بۇ ماقالە ئۆز قەلىمىمگە تەۋە. /XcDYMKgh
ياپونىيەدە يۈز بەرگەن 9 بال يەر تەۋرەش ئىنساننىڭ ياراتقۇچىنىڭ ئەۋەتكەن بالاسى ئالدىدا قانچىلىك بىقۇۋۇللۇقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئويۇنچۇقتەك لەيلەپ يۈرگەن ماشىنىلار، ئۆرۈلگەن ئۆيلەر، ئۆلگەن ئىنسانلار ، نالە-پەريادلار ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ يۈرگەن ئىنسانلارغا تولىمۇ ئاچچىق بىر رىئاللىقنى تەقدىم ئەتمەكتە ئىدى. «ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىقىراپتۇ» دېگەندەك بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە بېرىپ ئۈلگۈردى. ماي باھاسى، ئالتۇن باھاسى، پايچەك باھاسى ھەممە نەرسە ئۆزگىرىشكە باشلىدى. شۇنچە ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەن ياپونىيەدە ئاممىنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ يېمەكلىك ئېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا باشقىلارغا يەتمەي قالمىسۇن دەپ، ئۆز نەپسىدىن كېچىۋاتقانلىقىغا روشەن سېلىشتۇرما بولغان ھالدا جۇڭگودا كومىدىيە خاراكتېرلىق بىر ئىش بولۇپ ئۆتتى. تۇز پىتنىسى! بەس- بەستە تۇز سېىتىۋېلىۋاتقان، ساراسىمىگە چۈشكەن كىشىلەر بىر قەۋمدىكى ناھايىتى ئاجىز ھەم پەسكەش مىللىي پسىخىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بۇ دولقۇن پەسكۇيغا چۈشۈشى بىلەن تۇز قايتۇرۇش دولقۇنى قوزغالدى، رېئالىيەتتىكى بۇ كارتىنىلارنىڭ ئارقىسىدا ۋەھىمىگە چۈشكەن، كونتروللۇق تۇيغۇسىنى يوقاتقان، مەنىۋىي ئېنىرگىيىسى ئاجىز بىر توپ كىشىنىڭ ئەخمىقانە سىياقى ئايان بولۇپ تۇرماقتا. ئېتىقادسىز، مەنىۋىيىتى قۇرۇق كىشىلەر ھەرقاچان ماددىي نەرسىلەر ئارقىلىق قەلبىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. تۇز پىتنىسىمۇ مەنىۋىيىتى ۋاكۇئۇم ھالەتتە قالغان بىر توپ كىشىنىڭ ماددىيەت ئارقىلىق خاتىرجەملىككە ئېرىشىش يولىدا ئاشكارىلانغان ئېغىر مەنىۋىي كىرىزىس. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر خەنزۇ زىيالىي جۇڭگولۇقلاردىكى ئېتىقادسىزلىقنىڭ خەتىرى ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە تەشۋىشلىك خىياللارغا چۆمگەن ئىدى. دەرۋەقە، پەزىلەتنى ئەمەس زورلۇق كۈچنى ھۈرمەتلەيدىغان، روھىيىتىمۇ ماددىلاشقان پسىخىكىنىڭ بۇ ئىنسانلارغا قاچاندىن بۇيان ئۆزلەشكەنلىكى نامەلۇم، چەتئەلدە ئولتۇراقلاشقان بىر جۇڭگولۇق بۇ پسىخىكىنى مۇنداق يىغىنچاقلايدۇ.: جۇڭگو جەمئىيىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تەستەك سالىدىغان، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ دەرىجىمۇ دەرىجە باش ئۇرىدىغان جەمئىيەت. بۇ جەمئىيەت ئاللىقاچان« سىنىپ يوقالدى» دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن پەرقى ئىنتايىن ئېنىق بولغان تالاي كۆرۈنمەس سىنىپلارغا ئاجرالغان.
چوڭلاردا «ئادەم ھۈركىسە بەكرەك ھۈركىيدۇ» دېگەن سۆز بولىدىغان، تۇز كەلتۈرۈپ چىقارغان ساراسىمە بىر مىللەتتە پىشقان، ئالىيجانابلارچە خاراكتېر بولمىسا ئۇنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تېگىشلىك ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى سەمىمىزگە سېلىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىڭ خاراكتېرىمىز ئۈستىدىمۇ مەلۇم ئىزتىراپلىق ئويلارغا چۆكتۈردى.
