دىدارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ
ناخشا توۋلاپ كېلەر تاڭ سەھەر،
ئۆركىشىگە ئوراپ قۇياشنى.
ھەر خىل- خىيال ئۈنسىز پىچىرلاش،
ئارام بەرمەي قىينار دىلىمنى.
چۆمدى گۈگۈم قوينىغا بۇ يول،
تەشۋىشىنى يۈدۈپ ئىزلارنىڭ.
ئارمانلاردىن كۆيدۈم كۈل بولۇپ،
كۈلپىتىنى يۈدۈپ سىرلارنىڭ.
مىسكىن -غېرىپ شۇنچە بۇ خانەم،
ئۆچكەن ئىشەنچ ئۈمىد يۇلتۇزۇم.
خىياللاردىن كېچەلمەي ئەسلا،
تەكرارلايمەن زادى كىم ئۈزۈم؟
تىمتاسلىققا قوشۇپ كۈيىنى ،
كەتمەكتىمەن ئۇپۇققا ئۇزاپ.
خۇشال كۈنلەر كەتتى بەك يىراق،
ئۈمىدلىرىم قالدى ھالسىراپ.
ئاپپاق لىباس كىيگەن زىمىستان،
كەتتى باھار قېشىغا ئۇزاپ.
سېغىنغاندەك گۇيا ئۆلۈمنى،
دىدارىڭنى سېغىندىم شۇتاپ.
پاك قەلبىم بىر سېنى كۈتىدۈ ئەبەد
مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى گۈلزارلىقتىن باھار ھىدى كەلگەندە،
تەلمۈردۈم سەن ئۈچۈن گۈللەرگە قاراپ.
يوللىرىڭغابولسۇن مېھرىم مەدەتكار،
ئىشقىمدىن ھەردەم پايانداز ياساپ.
كۈلكەڭ ئۈچۈن سۆيگۈم بولسۇن باھار-ياز،
يۈزلىرىمدە قۇياشلىق تاڭلار بالقىپ.
يولۇڭغا بولىمەن شۇنچە تەقەززار،
جىمجىت يوللار جىمجىت كىچىگە قاراپ.
قەلبىمدىكى جۇشقۇن شادلىق ھىسلىرى،
كۆندۈرگەن مىنى پىراققا قىلىپ يەم.
تۈنلەر ئۆتەرمىسكىنلىكتە مۇڭلۇنۇپ،
سېغىنىشنىڭ دەردىدە ياستۇقلار نەم.
يوللار ئۇزۇن بولسىمۇ يۈرەك ئۇخشاش،
جۇدالىق ھېسلىرى سالغان ھەسرەت.
بەلكىم سەن ھېسلىرىڭدە سەزدىڭ مېنى،
پاك قەلبىم بىر سېنى كۈتىدۈ ئەبەت.
(مەنبە قەلىمىم)
[ بۇ يازما ياخشىلىق تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]