ئاپامدىن نۇمۇس قىلدىمۇ، بىرەر قىتىممۇ  خىزمەت ئورنىغا ئىزلەپ كىلىپ، مىنى سوراپمۇ باقماپتۇ.پەقەت باشقىلاردىن خوشنىلاردىن سوراپ تۇرىدىكەن.بىر قىتىم بىر خوشنىمىزدىن 100يۇەن پۇل ئىۋەتىپتۇ.مەن قەتئي قۇبۇل قىلمىدىم.شۇنىڭ بىلەن مىنى ئىزلىمەيدىغان بولدى.
كىيىن ئاڭلىسام، دادام ئۇ ئايالىدىن ئوغۇل پەرزەنىتلىك بۇلۇپتۇ.ئايالىدىن بەك قورقىدىكەن.ئايالى خىزمەتچى بولغاچقا ،دادام بىلەن پۇل جەھەتتە تەڭ بەسلىشىپ ،خەجلەيدىكەن.مىنى بازارلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىشقا ئۇنىمايدىغان دادام، ئۇ ئوغلىنى كۇندە ئىشتىن چۇشسە،مەھەللىسىگە يىقىن باغچىدا ئوينىتىپ باقىدىكەن.ئايالى بولسا چايلاردىن قالمايدىكەن،ئايالىنىڭ خىزمەت ئورنى، دادام بىلەن بىر بولغاچقا ،دادام ئۇ ئايالىنى ئالدىيالمايدىكەن. مەن بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ، يولۋاستەك دادامنىڭ ،مۇشۇكتەك بۇلۇپ قالغىنىدىن ،خوپ بوپتۇ! دەپ -بەك خوش بۇلۇپ كەتتىم.ئەمدىلىكتە بولسا ،ئاپامغا قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ تارتىۋىتىپتۇ.

ئاپام بىلەن مەن بەكمۇ بەخىتلىك!ئانام ئىككىمىز ، مەن تەتىل بۇلۇپ يانغاندا ،ئانامنىڭ تۇققانلىرنى يوقلاپ كىلىمىز. ئاپام ئىشتىن چۇشكەندە ،گىپىمىز تۇگىمەي ئۇقۇش ھاياتىم توغۇرلۇق ،ئۇزاقتىن-ئۇزاق مۇڭدىشىپ كىتىمىز.ئاخىرى مەكتەپمۇ ئاياقلاشتى،ئاپاممۇ كۆپ جاپا چەكتى.مەن مەكتەپ پۇتتۇرۇپ قايتىپ كىلىپ ،ئاپامنىڭ ھېلىقى دوستىدىن ئاڭلىسام ،ئاپام مەن ئۇقۇشقا كەتكەندە، ئىشتىن چۇشۇپ كەچلىكى مەھەللىمىزدىكى ئاشخانىدا، چىنە يۇيۇپتۇ.ئەتىىگەنلىك ئىشقا مىڭىشتىن بۇرۇن، شۇ ئاشخانىدا مانتا تۇگۇپتۇ. مىنىڭ ئۇقۇپ قالماسلىقىم ئۇچۇن، ھىچقايسى خوشنىلا ماڭا  تىنماپتۇ.بىچارە جاپاكەش ئانام ،ماڭا ئوخشاش تەتىلدىلا مىنى ئۇقۇپ قالمىسۇن، دەپ ئۇ ئىشلاردىن ئارام ئىلىپ قالىدىكەن. مەن بۇ گەپلەرنى تۇلىمۇ كىچىكىپ ئاڭلاپ، بىركۇن قوپماي ھۆڭىرەپ- يىغلاپ چىققان ئىدىم.ھەم توي قىلماي ئاپامنى بىقىش قارارىغىمۇ كەلدىم.

مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ ،ئۆزۇمنىڭ ھارغىنمنى بىلمەي ،ئاپام سۇپۇرىدىغان يولنى، پاك-پاكىز قىلىۋەتكەنلىگىمنى بىلمەيلا قاپتىمەن.ئاپامنىڭ بىر خەنزۇ خىزمەتدىشى، ئاپامغا ياردەم قىلىۋاتقانلىغىمنى كۆرۇپ مەندىن سۇيۇنۇپ كەتتى.ۋە باش بارمىقىنى چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ يەرلىك تىلىدا خو..خو دەپ ماختاپ كەتتى.ئاپام ئىككىمىز بىر كۇنلۇك خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،ئۆيگە يانايلى دەپ تۇرساق، بىر كىچىك 8ياشلاردىكى ئوغۇل بالا، يۇگۇرۇپ كەلگىنىچە، ئانامنىڭ ئايىقى ئالدىدا يىقىلىپ چۇشتى.ئانام ئۇ بالىنى يۆلەپ تۇرغۇزدى،بۇ بالا كىمنىڭ بالىسىدۇ ؟-دەپ قاراپ تۇرىشىمىزغا، يىراقتىن يوغان سىمىز بىرخۇتۇن -يۇگۇرۇپ كىلىپ،ۋاي رەھمەت دەپ، بالىنى ئىلىپ
بۇرۇلۇپ ماڭدى.بىزمۇ ئەمدى مېڭىشىمىزغا ،يىنىمىزدىلا بىر ئەرنىڭ تۇنۇش ئاۋازى ئاڭلاندى.

-ئاپلا! ماۋۇ بالىنىڭ يۇگۇرۇشنى،ئاسىتىراق ماڭە بالام،يىقىلىپ چۇشمىگىن.
مەن ئۆرۇلۇپ كەينىمگە قارىسام، ئەينى چاغدا ئاپامنى خورلاپ ئاپامغا، دەزمال دىگەننى كۇندە نەچچە رەت سالغۇزۇپ، كىيىپ يىگىتلەردەك يۇرىدىغان دادام ئىكەن. بۇگۇن قارىسام پۇرلەش ئىشتان،پۇرلەش كۆينەك كىيىپ ،ھازىر ئېتىزلىقتىن كەلگەن دېھقاندەك بۇلۇپ كىتىپتۇ. ئايالى دادامغا قاراپ دارتمىلاپ:-بالىنىڭ كەينىدىن يىتىشىپ ماڭسىڭىز نىمە بۇلىدۇ؟قاراڭ. يىقىلىپ قۇلى يېغىر بوپ كەتتى .مەن بىردەم تېلفۇن سۆزلىشىپ قويغانغا ،بالىغا ئومدان قاراپمۇ ماڭماي -دەپ كايىشقا باشلىدى.
مەن دادامنىڭ بىچارە ھالىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم،ئۇ خۇتۇن بولسا ئاغزى بىسىقماي سۆزلەيتى.دادام ،مىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۇپ، نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپلا كەتتى.
ئانام مىنىڭ ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەنلىگىمنى بىلىپ ،ماڭا ئۆرۇلۇپ نىمىگە قاراۋاتىسەن؟ قىزىم-دەپ ،دادامنى كۆرۇپ قورقۇپ كەتتىمۇ ،بىلمىدىم قۇلۇمنى تارتىشقا باشلىدى.

-جۇرە قىزىم،بۇ يەردىن تېزىراق كىتىۋالايلى.
-ئاپا،نىمىدىن قورقىسىز ،ئاشۇ بىچارە مۇشۇكتىنمۇ؟قوقماڭ پەش دىسەكلا قاچىدۇ!شۇنداق ئاڭلىتىپ تۇرۇپ، سۆزلەپ دادامغا قاراپ سەت كۇلۇپ قويدۇم.دادام مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلاپ، ماڭا قاراپ نىمە قىلىشىنى بىلمەيلا قالدى.
ئايالى بولسا دادامنىڭ، قاققان قوۋزۇقتەك تۇرۇپ قالغىنىدىن ئاچچىغى كەلدى،ۋە دادامنىڭ مەن ۋە ئاپامدىن كۆزىنى ئۇزمەي قاراپ تۇرغىنىنى ،كۆرۇپ بەك سەت ئەرۋايى ئۇشتى بولغاي،دادامغا قاراپ :