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا «2012- يىلى قىيامەت» ناملىق كىنو قويۇلغاندا خېلى زىيالىي دەپ ھېسابلىنىدىغان بەزى كىشىلىرىمىزمۇ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «2012- يىلى قىيامەت بولغۇدەك» دەپ بىلجىرلاپ يۈردى. فانتازىيىلىك كىنودىكى تەسەۋۋۇرنى ھەقىقەت ، دەپ چۈشىنىپ قالغان بۇ پسىخىكا بىزدىكى تەنتەكلىك ، ساددىلىقنىڭ دۆتلۈك دەرىجىسىگە بېرىپ قالغانلىقىنى، ھۆر تەپەككۇردىن قانچىلىك يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىمىزنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئەتىكى ، ھەتتا بىر سېكونت كېيىنكى تەقدىرىنى بىلىش قۇۋۋىتىگە ئىگە بولمىغان بىر ئىنساننىڭ بۇ قەدەر گۇمراھلىققا پېتىشى دىنسىز قەۋملەر ھەم ھەيران قالغۇدەك بىر ئىش. ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جېك تەخەللۇسلۇق بىر يىگىتنىڭ «زىيالىي، قىلغان ئىشى خىيالىي» ناملىق تېمىسىدا بۇ ھەقتە ئاچچىق مىساللار كەلتۈرۈلگەن ئىدى. ئۇ يەنە «ئېينىشتېيىنغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر»، «ئۇيغۇرلار نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى» دېگەندەك ھاياجان تىپىدىكى خەۋەرلەردىن مىللىتىمىزدىكى مەشھۇرسىراش، ئۆزىگە مەستخۇش بولۇپ كېتىشتەك خاراكتېر ئاجىزلىقى، بۇ خىل پسىخىكىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە قايىل قىلارلىق يۇسۇندا قەلەم تەۋرەتكەن ئىدى. b1u}fp
GF
بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىش ئىنقىلابى يۈز بەرگەندە ئۆز ئاتىسىنى پىپەن قىلغان قىزىل قەھرىمانلار، سىنپىي چەكنى ئاجراتقان ئاۋانگارتلار ئارىمىزدىن چىققان ئىدى. قوللىرىنى شىلتىپ ئۆز «جىنايەت»لىرىنى پاش قىلىۋاتقان، قىزىل يەڭ بەلگىسى تاقىغان ئوغۇللىرىنى كۆرگەن قانچىلىك ئاتىنىڭ قەددى شۇ مىنۇتلاردا چارچاشتىن ئەمەس، نومۇستىن پۈكۈلگەندۇ؟ بىز شۇ دەۋرلەردە سۇنغان ئىشەنچ، يوقالغان روھى بىرلىكنى ھازىرغىچە ئىزدەپ يۈرمەكتىمىز. دۇنيا تارىخىنى ئاختۇرۇپمۇ، ئۆز نەسلىدىن تېنىش، دۈشمەنگە ئۆز قەۋمىنى يامانلاپ بېرىش، چەك- چېگرا ئاجرىتىش ئىشلىرىنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. ئەسكىلىكتە ئۇچىغا چىققان بىر ئىنسانمۇ ئۆز نەسەبىدىن تېنىپ باقمىغان. ئائىلىسىنى قوغداپ قېلىش يولىدا قان ھەم جان بەرگەن. ھالبۇكى، كۆزىمىز كۆرگەن رېئالىيەتلەر، تارىختىن بۇيانقى كەچمىشلەردىن ئايانكى، روھىي ئاينىش قەۋمىمىزدە كۆپ كۆرۈلگەن. دۈشمەننى چىللاپ كېلىش، خوتۇن يەڭگۈشلەش، تارىختىن ساۋاق ئالماسلىق ، ئەھدىنى بۇزۇش ... ۋاھاكازالار مىللىتىمىز تارىخىدىكى ھەر بىر قاتلاملىق ئۆزگىرىشلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىپ پىشمىغان، مەپكۈرىسىنىڭ تايىنى يوق، نادان قەۋمنىڭ يىغلايدىغان يىغىسىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. تېببىي مۇتەخخەسسىلەرگە سىر ئەمەسكى، يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېزلىشىشى جىددىيلىشىشتىن بولىدۇ. يۈرەك رېتىمى زىيادە تېز، ئەنسىرەش پسىخىكىسى كۈچلۈك كىشىنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كەبىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ. ھالبۇكى، مۇسۇلمان