سىزنىڭچە بولغاندا ئىنسانلار تىرىشىپ مال دۇنيا توپلىماي،ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشىلىماي ،دۇنيانى تەرەقىي قىلدۇرماي خۇددى غوجىلارنىڭ مۇرتلىرىدەك خانىقانىڭ داش قازىنىغا تەلمۈرۈپ ئۆتسەك بولىدىكەندە؟ قايسى بىر مۇسۇلمان دۆلەت پادىشاسىنىڭ دۇنيانىڭ يېرىمىنى سېتىۋالغىدەك بايلىغى يوق ؟ قاززافىينىڭ جېنىدا 163تۇننىدىن ئارتۇق ئالتۇنى باركەن ،ئەرەب دۇنياسىنىڭ بۇ پىشىۋالىرى تاپقان بايلىقلىرى ئۈچۈن ئۇدۇل دوزاققا كېرەمدۇ ؟ئۇلۇغ قورئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە اللا ئىيتقان «بەدىلىرىم پايدىلانسۇن دەپ يەرنىڭ ئاستى-ئۇستىدە بايلىقلارنى ياراتتىم» دېگەن جۈملىلەرنى ئوقۇغان ئىدىم .شۇ بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ھالال تاپقان مال دۇنيانىڭ ئۆزىمۇ گۈنامۇ؟سىز ھالال ۋە ھارام مەسىلىسىنى ئارلاشتۇرۇپ قويدىڭىزمۇ قانداق؟