-نىمە بولدى !ئەخلەتچىلەر كۆزۇڭگە ئاي كۆرۇنۇپ كەتتىما؟ماڭا بۇياققا..گەپ قىلسام نىمە بۇلاربىلەن قارىشىپ تۇرۇپ كەتتىڭ-دەپ دادامنى تىللاپ كەتتى(بۇ يۇزسىز خۇتۇن، ئانامنىڭ بايا ئوغلىنى يۇلەپ- تۇرغۇزۇپ، قويغىنىنى ئۇنتىغاندەك قىلاتتى)

ئەخلەتچىلەر!!!!!!بۇ گەپ مىڭەمگە گىچلا قىلىپ تەگدى،ئۇ ئايالدىن كىچىك بولغۇنىمغا قارىماي ،ئانامنىڭ قۇلىنى قۇيىۋىتىپ.ئۇ ئايالنىڭ يىنىغا ھۆرپىيىپ كەلدىم.

-نىمە دەيسەن!ئەخلەت دىگەن سەن ،ھەم قېشىڭدا تۇرغان ئاۋۇ ئادەم بىلەن بالاڭ!سەنلەر ئەخلەت ئورنىدىكى ئادەملەر!ئېسىت سىلەردىكى پەزىلەت!سەن بىزنى ئەخلەتكە ئوخشاتقىنىڭ بىلەن، مەن سىنى شۇ ئەخلەتكە ئوخشىتىشنىمۇ، ئاز كۆرىۋاتىمەن.كۆزۇڭنى يوغان ئىچىپ بىر قارا،مانا بۇ يولدىكى پاسكىنچىلىقنى ،سۇپۇرۇپ ساڭا ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىۋاتقان ،ئاشۇ ئەخلەتچى ئانامنىڭ قۇلى!ئانامنىڭ بۇ قۇلى، ھامان سىنىڭ ۋىژدانىڭغا شاپىلاق بۇلۇپ تىگىدۇ.بىلسەڭ ،ئانام دىگەن پاكىزلىق ياقىلىغۇچى ،پەرىشتە سۇپەت ئانا!تازلىق ئىشچىسى دەپ، كۆزگە ئىلمىغىنىڭ بىلەن، بىلسەڭ بۇ دىگەن! ئەڭ شەرەپلىك ئەڭ پاكىز خىزمەت!ئاۋۇ سىنىڭ ياتاقتا ،خەققە كۆز-قاش ئىتىپ يۇرۇپ، ئىشلەپ بالاڭنى يىتىم قىلىپ ،ئىشلەۋاتقان خىزمىتىڭدىن ،بۇ خىزمەت ياخشى خىزمەت!

بىز ساڭا ئەخلەتنى بۇرۇنلا بىرىۋەتكەن.مەن كىچىك بولغۇنۇم بىلەن ،سەندەك مەينەت خۇتۇنلارنى تازىلاپ ئاقارتىپ قۇيۇشقا ئىپىم بار.


بىزنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىمىزدىن، ئەتىراپىمىز ئادەم دۆۋىسىگە ئايلاندى.ھەربىر سۆزۇمنى ئاڭلىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى،تازا ياخشى دىدىڭىز دەپ- مىنى قوللاشقا باشلىدى.