مىللەتلەردە يۈرەك كېسەل خەۋپى باشقا مىللەت، قەۋملەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەن، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، تەقدىرگە ئېيتىلغان ئىمان، شۇ كىشىنىڭ قەلبىگە خاتىرجەملىكنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ياخشى بىر مۇسۇلمان ئالاقزادە بولمايدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھتائالانىڭ مۆئىمىنلەر قەلبىگە خاتىرجەملىك چۈشۈرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاننىڭ قىلىقى بولۇپ، ئالدىرىغان كىشىنىڭ قىلغان ئىشىدا نە بەركەت، نە نەتىجە بولمايدۇ. تۇز شامىلى چىقا-چىقماي پاتپاراقچىلىققا چۆمگەن ئۇيغۇرنىڭ يەڭگىلتەك ئىنكاسى ، ھەتتا سەھرالاردىمۇ پاراكەندىچىلىككە چۈشكەن كىشىلەرنىڭ ھالىتى بىر قەۋمنىڭ كوللىكتىپ ئىشەنچ ئېڭىنىڭ سۇسلىشىپ قايسى دەرىجىگە چۈشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بالىلىق چاغلىرىمىزدا ھەر بىر ئۆيدە بىردىن تۇزلۇق كوزا بولاتتى. ئاتا- بوۋىلار ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ جاڭگالدىن تۇز كولاپ كېلەتتى. شۇ چاغدىكى تۇزلاردا بەركەت بار ئىدى. ئاشۇ تۇز قوشنىلار ئارا رىشتىنى باغلاپ تۇراتتى. ئاتا- ئانام كەندىر پوستىدىن چىگە ئارغامچىلارنى ئۆرۈپ دېھقانچىلىققا لازىمەتلىك جابدۇقلارنى تەييارلايتتى. ھازىر ئارغامچا ئۆرۈيدىغان كىشىلەر قالمىدى. ئائىلىلەردىن تۇزلۇق قاچىلارنىڭ يوقىلىشى، يەرلىك تۇز كولىغۇچىلارنىڭ غايىب بولۇشى، مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ بازاردىن قېلىشى ... مەۋجۇدلۇق بوشلۇقىمىزنىڭ ، مىللىي ھاياتىي كۈچىمىزنىڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلىغانلىقىنىڭ سىمۋۇلى بولۇپ قالدى. يېمەكلىك خۇرۇچى ھېسابلىنىدىغان ئاددىي تۇز سەۋەبىدىن ھاسىل بولغان ئىشەنچ كىرىزىسى تېخى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئويغىتىشقا قادىر بولالمىدى. ئۆيىدە تۇز تۈگىسە دۇكانغا يۈگۈرىدىغان يېڭى ئەۋلاد دېھقانلارنىڭ ئامالسىز ھالىتى مىللىي ھاياتىي كۈچنىڭ سانائەتلىشىش دولقۇنىنىڭ تولۇق مونۇپۇللۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. بىزدە «تۇزى شورلۇق ئادەم»، «تۇزىنى يەپ تۇزلۇقنى چېقىپتۇ» دېگەندەك ئىبارىلەر كۆپ قوللىنىلىدۇ. تۇز بىلەن باغلانغان ھاياتلىق پەلسەپىسى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئۆتكەن تۇزلارنى ئىشلىتىش نەتىجىسىدە بۇرۇنقى سۈلكىتىنى يوقىتىشقا يۈزلەندى. بىز پىششىقلاش دەۋرىدە تۇرماقتىمىز. خەۋەرلەر پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. ئىدىيىلەر پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. ئىممۇنىتىت كۈچى ئاجىز كىشىلەرنىڭ مېڭىسى يۇيۇلۇپ يېپ-يېڭى پروگىراممىلار قاچىلىنىدۇ. F|9+ +)
ھەققە ئېرىشكىلى تالاي يىللار بولغان ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ پسىخىكىسىدىكى بۈگۈنكى ئاينىش، بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسلى ئوربېتىدىن چەتنىگەن بىچارە ھالىنى سۈرەتلەش بىلەن بىرگە تۈرلۈك بېسىملار تەسىرىدە روھىي كېسەللىككە دۇچار بولغان تالاي كىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگو مىقياسىدىكى روھىي كېسەل بىمارلىرىنىڭ سانى 100 مىليوندىن ئاشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر روھىي كېسەل بىمارلىرى 16 مىليوندىن ئارتۇق ئىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەر 13 ئادەمنىڭ بىرىدە مەلۇم دەرىجىدە روھىي كېسەللىك ئالامىتى مەۋجۇت ئىكەن. TyF{tuF
تۇز پىتنىسى _ بۇ خىل بىنورمال پسىخىكىنىڭ رىئالىيەتتىكى ئىپادىسىدۇر. ئۆي باھاسى، يېمەكلىك باھاسى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسى، ئۆي قەرزى، جۆرىسىنىڭ سادىق بولماسلىقى، ئىشسىز قېلىش ئەندىشىسى، ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش ھەلەكچىلىكى، پارا ئالغان پۇللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش غېمى... ۋاھاكازالار نۇرغۇن جۇڭگولۇقنى قارىماققا ساق، ئەمەلىيەتتە پىسخىكىسى نورمالسىز كىشىلەرگە ئايلاندۇرغان. پسىخىك ساپانىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى يۇقىرىدا قەيت قىلغىنىمىزدەك بىر مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچى، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. مىللەتنىڭ سانى ئەمەس، سۈپىتى تەكىتلىنىدىغان بۈگۈنكى كۈندە سالماق خاراكتىردىكى مىللەتلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈمى (ئەلۋەتتە دۇنيالىقى) كۆرۈنەرلىك بولماقتا. ئۇلاردىكى كوللىكتىپ ئىنتىزام، قەدەم باسقۇچلۇق پىلانلار بارغانسېرى كۆپلىگەن دۇنيا قەۋملىرىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماقتا. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانىدا خارابىگە ئايلانغان ئۆيىدىن بىر تەشتەك گۈلنى كۆتۈرۈپ چىققان نېمىس موماي بۇ خىل روھقا ئىشارەتتۇر. تەشۋىشلىنىش ، ئۈمىدسىزلىك پسىخىكىسىغا ئىگە كىشىلەردە كەلگۈسىگە ئىشەنچ بولمايدۇ. پسىخىك مۇداپىئەسى ئاجىز بولىدۇ. ھالقىلىق پەيتلەردە بەل قويىۋېتىدۇ. دۈشمەننىڭ ھېيلە- مىكرى ئالدىدا شەرمەندىلەرچە تەسلىم بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى كونتىرول قىلماق بەكمۇ ئاسان بولۇپ، ئاق- قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تۆۋەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا ئازراقلا پىتنە ئۇرۇقى چېچىلسا بۇ كىشىلەرنى خالىغان مەنزىلگە قاراپ بۇرنىدىن يېتەكلىگىلى بولىدۇ. بۇ خىل پسىخىكىدىكى كىشىلەردىن خائىن، مۇناپىقلارنىڭ كۆپ چىقىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. e,HMwD
كائىنات كىتابى بېرىلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى مەلۇملۇق، چاك- چېكىدىن بۆسۈلگەن روھى بىرلىك، كەلگۈسىگە ئىشەنچ بولماسلىق، قېيىداش، ئۆز كۈچىنى تۆۋەن مۆلچەرلەش سەۋەبىدىن كۆپ قىسىم غەربلىكلەر نەزەرىدە ئىسلام بېكىنمىچىلىكنىڭ، قالاقلىقنىڭ ، زوراۋانلىقنىڭ تەڭداش ئاتالغۇسىغا ئايلىنىپ قالاي دېگەن. بىر ئىسلام مۇتەپەككۇرى مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىچارە ھالىتى نۇرغۇن غەربلىكلەرنىڭ ئىسلامغا كىرىشىنى توسۇپ قويغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.» 8pXKO"u],
ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق پاجىئەلىرى، «ماڭا قول بەرسەڭ جەننەتكە كىرىسەن» دېسە، ئىككىلەنمەي ئاشۇ نەشىكەش كاززاپلارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداتقان قانداق پسىخىكا؟ ئوسمىدەك ياش قىزلىرىنى تەر پۇراپ تۇرغان ئىشانلارغا دۇئا قىلدۇرغان قانداق لوگىكا؟ ئۆز قېرىنداشلىرىغا قانلىق قىلىچىنى ئۇزىتىپ، بىر زالىمغا ئىتائەت قىلغان قايسى خىل مەنتىقە؟ V8hO
8
مەزھەپ تەئەسسۇپلىقى سەۋەبلىك يىلتىزى بىر، سۈيى سۈزۈك ئىسلامىيەتنى بۇلغاپ شەخسىي دىنىغا ئايلاندۇرۇۋالغان بۇ پاسكىنا روھ تالاي بىگانىلەرنىڭ ئېتىكىنى ياش، مەڭزىنى قان قىلدى. بۇ تەكرار پاجىئەلەر يەتمىگەن ئىدى. خاراكتېردىكى تەنتەكلىك، يىراقنى ئويلىماسلىق، ئېقىمغا ئەگىشىش ،غۇرۇر مەنبەسى بولغان ۋەتىنىنى ئازغىنە مەنپەئەت ئۈچۈن سېتىۋېتىش ، ئۈممەتكە چۈشكەن مۇسىبەتتىن خۇشاللىنىش... مانا بۇ كارتىنىلار زۇلۇم ئەھلىلىرى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت ئىدى. ئۇلار ئالدىن پىلانلانغان سۈيىقەستلىرىنى بىر- بىرلەپ ئىشقا ئاشۇرماقتا ئىدى. نادان قالغان ، سانى كۆپ بۇ بىر توپ كىشىلەر ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا زۇلۇم ماشىنىسىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ چىشلىق چاقلىرىغا ئايلىنالايتتى. «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» دىكى «مەن ئورۇق، سەن سېمىز» ئىبارىسى ئۇيغۇر خاراكتېرىنىڭ بىر روجىكى. ئاشۇ دىۋىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىلاجىنى قىلىش ئورنىغا يېنىدىكى تەقدىرداش قېرىندىشىنى كۆرسىتىپ «بۇ سېمىز» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنى ۋاقىتلىق ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالماقچى بولغان بۇ تەسلىمچىل روھ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئالماسلىق تالاي ئىنقىلابلارنى بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇردى. بەش ئادەم بىر يەرگە كېلىپ پىلان تۈزسە ئارىدىن بىرسى چىقىپ پىلاننى بۇزدى. تەييارلىقسىز باشلانغان نۇرغۇن ئىشلار ئاخىرى ھەسرەت ئېلىپ كەلدى. يەھۇدىيلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۈيىقەستچى قەۋملەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن «مەسىھ پىلانى»نى تۈزۈپ چىقىپ قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئىجرا قىلماقتا. بىر ئەسىر ئىلگىرى شىۋىت مىسيونېرلىرىنىڭ يەكەن دىيارىدا دوختۇرخانا ئېچىش نامىدا دىن تارقىتىشى، ئۇيغۇرچە «ئىنجىل» نۇسخىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەم دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە سىڭىپ كىرىشى ئاللىقاچان تارىخقا ئايلانغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە 800 يۈەن پۇل ئۈچۈن خىرىستىيان بولىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئاشۇ خىرىستىيانلارنىڭ بىر ئەسىر ئىلگىرى قىلغان ئىستىراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئېشىشى، دېيىش مۇمكىن. مۇسۇلمان بىر قېتىم پۇتى كىرگەن تۆشۈككە ئاياغ باسمايدۇ. لاتارىيە بېلىتى سېتىش ئورۇنلىرىدا توپ-توپ تۇرۇشۇپ كەتكەن بادام دوپپىلار كەلگۈسىنى دوغا تىكىش ئالدىدىكى بىر قەۋمنىڭ تېز سىزمىسىدۇر. rK1-Mu