ئانام بولسا يىنىمدا ،توختىماي يىغلاپ ياشلىرىنى سۇرتىۋاتاتتى،دادامنىڭ بولسا مىنىڭ، زەھەردەك گىپىم ئالدىدا، بىشى يەرگە ساڭگىلاپ كەتكەن ئىدى.ئۇ ھازازۇل خۇتۇنى بولسا، مىنى ئۇرۇشقا تەمشەلدىيۇ باشقىلارنىڭ تۇتىۋىلىشى بىلەن ئامال قىلالماي، بىر دادامغا -بىر ئانامغا قاراپ،گەپ-سۆزلىرىمدىن ئىشلارنى چۇشەنگەندەك بۇلۇپ ، قۇشۇمىسىنى تۇرۇپ چالۋاقاپ سۆزلەيتى.ئۇنىڭ چالۋاقاشلىرى قۇلىقمغىمۇ كىرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن دەيدىغاننى دەپ بۇلۇپ، دادامنىڭ ئالدىدىن ئاپامنىڭ، سۇپۇرگىسىنى باغرىمغا تىڭىپ ،ئاپامنى قولتۇغلاپ دىمىقمنى قېقىپ قۇيۇپ، ئۇ ئەخلەتلەرنىڭ ئالدىدىن مەردانە ئۇتۇپ كەتتىم........ئۇ كۇنى ھەممىدىن بەك ئازابلانغىنى يەنىلا ئاپام بولدى،چۇنكى مىنىڭ ،ئاپامنىڭ ئۆچىنى ئىلىپ بىرىش ئۇچۇن، دادام بىلەن ياتلاردەك تۇرۇپ سۇقۇشقانلىرىم، ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان بولسا كېرەك.

ئارىدىن نەچچە ئاي ئۇتۇپ،مەن ھەقىقي خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم.خىزمىتىم يىنىك بولسىمۇ ،ئەمما ئاپامدىن خىلى يىراق ئارلىقتا، ئىشلەپ قالغىنىمدىن رازى بولمىدىم.ئاپاممۇ ئۇ خىزمەت ئورنىدىن ،پىنسىيەگە چىققۇچە ئىشلەيدىغىنى، دەپ تۇرىۋىلىپ ئۆيدە ئارام ئىلىشقا ئۇنىمىدى.مەنمۇ ئانامنىڭ كۆڭلىنى چۇشەندىم ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىشلىسە قايغۇنى ئۇنتۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئويلاپ ئۇ خىزمەتتىن ئاپامنى توسمىدىم.جۇمە كۇنى بولسىلا ئاپام بىلەن كۆرۇشۇپ، بىللە ئىشلەپ بېرىدىغان بولدۇم.ئاپاممۇ مىنى رەت قىلمايدىغان بولدى.مەن ئاپامنىڭ جاپالىرىنى تەڭ تاتسام، ماڭا سىڭدۇرگەن ئەجىرىگە رەھمىتىمنى بىلدۇرىۋاتقاندەك، ئۆزۇمنى ئەركىن ھېس قىلاتتىم.ئاپام مىنىڭ جۇمە كۇنى كىلىشىمگە ئۇلگۇرتۇپ تاماقلارنىڭ ياخشىلىرىنى ئېتىپ ئولتۇراتتى.مەن بىرجۇمە كۇنلىگى ئىشتىن چۇشۇپ كەلسەم ،ئاپام مەندىن مۇنداق سۇئال سوراپ مىنى بەك خىجىل قىلىۋەتتى.مەن ئاپامدىن مۇنداق خىجىل بۇلۇپ باقماپتىكەنمەن.

-قىزىم گۇلشەن، يىشىڭ 26لەرگە بىرىپ قالدى،لايىقىڭ بارمۇ؟
مەن بەك قىزىرىپ كەتتىم،ئاپامغا دۇدۇقلاپ ياق دىگەن جاۋابنى ئارانلا بەردىم.
-قىزىم ئەمدى سىنىڭ، لايىق تاپىدىغان ۋاقتىڭ بولدى .كۆڭلۇڭگە يارىسا مەن قارشى تۇرمايمەن،مەنمۇ سىنىڭ تۇيۇڭنى كۆرسەم دەيمەن.ئەمدى دەم ئىلىشىڭدا ماڭا ياردەملىشىمەن دىمەي،خىزمەتداشلىرىڭ بىلەن توي-تۇكۇنلەرگە قاتناشقىن .كىيىن باشقىلارمۇ سىنىڭكىگە كەلمىسە بولماس.

-بولدى قىلىڭە ئاپا،مەن تىخى سىزنى رازى قىلىپ بۇلالمىدىم.سىزنى ياتقۇزۇپ قۇيۇپ كۇتەلمىدىم.مەن شۇ ئەجىرىڭىزنى قايتۇرۇپ بولغاندا ئويلىشىمەن.

-ئۇنداق دىمىگىن،ياخشى ئۇقۇپ خىزمەتكە چىققىنىڭنىڭ ئۆزى، مىنىڭ ئەجىرىمگە رەھمەت ئېيتقىنىڭدۇر.

شۇنىڭدىن كىيىن ئانام مەندىن، بۇ ئىشلارنى پات..پات سوراپ تۇرىدىغان بولدى.مەنمۇ دوستلۇرۇمنىڭ بەكلا كەينىدە، قىلىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم.ھەم ئەركىشى دىگەن دادامدەك بولسا؟ دىگەننى ئويلاپ توي ئىشىدىن يىنىپمۇ قالاتتىم.

خىزمەتكە چىقىپلا، ئىدارەمدىكى بىر بالا ماڭا بەكمۇ يىقىنچىلىق قىلىپ كەتتى.مەنمۇ ئۇنىڭ گىپىگە يارىشا گەپ قىلىپ يۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن ماڭا باشقىچە مەنادا گەپ قىلىدىغانلىقىنى ،سىزىپ ئۆزۇم ئۇ بالىدىن سەل يىراقلىشىشقا باشلىغان ئىدىم.ئۇ بالىمۇ ،مىنىڭ بەكلا تۇز ئىكەنلىگىمنى بىلدىمۇ،ياكى مىنى ھېسىياتسىز دەپ قارىدىمۇ -بىلمىدىم .ئۆزلىگىدىن ئۇ بالىمۇ مەندىن ئۆزىنى تارتتى .كىيىن قارىسام، ئىدارىمىزغا يىڭى كەلگەن قىز بىلەن چىقىشىپ ،دوست بۇلۇپ قالغاندەك كۆرۇندى.مەنمۇ تۇيۇقسىز يىقىنچىلىق قىلغان، بۇ خىزمەتدىشىمدىن ئانچە قىزىقىش ھېس قىلمىغان ئىدىم.شۇنىڭدىن كىيىن، مەنمۇ خىزمەتكە كىلىپ-چۇشۇپ دىگەندەك يۇرىۋەردىم.بىر جۇمە كۇنلىگى، ئۆيگە قايتارشىمدا بىر ئاق پىشماق، بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم.ئۇ بالا بىزنىڭ خىزمەت ئورۇننىڭ، يىنىدىكى بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.بۇ بالا بەكمۇ سالاپەتلىك ،ئۆزىنى تۇتىۋالغاندەك كۆرۇنەتتى.
بىر قىتىم ئاپامغا ،ياردەملىشىپ كۇچا سۇپۇرۋاتسام ،ماشىنىدىن ئاتايىتەن چۇشۇپ مەندىن، مىنىڭ قوشگىزەك سىڭىلىممۇ دىگەندەك، سۇئال سوراپ كۇلدۇرۋەتكەن.شۇ كۇنى ئۇ ئانامنىڭ تازلىق ئىشچىسى ئىكەنلىگىنى بىلدى. ئەمما ئانام ئىككىمىزنىڭ، بۇ خىزمەتنى تىپىش جەريانىدا ۋەئىشلەش جەريانىدىكى، تارتقان جاپالىق كۆز ياشلىرىمىزنى بىلمىدى.مەنمۇ چۇشەندۇرۇشنى خالىمىدىم .ئۇ مىنىڭ پەقەت ئاددىي-ساددا قىز ئىكەنلىگىمنىلا بىلىدۇ.ئۇ ماڭا پات-پات تېلىفۇن قىلىپ تۇرىدۇ.ئەمما بىزنىڭ كۆرۇشۇشكە ۋاقتىمىز ،داۋاملىق بىر يەردىن چىقمايۋاتاتتى.ئەمدى ئويلىسام ،ئۇنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن كۆڭلى بارئىكەن .ئۆزۇمنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئاز-تۇلا كۆڭلۇم بارلىقىنى ھېس قىلدىم.
ئەمما يەنىلا مۇھەببەتكە بولغان، قارىشىم-ئىشەنچىم تىخىچە، تۇلۇق بولماي مىنى قىيناۋاتاتتى.