دۇنيانى كۇفرى زۇلمىتىدىن ھىدايەت رەھمىتىگە يېتەكلىگۈچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا نەزەر سالغان كىشى شۇنى بايقايدۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (س ئە ۋ) ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا مۇشرىكلارنىڭ قاتمۇ- قات زۇلمى، قوغلاپ ئۆلتۈرۈش خەۋپى ئاستىدا قىلچىمۇ ھودۇقۇش ھېس قىلمىغان، گۈزەل ئەخلاقى، سەمىمىيىتى ئارقىلىق مۇشرىكلار تەرىپىدىنمۇ «مۇھەممەد ئەمىن» دېگەن نامغا مۇشەررەپ بولغان.ھەرقاچان ھاياجاندىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاتتىق كۈلمەيتتى، پەقەت كۈلۈمسىرەپلا قوياتتى. ياراتقۇچىغا بولغان چەكسىز ئىشەنچ بىلەن تۇرمۇشىنى مەنىگە ئىگە قىلاتتى. مانا بۇ مۇسۇلماندا بولۇشقا تېگىشلىك خاراكتېر ئىدى. بىر ئېغىز گەپ بىلەن روھى 80 گەز چۈشىدىغان، بىر ئادەتتىكى خۇشخەۋەر ئۈچۈن ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتىدىغان، ساددا (دۆتلۈكنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى) خاراكتېر بىر قەۋمدە ئومۇمىيلىق تۈسىنى ئالغان بولسا بۇ قەۋم يىغلايدىغان يىغىسى تېخى تۈگىمىگەن، ھاياتىي كۈچى ئاجىز قەۋمدۇر. ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە سەۋر قىلغۇچىلارنى ماختىغان. سەۋر قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يۇقىرى پسىخىك ساپا، ئىمان بولۇشى زۆرۈر. مۇستەھكەم مەيدان، ئەزىيەتلەرگە چىداش، دوست- دۈشمەنگە تۇتۇلىدىغان پەرقلىق مەيدان، ئۆز ئەھلىدىن بولغان ئىش باشلىرىغا بولغان ئىتائەت، تەپەككۇر ... مانا بۇلار بىر قەۋمنىڭ شەرەپلىك مەنزىللەرگە يېتىشىدىكى مۇھىم خىسلەتلەر. $X\va?(
بىر قوينى كۆرگەن نادان ئادەم ئۇنى سويۇپ يېگەندىن كېيىنكى گۆشنىڭ لەززىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسە، كاللىسى ئالغا قاراپ كەتكەن بىر ئىلغار كىشى قوينىڭ ئۇستىخىنىدىن كالتىسىي تابلىتكىسى ياساشقىچە ئويلاپ ئۈلگۈرۈشى مۈمكىن. مانا بۇ تەپەككۈردىكى پەرق. GIT#<+"
«ئوقۇ، ئۇق، ئۇقتۇر» فورمىلاسى ھەرقاچان يېڭىدۇر. بىزنىڭ ئوقۇش، ئوقۇغاننى تەپەككۇر ئارقىلىق چۈشىنىش، تەپەككۇر ھاسىلاتلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمىز باردۇر. دۇنيا يېڭى بىر تەرتىپكە قاراپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە 10 ئەسىرلەردىن بۇيان روھىمىزنى سۇغىرىپ كەلگەن مەنىۋي بايلىقنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە، كۆزىتىلگۈچى ئەمەس، كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە جاھان ئۆزگىرىشلىرىگە دىققەت نەزىرىمىزنى بېرىشىمىز زۆرۈرىيەتتۇر. V1B(|P
تۇز پىتنىسى ئاخىرلاشتى. لېكىن، بۇنىڭ كەينىدىن يەنە قايسى پىتنىلار يۈز بېرىدۇ؟ بۇ نامەلۇم سان. بىر قەۋم تىرىك كۆرگەزمە بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئىلگىرى ئۆز كىملىكى ھەققىدە كەسكىن ئويلىنىپ، كۆز ئالدىدا يېنىپ تۇرغان قىزىل، يېشىل چىراغلارنى ياخشى پەرقلەندۈرۈپ نىشان تامان سىلجىمايدىكەن، نان پىتنىسى، سۇ پىتنىسى... يەنە باشقا پىتنىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. 2*[QZ9U[@
[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]