مەن تۇرمۇشۇم ئۇستىدە ئويلىغانسىرى، بەكمۇ قايمۇقۇپ كىتىۋاتاتتىم .كاللامدا بىر خىيال ئەگىيدۇ،داداڭمۇ ئۆز ۋاقتىدا ،ئاشۇ ئوقۇتقۇچىدەك ئوغۇل بالا ئىدى- توي قىلىپ ئاناڭنى قانداق قاخشاتتى ؟.كاللامدا يەنە بىر خىيال ئەگىيدۇ، ھەممە ئىنسان داداڭغا ئوخشاش بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن...............

تۇگىدى.مەنبە:كۆڭۈل.
[ بۇ يازما Tughrul تەرپىدىن 2010-07-08 09:18 PM دە ق ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما تــازلـىق ئىشـچىسى _ ھېكايە,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(تارىم)
  • مۇنبەر پۇلى:+30(kapsizkiz) بەك ياخشى يې ..
  • مۇنبەر پۇلى:+200(Tughrul) تەسىرلىك
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى Tughrul تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-08, 10:08
    كۇڭۇل-كۇڭۇلدىن سۇ ئىچەر!
    تۇغرۇل _ بۈركۈت ئەركىسى

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 34
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە241دانە
    ئۆسۈش: 3.01%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 241
      ياخشى باھا: 303 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2546 سوم
      تۆھپىسى: 107 كىشى
      ياخشى باھا: 606 نۇمۇر
      ۋاقتى: 490(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-19
      كىرىشى: 2010-07-25

    بۇ ھىكايە ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىزىۋىتىدىكەن .
    بولۇپمۇ ئۇ ئەرنىڭ قىزىغا ھەم ئايالىغا قىلغان ئەسكىلىكى شۇنداق نەپرىتىمنى قوزغاتسا ، ئانىنىڭ قىزى ئۈچۈن ھالال ئىشلەپ ياشاش روھى ۋە  قىزى ئۈچۈن شۇنچە زور قۇربان بىرىشى ئادەمنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ .
    ھەر قانداق ئادەم باشقىلارغا ئەسكىلىك قىلسا ئاخىرى ئۇنىڭ جازاسىنى تارتماي قالمايدۇ .
    قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان ،
    ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .
    !!!GvLLA MisRaNiM

    دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 90
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە975دانە
    ئۆسۈش: 4.88%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 975
      ياخشى باھا: 77 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5578 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 692(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-25

    بەزىدە يۇرەكتىكى كىچىككىنە يارىمۇ نۇرغۇن ئىشلارغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ،باشقىلارغا بولغان نەپرەت تەبىيلا ھەممىسىگە ئوخشاش نەزەردە قارايدىغان قىلىپ قويىدۇ......

    كۆڭۈل قىز،ھىكايىنى بەك ياخشى يازىدىغان بولۇپ كىتىۋاتىسىز جۇمۇ؟ ئىجادىيىتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    مىسرانىمنى ياخشى كۈرىمەن

    دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1766
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1053دانە
    ئۆسۈش: 5.27%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 1053
      ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4431 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 395(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-25

    ھەققەتەن تەسرىلىك يېزىپسىز، شۇنداق قىزلار ۋاپانىڭ ئۈلگسىدۇر. ئاخرىنى ئۇقۇرمەننىڭ ھىس قىۋېلىشغا قالدۇرغىنىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ.

    نادىرلىغىدەك تېمىكەن.

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2838
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە199دانە
    ئۆسۈش: 2.49%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 199
      ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1138 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 259(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-20
      كىرىشى: 2010-07-25

    مىنىڭ ئاپاممۇ  بۇرۇن بىر مەزگىل ئاددى تازلىق ئىشچىسى بولۇپ باققان، ئۇ ئۆز جاپالىق ئەمگىكى بىلەن بىزنى يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ ياخشى تەربىيلەپ كىلىۋاتىدۇ، مەنمۇ بۇرۇن ئاپامغا داۋاملىق ياردەملىشەتتىم، ھازىر ئاپام باشقا يەرگە يۆتكەلدى،شۇڭا، ھازىر گەرچە ئىش ئورنىغا چىقىپ ياردەملەشمىسەممۇ، ئۆينىڭ ئىشلىرىغا راۋۇرۇس ياردەملىشىمەن...

    دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1766
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1053دانە
    ئۆسۈش: 5.27%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 1053
      ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4431 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 395(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-25

    مۇنبەر ئەمەلدارلرى قالتىسكەن جۇمۇ.
    ئۆزۈڭنى بىل ، ئۆزگىنى قويغىن....

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 675
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە249دانە
    ئۆسۈش: 3.11%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 249
      ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1621 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 134(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-25
      كىرىشى: 2010-07-11

    تەسىرلىككەن . ھازىر ئاشۇ قىزدەك قىلالايدىغانلاردىن نەچچىسى باردۇ ؟
    مەندە ھەممىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك گۈزەل چىراي بولمىسىمۇ ، لېكىن  ھەقىقىي گۈزەل بىر قەلىب بار ... !
    ناتىرىي خىلور

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3169
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە275دانە
    ئۆسۈش: 3.44%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 275
      ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1431 سوم
      تۆھپىسى: 83 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 304(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-02
      كىرىشى: 2010-07-26

    تەسرلىك  ھېكايىلەرگە خېلى ئۇستا بولۇپ كېتىپسىلەر   بۈگۈن تازا كۆپ ئوقۇۋاپتىمەن دىسە          قوللارىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن رەخمەت
    ناتىرىي خىلور
    رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىم& ..

    دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 81
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە453دانە
    ئۆسۈش: 4.12%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 453
      ياخشى باھا: 117 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2842 سوم
      تۆھپىسى: 109 كىشى
      ياخشى باھا: 106 نۇمۇر
      ۋاقتى: 300(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-22

    ئۆتنە ئالەمدە بۇ، ھەجەپ ئىچىم سىيرىلدى جۇمۇ، ئېھ دادىلار جەمئىيەت سىلەردىن سەمىمىيلىكنى، ئاق كۆڭۈللۈكنى تەلەپ قىلىدۇكى ھەرگىزمۇ ياۋۇزلۇقنى تەلەپ قىلمايدۇ ھەم كۆتۈرەلمەيدۇ......... ئۆيۈڭلارنى ئىسسىق ھېس قىلدۇرغان كۆيۈمچان ئايالىڭلارنى، ئۇماق بالاڭلارنى ئويلاڭلار. سىلەرمۇ بىر چاغلاردا شۇ بالاڭلاردەك بالا ئىدىڭلارغۇ.............
    رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

    دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3514
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
    ئۆسۈش: 0.47%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 14
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 44 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 12(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-07
      كىرىشى: 2010-07-15

    ئېسىل يىزىلغان ھېكايە ئىكەن، تېما ئىگىسىگە رەھمەت!
    قېيىن ئىش يوق ئالەمدە،
    كۆڭۈل قويغان ئادەمگە
    AKRAM

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 479
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە649دانە
    ئۆسۈش: 4.64%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 649
      ياخشى باھا: 32 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1831 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
      ۋاقتى: 579(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-26

    ھەقىقەتەن تەسىرلىك يېزىپسىز ! رەھمەت سىزگە كۆڭۈل ، ئەسەردىكى ئانا ئوبرازى ھەقىقەتەن ياخشى يارىتىلىپتۇ ! ئۇ قىزمۇ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى قىزلارغا ئۈلگە بولغۇدەك دەرىجىدە ياخشى قىز ئىكەن ! رەھمەت سىزگە مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ! ئائىلىڭىزگە بەخىت !ئاتا-ئانىڭىزغا ،ھەممىدىن مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھدىن سالامەتچىلىك تىلەيمەن !        
    سەمىمىيلىك ئىشەنىچنىڭ ئاساسى ، ئىشەنىچ ھەممىدىن مۇھىم!
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12345»Pages: 1/5     Go